ئۇيغۇرلار ۋە «سېسىق توققۇزىنچى!»

classic Classic list List threaded Threaded
2 messages Options
Reply | Threaded
Open this post in threaded view
|

ئۇيغۇرلار ۋە «سېسىق توققۇزىنچى!»

Oghuz

2009-04-27

ئۇيغۇرلار ۋە «سېسىق توققۇزىنچى!»

   ئۇيغۇرلار ۋە «سېسىق توققۇزىنچى!»                                            

              ئوغلۇم ۋەتەن سۆيۈشكە دېپلوم كەتمەيدۇ،ئابروي كەتمەيدۇ.پەقەت بىر سادىق يۈرەك كېتىدۇ.                        
    
                                                  "قەھرىمان بولىدىغان مايلامچى بالا"دىن.                                           

بىرنىمە دەي دىسەم ما سورۇندا غەيۋەت بوپ قالىدۇ. دىمەي دىسەم يا ئۆزىنى بىلمىدى بۇ خەق .دۇگامەت قارىسلا بەزىدە مۇشۇ ئۇيغۇرغا نان تېگىدىغان ئادەملەر كىمدۇ-دەپ ئويلاپ قالىمەن .ئويلاپ باقماپتىمەن دىسلە ، نىمىشقىدۇ مەن ھازىر تولا ئويلاپ قالىدىغان بولدۇم.  
كاۋاپچىلارمۇ ،دېھقانلارمۇ ياكى كىتاپلاردا دىگەندەك زىيالىيلارمۇ ۋە ياكى بىرنى ئىككى قىلىدىغانغا تىپىرلاپ يۈرگەن سودىگەرلەرمۇ ؟ ئىشقىلىپ بىزنىڭ بۇ قاتارلىق كەسپ بىلەن شۇغۇللىندىغان ھەر-خىل ئادەملىرىمىز بار . نىمىشقا بۇنداق ئويغا كەپ قاللا دىسلە ،مۇشۇ بىر مىللەتنىڭ تەغدىرىنى پەقەت مەلۇم ئادەملەرگە باغلايدىغان بىر قىلىق بىزدە توللاپ قالدى. ئەگەر بىز ئۈمۈت كۈتكەن ئادەملەر بىز كۈتكەندەك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالمىسا ھەممىمىز ئاپتاپتىكى بەڭگىنىڭ خىيالىنى سۈرۈپ مۇشۇنداق ياشايدىغان ئوخشايمىز.  
بىزنىڭ نوپوسىمىز نەچچە مىليونغا يېتىدىغان خەلق . بۇ خەلق ئازاتلىقتىن بۇيان بۈگۈنگە قەدەر نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ ھەرنىمە بولسا ياشاپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ مىللەتنىڭ يىلىكى شورلۇق دەپ قويىدىكەنمىز. يىلىكى شورلۇق قانداق بولىدۇ ؟    
دەپ ئويلاپ باقسام بۇ يىلىك دىگەن ئۆزلىرىنىڭ ئىچىلىردە بولىدىكەن. ئۇنى باشقىلار شورلۇق قىلىپ قويمايدىكەن . ئۆزى شورلۇق بولىۋالغان نەرسىنى كىم "شورلۇق بولما" دىيەلەيدۇ-دەيلا.
مۇشۇ تېلۋىزور بولسۇن ياكى باشقا گېزىت-ژورنالدا بولسۇن زىيالىيلارنى "بىر مىللەتنىڭ بايلىقى ،تۈۋرىكى،يىلىكى،يۈرىكى" دەپ ماختايدىكەن.ئەمدى يۈرىكى بولسۇن بايلىقى بولسۇن مەيلى ئەمەسمۇ.  
ئەمىسە نىمىگە قاينايسەن دىسىلە ،ئەلۋەتتە قاينايدىغانغا گەپ بار.  
  
