يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «قۇم باسقان شەھەر» رومانى توغرىسىدا

classic Classic list List threaded Threaded
2 messages Options
Reply | Threaded
Open this post in threaded view
|

يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «قۇم باسقان شەھەر» رومانى توغرىسىدا

Oghuz

2009-04-12

يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «قۇم باسقان شەھەر» رومانى توغرىسىدا

يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «قۇم باسقان شەھەر» رومانى توغرىسىدا

ئابدۇقادىر جالالىدىن

 (1)


  بىزنىڭ شەھەر ئەسلىدە ئىنسانلاردا بولىدىغان ياخشىلىق ۋە يامانلىق نىسبىتىنىڭ تىمتاسلىقىدا گۈللەنگەن، قان ۋە تەشۋىشتىن خالىي ئوتۇپىيىلىك شەھەر ئىدى. ئۇنىڭ ئاسمىنىمۇ سېخىي، خىسلەتلەرگە باي بىپايان مەنزىرە ئىدى. بۇ شەھەردە قۇياش، يۇلتۇز، ئاي، قۇم زەررىچىلىرى ۋە جان نۇقتىلىرى كۆزگە كۆرۈنمەس ئىلاھىي يىپ بىلەن چىگىلگەنكى، كۆڭۈللەرنىڭ ئەركىن دەۋرەشلىرى ئۆزىنىڭ مەڭگۈ خورىمايدىغان تەبىئىي كۈچى بىلەن ئادالەت ۋادىسىنى ئۇپۇققىچە يايغان، ئەگەر ئۇنىڭدا پىغان ياكى كۆز يېشى بار دېيىلسە، بۇ پەقەت ھاياتلىقنىڭ ئۆز ئىنتىلىشلىرىگە يارىشا مۇۋاپىق سىقىلىشلىرىدىن چىقاتتى. كىشىلەر ئۇنىڭ مەنبەسىنىڭ دەل ئۆزى ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەچكە، بۇ سائادەت تۇزلىرىنى رازىلىق بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرەتتى. ئەگەر مەن دوزاخنى ئۆز ئارزۇيۇم بويىچە ياسىسام، ئۇنىڭ ئوتى قانچە دەھشەتلىك بولمىسۇن، مەن ئۇنى جەننەت دەپ ئاتايمەن. لېكىن باشقىلار قۇرۇپ بەرگەن جەننەت چىنارىمنى قۇرۇتۇۋېتىدۇ.
  مەمتىمىن ھوشۇر ئەپەندى "قۇم باسقان شەھەر" ىنى كۆرسەتتى. مەن ئۇ بەرگەن قۇمدىن بىر تال ئالدىم - دە، قۇم بەرگەن روھىي رادىئولوگىيىنى بويلاپ ھۆكۈمرانلار، بەندىلەر، ھەتتا خۇدانىڭ كۆڭلىگە كىرىپ چىقتىم. تارىخ ئۆزىنىڭ قوپال، قانلىق ئىككى قولى بىلەن سىزىپ بەرگەن دائىرىدىن چىقىپ كېتىۋېتىپ، دەل پاسىلغا كەلگەندە توختاپ قالدىم. ھەر قانداق زىلزىلە باشتا كىچىككىنە بىر خىيالدىن ئىبارەت بولىدۇ. مەن مەمتىمىن ھوشۇر ئەپەندىنىڭ خىيالىنى دەڭسەشكە باشلىدىم.
  قۇم ئۇششاق نەرسە، يالغۇز تۇرغاندا قاتتىق، توپلاشقاندا يۇمشاق نەرسە، ئۇ ئاستا - ئاستا، ئاز - ئازدىن كۆچىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ دەھشەتلىك ھالىتىنى سۈرئەتتىكى ئاستىلىققا سىڭدۈرۈۋەتكەن.
  "قۇم باسقان شەھەر" تارىخنىڭ كۇتۇپخانىسى، ئۇ، تارىخ ئەسلىيەتلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكى شولىسى، ئۇنىڭدىن بىز يازغۇچىنىڭ ئارزۇ تارىخىنى، مىللەتنىڭ كوللېكتىپ تەجرىبىسىنى، بايلىق پەلسەپىسىنىڭ سىمۋوللاشقان گەۋدىلىرىنى، زوراۋانلىققا شېئىردىكى شېرىنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ئېيسا روھىنى، مەنىسىزلىككە قارشى ئەپچىل يۇمۇرلارنى كۆرىمىز، بۇلار ھەرگىزمۇ توزان باسقان ئۆتمۈشنىڭ نوقۇل ئۆزىلا بولۇپ قالمىغان، ئاپتور ئۇلارغا ئۆز قەلبىنىڭ جۇلاسىنى سىڭدۈرۈپ، باشقىلارنىڭ دىققىتىگە تاشلىغان. گويا مىللەت تارىخى ئاپتورنىڭ خىيالەتلىك كۆزىدىن دومىلاپ چۈشكەندەك.
                                                                           (2)

