سابىت داموللامنىڭ تارىخىنى بىلەمسىز؟

classic Classic list List threaded Threaded
1 message Options
Reply | Threaded
Open this post in threaded view
|

سابىت داموللامنىڭ تارىخىنى بىلەمسىز؟

Aziz Isa Elkun
Administrator
   
سابىت داموللامنىڭ تارىخىنى بىلەمسىز؟
يوللىغۇچى romantik   كۆرۈش 5781   يوللانغان ۋاقتى 2008/1/5 13:34  ||مۇنبەردە كۆرۈش||

سابىت داموللامنىڭ تارىخى
سابىت داموللام ئابدۇباقى كامالى 1883 - يىلى، (ھىجىرىيە- يىلى) ئاتۇشنىڭ ئازاق كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن . باشلانغۇچ دىنىي تەربىيىنى ئازاقتا چوڭ ئەلەم ئاخۇنۇم دېگەن كىشىدىن ئالغان. كېيىن قەشقەر خانلىق مەدرىستە ئوقىغان. 1910 - يىلى ئابدۇقادىر داموللام ھەم مامۇت ئاخۇن داموللاملارنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن، بۇخاراغا بېرىپ يۇقىرى مەلۇمات ئالغان. 1914 - يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ داموللا بولۇپ يۇرتىغا قايتىش سەپىرىدە، ئىلىغا كېلىپ سۈيدۈڭدە ئىسمائىل ھاجى دېگەن كىشىنىڭ قىزى رابىيە بىلەن تويلىشىپ ئۆيلۈك بولغان. بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، << رەستە ۋەقەسى >> سەۋەبى بىلەن ئايالى رابىيە بىلەن ئاجرىشىپ، ئوغلى ئابدۇللانى ئايالىغا قالدۇرۇپ، قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن ھەمدە قەشقەرخانلىق مەدىرىستە ئۇستازى ئابدۇقادىر داموللام ھەم مەسلەكدىشى شەمسىدىن داموللام بىلەن بىللە مۇ ددەررىسلىك قىلغان .

شەمسىدىن تۈردى داموللام (1874 -- 1934) سابىت داموللام بىلەن دېمەتلىك كىشى بولۇپ، ئاتۇشنىڭ تۆركۈل كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن. قەشقەر ۋە بۇخارادىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بىلىم يۇرىتلىرىدا ھەم ئالىملاردا ئوقۇپ، ھىندىستان، ئەرەبىستاندىكى ئاتاقلىق ئالىملار بىلەن ئىلمىي سوھبەتلەردە بولغان ئۇلارنىڭ چوڭ ھۈرمىتىگە ئېرىشكەن. شەمسىدىن داموللام سىستېمىلىق بىلىم ئالغان كىشى بولۇش سالاھىتى بىلەن، دىني ۋە پەننىي ئىلىم ساھەسىدە چوڭقۇر ئىزدەنگەن. بولۇپمۇ تىل - ئەدەبىيات، مەنتىق (لوگىكا) ، ئاسترونومىيە، شىئېرىيەت، تارىخ، جۇغراپىيە، ماتېماتىكا قاتارلىق ئىلىملەردە كامالەتكە يەتكەن . << ئولموھا توزمۇچەيىن >> ، << مۇھىمماتىز - زەۋجەيىن >> (ئاياللارغا دائىر مۇھىم ئەخلاق - پەزىلەتلەر) قاتارلىق كىتابلارنى يازغان. 1910 - ۋە 1920 - يىللىرى شىەمسىدىن داموللامنى پاناھ تارتىپ، ئۇنىڭغا شاگىرىت بولۇش ئۈچۈن قەشقەرگە كەلگەن. مەسىلەن، خوتەندىن مۇھاممەت ئىمىن بۇغرا، غۇلجىدىن تىيىپزات تاھىرى، ئەينى ۋاقىتتا قەشقەر خانلىق مەدرىسكە كېلىپ، شەمسىدىن داموللامدىن دىنىي ۋە پەننىي ئىلىملەرنى ئۇگەنگەن. تەجەللى بىلەن ئالاھىدە يىقىن مۇناسىۋەتتە بولغان ھەم مۇشائىرە يىزىشىپ تۇرغان. دېمەك، غولجىدىن قايتىپ كەلگەن سابىت داموللام قەشقەردە ئۇستازى ئابدۇقادىر داموللام ۋە مەسلەكدىشى شەمسىدىن داموللام بىلەن ھەمكارلىشىپ، قەشقەر تەۋەسىدە مۇتەئەسسىىپلىككە، خۇراپاتلىققا، قۇلچىلىققا، نادانلىققا جاھانگىرلىككە قارشى ھەققانىي ھەركەتلەرنى تەشكىللىگەن .