ئاتمىش يىلنىڭياقى ئۇيغۇرنىڭ بېشىدىن نۇرغۇن كۈنلەر ئۆتتى. بۇرۇنقىسىنى قويۇپ مۇشۇ يېقىننى سۆزلىسەك ئۆزلىرى بىلەن بىزدەك دېھقان قانداقلا بولمىسۇن يەر تېرىپ قوساق باقتۇق،ئازراق ئېشىنغان ئاشلىقنى سېتىپ بېرىپ باشقىلارنىمۇ ئاچ قويمىدۇق. ئىشقىلىپ بىر نەرسىنى تۇتساق قولىمىزدىكى توپا بولسىمۇ يۇقۇپ تۇردى. ما چاقسىدىكى قاسساپ ناۋايلارنى بىللا ...ئۇلارمۇ تازا جاپاكەش . قوينى ئەرزانراق ئەپ سۆيۈپ گۆشىنى سېتىپ ياكى ئىسسىق تونۇرغا بېشىنى تىقىپ نان يېقىپ ئۆزىنىڭ جېنىنى باقىدۇ. ئۇلاردىن كۆپىنىدىغان يېرىمىز يوق . قانداقلا بولمىسۇن يۈگرەپ چىقساق تاييار نان ،گۆشكە بولسىمۇ يارايدۇ.
قايسى كۈنى تېلۋىزوردا ئادەم بولۇش ،قەيسەر بولۇش توغرىلىق بىر خانىم بىلەن بىر ئەپەندىم تازا سۆزلىدى . ئايھاي گەپلەر دىگەن ۋەھشى دىسلە ، ئاڭلىسلا ئۆزلىرىنىڭ مۇكەممەل ئادەم ئەمەسلىكلىرىدىن نومۇس قىپ كېتىلا ...ئالدىرمىسلا گەپ با تېخى سىلى ئاتمىش يىلنىڭياقى مۇشۇ زىيالى دىگەن خەقنىڭ ماڭا دەپ بەرگىدەك قانداق پايدىسىنى كۆرلە... ئەسلى زىيالى دىگەن يۇرتنىڭ ئەڭ بىلىملىكى سەزگۈر چېچەنلىرى ، ھەق-ناھەق كۆز قارىشى ئېنىقلىرى بولىدۇ دەيدۇ. بىراق ئۆزلىرى ئۇلاردىن ھېچ بولمىسا لازىم بولغاندا بىرەر پارچە نان ئالاملا ؟! ياكى ما ئەترەتنىڭ قاملاشمىغان سىياسەتلىرى توغرىلىق بىرەرەسىگە دات ئېيتىپ "قېنى قانداق نوچىكەن !" دەپ ئۇلاردىن پاناھلىق كۆرەلەملا، قارىسلا بىز يەر تېرىيمىز،قاسساپ قوي سويىدۇ،ناۋاي نان ياقىدۇ. زىيالى نىمە قىلىدۇ ؟ ! ما زاماننىڭ ئىگىز-پەسلىكىنى تۈزەيدۇ. ئۆزلىرى بىلەن بىزغۇ قانداقلا بولمىسۇن يەر تېرىدۇق.ئەمما ئۇلارچۇ ؟! نىمىنى تۈزلىدى دەيلا..باشلىققا سەت كۆرۈنۈپ قالمايلى دەپ ئارقىغا يېنىپ بىزنى "تۈزلەيدۇ".  ئاڭلىسام بۇ خەقنىڭ ھەرقاندىقى بۇرۇت قويالمايدىكەن.سەۋەبى سەل ياۋايى كۆرۈنەمىش.ئەمدى بىز دىخان خەق، ما بۇرۇت-ساقال دىگەننى ئەرنىڭ كۆركى ياكى پەيغەمبىرىمنىڭ سۈننىتى دەپ قويىمىز مۇشۇ يېقىننىڭياقى دىققەت قىللامۇ ھەممىلا مائاشلىقنىڭ بۈرۈت-ساقىلى يوق. غىچلا كوسا .سۈرۈشتۈرسەم باشلىقنىڭ كۆزىگە بۇرۇت قويغانلار سەت كۆرۈنەمىش. مانا كارامەت ھېلىقى تېلۋىزوردا ئادىمىلىك توغرىلىق چىڭقىلىپ سۆزلىگەن خانىمدىن "ئەرلىرىنىڭ بۇرۇتى بامۇ خانىم ؟ " دەپ سوراپ باققۇم كەلدى.    
ئويلاپ باقسىلا كالپۇكنىڭ ئۈستىدىكى نەچچە تال تۈككە ئىگە بولالمىغان خەق ئۆزلىرى بىلەن ماڭا ئىگە بولالامتى. ئىشقىلىپ مەن باغۇ، دۇگامەت. مۇشۇ بۇرۇتۇمنى چۈشۈرمەيمەن دەپ خىزمىتىدىن ھەيدەلگەن زىيالىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. بۇغۇ بىر چاخچاق گەپ. قىسقىسى مەن بىزنىڭ بىرەر ئىشىمىزغا ياقىسىنى يىرتىپ ناھەقچىلىق تارتقان زىيالىنى ئاڭلىمىدىم. يىلىكى شورلۇق دىگىنى بەرھەق گەپكەن.بۇلار راستىنلا بىزدىكى شورلۇق يىلىككەن.  بىزنىڭ ئوغۇل داۋاملىق كىتاپ ئوقۇيدۇ ."ۋاي دادا ما ئادەم ئۇيغۇرلارنىڭ پەيلاسوپى. ما يازغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ نوچىسى" دەپ ماختاپ بىرمۇنچە كوسا ئادەملەرنىڭ سۈرىتىنى كۆرسىتىپ كېتىدۇ.   چاخچاق قىلىپ "ۋاي بالام مەندەك بۇرۇتى با ئادەمنى كىتاپقا باسسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلىياسى بولدىغان ئوخشايمەن" دەپ قويىمەن.    
گەپ قېچىپ كەتتا، بايا دەۋەتقان "زىيالىيلار ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكى،تۈۋرىكى" دىگەن گەپ مۇشۇ كىتاپ يازدىغانلار بىر-بىرىگە خوشامەت قىپ ئۆزلىرىنى ئۆزى ماختاپ دەۋالغان گەپلەرمىكىن دەيمەن. نىمىشقا دىسلە بىز دىخان خەق مۇشۇ گۇيلارنىڭ كاساپىتىدىلا ياشايدىكەنمىز.نەدە بىزگە تۈۋرۈك ،يۆلەنچۈك بولالايدۇ. تۆت تال مائاشىنى تولۇق ئەپ باشلىقىنى خاپا قىلىپ قويماي.خوتۇن-بالىسىنى خەقنىڭ ئالدىدا چاندۇرماي باققىنى بىزگە تۈۋرۈك بولغىنىما ؟! ئۇنداق جاھاندارچىلىقنى مىدىراپ يۈرگەن چاشقانمۇ قىلىۋاتمامدۇ.    