  ئانا تېما مەسىلىسى مىللىي ۋىجداننى ئۆز شەخسىيىتىگە ئايلاندۇرالىغان ئاپتورلىرىمىزنىڭ ئېڭىدا خىرە - شىرە مەۋجۇت بولسىمۇ، تا ھازىرغىچە نەزەرىيىۋى نۇقتىدىن تۈزۈك تىلغا ئېلىنمىدى. نەزەرىيىۋى تەپەككۇر بىزدىكى ئەڭ پاجىئەلىك ئاجىز ھالقا بولۇپ، بۇنىڭ يىلتىزى ئۇزاق تارىخىي يىللار بىلەن تۇتىشىدۇ. بىز تارىختىن بېرى كۆپ تەرەپلىمە كۈچ بىلەن تەسىرلەشكەن مۇرەككەپ ھالەتلەردە ياشاپ كەلدۇق. بىزدىكى تارىخىي پاجىئەلەر ۋە ئۇتۇقلار مىللىتىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس جۇغراپىيىسى، مىجەزى ۋە ئېتىقادى بىلەن ئىچكى مۇناسىۋەتكە ئىگە. بۇ ئامىللار تاشقى ئامىللارنىڭ كونكرېت خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن بىرىكىپ، تارىخىي نۇقتىلارنىڭ ھەربىر دەۋرگە خاس مەزمۇنى ۋە ئاقىۋىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەپسۇسكى، بىز ئۇلار ھەققىدە ئايرىم - ئايرىم، ئىنچىكە تەھلىل يۈرگۈزۈپ، نەزەرىيىۋى يەكۈن چىقارغان ئەسەرلەرنى تېخى ئۇچراتمىدۇق. پەلسەپە نامراتلىقى بۈگۈنكى كىشىلىرىمىزدە ئۆتمۈشتىكى ھەر قانداق دەۋرگە قارىغاندا، ئەڭ تىپىك باسقۇچقا كۆتۈرۈلدى.
  مېنىڭچە، ئانا تېما ھەر بىر مىللەت ئۈچۈن ئايرىم بولىدۇ، خۇددى مېكسىكا شائىرى ئوكتاۋىئوپاز: ھەر قانداق مىللەت ئۈچۈن "ھازىر" دېگەن ئۇقۇم مەۋجۇت. بىراق "ھازىر" نىڭ مەنىسى ھەر قايسى مىللەت ئۈچۈن ئوخشىمايدۇ، دېگىنىدەك، ئانا تېما ھەربىر مىللەت ئۈچۈن ئۆزىگە خاس مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە لايىق مەسىلىسى بولىدۇ. بۇ مەسىلە مىللەتنىڭ مەلۇم بىر كونكرېت دەۋرىدىكى مەنپەئىتىنىڭ قانداق ئەكس ئېتىشى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. خۇددى بۈگۈنكى شارائىتتا پەلەستىن خەلقى دۇچ كەلگەن مەسىلە بىلەن تاجىكىستان خەلقى دۇچ كەلگەن مەسىلە بىر - بىرىگە ئوخشىمىغاندەك. دېمەك، ئانا تېما مىللىي تەقدىرنىڭ ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى كونكرېت مەزمۇنى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇ، مىللەت تەقدىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ. ئانا تېما مىللىي، دەۋرىي تۈس ئېلىش بىلەن بىرگە، بۇ دائىرىدىن ھالقىپ ئىنسانىي تۈس ئېلىشىمۇ مۇمكىن، چۈنكى دۇنياۋى قاينامدىن خالىي تۇرىدىغان مىللەت ياكى تارىخ بولغان ئەمەس.
  بىزنىڭمۇ ئۆزىمىزگە لايىق مەسىلىمىز بار. ئۇ بولسىمۇ، تەن ۋە روھىيەت خىللىرى بويىچە روناق تېپىش، ئىنساننىڭ دۇنيادىكى ھەقىقىي مەنىسىنى قولغا كەلتۈرۈش. بۇ مەسىلە بۈگۈنكى مىللىي ئىدېئولوگىيىمىزنىڭ ھەر قانداق تارماقلىرىدا ئەكس ئېتىشى كېرەك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى جىددىي تەقەززالىق كەيپىياتىغىمۇ ئىگە بولۇشى كېرەك. ئەگەر ھەر بىر قوۋم ئۆزىنىڭ تەرەققىيات ئىمكانىيەتلىرىنى تاپالمىسا، ماددىي مەنپەئەتىنى گەۋدىلەندۈرۈۋاتقان پەن - تېخنىكا ئاخىر بېرىپ، ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە قارشى كۈچكە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. تېخنىكا جەمئىيەتتە ماددىي ھەشەمەت پەيدا قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ قورالدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى نامايان قىلسىمۇ، بىراق مىللەتلەر، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى تۈپ زىددىيەتلەرنى ھەل قىلالمىدى. مانا بۇ، زامانىمىز كىشىلىرىگە ئورتاق بولغان پەن كرىزىسى. چۈنكى تېخى ئۇ، دۇنيادىكى بەختسىز ئادەملەرنىڭ كۆز يېشىنى توختىتىپ بولالمىدى؛ ئۇ، غالىبلارنىڭ قولىدىكى قامچا بولۇپ كەلدى. پەننىڭ سەلتەنىتى ئورتاق قانائەتنى قولغا كەلتۈرۈش نىشانى ئۈستىگە قۇرۇلغاندا، ئۇ، كرىزىستىن ساقىيىدۇ. ئەمما بۇ پەقەتلا شائىرلار تەلمۈرۈپ كېلىۋاتقان گۈزەل چۆچەكتۇر، خالاس.
  ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ھەقىقىي مەنىسىنى تېپىش تەبىئەتنىڭ ئىرادىسىگە ئەڭ ئۇيغۇن كېلىدىغان ھوقۇق، بۇنداق ھوقۇقنىڭ ھەققانىيەتتىن پۈتكەن پۇتلىرى بار، ئۇنىڭ بىلەن ماڭغاندا، پەقەت ئادالەت دۈشمەنلىرىلا ۋايسايدۇ، تارىخ ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلىملىرى ئەنە شۇ ئىرادىنىڭ مۇئەييەنلەشكەن قىسمىنى جاكارلايدۇ، ئۇنىڭ مەۋھۇم، يوشۇرۇن قىسمىنى پەقەت سەنئەتلا ئىنسانىي زىللىقىنى يوقىتىپ قويمىغان كىشىلەرگە سۆزلەپ بېرەلەيدۇ.
  ئانا تېما بىر مىللەت ياكى بىر دەۋر ئۈچۈن ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا تەقەززالىقتۇر. بۇنى ھېچكىم ئېيتىپ بەرمەيدۇ، ئاقىللار ئۆزى تاپىدۇ. ئوقۇرمەنلەر ئۇلارنىڭ قەلىمىنى كۆرگەندىن كېيىن، قەلەم ئىزلىرىدا كۆرۈنگەن نەرسىنىڭ ئۆزىنىڭ ۋۇجۇدىدا بارلىقىنى ھېس قىلىشىدۇ.
  مېنىڭچە، ئانا تېما مەسىلىسى بۈگۈنكى زامان پروزىمىزدا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ "ئىز"، "ئويغانغان زېمىن" قاتارلىق ئەسەرلىرىدە مەلۇم مەنىدە ئەكس ئەتكەنىدى. بىراق ئۆتكۈر ئەپەندى ئۆزىنىڭ مەنىۋىيىتىدىكى بۈگۈنگە ۋە ئەتىگە تەئەللۇق زامان - ماكان ئىزلىرىنى ئۆتمۈشنىڭ زامان چېكى بىلەن نۇقتىلاپ قويغان - دە، دەلىل ياكى پاكىت دەپ قارالغان تارىخىي زامان ھادىسىلىرىنى بايان قىلىش بىلەن بولدى قىلغان، نەتىجىدە، ئەسەرنىڭ بەدىئىي قىممىتىدىن كۆرە ئاخبارات قىممىتى ئۈستۈن چىققان.
  مەيلى بۇلاردەك يىرىك تارىخىي رومانلار بولسۇن ياكى ئەدىبنىڭ مەنىۋىيىتىدىكى تەبىئەتكە ئايلانغان، تارىخىي ماكان - زاماندىن ھالقىغان ئىدىئال گەۋدە بولسۇن، ئۇلارنىڭ كەلگۈسى تارىخنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان روھىي مەنبەنى تولۇقلايدىغانلىقى شەكسىز. بىراق بىز ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغىنىمىزدا، ئۇنىڭ مەزمۇن قىممىتى، ئىجتىمائىي قىممىتى ئۈستىدە سۆز ئېچىش بىلەن بىرگە، ئەدەبىياتنىڭ ئىستىل قىممىتىنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. بىز ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ يۇقىرىقى مەھسۇلاتلىرىنى تارىخىي ئىجتىمائىي قىممەت نۇقتىسىدىن ھەممىنىڭ ئالدىغا قويۇشقا ھەقلىقمىز. ئۇ، دۆۋىلىنىپ ياتقان ئۆتمۈش خاتىرىسىدىكى بىر قىسىم ئۆرنەكلەرنى كىشىلەرگە كۆرسىتىپ، ئوقۇرمەنلىرىمىزدە رېئال تارىخىي روھ ھاسىل قىلدى. مېنىڭچە، ئۆتكۈر ئەپەندى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۇنىڭدىن ئارتۇق تەلەپنى ئۆزىگە قويمىدى، دەپ قىياس قىلساق بولىدۇ.
  مەمتىمىن ھوشۇر ئەپەندى ئەدەبىياتىمىزدا ئەنە شۇ يوسۇندا شەكىللىنىۋاتقان ئانا تېمىنى ئۆزىگە خاس دۇنيا قاراش ۋە بەدىئىي قىممەت نۇقتىسىدىن تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى بىزگە ئايان قىلدى. مەن "قۇم باسقان شەھەر" نى ئوقۇغاندىن كېيىن، قانداقتۇر بىر تارىخ تۇيغۇسىغا چۆمدۈم. سۈپۈرگە ئاققان سەپەر دەرياسىدا ئېقىپ كېتىۋېتىپ، قايسى دېڭىزغا قۇيۇلىدىغانلىقىمنى خىيال قىلدىم. ئۇ ھەقىقەتەن "سەپىرىنىڭ تىزگىنىنى كۆڭۈل ئىختىيارىغا تاپشۇرغان" جاھانكەزدى ئىدى. بىراق ئۇنى يىراق بىر يەردە نۇر چېچىپ تۇرغان ۋىجدان ئۆزىنىڭ ھۆرلەرگە مەنسۇپ ئاۋازى بىلەن پات - پات چاقىرىپ تۇراتتى. مەن ئۆزىنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكى، پىداكارلىقى ۋە تەۋەككۈلچىلىكىنى چۈشىنىدىغان ئادەم تاپالمىغان بەختسىز دونكىخوت تۇغۇلۇۋېتىپتۇ، دېدىم. ئارقىدىنلا مېنى بىر خىل ۋەھىمە چۇلغۇۋالدى، ئارىمىزدا دونكىخوتنى چۈشىنىدىغانلار يوق ھېسابتا، مەن سۈپۈرگىنى ئاشۇنداق سۈپەتلىسەم كىشىلەر مېنى چۈشىنەرمۇ؟