1924 - يىلى ئابدۇقادىر داموللام سۇيىقەسىتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، سۇيىقەسىتچىلەرنىڭ نىشانى سابىت داموللامغا مەركەزلەشكەن. بۇنى سەزگەن سابىت داموللام 1925 - يىلى ھەجگە بېرىش باھانىسى بىلەن ئىلىغا يېنىپ چىققان ھەم ئىلىدىكى مەرىپەتپەرۋەر، ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن، 1927 - يىلى، << شىرىنكالام >> دېگەن كىتابىنى تۇنجى قېتىم كۈرەدە تاش مەتبەئەدە باستۇرغان. بۇ كىتابتا نۇقتىلىق ھالدا مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئەخلاق - پەزىلەتلىرى سۆزلەنگەن. بۇ كىتاب كېيىن ھىندىستاندا بېسىلىپ تارقىتىلغان .
سابىت داموللام دىنىي ئىلىملەردە ھەم تۈركچە، ئەرەپچە، پارىسچە ئەدەبىياتنىڭ پۈتكۈل تۇرلىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلغان بولغاچقا، مەزكۇر تىللاردا بەزىدە نەسىرىي، بەزىدە نەزمىي بىلەن سۆزلەش، يېزىش كامالىتىگە يەتكەن. ئۇ 1927 - يىلىدىن باشلاپ، غۇلجا شەھرىدە دەڭ مەسچىتىدە << قۇرئان كەرىم >> نى ئاغزاكى تەرجىمە قىلىپ، بۇ ئىشنى ئۈچ يىل داۋاملاشتۇرغان. يەنە بىر تەرەپتىن << ئىسلام قانۇنى >> ، << ئالفىيەنىڭ شەرھىسى >> (بۇ ئىبىن مالىك دېگەن ئالىمنىڭ ئالفىيەسىگە قىلغان شەرھى ۋە ھاشىيىدۇر) ، << ئاقائىدە جەۋھەرىيە، بايان ئەل سۇننەت >> دېگەن كىتابلارنى يازغان. 1930 - يىلى غولجىدا، چۆچەكتىكى مۇرات ئەپەندىدىن تەلىم ئېلىش باھانىسى بىلەن ۋەزىيەتنى كۆزەتكىلى چىققان خوتەن قاراقاشلىق مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا بىلەن پىكىرلەشكەن. ئۇ شۇ يىلى كۈزدە قەشقەر ۋە ئاتۇشتىن چىققان شەمسىدىن داموللا، ياقۇپ ھاجى قاتارلىق يۈزدەك كىشى بىلەن بىرلىكتە ئون نەچچە ياشلىق ئوغلى ئابدۇللانى ئېلىپ ھەجگە ماڭغان .

1931- يىلى باھاردا، ئۇ ھەج تاۋابىنى ئاداقىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئىلمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن، ئوغلى بىلەن بىللە كۆپچىلىك بىلەن خوشلاشقان (بەزى كىشىلەرنىڭ دىيىشىچە، سابىت داموللام، ھەج تاۋاپ قىلىش جەريانىدا تاتار لاردىن چىققان مەشھۇر دىنىي ئالىم مۇسا جارۇللايېۋ بىلەن كۆرۈشكەن . سابىت داموللام، مۇسا جارۇللايېۋ، شەمسىدىن داموللام ئۈچەيلەن سابىت داموللىنىڭ << ئىسلام قانۇنى >> ناملىق كىتابى ئاساسىدا، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پادىشاھىغا دۆلەت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن) . سابىت داموللام سەئۇدى ئەرەبىستانى، تۈركىيە قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈش، ئۆگىنىش بىلەن بولغان ۋە ئىلمىي سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بارغان. تۈركىيىدە ئىلمىي زىيارەتتەبولىۋاتقان چېغىدا، مىسىردا دۇنيا ئىسلام ئالىملىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىدىغانلىقىدىن خەۋەرتېپىپ، يىغىنغا ئۈلگۈرۈپ قاھىرەگە بارغان .

سابىت داموللام سەئۇدى ئەرەبىستانىدا، مىسىردا ۋە تۈركىيىدە ئىلمىي زىيارەتتەبولۇپ، ۋەتەنگە قايتىش ئۈچۈن يولغا چىقىپ، 1932 - يىلى ھىندىستانغا كېلىپ دېھلىدە بىر مەزگىل تۇرۇپ قالغان ھەم << ئاقائىدە جەۋھەريەت، بايان ئەل سۈننەت >> ، << ئالفىيەنىڭ شەرھىسى >> ، << شىرىن كالام >> ناملىق كىتابلىرىنى باستۇردى .

سابىت داموللام 1932 - يىلى 12 - ئايدا، قاغىلىققا يېتىپ كەلگەن، ئاندىن ئۇدۇل خوتەنگە بارغان . 1932 - يىلى 1 - ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، قارىقاش ئويباغ مەدىرىسىدە، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا 1931 - يىلى 6 - ئايدا قۇرغان يوشۇرۇن تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرىدىن بىر يۈز ئوتتۇز كىشى يىغىن ئېچىپ، سابىت داموللام بىلەن قارىقاشلىق مەمەت نىياز ئەلەم ئاخۇنۇمنى ئەزالىققا قۇبۇل قىلغان ھەمدە قوزغۈلاڭ كۆتۈرۈش كۈنىنى بەلگىلەش، قوزغىلاڭچىلار رەھبەرلىرىنى سايلاش ئىشىنى مۇزاكىرىلىشىپ بىكىتكەن .