ئۆزلىرىمۇ تېلۋىزور كۆرۈپ تۇرىلا. بۇ خەق تولا چىقىدۇ ئۇنىڭدا، غىچلا قەسەمخور .ھەر پىشقەدەم سەنئەتكار زىيالىيلارنومۇس قىلماي ئەمدىلا زاۋۇتتىن كەلگەن دورىنى "ئۇنداق ئۈنۈملۈككەن ئىشلەتكىلى بىر يىل بولدى مۇنداق نوچىكەن " دەپ قىزارماي ماختايدۇ.قەيەرنىڭ باشلىقلىرىكىن بىز قۇرغاقچىلىققا ئۇچۇرساقمۇ تارتىنماي "ئۇنداق مول-ھوسول،مۇنداق ئاشۇرۇپ" دەپ دوكلات بېرىدۇ. ھېلىقى "خەلق سۆيگەن سەنئەتكار" دەۋالغان بىرى باغۇ..ۋاي ھېلىقى بوينى ئۇزۇن ...ھە شۇ ..كۆگەنلا بىر دەيدە ئېلاننى تەنقىت قىپ ئېپىزوت ئويناپ بىر مۇنچە پۇل تاپقان..ئەمدى كۆرۋاتىلا تېلۋىزوردا خىمىيىۋى ئوغۇتنى ماختاپ بەك ئالدىراش .ئۇنىڭدىنمۇ بىر مۇنچە پۇل تاپىدۇ بىچارە . نىمىشقا بىچارە دەيلا دەملا ئەلۋەتتا بىچارىدە..پۇل تاپسىلا ھېساپمۇ ئۇنداق ئالدى-كەينىگە سىيىپ ياشىغاندىن...خىمىيىۋى ئوغۇتنىڭ زىيىنىنى بىلەرلا ..تۈگەتتى يەرلەنى.... ...ئاۋۇ ناۋاي جېنىدا سۈنئى خېمىرنى بىر تىللىسا ئىككىنچى ماختىمايدۇ. مەن جېنىمدا بىلمەستىن "ماۋۇ خاتاكەن" دەپ سالسام ئەتىسىلا "توغرىكەن" دىيىشتىن ئۆلگۈدەك نومۇس قىلىمەن.    
بىرمۇنچە خەنزۇ ئەرتىس زىيالىيلار تۆۋەنگە چۈشۈپ خەلىقتىن ھال سوراپ ھەقسىز ئويۇن قويۇپتۇ. قايسى كۈنى بىر ئەرتىس تېلۋىزوردا ئۈرۈمچىدە ئويۇنىنى قويۇپ بولۇپ تۆۋەندىمۇ خەلقىگە ئويۇن قويۇپ بېردىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھەقسىز قويامدۇ . ئەللىك كوي دىسلە بېلىتى .بۇلار شىنجاڭنى ئايلىنىپ ھەقسىز ئويۇن قويىدىغانلارما. تۆۋەنگە چۈشسە كۆتە-كۆتە بىلەن  مېھماندارچىلىق ،ئىشىك ئالدىغا بېرىپ قالسىلا سالىمى قاۋۇل ، "ئىشلار ئالدىراش يەنە كۆرىشەرمىز". بىر باققالنىڭ ئالدىغا بېرىپ قالسا ئىچىدە "تېلۋىزور كۆرمىگەن نىمىمۇ بۇ. بىكارغا بەرمىسىمۇ ئەرزاراق بەرمىدا" دەپ غوتۇلدايدۇ.    
بالامنىڭ دىيىشىچە ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ بىر نەچچە "پەيلاسوپ"ى بىر-بىرى بىلەن قاتتىق تۇتۇشۇپ قاپتۇ. بىرى يەنە بىرىنىڭ "ئوغرى"لىقىنى يەنە بىرى يەنە بىرىنىڭ "مۇناپىق"لىقى ،"ئىمانسىز"لىقى توغرىسىدا قاتتىق ئىسپات توپلاۋېتىپتۇ. بىزنىڭ بالىمۇ شۇلانىڭ بىرىگە ئىخلاس قىلىدىكەن. شۇڭا مەھەلىدە يەنە بىر "پەيلاسوپ"نىڭ چوقۇنغۇچىلىرى بىلەن گەپلەشمەيدىغان بوپ قاپتۇ. قارىسلا ماگۇيلارنىڭ پەسلىكىنى .نوچى بولسا چوڭ-چوڭ ئوغۇرلۇق قىلىۋاتقان ياكى مۇناپىقلىق قىلغان باشلىقلىرىنى شۇنداق تىللاپ باقسا بولمامدۇ. ئۆزلىرىنى بىزنىڭ تۈۋرىكىمىز ھېساپلىغاندىكىن مايەدە بولىۋاتقان خاتا سىياسەتلەرنى پارىخور باشلىقلارنى "مۇناپىق،ئوغرى" دەپ تىللاپ باقسا بولمامدۇ، تىللىيالمايدۇ ،يۇرت بۇزۇشنىلا بىلىدۇ.سوپىلاردىن پەرقى يوق،مۇرىت توپلاپ...
ھۇ ! گالاستۇكلۇق ئىشانلار...  
نىمە ئۇ مۇناپىق ،ئىمانسىز،ئوغرى دىگەن بىز قارا قوساق تۇرۇپمۇ ئۇنداق گەپنى ئالدىراپ قىلمايمىز. ھەدىستە باغۇ " كىم بىراۋنى ئۇنىڭدا يوق ئىللەت بىلەن ھاقارەتلىسە ئۆزىگە قايتىدۇ"دەپ. ئەمدى كىم مۇناپىق بولىدۇ دەيلا..ۋاي بۇرۇتىغا ئىگە بولالمايدىغان "باتۇرلار".    
كونا بىر گەپنى قىپ بېرەي..ھېلىقى قەدىمدىكى يۇەن سۇلالىسى دىگەن ۋاقىتتا مۇشۇ ئادەملەرنى تەبىقىغە بۆلۈپ..تىلەمچىلەرنى 7-تەبىقىغە، پاھىشەلەرنى 8-تەبىقىغە، زىيالىيلارنى 9-تەبىقىغە بۆلۈپتۇ. نىمىشقا دەملا..ئۇ ۋاقىتلاردىكى ئادەملەرمۇ دۆت ئەمەستە...تىلەمچى مەن دىگەن تىلەمچى دەپ ئاشكارا تىلەيدۇ.. پاھىشەلەرمۇ "مەن دىگەن پاھىشە "دەپ تېنىنى ساتىدۇ..  زىيالىيلارچۇ " بىز دىگەن ئاۋامنى چىرىقى "دەۋالغان بىلەن ھېچيەرگە چىراق ياقمايدۇ.    