  روماننىڭ 2 - ، 3 - قىسىملىرى كۆز قارىشىمنى ئۆزگەرتىۋەتتى. ئاخىر سۈپۈرگىنى ساتىرىك سىمۋول دەپ چۈشەندىم. ئۇ بىر ئەركىن سەيياھ ئىدى. شۇڭلاشقا ئېشىكىنىڭ، ئەتراپتىكى دەل - دەرەخلەرنىڭ، قۇشلارنىڭ، پايانسىز چۆلنىڭ، ئالۋۇنسىمان مەھەللە - كەنتلەرنىڭ تىلىنى چۈشىنىدۇ. ئۇ بىر پەيلاسوپ ئىدى. بىراق ئۇنىڭ كىتابلىرى كۇتۇپخانىسىدا ئەمەس، تەبىئەتتە ئىدى. ئۇ، كۆز ئالدىدىكى دۇنيانىڭ كۆزگە كۆرۈنگەندەك بولۇشىدىن گۇمان قىلاتتى. ئۇ، تەلىماتلىرىنى پۈتۈپ ئاۋارە بولمايتتى ياكى باشقىلارغا ۋەز قىلىپ سۆزلىمەيتتى. ئۇ، ئۆزى ياشىغان دۇنيادىن تېگىشلىك ئەقىلنى قوبۇل قىلاتتىيۇ، دەرھال ئۇنىڭ مۇھاسىرىسىدىن چىقىپ كېتەتتى. ئۆزى ئۇلۇغ تۇرۇپمۇ ئۇنى سەزمەيتتى. ئۇ گويا سوقرات بىلەن شاھ مەشرەپ ئىدى. ئۇ تاكى بىغەملەر شەھىرىنىڭ جىمجىتلىقى بۇزۇلغىچە ئەركىن ياشىدى، ئەركىن ھاياتىدىن ئەركىن پىكىرلەرنى ياندۇردى. ئۇنىڭ ۋۇجۇدى خۇددى ئەركىنلىكتىن ئىبارەت مەنىۋى مەئىشەتنىڭ ھەيكىلى ئىدى. ئۇنىڭ ۋەتىنى بىغەملەر شەھىرىنى ياۋلار دەپسەندە قىلىۋىدى، ئۇنىڭ دۇنياسىدىكى پادىشاھ بولمىغان، ئەسكەر بولمىغان، بەگ - دوتەيلەر بولمىغان، سېپىلى بولمىغان غايىۋى دۆلەت بەربات بولدى. ئۇ، قولدىن كەتكەن ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پىداكار جەڭچىگە ئايلاندى. ئۇمۇ خۇددى سوقرات ئۆز تەلىماتىنى ئىسپاتلاش يۈزىسىدىن ئۆلۈمگە رازى بولغاندەك، ئەركىنلىك پەلسەپىسى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىدى.
  سۈپۈرگە ئۆزىنى ئۇلۇغ تەبىئەتنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايتتى. ئۇ، ياز كۈنلىرىنىڭ بىر كېچىسى ئۆگزىدە يېتىپ ئارام ئېلىۋاتقاچ كۆكتىكى يۇلتۇزلار ۋە ئەركە شاماللاردىن ئىلھام ئېلىپ شۇنداق دەپ پىچىرلىغانىدى. ئۇ، بۇ جەھەتتە ھېمىڭۋاينىڭ "دېڭىز ۋە بوۋاي" دېگەن ئەسىرىدىكى بوۋاينى ئەسلەتتى. بىراق بۇ ئەسەردىكى بوۋاي ئۆزىنىڭ تەبىئەتنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغۇسى كەلمەيتتى. بەلكىم غەربلىكلەر دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، تەبىئەتكە خىلاپ يۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، تېخنىكا ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەندۇ. سۈپۈرگە يۇقىرىقىدەك ئويلىغاچقا، تەبىئەت بىلەن بولغان گارمونىيىنى ساقلايمەن دەپ جىم تۇرغاندۇ. پەلسەپە ئىنقىلابى ئەنە شۇ ئىككى پىكىر ئوتتۇرىسىدا داۋام قىلماقتا.
  بىز سۈپۈرگىنى ساتىرىك سىمۋول دېدۇق. بۇ مۇنداق ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرى، سۈپۈرگىنىڭ ھاياتقا تۇتقان مۇئامىلىسى، ھايات ئادالەتسىز، بىراق ئۇ بۇنداق ھاياتقا چاقچاق قىلاتتى؛ يەنە بىرى، ئۇنىڭ غايىۋى دۆلىتى بەربات بولغاندا ئۇ ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن جىددىي ھالەتكە ئۆتتى، مانا بۇ ھال قارا يۇمۇر ئىدى. يۇمۇر چېكىدىن ئاشقاندا، كىشىنى كۈلدۈرمەي ئەكسىچە ئويغا سالىدىغان ھېكمەتلىك پاسقا ئايلىنىپ كېتىدۇ.
  سۈپۈرگىدە شەرق دانىشمەنلىرىنىڭ سىماسى ئىپادىلەنگەن. شەرق دانىشمەنلىرى خەلق ئارىسىدىكى يۇلتۇزلارغا ئوخشايدۇ، ئوردىلار پەقەت مىزاندىن ئاداشقىنىنى چۈشەنگەندىلا ئۇلارغا قاراپ پال ئاچىدۇ. شەرق تارىخى دانىشمەنلەرنىڭ گېپىنى كېچىكىپ چۈشىنىشكە ئادەتلەنگەن. قاراڭ، يانتاق ئاقساقال سۈپۈرگىنىڭ مەسلىھەتىنى كېچىكىپ چۈشەندىغۇ!
  سۈپۈرگە ھېلىمۇ ئاشۇنداق ھالەتتە ئارىمىزدا مەۋجۇت. تارىخ بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنىڭ يىغىندىسى ئەمەس، بەلكى ھازىرنىڭ ئۆزىدە مەۋجۇت بولغان رېئال روھ؛ بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، مەمتىمىن ھوشۇر ئەپەندى بۇ روھنى دەلىل ياكى ئىسپات دەپ قارىمىغان، بەلكى جاھان ئۆزگىرىشلىرىگە كېپىل بولغۇچى ھەرىكەت دەپ قارىغان.
بىز "قۇم باسقان شەھەر" رومانىدىكى تارىخ تۇيغۇسىنى قانداق چۈشەنسەك بولار؟
  ئىتالىيە پەيلاسوپى كىروچى تارىخ بىلەن يىلنامىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويماسلىقنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئۇ: "ئالدىمىزدىكى ئىشلار تارىختۇر، كەينىمىزدىكى ئىشلار يىلنامىدۇر" دەپ قارايدۇ. دېمەك، ئۇنىڭچە ئاۋۋال تارىخ، ئاندىن يىلنامە مەۋجۇت بولىدۇ. بۇ يەردە ئۇ ئېيتىۋاتقان تارىخ دەل كەلگۈسىنى ئىجاد قىلىۋاتقان ئىدىيە ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئالايلى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بىر رېئال تارىخىي شەخس. ئەمما بۈگۈننىڭ ئۆزىدە كېرەك بولىدىغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇر روھى بولمىسا، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر روھىدىكىلەرنىڭ تارىخى ئۆلگەن بولىدۇ. بۇلارنى "قۇم باسقان شەھەر" گە تەتبىقلىغاندا، سۈپۈرگە، يانتاق ئاقساقال، ئۈچ ئاكا - ئۇكا، قۇياش شەھىرى، بىغەملەر شەھىرى، چۆل يىگىت قاتارلىقلار تىرىك نامايەندىلەر سۈپىتىدە كۆزىمىزگە تاشلىنىدىغان كونكرېت شەخسلەر ياكى جايلارغا ئايلاندۇرۇلغان بولسىمۇ، ئۇ بەرىبىر ئاپتورنىڭ تارىخ چۈشەنچىسىنىڭ سىمۋوللاشتۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت. بىراق مەمتىمىن ھوشۇر ئەپەندى كۆتۈرۈپ چىققان تارىخ پاكىتلار تىزىملىكى بىلەن قاتماللاشتۇرۇلغان مۇردا تارىخ بولماستىن، ئاپتورنىڭ تەسەۋۋۇرىدا جانلاندۇرۇلغان، قىسمەت، ئىبرەت، ھېكمەت، ئىستەكلەر كۆكرەك قازىنىدا تاۋلاش جەريانىدا ئىجاد قىلىنغان، زامان چەكلىرى شېئىرىي كەڭلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان چۆچەكلەر ئارقىلىق يوقىتىلغان. ئاپتورنىڭ زارىقىشلىرى مۇپەسسەل تارىخ چايقىلىشلىرى سۈپىتىگە كىرگۈزۈلگەن تارىخ ئىدى. شۇڭلاشقا ئەسەردىن ئۆتمۈش دەۋرىمىزنىڭ تارىخىي سۈرەتلىرىنى ئىزدىسەك، بۇ ئورۇنسىزلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئادالەتسىزلىك بولىدۇ. بىز ئۇنىڭدىن يازغۇچىنىڭ بۈگۈنكى مىللىي تارىخشۇناسلىق كرىزىسىدىن شۈركۈنۈپ تۇرۇپ قوبۇل قىلغان ئىدىيە چىنلىقىنى ئىزدىسەك مۇۋاپىق بولىدۇ، دەپ قارايمەن. ئاپتور تارىخنى نېمە ئۈچۈن چۆچەكلەشتۈرىدۇ، بۇ قانداق زۆرۈرىيەتتىن كېلىپ چىققان؟ چۈنكى مەمتىمىن ھوشۇر ئەپەندى يىلنامە تارىخچىسى ئەمەس، ئۇ بىر يازغۇچى، شۇنداق ئىكەن، ئۇنى تارىخنى يازدى دېگەندە، ئۇنىڭ يازغانلىرى ئومۇمىي ساۋات خاراكتېرىدىكى تارىخ ئەمەس، بەلكى بۈگۈنگە دارىتمىلانغان تارىخ ئەپسانىسى، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆتمۈشمۇ بۈگۈنگە مەنسۇپتۇر. ئۇ ھامان چەكسىز ھازىرقى زامان ھالىتىدە ياشايدۇ ۋە پىكىر قىلىدۇ. ئۇنىڭ يازغانلىرى مەڭگۈلۈك ۋەقە بولۇپ، جەمئىيەت ھاياتىدا كېيىن كۆرۈلىدىغان ھادىسىلەرمۇ ئاشۇ ئەپسانىۋى ۋەقەنىڭ ئىستىلىستىك ۋارىيانتى بولۇپ كۆرۈنىدۇ.
  روماننىڭ 2 - قىسمى بىر خىل يىمىرىلىش ۋە ياتلىشىش قىسسىسىدۇر، 3 - قىسمى بولسا، يىلتىزغا قايتىش مارشىنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر. ئەسەرنىڭ ئاخىرىدا سۈپۈرگىنىڭ روھىي سىماسى قايتىپ كېلىپ بىزنى خاتىرجەم قىلىدۇ. بۇلغانمىغان - پاك ئەجداد بىلەن ئەۋلادلار تارىخنى يېڭىدىن باشلاشقا كىرىشىدۇ. ئاپتور شەخسىيەتچىلىك، ئاچ كۆزلۈك تۈپەيلى ئاتا - بوۋىسىنىڭ ئارزۇسىنى تەرك ئەتكەن ۋە قېرىنداشلىق رىشتىدىن ۋاز كەچكەن ئاكا - ئۇكىلارنىڭ گادايلىق تەقدىرىنى بىزگە تاپشۇرۇش ئارقىلىق، يېڭى تارىخ ئۈچۈن جىددىي كېرەك بولىدىغان ئىماننى غۇۋا ئېيتىپ بېرىدۇ.
                                                                       (3)