سابىت داموللام ئۆزىنىڭ چەت ئەللەردىكى ئىگىلىگەن ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق خۇلاسە چىقارغان: بىرىنچى، بۈگۈنكى دۇنيا شارائىتىدا قوشنا ۋە باشقا چەت دۆلەتلەردىن ئىنقىلابىمىزغا ياردەم كۈتمەك مۇمكىن ئەمەس. مەن بۇ ھەققە كۆپلىگەن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن پىكىرلەشتىم، ئىككىنچى، ئىنقىلابنىڭ قوزغۇلۇش نوقتىسى خوتەندە بولۇشى لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن ئۇدۇل خوتەنگە كەلدىم .

سابىت داموللام رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن خوتەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا << قۇرئان >> ۋە ھەدىسلەردىن ۋەز ئېيتىپ، بولۇپمۇ جىھات توغرىسىدىكى تەلىماتلارنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، قوزغىلاڭ ئۈچۈن خەلق ئىچىدە ئومومىي بىر پىكىر ئېقىمى بەرپا قىلىپ، ماددىي ۋە مەنىۋى كۈچلەرنىڭ توپلىنىشىغا كۈچ چىقاردى .
1933 - يىلى 2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، قارىقاشتا قوزغىلاڭ پارتلىغان. 1933 - يىلى 4 - ئايغىچە خوتەن تەۋەسى قوزغىلاڭچىلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن . شۇنىڭ بىلەن 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى << ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەت خوتەن >> دېگەن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇلغان. سابىت داموللام قوزغىلاڭ جەريانىدا، يەكەن قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن خوتەن قوزغىلاڭچىلىرى ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەتنى مۇۋاپپەقىيەتلىك ياراشتۇرغان .

1933 - يىلى 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ساۋۇت داموللام بىلەن مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ ئىنىسى ئىمىر ئابدۇللا (شاھ مەنسۇر) ئىككى مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ يەكەندىن قەشقەرگە قاراپ يولغا چىققان. سابىت داموللاملار يەكەندىكى چاغدا، قەشقەردىن تۆمۈر شىجاڭنىڭ ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللام باشچىلىقىدىكى تۆت ۋەكىلى يەكەنگە يېتىپ كەلگەن . ئۇلار قوزغىلاڭچىلارنىڭ قەشقەرگە بېرىشىنىڭ ھاجىتى يوقلىقى توغرىسىدا سابىت داموللاملار بىلەن كېڭىش ئۆتكۈزگەن . سابىت داموللام باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار بۇنىڭغا قەتئىي قوشۇلمىغان .

ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللام پەيزاۋات شاپتۇللۇق كىشى بولۇپ دىنىي مەلۇماتى يۇقىرى بولغاچقا، قەشقەر تەۋەسىدە تەسىرى زور بولغان. لېكىن بۇكىشى سېپى ئۆزىدىن مۇناپىق بولۇپ، ئابدۇقادىر داموللامغا قەسىت قىلىش سۇيىقەستىگە قاتناشقان ، ئوسمان پاشا بىلەن تۆمۈر شىجاڭنى زىددىيەتكە سېلىپ، ما جەنساڭ ئۈچۈن كەتمەن چاپقان. ئۇ 1934 - يىلىدىن كېيىن، يەنى شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى دەۋرىدە ئەتىۋارلىنىپ ئىشلىتىلگەن ھەم قەشقەردە قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان . 1935 - يىلى يازدا ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئۆلكەبويىچە ئېچىلغان << ئىككىنجى قېتىملىق ئاۋام كونفىرىنىيىسى >> گە قاتناشقان . قايتىپ بارغاندىن كېيىن، شېڭ شىسەيگە بولغان ئالاھىدە ئىخلاسى ھەققىدە سۆزلەپ يۈرگەن ھەم ئۇنىڭ << ئالتە بۈيۈك سىياسىتى >> نى تەشۋىق قىلغان .

1936 - يىلى 5 - ئايدا، شېڭ شىسەي قەشقەرنىڭ ۋالىسى، سوۋېت ئىتتىپاقى بولشىۋېكلارپارتىيىسىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ باۋچەنگە تېلېگرام بېرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئېكۇسكۇرسىيە ۋە زىيەرەتتە بولۇش ئۈچۈن سودا - سانائەتچىلەر تەكشۈرۈش ئۆمىكى تەشكىل قىلغانلىقىنى، شۇڭا قەشقەر ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇدىرى ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللامنى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىپ بېرىش لازىملىقىنى ئۇقتۇرغان . شېڭ شىسەينىڭ ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللامدىن پايدىلانماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلگەن مەھمۇت شىجاڭ ئۇنىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىشىغا يول قويمىغان. ئۇ، 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى كېچىدە، ئادەم ئەۋەتىپ ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللىنى قەشقەر كونا شەھەرنىڭ ئۆتەڭ بازىرىدا يۇشۇرۇن ئولتۇرگۈزۈۋەتكەن. شېڭ شىسەي مەھمۇت شىجاڭنىڭ بۇ ئىشىغا غەزەپلىنىپ، مەھمۇت شىجاڭدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، مەھمۇت شىجاڭنىڭ يېقىن ئادەملىرىدىن ئابدۇراخمان ھاجى بىلەن ئەمەت قۇل ھاجىنى ساقچى ئىدارىسى ئارقىلىق قولغا ئېلىپ، ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كەتكەن .