ئاۋۇ يۇقۇرى مەھەلىدىكى ھېلىقى بوكىسچى"نوچى" نى بىلىلا.قايسى كۈنى بىزنىڭ بەكراخۇن بىر بودەك بىلەن تاكالىشىپ قاپتۇ، ئۇلار ئىتتىرشىۋاتسا قاياقتىندۇ بوكىسچى كېلىپ "بەكراخۇنكا كىمۇ سېنى بوزەك قىلغان "دەپلا جىدەلگە ئارلىشىپتۇ.شۇ چاغدا ھېلىقى بودەك بوكىسچىغا "زالە...زالە..." دەپتىكەن .ئاۋۇ نوچى تۇرۇپ كېتىپ"بولدى ئۆزەڭلارنىڭ ئىشىكەن ئاكا " دەپ يولىغا مېڭىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن بودەك"قانداق چاقارغان ئادىمىڭ شۇمىتتى"دەپ بەكراخۇنغا ئۇششۇقلۇقنى باشلاپتىكەن..خۇدايىم توۋۋا ئەمدىلا ماڭغان بوكىسچى نوچى" ئەسلىدە ئۇيغۇركەنغۇ ماۋۇ..نىمە دەيسەن ھېجىقىز.."دەپ قايتىپ كەپ بەكراخۇننى مۇش يىيىشتىن قۇتۇلدۇرۋاپتۇ....بۇنى ئاڭلاپ دەسلەپ شۇنداق كۈلۈپ كەتتىم ،ئاخىرى بېرىپ يىغلاپ قالدىم دۇگامەت.    
بىز يىغلىماي كىم يىغلايدۇ دەيلا .... مانا بىزنىڭ زىيالىي بولسۇن "نوچىلار" بولسۇن ئەھۋالى شۇ . ئۆز-ئارا پىچاق كۆتۈرۈپ "جىھات"قىلىشتىن يانمايدۇ.ئەمما ياماننى كۆرسە قۇيرۇقىنى نەگە تىقىۋالغىنىنىمۇ بىلەلمەي قالىلا.  
مەن بىرەر زىيالىنىڭ بىزنى دەپ ياقا يىرتىپ يۇقۇرى ئورۇنلاغا چىقىپ باققىنىنى ياكى بىرەر مائاشلىقنىڭ بىز ئۈچۈن ناھەقچىلىققا قارشى تۇرۇپ سولىنىپ كەتكىنىنى ئاڭلىمىدىم.  
"خەلقىم" دەپ كېتىدۇ. بىرەر كىتاۋى ياكى لېنتىسىنى نەشىر قىلسا كىم ئالىدۇ "خەلقىم" دەپ ئالداپ تۇرمىسا.....ئەمما "خەلقىم" دەپ مەيدىسىنى كېرىپ چىقىدىغان سورۇندا تاپقىلى بولمايدۇ.    
مۇشۇ يۇقۇردىن كېلىدىغان سىياسەتلەرگە ئاۋال شۇ زىيالىيلاردىن پىكىر ئالىدۇ دەيدۇ. بۇلار تەستىقلاشتىن بۇرۇن باشلىقلارنىڭ كۆزىگە قارايدىكەن. باشلىقنىڭ كۆزىنىڭ ئېقى جىقراق تۇرسا "قارىنىمۇ ، ئاق" دەپ تەستىقلايدىكەن. قارىسلا مۇشۇنداق خەقنى مىللەتنىڭ تۈۋرىكى دىسەك قەدىمقى پادىشالارنىڭ ئوردىسىدىكى ئاكابىر-ئەشرەپ ،ئاغۋاتلارنى مىللەتنىڭ پاناھى دىسەك بولغۇدەك جۇمۇ.  
قايسى كۈنى مېنىڭ بىر زىيالى تونۇشۇم " ئۆزلىرى سەل دىققەت قىلسىلا ،بىكا سايرىتىپ-سايرىتىپ بىراقلا بوغمىسۇن" دەيدۇ. مەن دىدىم" ھېلىقى ھەممە ئېقىملار بەس-بەستە سايراش دەپ سايرىتىپ ئاخىرىدا بىراقلا جايلىغاندەك ئىش بوپ قالمىسۇن دەملا. خاتىرجەم بولسىلا مەن بىرەر ئورۇن سايرا دىسە ئۆزەمنى بىلەلمەي سايراپ كېتىدىغان ئادەم ئەمەس. مەن باغۇ ، سايرىما دىسىمۇ سايرىغۇم كەلسە سايراۋېرىدىغانلاردىن . مەن سايرىسام باشقىلار ھەيران قالسۇن دەپ سايرىمايمەن. ما ئىچىمدىكى سېرىق سۇنى چىقىرۋېلىشقىلا سايرايمەن. نۆۋەت كەپ قالسا مانا باش . " دىسەم دىمىغىدا كۈلۈپ تۇرىدۇ.  
ئاچچىقىمدا "ئۆزلىرى يولۋاس يوق تاغدا مايمۇن پادىشا دىگەننى ئاڭلىغانمۇ ، ھە ..نىمىشقا مايمۇن پادىشا بولۇشقا مەجبۇر بولىدۇ دىسلە..ئاۋۇ يولۋاس ئاختا بولۇپ قېلىپ، ئۆيىدە كىر يۇۋاتقىدەك. ئامال يوق  مايمۇن بولسىمۇ ئەركەك بولغاچقا  پادىشا بولۇپتۇ . " دەپتىمەن . " ئاجايىپ گەپ قىلىلا جۇمۇ"..دەپ ھىجىيىپ يوقالدى . ئۇنىڭ نىيتى قارىماققا ياخشىدەك كۆرۈنگەن بىلەن شۇ كۈن كەپ قالسا "مەن دىمىدىممۇ" دەپ جۇگېلىياڭلىق قىلىپ تاماشا كۆرۈپ ئولتۇرىدۇ.ھېچ قاچاندا "ما ئادەمگە نىمە بولدى ؟ "دەپ كوچىغا چىقمايدۇ.  
مۇشۇ قوش تىلدىن كېيىن يەنە يەسلىدىن باشلاپ خەنزۇچە ئوقۇتۇش دەيدىغان بىر گەپ چىقتى. بۇنىڭغا نەچچە تال زىيالىدىن باشقىسى كۆزىنى پارقىرتىپ قاراپ ئولتاردى. ئەمما يىراق چەتئەلدىكى نېنىمىزنى يەپ باقمىغان بىر ئالىمىمىز ئۇيغۇر بولغاچقا نەچچىلىگەن ماقالىلارنى يېزىپ بۇنىڭ زىيىنىنى چۈشەندۈردى. ئەمما ئەتراپىمىزدىكى بىزدىن ئالغان باجنى مائاش قىلىپ خەجلەۋاتقان ئۇچراپ قالسا چېيىمىزغا،  تامىقىمىزغا داخىل بولىۋاتقان مائارىپشۇناس ئاتالغان زىيالىيلار،بىر قولدا گالاستۇكىنى، يەنە بىر قولدا ئىشتاننىڭ ئېغىنى چاڭگاللاپ "مايەر ئامان، مەن ئامان، ئۇندىن قالسا ئەل ئامان" دەپ جاھاندارچىلىق قىلىپ يۈرىۋەردى.  
ئۆزلىرى بىللىلا جىمى ھەشەمەت،ئىسراپچىلىق ئەشۇ گۇيلاردىن كېلىدۇ. يەنە تېخى "ئۇيغۇرلاردىكى ئىسراپخورلۇق ، ھەشەمەتچىلىك" دەپ بىرنىمىلەر يېزىپ پۇل تاپىدۇ،ئۆزلىرىچە ھۆرمەت تاپىدۇ. تېلۋىزوردا قايناپ سۆزلەپ كېتىدۇ...ۋاي بايقۇشلار..... .