  سىمۋول ئەدەبىياتنىڭ مەجازى ۋاسىتىلىرىنى بېيىتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ، كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە فورمۇلاغا ئايلىنىپ قالدى. سەنئەتتە ھەمىشە سىمۋول كېرەك بولىۋەرمەيدۇ، ئۇنىڭدا مەلۇم بىر شەيئى باشقا نەرسىلەرگە ۋەكىللىك قىلماستىن، ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ. نەرسىلەرنى ئۆز - ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلدۇرۇشمۇ كاتتا سەنئەت. ئەپسۇسكى، ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ۋە ئوقۇرمەنلىرى ئەسەرگە سىمۋوللۇق تۈس بېرىشكە بەكلا ئامراق. بىزدە شېئىرىيىتىمىزنى كاردىن چىقىرىۋاتقان نۇقتىلىق ئامىللارنىڭ بىرى سىمۋول كرىزىسى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.
  مەن مەمتىمىن ھوشۇر ئەپەندىنىڭ بۇ رومانىنى سىمۋول خاراكتېرلىك تەپەككۇر ئەندىزىسىدە يېزىلغان دەپ قارىدىم. چۈنكى ئەسەردىكى پېرسوناژلارنىڭ سەرگۈزەشتلىرى ئىندىۋىدۇئال ئاڭنىڭ قانات يېيىشى بولماستىن، كوللېكتىپ ئاڭنىڭ ئوبيېكتلاشتۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بولغان. بىز ئۇلاردىن شەخسىي ئالاھىدىلىكنىڭ ئالامەتلىرىنى ناھايىتى ئاز ئۇچرىتىمىز. بۇ، رومانتىك مەسەللىك خۇسۇسىيەتكە قاراپ يۈزلىنىشىدىكى بىر سەۋەب. يەنە بىر سەۋەب شۇكى، پېرسوناژلار يەككە قاتلاملىق خاراكتېرگە ئىگە قىلىنىپ، ئۇلاردىكى زىددىيەت ئۆزىنىڭ خاراكتېرىدىكى بىر قانچە قارىمۇقارشى ئامىللار ئوتتۇرىسىدا كۆرسىتىلمەستىن، ئەكسىچە قارىمۇ - قارشى پېرسوناژلار ئارا كۆرسىتىلىدۇ. ئادەتتە مەسەللەردە ئاشكارىلانغان خاراكتېر يەككە قاتلاملىق بولىدۇ. مەسىلەن، مەلۇم بىر مەسەلدە يولۋاس تەسۋىرلەنگەن دېسەك، ئۇ بىرلا خاراكتېر ياكى پەزىلەتكە ۋەكىللىك قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن بىر قانچە زىددىيەتلىك خاراكتېر ئامىللىرىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. روماندا ئۆمەر بىلەن بارات باشتىن - ئاخىر ۋاپاسىزلىق، ئاچ كۆزلۈكنىڭ مىسالى بولۇپ كۆزگە چېلىقىدۇ. سەپەر ساددىلىق، ساپلىق ۋە ھالاللىقنىڭ مىسالى بولۇپ كۆرۈنىدۇ. روشەنكى، روماندىكى كۆپلىگەن پېرسوناژلار ئاپتورنىڭ ئەخلاقىي سىما جەھەتتىكى تەقسىماتىنى بۆلۈشۈۋېلىپ سەھنىگە چىقىدۇ. بۇلار تامامەن مەسەلچە ئالاھىدىلىك؛ ئەلۋەتتە، مەسەل سىمۋوللاش يولى بىلەن ھاياتىي كۈچ تاپىدۇ.
  كىشىلەر ئارىسىدىكى توتېم ۋە چوقۇنۇش شەكىللىرىدىن قارىغاندا، سىمۋول تۇرمۇشتىكى ئومۇمىي مەسىلە. بۇرۇن ئۆتكەن داھىيلار، قەھرىمانلار، ئۇلار قولغا كەلتۈرگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر كېيىنكىلەر تەرىپىدىن تارىخىي سىمۋولغا ئايلاندۇرۇلىدۇ. بەلكىم ناپولېئون: "تارىخ كىشىلەر ئۆزلۈكىدىن كەلتۈرۈپ چىقارغان تەمسىلدۇر، خالاس" دېگەن ئىبارىتىنى مۇشۇ مەنىدە ئېيتقان بولسا كېرەك.
  شەيئىلەرنى تەمسىللەش شېئىردىن بېشارەتتۇر. بىز ئۇنىڭدىن ھەم شەيئىگە ئائىت، ھەم شائىرنىڭ روھىغا ئائىت ئىككى چىنلىققا ئېرىشىمىز. شۇڭا ھاياتىي كۈچ نۇقتىسىدىن قارىغاندا، شېئىر پاكىتتىن بەكرەك چىن بولىدۇ. مەمتىمىن ھوشۇر ئەپەندى تارىخىي دەلىلدىن بەكرەك چىن بولغان شېئىرىي دۇنيانى يايغانكى، ھەقىقىي تارىخنىڭ قۇياشى ئۇنىڭ ئۇپۇقىدىن كۆتۈرۈلىدۇ.
  مەن "قۇم باسقان شەھەر" نى يۇقىرىقى بىر قاتار ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن مەسەلچە پروزا دەپ ئاتاشنى لايىق تاپتىم. مۇشۇ ئەسىردە فرانسىيىدە يېڭى مەسەلچىلىك پروزا ئېقىمى بارلىققا كېلىپ يوكىنار، مېشىل تورنېر قاتارلىق يازغۇچىلار بۇرۇنقى ئەپسانە - رىۋايەتلەر ۋە قىسسە ئىپوسلاردىن پايدىلىنىپ رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈلگىسىنى كۆرسەتكەنىدى. "ھازىرقى دۇنيادا مەۋجۇت بولۇۋاتقان چوڭ - چوڭ مەسىلىلەر ئۆتمۈشتىمۇ مەۋجۇت ئىدى" دەيدۇ يوكىنار "ھازىرقى زامانىۋى تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇن كرىزىسلەرنىڭ نېگىزى يەنىلا ئالدىنقى بىر قانچە ئەسىردىن كېلىپ چىققان".
  مەن بۇ قېتىم ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ خاس مىللىي تىپىنىڭ بىخىنى كۆرگەندەك بولدۇم. ئەلۋەتتە، بۇنداق تىپنىڭ بىراقلا ۋايىغا يېتىشىنى تەلەپ قىلغىلى بولمايدۇ.
  ئەسەردىكى خاراكتېرلەر، تەبىئىي ۋە تەدىئىي مۇھىتلار، سۇژىت راۋاجىنىڭ ئۇلىنىشى، پېرسوناژلارنىڭ سۆز - ھەرىكىتى ئۇيغۇرلارغا خاس مەدەنىي مۇھىت ۋە پىكىر شەكلىنىڭ كارتېنىسىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئۇسلۇب جەھەتتىن مۇستەقىل ئۇيغۇر رومانى بولۇش شەرتىنى ھازىرلىغان.
  يازغۇچىمىزنىڭ ئىزدىنىش ئۈستىدە كېتىۋاتقانلىقى بىزگە مەلۇم. ئۇ بىر قاتار پەلسەپىۋى مۇلاھىزىلىرىنى ئەسەردە يارىتىلغان مەنىۋى مۇھىت دولقۇنلىرىغا چېچىۋەتكەچكە، كىشىگە تەبىئىي ئۆزلىشىدۇ. ئەسەرگە سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا، بەدىئىي قايناقلىقتىن كۆرە تارىخىي تەسىراتتىن كەلگەن مۇئەييەن ئۇقۇمنىڭ ئاپتور ئېڭىغا بەكرەك قوماندانلىق قىلغانلىقىنى مۆلچەرلەشكە بولىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ ئەپسانىۋى تەپەككۇرى ئىسلامىيەت دەۋرىدىكى بوشلۇق بىلەن قانائەتلەنگەن، تارىخ ئېڭىمۇ يالاڭ تەركىبلىك پىكىرگە ئايلىنىپ قالغان. مەدەنىيەت، دىن، جەمئىيەت ھادىسىلىرىدىن ئىبارەت كۆپ تەركىبلىك ئويلىنىش ئەمەلگە ئاشمىغان. مېنىڭچە، كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەتتىن دېرەك بېرىدىغان فولكلور زاپىسىمىز سەنئەتكارنىڭ ئويلىنىشى ئۈچۈن ھەر قانداق ئىمكانىيەتنى بېرىدۇ. بىز ياشاۋاتقان بۇ تۇپراقتا يەرلىك مىللىي مەدەنىيىتىمىزدىن باشقا ھىندى - ياۋروپا مەدەنىيىتى، ئەرەب - پارس مەدەنىيىتىنىڭ ئەنئەنىسى بار، ئېتىقاد ۋە تەپەككۇر شەكلىمىزمۇ بىر قانچە خىل دىننىڭ مۇپەسسەل تەسىرىگە ئىگە. ھەربىر دىن بىر خىل تەپەككۇر نۇسخىسى سۈپىتىدە تەپەككۇرىمىزنى تۈز يۆنىلىشلىك، يانتۇ يۆنىلىشلىك، شاخسىمان يۆنىلىشلىك زامان بىلەن تەمىنلەيدۇ.
  سەنئەتكارلار جەۋھىرىنى ئىزدەپ چەكسىز يېشىنىدىغان كىشىلەردۇر. نەتىجە ئۇلار ئۈچۈن قاسراققا ئوخشايدۇ، كامالەت ئىزدەۋاتقان يازغۇچىنىڭ ئاشۇ قاسراقنىڭ جۇلاسىغا ئۇزاق تىكىلىپ قاراشقا ۋاقتى يەتمەيدۇ.
1996- يىل ئۆكتەبىر
_______________________________
«ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرىدىن تاللانما» ناملىق كىتاپتىن