ئەنە شۇ ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللام سابىت داموللاملار بىلەن يەكەندە قىلغان كېڭىشتىن كېيىن، بەزى كىشىلەرگە، ئۇلارنىڭ جۇمھۇرىيەت قۇرىمىز دېگىنى نېمىسى؟ ماجەنساڭلارغا كۇچى يېتەمدىكەن؟ دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى قىلىپ، سابىت داموللامنىڭ كەينىدىن غەيۋەت قىلغان. تۆمۈر شىجاڭنىڭ ۋەكىللىرىنى كۈتۇشكە مەسئۇل بولغان بىر كىشى بۇ سۆزنى ئاڭلاپ قېلىپ، ئىمىر ئابدۇللاغا ئېيتىپ قويغان .

قەشقەردىن كەلگەن ۋەكىللەر ئەتىسى قايىتماقچى بولغاندا، ئىمىر ئابدۇللا (شاھ مانسۇر) ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللامنى ئېلىپ قېلىپ نەزەربەند قىلىپ قويغان. ۋەكىللەر قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ يەكەندىكى كېڭىشتە بولۇنغان سۆزلەرنى ۋە ئىمىر ئابدۇللانىڭ ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللامنى نەزەربەند قىلىپ قويغانلىقىنى تۆمۈر شىجاڭغا يەتكۈزگەن. تۆمۈر شىجاڭ بۇنىڭغا خاپا بولۇپ، ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللامنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، قەشقەر ئولىمالىرىدىن يەنە ۋەكىللەرنى تەشكىللەپ يەكەنگە ئەۋەتكەن . ئىمىر ئابدۇللا ۋەكىللەرگە: ئابدۇغوپۇر شاپتۇلنى ھازىر قوشۇپ بېرىمىز، ئەمما بۇ نىڭدىن كېيىن ئۇ پىتنە - پاسات تارقاتمىسۇن! دەپ جىكىلىگەن .

سابىت داموللام بىلەن ئىمىر ئابدۇللا يىتەكچىلىكىدىكى ئىككى مىڭ كىشىلىك قوشۇن يېڭىسارغا يېتىپ كەلگەندە، تۆمۈر شىجاڭ قەشقەردىن يېڭىسارغا كېلىپ، سابىت داموللاملارنىڭ قەشقەرگە بارماسلىقىنى ئۆتۈنىدۇ. لېكىن سابىت داموللام بىلەن ئىمىر ئابدۇللا ئۆز پىكرىدەە چىڭ تۇرۇپ، قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقىپ، 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى قەشقەرگە يېتىپ كېلىدۇ .

قەشقەر دىكى ھامىتخان لۈيجاڭ، ھەمدەمبەگ ھاجىم لۈيجاڭ، سېتىۋالدىجان (ئۆزبېك، قەشقەرگە قېچىپ كەلگەن باسمىچىلارنىڭ باشلىقى) ، كىچىك ئاخۇن تۈئەنجاڭ قاتارلىقلار ئالتە يۈز دەك ئەسكەر بىلەن، ئوسمان پاشا (لۈيجاڭ) ، ئۇراز تۈئەنجاڭلار باشچىلىقىكىدى قىرغىزلار تۆت يۈز قۇشۇن بىلەن سابىت داموللىنى كۈتۈۋالغىلى چىقىدۇ. ئون مىڭلىغان شەھەر پۇقرالىرى يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا تۇرۇپ، ئۇنى قارشى ئېلىشىدۇ .

سابىت داموللام، ئىمىر ئابدۇللا باشچىلىقىدىكى خوتەن قوشۇنلىرى قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن، ئوسمان پاشا ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئالغان بولسىمۇ، لېكىن تۆمۈر شىجاڭ ئۆزىنىڭ تەسىرىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىۋاتقانلىقىغا چىدىماي، 1933 - يىلى 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ھامىتخان لۈيجاڭ، ھەمدەمبەگ ھاجى، سېتىۋالدىجان، كىچىك ئاخۇنلارغا بۇيرۇق بېرىپ، ساۋۇت داموللام ۋە شاھ مانسۇر تۇرغان ئورۇنلارنى قورشىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ئەسكەرلىرىنى پۈتۈنلەي قورالسىزلاندۇرغان ھەمدە سابىت داموللام بىلەن شاھ مانسۇرنى ياۋاغدىكى بىر ھويلىغا نەزەربەند قىلىپ قويغان. بۇ ۋەقەدىن كېيىن، تۆمۈر شىجاڭغا ماجەنساڭدىن تارتىپ ھەممىسى قاتتىق بويسۇنۇپ، ئۇنىڭغا << سىلىڭ >> لىق تامغىسىنى تاپشۇرغان. تۆمۈر شىجاڭ بۇ تامغىنى بىر كۈن شەھەر ئايلاندۇرۇپ داغدۇغا قىلغان. بۇنىڭغا غەزەپلەنگەن ئوسمان پاشا 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئەسكەرلىرىنى باشلاپ، ئۆز يۇرتى قىزىل ئۇيغا چىقىپ كەتكەن. 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ماجەنساڭ تۆمۈر شىجاڭنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن، قەشقەر ماجەنساڭنىڭ قولىغا ئۆتكەن. سابىت داموللام بۇ چاغدا يۇرتى ئاتۇشقا چىقىپ كەتكەن. تۆمۈر شىجاڭ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئوسمان پاشا قايتىدىن قەشقەرگە كېلىپ، قەشقەرنى ئىلكىگە ئالغان ھەمدە تۆمۈر شىجاڭغا تەۋە قوشۇللارنى ئۆزىگە قوشىۋالغان .