ئۆزلىرى بىلەن بىز ئاش تۆكتۈقمۇ...پۇل بۇزدۇقمۇ....نەدە بىزدە بۇزغۇدەك پۇل، تۆككۈدەك ئاش دەيلا....شۇنداقتىمۇ يازغان بىرنىمىسىدە "ئۇيغۇرلار.." دەيدۇ..نىمىشقا "زىيالىيلار..." دىمەيدۇ-دەيمەن !  
ھەممىسىلا ئۇنداق ئەمەستۇ دەملا ؟ ھەممىسىلا شۇ. زىيالى ئاتالغىنىنىڭ ھەممىسى شۇنداق . ياق-ياق . ئۆزلىرى دىگەن ئادەملەر بىلىملىك ،ئېتىقادلىق بولغان بىلەن زىيالى ئەمەس. ئاۋۇ سادىرپالۋاننى ئوغرىلاردىن دىگىلى بولمىغاندەكلا بىر ئىش ، ئۇلار دىگەن پالانچى ،پۇستانچى دەپ ئاتالغان قەھرىمانلار. زىيالىلىق ئۇلارنىڭ كەسپى ئەمەس ، ئۇلارنى ما زىيالى دىگەن توپقا قوشۇۋالمىسلا. ئۇلار دىگەن زىيالىدەك خىيالى ئەمەس. نەق ئالدىدىكى تۇرمۇشتا تىرىك ياشايدىغان ئەردەك ئادەملەر. ئۇلارنى زىيالىي دەپ ياراتقۇچىنىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولۇپ قالمايلى.  
مەسچىتتىكى زىيالىيلارمۇ ئوخشاش مەسچىتكە كىرىپ جىم ئولتۇرۇپ بەرسەك "قىزىلىرىڭلارنى باشقۇرۇڭلار ، ئوغۇللىرىڭلارنى ئەدەپكە باشلاڭلار...قىيامەتتىن قورقۇپ تۆۋبە قىلىڭلار " دەپ بىزنىلا قورقۇتالايدۇ.نەسىھەت قىلىدىغان ئادەم باشلىقى تۇرسا شۇنىڭغا قىلماي بىزگىلا سۆزلىيەلەيدۇ.نىمىشقا دىسلە باشلىقلاردىن خۇدادىن بەكرەك قورقىدۇ. سىرتقا چىقىپ خۇدادىن قورقمايدىغانلارنىڭ كانىيىدىن ئالالمايدۇ.يالغاندىن جىم ئولتۇرۇپ بەرسەك خۇددى ئۆزى"جەننەتنىڭ پاسپورتى"نى ئېلىۋالغاندەك بۇرغىسى قايناپ سۆزلەپ كېتىدۇ. ئەخمەقلەر ئاچ قالغان قوي بۇغدايغا كىرسە پادىچىغا سۆزلىمەي ،قويلارغا سۆزلەپ كېتىدۇ دىسە.......  
قەدىم ئايەمدىن بېرىسىغا قاراپ باقساق بۇ زىيالى دىگەن جاھان ئوڭشىغان خەلىق ئەمەس.جاھاننى ئوڭشايدىغان تۈزەيدىغىنى يەنىلا ياغاچچى ،تۆمۈرچى ،ئوۋچى ياكى ئوغرى دەپ ئاتالغانلار .ئەگەر ماۋزېدوڭ چىقمايدىغان بولسا لۈشۈندەك يازغۇچىدىن مىڭى بولسىمۇ يەنىلا شۇ. يازغۇچىلار گۇپپاڭ سېلىشىپ" لۈشۈننىڭ تەسىرىدىن ئۇنداق بولدىيەي مۇنداق بولدىيەي" دەپ سۆزلىسە ھەيران قالمىسلا.  
يادىلىرىدا باردۇ..خەلپەم بىلەن ھاجىم جاھاننى تۈزەيمىز دەپ تاققا چىقىۋالغاندا قومۇلنىڭ زىيالىيلىرىدىن نەچچە ساقاللىق ئۆلىما ۋە تۇماقلىق باي تاغقا چىقىپ "قورال تاشلىسلا جاھان تېچ بولغاي"دەپ سالا قىلغىنى.    
"ئالتى ئوغرى" باشلىغان ساۋاپلىق ئىشنى ئاخىرى بېرىپ ماركىسىزىمدا ئوقىغان نەچچە زىيالى بۇزۇپ قويۇپ تۈزەلمەستىن كۆزى ئوچۇق كەتكىنى. ھەددىن زىيادە ئەقىل-ھېساپ بىلەن ئىش قىلىمەن دىسىمۇ بولمايدۇ.بەزىدە سەل قارا قوساق غەيرەت بولمىسا بىر ئىشنى باشقا ئاچىققىلى بولامدۇ دەيلا.    تونۇرغا ئېڭىشىپ بېلى قاتمىغان.كەتمەن چېپىپ بىلەك تالمىغان،ئاچ-توق قېلىپ دەرتلەر تارتمىغان، ئادەملەرگە قانداقمۇ تەغدىرىمىزنى تاپشۇرىمىز دەيلا.  شۇڭا دەيمەن دۇگامەت ئاخۇن "ئاۋۇ ئۈرۈكنى قېقىپ بەرسە بولاتتى" دەپ ھەممىنى زىيالىيغا تاشلاپ بەرسەك بولمايدۇ. بولمىسا ئۈرۈك شاختا تۇرۇپ قاق بولۇپ كېتىدۇ.  توغرا ! ھەممىسىلا ئۇنداق ئەمەس.ئارىسىدا ئادەمدەك ياشاي دەيدىغىنى يوق ئەمەس. قېنى شۇلار..چىقسۇن مانا يەلكىمىز تەييار،لازىم بولسا كاللىمىزمۇ تەييار. ئۇيغۇرنى ئوڭشاشقا قانداقتۇ پەقەت زىيالىيلارلا ياكى ياغاچچىلارلا يەنە ناۋايلارلا قادىر دىمەكچى ئەمەسمىز. بۇنىڭغا ھەممىمىز قادىر . پەقەت رىئاللىققا ئىچى پۇشىدىغان ،مەسىلىلەرگە مەھەببەت ياكى نەپرەت كۆز قارىشى بىلەن قارىيالايدىغان ئادەم بولسىلا بۇ يولدا نۇسرەت تاپالايدۇ. ھەممىمىزنى توغرا يولغا باشلىيالايدۇ. ئۇنداق ئادەملەر بەلكىم ئوچاقنىڭ كۈلىنى تارتىپ جاھاندارچىلىق قىلىۋاتقاندۇ ياكى ئىشى ئىلگىرى كەلمەي كۆكتاتچىلىق قىلىۋاتقاندۇ ۋە ياكى ئۆزلىرى بىلەن ماڭا ئوخشاش مۇشۇنداق پۇل كەلمەيدىغان غەمنى يەپ بىرەر تام تۈۋىدە ئولتۇرىدىغاندۇ.    
قوپسىلا ؟! دەرۋازىغا قارايدىغانغا ئىشچى ئالسىمۇ دېپلومغا قارايدۇ. ئەمما ئۇيغۇرنىڭ ئوغلى بولۇشقا دېپلوم كەتمەيدۇ جۇمۇ .      
  