Reply | Threaded
Open this post in threaded view
|

Yazghuchi memtimin hoshurning «qum basqan sheher» romani toghrisida

Oghuz
Yazghuchi memtimin hoshurning «qum basqan sheher» romani toghrisida

Abduqadir jalalidin

 (1)

  Bizning sheher eslide insanlarda bolidighan yaxshiliq we yamanliq nisbitining timtasliqida güllen’gen, qan we teshwishtin xaliy otupiyilik sheher idi. uning asminimu séxiy, xisletlerge bay bipayan menzire idi. Bu sheherde quyash, yultuz, ay, qum zerrichiliri we jan nuqtiliri közge körünmes ilahiy yip bilen chigilgenki, köngüllerning erkin dewreshliri özining menggü xorimaydighan tebi’iy küchi bilen adalet wadisini upuqqiche yayghan, eger uningda pighan yaki köz yéshi bar déyilse, bu peqet hayatliqning öz intilishlirige yarisha muwapiq siqilishliridin chiqatti. Kishiler uning menbesining del özi ikenlikini chüshen’gechke, bu sa’adet tuzlirini raziliq bilen mu’eyyenleshtüretti. Eger men dozaxni öz arzuyum boyiche yasisam, uning oti qanche dehshetlik bolmisun, men uni jennet dep ataymen. Lékin bashqilar qurup bergen jennet chinarimni qurutuwétidu.