ئوسمان قەشقەرنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، سابىت داموللام ئاتۇشتىن قەشقەرگە كېلىپ، ئوسمان بىلەن كۆرۇشكەن. 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى قەشقەر شەھىرىدە خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەر ئىش باشقۇرۇش ئىدارىسىنى قۇرغان. 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى بۇ ئىدارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۆرنىغا << شەرقىي تۈركىستان مۈستەقىللىق جەمئىيىتى >> نى قۇرغان .

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا، ئەينى مەيداندا بار بولغان سەيپىدىن ئەزىزى كېيىن << ئۆمۈر داستانى >> ناملىق ئەسلىمىسىنىڭ بىرىنچى قىسمىدا مۇنداق يازغان: << شۇنداق قىلىپ، ھىجىرىيە 1352 - يىل 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، مىلادى 1933 - يىل 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى قەشقەردە < شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى > قۇرۇلۇپ، كۆنچى مەھەللىسىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا بايراق چىقاردى. بۇ بايراق ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ئىدى. بايراق چىقىرىپ، < جۇمھۇرىيەت > قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاش چوڭ يىغىنىدا، < ھۆكۈمەت > ئىسىملىكى، ئاساسىي قانۇن ۋە < دۆلەت شېئىرى > ئېلان قىلىندى >> .

<< قەشقەر تارىخ ماتېرىياللىرى >> نىڭ 1 - قىسمىدا چاڭ شېياڭ مۇنداك يازغان: <<11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى (ھىجىرىيە 1352 - يىل 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى) كېچىدە < شەرقىي تۈركىستان مۈستەقىللىقى جەمئىيىتى > قەشقەر كونىشەھەردە يىغىن چاقىرىپ، < شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى > نىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. < تەشكىلىي پروگرامما > قاتارلىق ھۈججەتلەرنى ماقۇللىدى .

11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، < شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى > ھاكىمىيىتى قەشقەر كونا شەھەرنىڭ تۈمەن دەرياسى بويىدا، يەنى ياۋاغ كۆۋرىكىنىڭ يېنىدا، يىگىرمە مىڭ كىشىلىك يىغىن ئېچىپ، بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، < شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى > ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزەلىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى. سابىت داموللام ئۆزى < دۆلەت ئىشلىرى باش ۋەكىلى > بۇلدى. ئاقسۇدا تۇرىۋاتقان خوجىنىياز ھاجىغا دۆلەت رەئىسى ئورنىنى قويۇپ قويدى. سابىت داموللام ئۇزۇن سۆز قىلدى. سۆزدىن كېيىن، شەھەردە نامايىش قىلىندى .
11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، سابىت داموللام شۋېتسىيە كاتولىك دىنىي جەمئىيىتىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق ۋەكالەتخانىسىنىڭ قۇتلۇق ھاجى باش مۇھەررىر لىكىدىكى باسمىخانىسىدا < شەرقىي تۈركىستان ھەپتىلىك گېزىتى > نى (بەزىلەر < يېڭى ھايات گېزىتى > دەيدۇ) چىقاردى. يېرىم ئايدىن كېيىن، < مۇستەقىللىق > ئايلىق ژۇرنىلى چىقىرىلدى، ئۇنىڭدا، < شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى > رەھبەرلىرىنىڭ ئىسىملىكى ۋە مۇھىم ھوججەتلەر بېسىلدى، كەڭ كۆلەمدە جامائەت پىكرى تاييارلاندى >>.
يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر << ئويغانغان زېمىن >> ناملىق رومانىنىڭ 2 - قىسمىدا مۇنداق يازغان: << . . . ئۇنىڭدا جۇمھۇرىيەت رەئىسى خوجىنىياز ھاجىم دېيىلگەن كېيىن، سابىت داموللام (ئاتۇش) باش ۋەكىللىككە، جانىبېك قازى (قىرغىز) مۇئاۋىن باش ۋەكىللىككە، زېرىپ قارا ھاجى (ئۆزبىك) ئەدلىيە مىنىستىرلىكىگە، قاسىمجان ھاجى (خوتەن) خارجى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە، ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم (قەشقەر) مائارىپ مىنىستىرلىكىگە، ئابدۇللاخان(ئۆزبىك) سەھىيە مىنىستىرلىكىگە، مەھمۇت موھىتى (تۇرپان) ھەربىي قۇماندانلىققا، ئورازبېك (قىرغىز) دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىگە، يۈسۈپجان قۇربېشى (ئۆزبېك) باش شىتاپ باشلىقلىقىغا، ئۇبۇل ھەسەن ھاجى (ئاتۇش) سودا - دېھقانچىلىق مىنىستىرلىكىگە، شەمسىدن داموللام (ئاتۇش) ئەۋقاپ < ۋەخپە > ئىشلىرى مىنىستىرلىكىگە، مۇھەممىدىن ھاجى (قەشقەر) ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىپلىقىغا كۆرسىتىلگەنىكەن >>.
1933 - يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان << شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى >> سىتالىن ھۆكۈمىتى بىلەن شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ساراسىمگە سالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خوجىنىياز ھاجىغا ۋەدە بېرىپ، ئۇنى ئىندەككە كەلتۈرۈش ئارقىلىق بۇ يېڭى قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتنى يوقىتىشنى پىلانلىغان .
1934 - يىلى 3 - ئايدا، ئۇلۇغچاتقا تەۋە ئەركەشتامدا، سىتالىن ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى خوجىنىياز ھاجىنى شىنجاڭ ئۆلكىسىگە مۇئاۋىن رەئىس قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىپ، بۇنىڭ ئۈچۈن، خوجىنىيازنىڭ ئۇلۇغچاتتىكى ئىسھاقبېك تۈئەنجاڭ بىلەن بىرلىشىپ ۋە شېڭ شىسەي قىسىملىرى بىلەن ماسلىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنى تىنچلاندۇرۇشنى شەرت قىلغان. خوجىنىياز ھاجى سىتالىن ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە كۆنگەن ھەمدە سابىت داموللام قاتارلىق كىشىلەرنى قولغا ئېلىپ، شېڭ شىسەيگە تاپشۇرۇپ بېرىشكە ۋەدە قىلغان .