قومۇل شەھەر شەھەر ئىچى يېزا جىگدە قۇدۇق كەنت     ئابدۇرېھىم ئابلەتخان. )  
  
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى.
      مەنبە: سەلكىن مۇنبىرى

Reply | Threaded
Open this post in threaded view
|

Uyghurlar we «sésiq toqquzinchi!»

Oghuz
   Uyghurlar we «sésiq toqquzinchi!»                                            

Oghlum weten söyüshke déplom ketmeydu,abroy ketmeydu.Peqet bir sadiq yürek kétidu.                        
   
"qehriman bolidighan maylamchi bala"din.                                          

Birnime dey disem ma sorunda gheywet bop qalidu. Dimey disem ya özini bilmidi bu xeq .Dugamet qarisla bezide mushu uyghurgha nan tégidighan ademler kimdu-dep oylap qalimen .Oylap baqmaptimen disle , nimishqidu men hazir tola oylap qalidighan boldum.  
Kawapchilarmu ,déhqanlarmu yaki kitaplarda digendek ziyaliylarmu we yaki birni ikki qilidighan’gha tipirlap yürgen sodigerlermu ? Ishqilip bizning bu qatarliq kesp bilen shughullindighan her-xil ademlirimiz bar . Nimishqa bundaq oygha kep qalla disle ,mushu bir milletning teghdirini peqet melum ademlerge baghlaydighan bir qiliq bizde tollap qaldi. Eger biz ümüt kütken ademler biz kütkendek mes’uliyetni üstige alalmisa hemmimiz aptaptiki benggining xiyalini sürüp mushundaq yashaydighan oxshaymiz.  
Bizning noposimiz nechche milyon’gha yétidighan xelq . Bu xelq azatliqtin buyan bügün’ge qeder nurghun issiq-soghuqlarni bashtin kechürüp hernime bolsa yashap kéliwatidu. Bu milletning yiliki shorluq dep qoyidikenmiz. Yiliki shorluq qandaq bolidu ?    
Dep oylap baqsam bu yilik digen özlirining ichilirde bolidiken. Uni bashqilar shorluq qilip qoymaydiken . Özi shorluq boliwalghan nersini kim "shorluq bolma" diyeleydu-deyla.
Mushu télwizor bolsun yaki bashqa gézit-zhornalda bolsun ziyaliylarni "bir milletning bayliqi ,tüwriki,yiliki,yüriki" dep maxtaydiken.Emdi yüriki bolsun bayliqi bolsun meyli emesmu.  
Emise nimige qaynaysen disile ,elwette qaynaydighan’gha gep bar.  
   