  Memtimin hoshur ependi "qum basqan sheher" ini körsetti. Men u bergen qumdin bir tal aldim - de, qum bergen rohiy radi’ologiyini boylap hökümranlar, bendiler, hetta xudaning könglige kirip chiqtim. Tarix özining qopal, qanliq ikki qoli bilen sizip bergen da’iridin chiqip kétiwétip, del pasilgha kelgende toxtap qaldim. Her qandaq zilzile bashta kichikkine bir xiyaldin ibaret bolidu. Men memtimin hoshur ependining xiyalini dengseshke bashlidim.

  Qum ushshaq nerse, yalghuz turghanda qattiq, toplashqanda yumshaq nerse, u asta - asta, az - azdin köchidu. U özining dehshetlik halitini sür’ettiki astiliqqa singdürüwetken.

  "qum basqan sheher" tarixning kutupxanisi, u, tarix esliyetlirining köngüldiki sholisi, uningdin biz yazghuchining arzu tarixini, milletning kolléktip tejribisini, bayliq pelsepisining simwollashqan gewdilirini, zorawanliqqa shé’irdiki shérinlik bilen mu’amile qilidighan éysa rohini, menisizlikke qarshi epchil yumurlarni körimiz, bular hergizmu tozan basqan ötmüshning noqul özila bolup qalmighan, aptor ulargha öz qelbining julasini singdürüp, bashqilarning diqqitige tashlighan. Goya millet tarixi aptorning xiyaletlik közidin domilap chüshkendek.
                                                                         
 (2)

  Ana téma mesilisi milliy wijdanni öz shexsiyitige aylanduralighan aptorlirimizning éngida xire - shire mewjut bolsimu, ta hazirghiche nezeriyiwi nuqtidin tüzük tilgha élinmidi. Nezeriyiwi tepekkur bizdiki eng paji’elik ajiz halqa bolup, buning yiltizi uzaq tarixiy yillar bilen tutishidu. Biz tarixtin béri köp tereplime küch bilen tesirleshken murekkep haletlerde yashap kelduq. Bizdiki tarixiy paji’eler we utuqlar millitimizning özige xas jughrapiyisi, mijezi we étiqadi bilen ichki munasiwetke ige. Bu amillar tashqi amillarning konkrét xususiyetliri bilen birikip, tarixiy nuqtilarning herbir dewrge xas mezmuni we aqiwitini keltürüp chiqarghan. Epsuski, biz ular heqqide ayrim - ayrim, inchike tehlil yürgüzüp, nezeriyiwi yekün chiqarghan eserlerni téxi uchratmiduq. Pelsepe namratliqi bügünki kishilirimizde ötmüshtiki her qandaq dewrge qarighanda, eng tipik basquchqa kötürüldi.

  Méningche, ana téma her bir millet üchün ayrim bolidu, xuddi méksika sha’iri oktawi’opaz: her qandaq millet üchün "hazir" dégen uqum mewjut. Biraq "hazir" ning menisi her qaysi millet üchün oxshimaydu, déginidek, ana téma herbir millet üchün özige xas mezmunni öz ichige alidu. Chünki her bir milletning özige layiq mesilisi bolidu. Bu mesile milletning melum bir konkrét dewridiki menpe’itining qandaq eks étishi bilen xaraktérlinidu. Xuddi bügünki shara’itta pelestin xelqi duch kelgen mesile bilen tajikistan xelqi duch kelgen mesile bir - birige oxshimighandek. Démek, ana téma milliy teqdirning her qaysi tarixiy dewrlerdiki konkrét mezmuni bilen biwasite munasiwetlik bolup, u, millet teqdirining özgirishige egiship özgiridu. Ana téma milliy, dewriy tüs élish bilen birge, bu da’iridin halqip insaniy tüs élishimu mumkin, chünki dunyawi qaynamdin xaliy turidighan millet yaki tarix bolghan emes.

  Bizningmu özimizge layiq mesilimiz bar. U bolsimu, ten we rohiyet xilliri boyiche ronaq tépish, insanning dunyadiki heqiqiy menisini qolgha keltürüsh. Bu mesile bügünki milliy idé’ologiyimizning her qandaq tarmaqlirida eks étishi kérek bolupla qalmastin, belki jiddiy teqezzaliq keypiyatighimu ige bolushi kérek. Eger her bir qowm özining tereqqiyat imkaniyetlirini tapalmisa, maddiy menpe’etini gewdilendürüwatqan pen - téxnika axir bérip, ularning menpe’etige qarshi küchke aylinip qélishi mumkin. Téxnika jem’iyette maddiy heshemet peyda qilip, insanlarning qoraldin paydilinish iqtidarini namayan qilsimu, biraq milletler, döletler arisidiki tüp ziddiyetlerni hel qilalmidi. mana bu, zamanimiz kishilirige ortaq bolghan pen krizisi. Chünki téxi u, dunyadiki bextsiz ademlerning köz yéshini toxtitip bolalmidi; U, ghaliblarning qolidiki qamcha bolup keldi. Penning selteniti ortaq qana’etni qolgha keltürüsh nishani üstige qurulghanda, u, krizistin saqiyidu. Emma bu peqetla sha’irlar telmürüp kéliwatqan güzel chöchektur, xalas.

  Özining dunyadiki heqiqiy menisini tépish tebi’etning iradisige eng uyghun kélidighan hoquq, bundaq hoquqning heqqaniyettin pütken putliri bar, uning bilen mangghanda, peqet adalet düshmenlirila waysaydu, tarix we jem’iyetshunasliq ilimliri ene shu iradining mu’eyyenleshken qismini jakarlaydu, uning mewhum, yoshurun qismini peqet sen’etla insaniy zilliqini yoqitip qoymighan kishilerge sözlep béreleydu.

  Ana téma bir millet yaki bir dewr üchün hazirning özidila teqezzaliqtur. Buni héchkim éytip bermeydu, aqillar özi tapidu. Oqurmenler ularning qelimini körgendin kéyin, qelem izlirida körün’gen nersining özining wujudida barliqini hés qilishidu.

  Méningche, ana téma mesilisi bügünki zaman prozimizda abduréhim ötkür ependining "iz", "oyghan’ghan zémin" qatarliq eserliride melum menide eks etkenidi. Biraq ötkür ependi özining meniwiyitidiki bügün’ge we etige te’elluq zaman - makan izlirini ötmüshning zaman chéki bilen nuqtilap qoyghan - de, delil yaki pakit dep qaralghan tarixiy zaman hadisilirini bayan qilish bilen boldi qilghan, netijide, eserning bedi’iy qimmitidin köre axbarat qimmiti üstün chiqqan.