1934 - يىلى 4 - ئايدا، خوجىنىياز ھاجى يەكەندە زىرىپ قارى ھاجى، شەمسىدىن داموللا، ئابلاخان سۇلتانبەگ قاتارلىق تۆت كىشىنى نەزەربەند قىلغان. 4 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، مەھمۇت شىجاڭ قول ئاستىدىكى غوپۇر تۈەنجاڭنى قاغىلىققا ئەۋەتىپ، سابىت داموللامنى قولغا ئالغان. خوجىنىياز ھاجى سابىت داموللام بىلەن زىرىپ قارى ھاجىنى ئاقسۇغا يالاپ ئېلىپ كېلىپ، شېڭ شىسەينىڭ ئاقسۇدىكىى قىسىملىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن .

سابىت داموللامنى شېڭ شىسەيگە تۇتپ بېرىش بەدىلىگە خوجىنىياز ھاجى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. لېكىن، ئۇ مەھمۇت شىجاڭ قوماندانلىقىدىكى مىللىي قىسىمنى قەشقەردە قالدۇرۇشنى شەرت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن، مەھمۇت شىجاڭ قەشقەردە شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىگە تەۋە بولغان ئالتىنچى دىۋىزىيىنىڭ (كېيىنچە يەتتىنچى دىۋىزىيىگە ئۆزگەرتىلگەن) شىجاڭى بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ئورۇنغا ئىگە بولغان .
سابىت داموللام 1934 - يىلى شېڭ شىسەينىڭ ئۈرۈمچىدىكى تۈرمىسىگە قامالغان. خوجىنىياز ھاجىمۇ 1937 - يىل 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى << ياپۇن جاھانگىرلىكىنىڭ قۇيرۇقى >> دېگەن توھمەت بىلەن شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ زىندانغا تاشلانغان . خوجىنىياز ھاجى 1938 - يىلى سىتالىن ھۆكۈمىتى تەرپىدىن تەربىيىلىنىپ ئۈرۈمچىگە - شېڭ شىسەيگە ياردەمگە ئەۋەتىلگەن ھاشىم ھاجى دېگەن كىشى تەرىپىدىن سىرتماقتا بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن . خوجىنىياز ھاجى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، كىشىلەر سابىت داموللامنىمۇ ئۆلتۈرۈلۈپ بولدى دەپ قاراشقان. لېكىن، سابىت داموللام 1940 - يىلىغا كەلگىچە ھايات ساقلانغان. 1940 - يىلى ئۈرۈمچى ئىككىنچى تۈرمىنىڭ باشلىقى لۇ بىندى ئىسىملىك خۇيزۇ سابىت داموللام بىلەن تونۇشۇپ قالغان. لۇ بىندى سابىت داموللامنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئۇنىڭغا << قۇرئان كەرىم >> بىلەن قەغەز - قەلەم ئەكىرىپ بەرگەن ھەم سابىت داموللامنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلاپ بەرگەن. شۇ كۈندىن باشلاپ، سابىت داموللام << قۇرئان كەرىم >> نى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە - تەفسىر قىلىشقا كىرىشكەن. ئون ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، ئۇ تەرجىمە - تەفسىرىنى تولۇق تاماملىغان .