Atmish yilningyaqi uyghurning béshidin nurghun künler ötti. Burunqisini qoyup mushu yéqinni sözlisek özliri bilen bizdek déhqan qandaqla bolmisun yer térip qosaq baqtuq,azraq éshin’ghan ashliqni sétip bérip bashqilarnimu ach qoymiduq. Ishqilip bir nersini tutsaq qolimizdiki topa bolsimu yuqup turdi. Ma chaqsidiki qassap nawaylarni billa ...Ularmu taza japakesh . Qoyni erzanraq ep söyüp göshini sétip yaki issiq tonurgha béshini tiqip nan yéqip özining jénini baqidu. Ulardin köpinidighan yérimiz yoq . Qandaqla bolmisun yügrep chiqsaq tayyar nan ,göshke bolsimu yaraydu.
Qaysi küni télwizorda adem bolush ,qeyser bolush toghriliq bir xanim bilen bir ependim taza sözlidi . Ayhay gepler digen wehshi disle , anglisla özlirining mukemmel adem emeslikliridin nomus qip kétila ...Aldirmisla gep ba téxi sili atmish yilningyaqi mushu ziyali digen xeqning manga dep bergidek qandaq paydisini körle... Esli ziyali digen yurtning eng bilimliki sezgür chéchenliri , heq-naheq köz qarishi éniqliri bolidu deydu. Biraq özliri ulardin héch bolmisa lazim bolghanda birer parche nan alamla ?! yaki ma etretning qamlashmighan siyasetliri toghriliq bireresige dat éytip "qéni qandaq nochiken !" dep ulardin panahliq körelemla, qarisla biz yer tériymiz,qassap qoy soyidu,naway nan yaqidu. Ziyali nime qilidu ? ! ma zamanning igiz-peslikini tüzeydu. Özliri bilen bizghu qandaqla bolmisun yer tériduq.Emma ularchu ?! nimini tüzlidi deyla..Bashliqqa set körünüp qalmayli dep arqigha yénip bizni "tüzleydu".  Anglisam bu xeqning herqandiqi burut qoyalmaydiken.Sewebi sel yawayi körünemish.Emdi biz dixan xeq, ma burut-saqal digenni erning körki yaki peyghembirimning sünniti dep qoyimiz mushu yéqinningyaqi diqqet qillamu hemmila ma’ashliqning bürüt-saqili yoq. Ghichla kosa .Sürüshtürsem bashliqning közige burut qoyghanlar set körünemish. Mana karamet héliqi télwizorda adimilik toghriliq chingqilip sözligen xanimdin "erlirining buruti bamu xanim ? " dep sorap baqqum keldi.    
Oylap baqsila kalpukning üstidiki nechche tal tükke ige bolalmighan xeq özliri bilen manga ige bolalamti. Ishqilip men baghu, dugamet. Mushu burutumni chüshürmeymen dep xizmitidin heydelgen ziyalini anglap baqmidim. Bughu bir chaxchaq gep. Qisqisi men bizning birer ishimizgha yaqisini yirtip naheqchiliq tartqan ziyalini anglimidim. Yiliki shorluq digini berheq gepken.Bular rastinla bizdiki shorluq yilikken.  Bizning oghul dawamliq kitap oquydu ."way dada ma adem uyghurlarning peylasopi. Ma yazghuchi uyghurlarning eng nochisi" dep maxtap birmunche kosa ademlerning süritini körsitip kétidu.   Chaxchaq qilip "way balam mendek buruti ba ademni kitapqa bassa uyghurlarning ewliyasi boldighan oxshaymen" dep qoyimen.    
Gep qéchip ketta, baya dewetqan "ziyaliylar uyghurning yüriki,tüwriki" digen gep mushu kitap yazdighanlar bir-birige xoshamet qip özlirini özi maxtap dewalghan geplermikin deymen. Nimishqa disle biz dixan xeq mushu guylarning kasapitidila yashaydikenmiz.Nede bizge tüwrük ,yölenchük bolalaydu. Töt tal ma’ashini toluq ep bashliqini xapa qilip qoymay.Xotun-balisini xeqning aldida chandurmay baqqini bizge tüwrük bolghinima ?! undaq jahandarchiliqni midirap yürgen chashqanmu qiliwatmamdu.    
Özlirimu télwizor körüp turila. Bu xeq tola chiqidu uningda, ghichla qesemxor .Her pishqedem sen’etkar ziyaliylarnomus qilmay emdila zawuttin kelgen dorini "undaq ünümlükken ishletkili bir yil boldi mundaq nochiken " dep qizarmay maxtaydu.Qeyerning bashliqlirikin biz qurghaqchiliqqa uchursaqmu tartinmay "undaq mol-hosol,mundaq ashurup" dep doklat béridu. Héliqi "xelq söygen sen’etkar" dewalghan biri baghu..Way héliqi boyni uzun ...He shu ..Kögenla bir deyde élanni tenqit qip épizot oynap bir munche pul tapqan..Emdi körwatila télwizorda ximiyiwi oghutni maxtap bek aldirash .Uningdinmu bir munche pul tapidu bichare . Nimishqa bichare deyla demla elwetta bicharide..Pul tapsila hésapmu undaq aldi-keynige siyip yashighandin...Ximiyiwi oghutning ziyinini bilerla ..Tügetti yerleni.... ...Awu naway jénida sün’i xémirni bir tillisa ikkinchi maxtimaydu. Men jénimda bilmestin "mawu xataken" dep salsam etisila "toghriken" diyishtin ölgüdek nomus qilimen.    
Birmunche xenzu ertis ziyaliylar töwen’ge chüshüp xeliqtin hal sorap heqsiz oyun qoyuptu. Qaysi küni bir ertis télwizorda ürümchide oyunini qoyup bolup töwendimu xelqige oyun qoyup bérdighanliqini bildürdi. Heqsiz qoyamdu . Ellik koy disle béliti .Bular shinjangni aylinip heqsiz oyun qoyidighanlarma. Töwen’ge chüshse köte-köte bilen  méhmandarchiliq ,ishik aldigha bérip qalsila salimi qawul , "ishlar aldirash yene körishermiz". Bir baqqalning aldigha bérip qalsa ichide "télwizor körmigen nimimu bu. Bikargha bermisimu erzaraq bermida" dep ghotuldaydu.    
Balamning diyishiche hazir uyghurlarning bir nechche "peylasop"i bir-biri bilen qattiq tutushup qaptu. Biri yene birining "oghri"liqini yene biri yene birining "munapiq"liqi ,"imansiz"liqi toghrisida qattiq ispat toplawétiptu. Bizning balimu shulaning birige ixlas qilidiken. Shunga mehelide yene bir "peylasop"ning choqun’ghuchiliri bilen gepleshmeydighan bop qaptu. Qarisla maguylarning peslikini .Nochi bolsa chong-chong oghurluq qiliwatqan yaki munapiqliq qilghan bashliqlirini shundaq tillap baqsa bolmamdu. Özlirini bizning tüwrikimiz hésaplighandikin mayede boliwatqan xata siyasetlerni parixor bashliqlarni "munapiq,oghri" dep tillap baqsa bolmamdu, tilliyalmaydu ,yurt buzushnila bilidu.Sopilardin perqi yoq,murit toplap...
Hu ! galastukluq ishanlar...  
Nime u munapiq ,imansiz,oghri digen biz qara qosaq turupmu undaq gepni aldirap qilmaymiz. Hediste baghu " kim birawni uningda yoq illet bilen haqaretlise özige qaytidu"dep. Emdi kim munapiq bolidu deyla..Way burutigha ige bolalmaydighan "baturlar".    
Kona bir gepni qip bérey..Héliqi qedimdiki yuen sulalisi digen waqitta mushu ademlerni tebiqighe bölüp..Tilemchilerni 7-tebiqighe, pahishelerni 8-tebiqighe, ziyaliylarni 9-tebiqighe bölüptu. Nimishqa demla..U waqitlardiki ademlermu döt emeste...Tilemchi men digen tilemchi dep ashkara tileydu.. Pahishelermu "men digen pahishe "dep ténini satidu..  Ziyaliylarchu " biz digen awamni chiriqi "dewalghan bilen héchyerge chiraq yaqmaydu.    
Awu yuquri mehelidiki héliqi bokischi"nochi" ni bilila.Qaysi küni bizning bekraxun bir bodek bilen takaliship qaptu, ular ittirshiwatsa qayaqtindu bokischi kélip "bekraxunka kimu séni bozek qilghan "depla jidelge arlishiptu.Shu chaghda héliqi bodek bokischigha "zale...Zale..." deptiken .Awu nochi turup kétip"boldi özenglarning ishiken aka " dep yoligha méngiptu.Shuning bilen bodek"qandaq chaqarghan adiming shumitti"dep bekraxun’gha ushshuqluqni bashlaptiken..Xudayim towwa emdila mangghan bokischi nochi" eslide uyghurken’ghu mawu..Nime deysen héjiqiz.."dep qaytip kep bekraxunni mush yiyishtin qutuldurwaptu....Buni anglap deslep shundaq külüp kettim ,axiri bérip yighlap qaldim dugamet.    