  Meyli bulardek yirik tarixiy romanlar bolsun yaki edibning meniwiyitidiki tebi’etke aylan’ghan, tarixiy makan - zamandin halqighan idi’al gewde bolsun, ularning kelgüsi tarixni wujudqa chiqiridighan rohiy menbeni toluqlaydighanliqi sheksiz. biraq biz edebiyat - sen’etning öz alahidilikini chiqish nuqtisi qilghinimizda, uning mezmun qimmiti, ijtima’iy qimmiti üstide söz échish bilen birge, edebiyatning istil qimmitinimu untup qalmasliqimiz kérek. Biz ötkür ependining yuqiriqi mehsulatlirini tarixiy ijtima’iy qimmet nuqtisidin hemmining aldigha qoyushqa heqliqmiz. U, döwilinip yatqan ötmüsh xatirisidiki bir qisim örneklerni kishilerge körsitip, oqurmenlirimizde ré’al tarixiy roh hasil qildi. Méningche, ötkür ependi shu waqitning özide uningdin artuq telepni özige qoymidi, dep qiyas qilsaq bolidu.

  Memtimin hoshur ependi edebiyatimizda ene shu yosunda shekilliniwatqan ana témini özige xas dunya qarash we bedi’iy qimmet nuqtisidin tapshuruwalghanliqini bizge ayan qildi. Men "qum basqan sheher" ni oqughandin kéyin, qandaqtur bir tarix tuyghusigha chömdüm. Süpürge aqqan seper deryasida éqip kétiwétip, qaysi déngizgha quyulidighanliqimni xiyal qildim. U heqiqeten "sepirining tizginini köngül ixtiyarigha tapshurghan" jahankezdi idi. Biraq uni yiraq bir yerde nur chéchip turghan wijdan özining hörlerge mensup awazi bilen pat - pat chaqirip turatti. Men özining aq köngüllüki, pidakarliqi we tewekkülchilikini chüshinidighan adem tapalmighan bextsiz donkixot tughuluwétiptu, dédim. Arqidinla méni bir xil wehime chulghuwaldi, arimizda donkixotni chüshinidighanlar yoq hésabta, men süpürgini ashundaq süpetlisem kishiler méni chüshinermu?

  Romanning 2 - , 3 - qisimliri köz qarishimni özgertiwetti. Axir süpürgini satirik simwol dep chüshendim. U bir erkin seyyah idi. Shunglashqa éshikining, etraptiki del - derexlerning, qushlarning, payansiz chölning, alwunsiman mehelle - kentlerning tilini chüshinidu. U bir peylasop idi. Biraq uning kitabliri kutupxanisida emes, tebi’ette idi. U, köz aldidiki dunyaning közge körün’gendek bolushidin guman qilatti. U, telimatlirini pütüp aware bolmaytti yaki bashqilargha wez qilip sözlimeytti. U, özi yashighan dunyadin tégishlik eqilni qobul qilattiyu, derhal uning muhasirisidin chiqip kétetti. Özi ulugh turupmu uni sezmeytti. U goya soqrat bilen shah meshrep idi. U taki bighemler shehirining jimjitliqi buzulghiche erkin yashidi, erkin hayatidin erkin pikirlerni yandurdi. uning wujudi xuddi erkinliktin ibaret meniwi me’ishetning heykili idi. Uning wetini bighemler shehirini yawlar depsende qiliwidi, uning dunyasidiki padishah bolmighan, esker bolmighan, beg - doteyler bolmighan, sépili bolmighan ghayiwi dölet berbat boldi. U, qoldin ketken erkinlikini qolgha keltürüsh üchün pidakar jengchige aylandi. Umu xuddi soqrat öz telimatini ispatlash yüzisidin ölümge razi bolghandek, erkinlik pelsepisi üchün özini atidi.

  Süpürge özini ulugh tebi’etning bir qismi dep qaraytti. U, yaz künlirining bir kéchisi ögzide yétip aram éliwatqach köktiki yultuzlar we erke shamallardin ilham élip shundaq dep pichirlighanidi. U, bu jehette hémingwayning "déngiz we boway" dégen esiridiki bowayni esletti. Biraq bu eserdiki boway özining tebi’etning bir qismi ikenlikini étirap qilghusi kelmeytti. Belkim gherblikler del mushundaq bolghachqa, tebi’etke xilap yürüshlerni élip bérip, téxnika inqilabining ghelibisini qolgha keltürgendu. Süpürge yuqiriqidek oylighachqa, tebi’et bilen bolghan garmoniyini saqlaymen dep jim turghandu. Pelsepe inqilabi ene shu ikki pikir otturisida dawam qilmaqta.

  Biz süpürgini satirik simwol déduq. Bu mundaq ikki terepni öz ichige alidu. biri, süpürgining hayatqa tutqan mu’amilisi, hayat adaletsiz, biraq u bundaq hayatqa chaqchaq qilatti; Yene biri, uning ghayiwi döliti berbat bolghanda u uni eslige keltürüsh üchün jiddiy haletke ötti, mana bu hal qara yumur idi. Yumur chékidin ashqanda, kishini küldürmey eksiche oygha salidighan hékmetlik pasqa aylinip kétidu.

  Süpürgide sherq danishmenlirining simasi ipadilen’gen. Sherq danishmenliri xelq arisidiki yultuzlargha oxshaydu, ordilar peqet mizandin adashqinini chüshen’gendila ulargha qarap pal achidu. Sherq tarixi danishmenlerning gépini kéchikip chüshinishke adetlen’gen. Qarang, yantaq aqsaqal süpürgining meslihetini kéchikip chüshendighu!

  Süpürge hélimu ashundaq halette arimizda mewjut. Tarix bolup ötken ishlarning yighindisi emes, belki hazirning özide mewjut bolghan ré’al roh; Bu menidin éytqanda, memtimin hoshur ependi bu rohni delil yaki ispat dep qarimighan, belki jahan özgirishlirige képil bolghuchi heriket dep qarighan.
Biz "qum basqan sheher" romanidiki tarix tuyghusini qandaq chüshensek bolar?

  Italiye peylasopi kirochi tarix bilen yilnamini arilashturup qoymasliqni tewsiye qilidu. U: "aldimizdiki ishlar tarixtur, keynimizdiki ishlar yilnamidur" dep qaraydu. Démek, uningche awwal tarix, andin yilname mewjut bolidu. Bu yerde u éytiwatqan tarix del kelgüsini ijad qiliwatqan idiye herikitini körsitidu. Alayli, abduxaliq uyghur bir ré’al tarixiy shexs. Emma bügünning özide kérek bolidighan abduxaliq uyghur rohi bolmisa, abduxaliq uyghur rohidikilerning tarixi ölgen bolidu. Bularni "qum basqan sheher" ge tetbiqlighanda, süpürge, yantaq aqsaqal, üch aka - uka, quyash shehiri, bighemler shehiri, chöl yigit qatarliqlar tirik namayendiler süpitide közimizge tashlinidighan konkrét shexsler yaki jaylargha aylandurulghan bolsimu, u beribir aptorning tarix chüshenchisining simwollashturulushidin ibaret.

  Biraq memtimin hoshur ependi kötürüp chiqqan tarix pakitlar tizimliki bilen qatmallashturulghan murda tarix bolmastin, aptorning tesewwurida janlandurulghan, qismet, ibret, hékmet, istekler kökrek qazinida tawlash jeryanida ijad qilin’ghan, zaman chekliri shé’iriy kenglik üstige qurulghan chöchekler arqiliq yoqitilghan. Aptorning zariqishliri mupessel tarix chayqilishliri süpitige kirgüzülgen tarix idi. Shunglashqa eserdin ötmüsh dewrimizning tarixiy süretlirini izdisek, bu orunsizliq bolupla qalmastin, belki adaletsizlik bolidu. Biz uningdin yazghuchining bügünki milliy tarixshunasliq krizisidin shürkünüp turup qobul qilghan idiye chinliqini izdisek muwapiq bolidu, dep qaraymen.