سابىت داموللا << قۇرئان كەرىم >> نىڭ تەرجىمە - تەفسىرنى تاماملاپ ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنى 1941 - يىلى ئەللىك سەككىز يىشىدا ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلغان .

مەنزىل: شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان< <مەمتىلى ئەپەندى >> ناملىق كىتاب .
ئەسكەرتىش: كۆچۈرۈپ چاپلىسىڭىز بولىدۇ لىكىن مەنزىلنى ئەسكەرتىپ قويارسىز ! ھەرقانچە نىپىز
مەنبەسى:بىلىك

تەرتىپ نومۇرى باھالىغۇچى ئومۇمىي باھا 18   ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش||  ||باھا بېرىش||
باھا ۋاقتى

1 udun  بۇ سابىت داموللام ھەققىدە مەن ئوقۇغان ئەڭ ياخشى ماتىرىيال بولدى، زور كۆپچىلىك ئادەم سابىت داموللامغا قىزىقىدۇ، مەن ئۇزۇندىن بۇيان بۇ ئادەمنى بىر ئەسەبى ، خوجىنىيازدەك قارا تۈرك ئادەم سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلىپ كەلگەن ئىدىم، ھالا بۈگۈنكى كۈندە، لىللا باھاغا ئېرىشىپتىمەن، تورداشلارمۇ ماڭا ئوخشاش قاراشتا بەلكىم.
ئويلىنىپ قالدىم:

1.ستالىن "ئالتە ئوغرى" نى نەدە تەربىيىلىگەندۇ؟ ھاشىم ھاجىنىچۇ؟
2."سۇ بويىدا" رومانىدا، سوڭجىياڭ ساداقەت كۆرسىتىش ئۈچۈن فاڭلانى ئۆلتۈرىدۇ، ئاقىۋەت ئۆزىمۇ سوڭ پادىشاسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۇلىدۇ. خوجىنىياز "سۇ بويىدا"نى ئوقۇمىغان، بىراق شېڭ شىسەي ئوقۇغان-دە. ئوقۇمىغاننىڭ زىيىنى دېسە مۇشۇنى دېسە بولامدۇ نېمە؟
3.ئەينى چاغدا، خەلقىمىز زۇلۇمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن شېڭ نى ئاغدۇرماي بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇنىڭغا قارشى كۈرەشكە ئاتلانغان. بۇ كۈرەشلەرنىڭ بەزىلىرى بۆلگۈنچىلىك، بەزىلىرى دېموكراتىك ئىنقىلاپنىڭ بىر قىسمى دەپ تارىخ بېتىگە خاتىرىلەندى. تارىخ ئەمەلىيەتمۇ ياكى باھامۇ؟
4.مەن بۇ ماقالىنى ئوقۇپ، سابىت داموللامنى بىر دىنى ئالىم، خەلقپەرۋەر زات دەپ چۈشەندىم، يەنە كىملەر نېمە دەپ چۈشىنىمەن دېسە ،بۇ ماقالىدىن تولۇقى بىلەن تېپىلىدىغاندەك تۇرىدۇ، خەلق ئەڭ ئادىل باھالىغۇچى دېگەنگە قانداق قارىشىمىز كېرەك؟ 2008/1/6 04:11

2 ertoghrul
  نەقىل:
1 - قەۋەتتىكى udun 2008-01-06 04:11 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
  بۇ سابىت داموللام ھەققىدە مەن ئوقۇغان ئەڭ ياخشى ماتىرىيال بولدى، زور كۆپچىلىك ئادەم سابىت داموللامغا قىزىقىدۇ، مەن ئۇزۇندىن بۇيان بۇ ئادەمنى بىر ئەسەبى ، خوجىنىيازدەك قارا تۈرك ئادەم سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلىپ كەلگەن ئىدىم، ھالا بۈگۈنكى كۈندە، لىللا باھاغا ئېرىشىپتىمەن، تورداشلارمۇ ماڭا ئوخشاش قاراشتا بەلكىم.
ئويلىنىپ قالدىم:

1.ستالىن "ئالتە ئوغرى" نى نەدە تەربىيىلىگەندۇ؟ ھاشىم ھاجىنىچۇ؟
2."سۇ بويىدا" رومانىدا، سوڭجىياڭ ساداقەت كۆرسىتىش ئۈچۈن فاڭلانى ئۆلتۈرىدۇ، ئاقىۋەت ئۆزىمۇ سوڭ پادىشاسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۇلىدۇ. خوجىنىياز "سۇ بويىدا"نى ئوقۇمىغان، بىراق شېڭ شىسەي ئوقۇغان-دە. ئوقۇمىغاننىڭ زىيىنى دېسە مۇشۇنى دېسە بولامدۇ نېمە؟
3.ئەينى چاغدا، خەلقىمىز زۇلۇمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن شېڭ نى ئاغدۇرماي بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇنىڭغا قارشى كۈرەشكە ئاتلانغان. بۇ كۈرەشلەرنىڭ بەزىلىرى بۆلگۈنچىلىك، بەزىلىرى دېموكراتىك ئىنقىلاپنىڭ بىر قىسمى دەپ تارىخ بېتىگە خاتىرىلەندى. تارىخ ئەمەلىيەتمۇ ياكى باھامۇ؟
.......