Biz yighlimay kim yighlaydu deyla .... Mana bizning ziyaliy bolsun "nochilar" bolsun ehwali shu . Öz-ara pichaq kötürüp "jihat"qilishtin yanmaydu.Emma yamanni körse quyruqini nege tiqiwalghininimu bilelmey qalila.  
Men birer ziyalining bizni dep yaqa yirtip yuquri orunlagha chiqip baqqinini yaki birer ma’ashliqning biz üchün naheqchiliqqa qarshi turup solinip ketkinini anglimidim.  
"xelqim" dep kétidu. Birer kitawi yaki léntisini neshir qilsa kim alidu "xelqim" dep aldap turmisa.....Emma "xelqim" dep meydisini kérip chiqidighan sorunda tapqili bolmaydu.    
Mushu yuqurdin kélidighan siyasetlerge awal shu ziyaliylardin pikir alidu deydu. Bular testiqlashtin burun bashliqlarning közige qaraydiken. Bashliqning közining éqi jiqraq tursa "qarinimu , aq" dep testiqlaydiken. Qarisla mushundaq xeqni milletning tüwriki disek qedimqi padishalarning ordisidiki akabir-eshrep ,aghwatlarni milletning panahi disek bolghudek jumu.  
Qaysi küni méning bir ziyali tonushum " özliri sel diqqet qilsila ,bika sayritip-sayritip biraqla boghmisun" deydu. Men didim" héliqi hemme éqimlar bes-beste sayrash dep sayritip axirida biraqla jaylighandek ish bop qalmisun demla. Xatirjem bolsila men birer orun sayra dise özemni bilelmey sayrap kétidighan adem emes. Men baghu , sayrima disimu sayrighum kelse sayrawéridighanlardin . Men sayrisam bashqilar heyran qalsun dep sayrimaymen. Ma ichimdiki sériq suni chiqirwélishqila sayraymen. Nöwet kep qalsa mana bash . " disem dimighida külüp turidu.  
Achchiqimda "özliri yolwas yoq taghda maymun padisha digenni anglighanmu , he ..Nimishqa maymun padisha bolushqa mejbur bolidu disle..Awu yolwas axta bolup qélip, öyide kir yuwatqidek. Amal yoq  maymun bolsimu erkek bolghachqa  padisha boluptu . " deptimen . " ajayip gep qilila jumu"..Dep hijiyip yoqaldi . Uning niyti qarimaqqa yaxshidek körün’gen bilen shu kün kep qalsa "men dimidimmu" dep jugéliyangliq qilip tamasha körüp olturidu.Héch qachanda "ma ademge nime boldi ? "dep kochigha chiqmaydu.  
Mushu qosh tildin kéyin yene yeslidin bashlap xenzuche oqutush deydighan bir gep chiqti. Buninggha nechche tal ziyalidin bashqisi közini parqirtip qarap oltardi. Emma yiraq chet’eldiki nénimizni yep baqmighan bir alimimiz uyghur bolghachqa nechchiligen maqalilarni yézip buning ziyinini chüshendürdi. Emma etrapimizdiki bizdin alghan bajni ma’ash qilip xejlewatqan uchrap qalsa chéyimizgha,  tamiqimizgha daxil boliwatqan ma’aripshunas atalghan ziyaliylar,bir qolda galastukini, yene bir qolda ishtanning éghini changgallap "mayer aman, men aman, undin qalsa el aman" dep jahandarchiliq qilip yüriwerdi.  
Özliri billila jimi heshemet,israpchiliq eshu guylardin kélidu. Yene téxi "uyghurlardiki israpxorluq , heshemetchilik" dep birnimiler yézip pul tapidu,özliriche hörmet tapidu. Télwizorda qaynap sözlep kétidu...Way bayqushlar..... .
Özliri bilen biz ash töktüqmu...Pul buzduqmu....Nede bizde buzghudek pul, tökküdek ash deyla....Shundaqtimu yazghan birnimiside "uyghurlar.." deydu..Nimishqa "ziyaliylar..." dimeydu-deymen !  
Hemmisila undaq emestu demla ? Hemmisila shu. Ziyali atalghinining hemmisi shundaq . Yaq-yaq . Özliri digen ademler bilimlik ,étiqadliq bolghan bilen ziyali emes. Awu sadirpalwanni oghrilardin digili bolmighandekla bir ish , ular digen palanchi ,pustanchi dep atalghan qehrimanlar. Ziyaliliq ularning kespi emes , ularni ma ziyali digen topqa qoshuwalmisla. Ular digen ziyalidek xiyali emes. Neq aldidiki turmushta tirik yashaydighan erdek ademler. Ularni ziyaliy dep yaratquchining aldida gunahkar bolup qalmayli.  
Meschittiki ziyaliylarmu oxshash meschitke kirip jim olturup bersek "qiziliringlarni bashqurunglar , oghulliringlarni edepke bashlanglar...Qiyamettin qorqup töwbe qilinglar " dep biznila qorqutalaydu.Nesihet qilidighan adem bashliqi tursa shuninggha qilmay bizgila sözliyeleydu.Nimishqa disle bashliqlardin xudadin bekrek qorqidu. Sirtqa chiqip xudadin qorqmaydighanlarning kaniyidin alalmaydu.Yalghandin jim olturup bersek xuddi özi"jennetning pasporti"ni éliwalghandek burghisi qaynap sözlep kétidu. Exmeqler ach qalghan qoy bughdaygha kirse padichigha sözlimey ,qoylargha sözlep kétidu dise.......  
Qedim ayemdin bérisigha qarap baqsaq bu ziyali digen jahan ongshighan xeliq emes.Jahanni ongshaydighan tüzeydighini yenila yaghachchi ,tömürchi ,owchi yaki oghri dep atalghanlar .Eger mawzédong chiqmaydighan bolsa lüshündek yazghuchidin mingi bolsimu yenila shu. Yazghuchilar guppang séliship" lüshünning tesiridin undaq boldiyey mundaq boldiyey" dep sözlise heyran qalmisla.  
Yadilirida bardu..Xelpem bilen hajim jahanni tüzeymiz dep taqqa chiqiwalghanda qomulning ziyaliyliridin nechche saqalliq ölima we tumaqliq bay taghqa chiqip "qoral tashlisla jahan téch bolghay"dep sala qilghini.    
"alti oghri" bashlighan sawapliq ishni axiri bérip markisizimda oqighan nechche ziyali buzup qoyup tüzelmestin közi ochuq ketkini. Heddin ziyade eqil-hésap bilen ish qilimen disimu bolmaydu.Bezide sel qara qosaq gheyret bolmisa bir ishni bashqa achiqqili bolamdu deyla.    Tonurgha éngiship béli qatmighan.Ketmen chépip bilek talmighan,ach-toq qélip dertler tartmighan, ademlerge qandaqmu teghdirimizni tapshurimiz deyla.  Shunga deymen dugamet axun "awu ürükni qéqip berse bolatti" dep hemmini ziyaliygha tashlap bersek bolmaydu. Bolmisa ürük shaxta turup qaq bolup kétidu.  Toghra ! hemmisila undaq emes.Arisida ademdek yashay deydighini yoq emes. Qéni shular..Chiqsun mana yelkimiz teyyar,lazim bolsa kallimizmu teyyar. Uyghurni ongshashqa qandaqtu peqet ziyaliylarla yaki yaghachchilarla yene nawaylarla qadir dimekchi emesmiz. Buninggha hemmimiz qadir . Peqet ri’alliqqa ichi pushidighan ,mesililerge mehebbet yaki nepret köz qarishi bilen qariyalaydighan adem bolsila bu yolda nusret tapalaydu. Hemmimizni toghra yolgha bashliyalaydu. Undaq ademler belkim ochaqning külini tartip jahandarchiliq qiliwatqandu yaki ishi ilgiri kelmey köktatchiliq qiliwatqandu we yaki özliri bilen manga oxshash mushundaq pul kelmeydighan ghemni yep birer tam tüwide olturidighandu.    
Qopsila ?! derwazigha qaraydighan’gha ishchi alsimu déplomgha qaraydu. Emma uyghurning oghli bolushqa déplom ketmeydu jumu .      
   
Qomul sheher sheher ichi yéza jigde quduq kent     abduréhim abletxan. )  
 
2009-yili 3-ayning 19-küni.
      Menbe: selkin munbiri