   Aptor tarixni néme üchün chöchekleshtüridu, bu qandaq zörüriyettin kélip chiqqan? Chünki memtimin hoshur ependi yilname tarixchisi emes, u bir yazghuchi, shundaq iken, uni tarixni yazdi dégende, uning yazghanliri omumiy sawat xaraktéridiki tarix emes, belki bügün’ge daritmilan’ghan tarix epsanisi, uning üchün ötmüshmu bügün’ge mensuptur. U haman cheksiz hazirqi zaman halitide yashaydu we pikir qilidu. Uning yazghanliri menggülük weqe bolup, jem’iyet hayatida kéyin körülidighan hadisilermu ashu epsaniwi weqening istilistik wariyanti bolup körünidu.

  Romanning 2 - qismi bir xil yimirilish we yatlishish qissisidur, 3 - qismi bolsa, yiltizgha qaytish marshining muqeddimisidur. Eserning axirida süpürgining rohiy simasi qaytip kélip bizni xatirjem qilidu. Bulghanmighan - pak ejdad bilen ewladlar tarixni yéngidin bashlashqa kirishidu. Aptor shexsiyetchilik, ach közlük tüpeyli ata - bowisining arzusini terk etken we qérindashliq rishtidin waz kechken aka - ukilarning gadayliq teqdirini bizge tapshurush arqiliq, yéngi tarix üchün jiddiy kérek bolidighan imanni ghuwa éytip béridu.
                                                                       (3)

  Simwol edebiyatning mejazi wasitilirini béyitti. Shuning bilen bir waqitta u, kishilerning nezeride formulagha aylinip qaldi. Sen’ette hemishe simwol kérek boliwermeydu, uningda melum bir shey’i bashqa nersilerge wekillik qilmastin, özige wekillik qilidighan ehwallarmu bolidu. Nersilerni öz - özige wekillik qildurushmu katta sen’et. Epsuski, uyghur edibliri we oqurmenliri eserge simwolluq tüs bérishke bekla amraq. Bizde shé’iriyitimizni kardin chiqiriwatqan nuqtiliq amillarning biri simwol krizisi bolup kéliwatidu.

  Men memtimin hoshur ependining bu romanini simwol xaraktérlik tepekkur endiziside yézilghan dep qaridim. Chünki eserdiki pérsonazhlarning sergüzeshtliri indiwidu’al angning qanat yéyishi bolmastin, kolléktip angning obyéktlashturulushidin ibaret bolghan. Biz ulardin shexsiy alahidilikning alametlirini nahayiti az uchritimiz. Bu, romantik mesellik xususiyetke qarap yüzlinishidiki bir seweb. Yene bir seweb shuki, pérsonazhlar yekke qatlamliq xaraktérge ige qilinip, ulardiki ziddiyet özining xaraktéridiki bir qanche qarimuqarshi amillar otturisida körsitilmestin, eksiche qarimu - qarshi pérsonazhlar ara körsitilidu. Adette mesellerde ashkarilan’ghan xaraktér yekke qatlamliq bolidu. Mesilen, melum bir meselde yolwas teswirlen’gen dések, u birla xaraktér yaki peziletke wekillik qilip otturigha chiqidu. Uningdin bir qanche ziddiyetlik xaraktér amillirini körgili bolmaydu. Romanda ömer bilen barat bashtin - axir wapasizliq, ach közlükning misali bolup közge chéliqidu. Seper saddiliq, sapliq we halalliqning misali bolup körünidu. Roshenki, romandiki köpligen pérsonazhlar aptorning exlaqiy sima jehettiki teqsimatini bölüshüwélip sehnige chiqidu. Bular tamamen meselche alahidilik; Elwette, mesel simwollash yoli bilen hayatiy küch tapidu.

  Kishiler arisidiki totém we choqunush shekilliridin qarighanda, simwol turmushtiki omumiy mesile. Burun ötken dahiylar, qehrimanlar, ular qolgha keltürgen shanliq muweppeqiyetler kéyinkiler teripidin tarixiy simwolgha aylandurulidu. belkim napolé’on: "tarix kishiler özlükidin keltürüp chiqarghan temsildur, xalas" dégen ibaritini mushu menide éytqan bolsa kérek.

  Shey’ilerni temsillesh shé’irdin bésharettur. Biz uningdin hem shey’ige a’it, hem sha’irning rohigha a’it ikki chinliqqa érishimiz. Shunga hayatiy küch nuqtisidin qarighanda, shé’ir pakittin bekrek chin bolidu. Memtimin hoshur ependi tarixiy delildin bekrek chin bolghan shé’iriy dunyani yayghanki, heqiqiy tarixning quyashi uning upuqidin kötürülidu.

  Men "qum basqan sheher" ni yuqiriqi bir qatar alahidilikliri bilen meselche proza dep atashni layiq taptim. Mushu esirde fransiyide yéngi meselchilik proza éqimi barliqqa kélip yokinar, méshil tornér qatarliq yazghuchilar burunqi epsane - riwayetler we qisse iposlardin paydilinip ré’alliqni eks ettürüsh ülgisini körsetkenidi. "hazirqi dunyada mewjut boluwatqan chong - chong mesililer ötmüshtimu mewjut idi" deydu yokinar "hazirqi zamaniwi turmushimizdiki nurghun krizislerning négizi yenila aldinqi bir qanche esirdin kélip chiqqan".

  Men bu qétim uyghur romanchiliqining xas milliy tipining bixini körgendek boldum. Elwette, bundaq tipning biraqla wayigha yétishini telep qilghili bolmaydu.

  Eserdiki xaraktérler, tebi’iy we tedi’iy muhitlar, suzhit rawajining ulinishi, pérsonazhlarning söz - herikiti uyghurlargha xas medeniy muhit we pikir sheklining karténisini shekillendürgen bolup, uslub jehettin musteqil uyghur romani bolush shertini hazirlighan.

  Yazghuchimizning izdinish üstide kétiwatqanliqi bizge melum. U bir qatar pelsepiwi mulahizilirini eserde yaritilghan meniwi muhit dolqunlirigha chéchiwetkechke, kishige tebi’iy özlishidu. Eserge soghuqqanliq bilen mu’amile qilghanda, bedi’iy qaynaqliqtin köre tarixiy tesirattin kelgen mu’eyyen uqumning aptor éngigha bekrek qomandanliq qilghanliqini mölcherleshke bolidu. Shunga uning epsaniwi tepekkuri islamiyet dewridiki boshluq bilen qana’etlen’gen, tarix éngimu yalang terkiblik pikirge aylinip qalghan. Medeniyet, din, jem’iyet hadisiliridin ibaret köp terkiblik oylinish emelge ashmighan. Méningche, köp qatlamliq medeniyettin dérek béridighan folklor zapisimiz sen’etkarning oylinishi üchün her qandaq imkaniyetni béridu.

Biz yashawatqan bu tupraqta yerlik milliy medeniyitimizdin bashqa hindi - yawropa medeniyiti, ereb - pars medeniyitining en’enisi bar, étiqad we tepekkur sheklimizmu bir qanche xil dinning mupessel tesirige ige. Herbir din bir xil tepekkur nusxisi süpitide tepekkurimizni tüz yönilishlik, yantu yönilishlik, shaxsiman yönilishlik zaman bilen teminleydu.

  Sen’etkarlar jewhirini izdep cheksiz yéshinidighan kishilerdur. Netije ular üchün qasraqqa oxshaydu, kamalet izdewatqan yazghuchining ashu qasraqning julasigha uzaq tikilip qarashqa waqti yetmeydu.

1996- yil öktebir
_______________________________
«abduqadir jalalidin maqaliliridin tallanma» namliq kitaptin