تېمىغا بەك مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ، قىزىقارلىق بىىر مۇلاھىزە تېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز، گەرچە بىلىمىم چولتا بولسىمۇ سوئاللىرىڭىزغا ئورتاقلىشىشى ئۈچۈن بۇ ئىنكاسنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.

سابىت داموللام بىر قىزىق نۇقتا، شۇڭا مەيلى مەتبىئات ياكى توردا بولسۇن بۇ ھەقتە بىرنەرسە يېزىش ئادەمنى ھەقىقەتەن ئەندىشىگە سالىدۇ، چۈنكى بۇنىڭدا قىلدىن قىيىق كەتكەندە مەيلى مەتبۇئات ياكى تور بەت بولسۇن ۋە ياكى يازغۇچىنىڭ ئۆزىگە بولسۇن ئىش تېپىپ بېرىدۇ، شۇڭا مېنىڭمۇ بۇ ھەقتە ئارتۇق توختالغىم يوق، سابىت داموللا ھەققىدىكى قاراشلىرىڭىزغا قوشۇلىمەن، پەقەت سابىت داموللام، بىمەھەل بىر پەيتتە مۇۋاپىق بولمىغان بىر ئىشنى قىلىپ قويدى.
ئەمدى سوئاللىرىڭىزغا جاۋاپ:

1. سىتالىن گەرچە " ئالتە ئوغرى " بىلەن ھاشىم ھاجىنى ئوخشاش بىر دۆلەتتە تەربىيىلىگەن بولسىمۇ لېكىن ئۇلار ئالغان دەرس ۋە تەربىيىلەش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ.
2. خوجانىياز ھاجى گەرچە " سۇ بويىدا " نى ئوقۇمىغان بولسىمۇ لېكىن "تۆمۈر خەلىپە پاجىئەسى" نى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئىدى، بۇ جەھەتتە ئۇ شېڭ شىسەيدىن بەكراق ئىبرەت تەربىيىسىگە ئىگە ئىدى، لېكىن ئۇنىڭدىكى ئۇيغۇرغا خاس ساددىلىق ۋە ئاقكۆڭۈللۈك، سىياسىي جەھەتتىكى پىشىپ يېتىلمەسلىك بۇ پاجىئەنىڭ يەنە تەكرارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
3. بۇ سوئالىڭىز بەك نازۇك سوئالكەن، تارىخنى ھۆكۈمرانلار قانداق يازغۇسى كەلسە شۇنداق يازىدۇ، گەرچە باھانى خەلق بەرسىمۇ لېكىن كۆپ ھاللاردا خەلقنىڭ باھاسى پەقەت ئېغىزدىلا قالىدۇ.
4. سابىت داموللامغا ھازىرچە قايسى مەيداندا تۇرۇپ باھا بەرسىڭىز بولىۋېرىدۇ. 2008/1/6 13:35

3 udun 2 قەۋەتتىكى (Ertoghrul) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قايتۇرۇش
تەھلىلىڭىز تولىمۇ ئەتراپلىق بوپتۇ، مەنمۇ مۇشۇنداق بىر قىززىق مۇنازىرە سورۇنىنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئىدىم. تارىختىكى نازۇك مەسىلىلەرگە نىسبەتەن كىشىلەردە ھامان ئوخشىمىغان كۆزقاراشلار بولىدۇ، دەل مۇشۇ يېرى ئۇنى قىززىق نۇقتىغا ئايلاندۇرىدۇ، كىشىلەر بۇنداق مۇنازىرە سورۇنلىرىدىن ئەڭ يېڭى يەكۈنلەرگە ئېرىشىشنى ئىستەيدۇ. مەن سىزنىڭ جاۋابىڭىزنى خېلى جىق تورداشلارنى مەنپەئەتلەندۈردى ، دەپ قارايمەن.
ئەرتوغرۇل ئەپەندىگە    ئوخشاش تارىخ بىلىمى مۇكەممەل، كۆزقارىشى ئېنىق بولغان تورداشلىرىمىزنىڭ داۋاملىق ھالدا بۇ مۇنازىرىگە ئىشتىراك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 2008/1/6 14:24

4 brave-heart بۇ ئادەمگە باھا بېرىشكە مەن ئاجىزلىق قىلىدىكەنمەن. 2008/1/7 10:21

5 bares ئۇ ھەقىقەتەن بىلىملىك زات ئىكەندۇق لىكىن ئۆمۈر ئۆزلەرنىڭ كاساپپىتىگە كەتتى . 2008/1/7 19:15

6 chiparyilan مەن غوجا نىياز ھاجىمنىڭ تارىخى پاجىئەنى قايتا تەكرارلىدى دىگەن باھاغا ئانچە چۇنپۇتۇپ كەتمەيمەن،چۇنكى ئەينى ۋاقىتتا ستالىن بىلەن شىڭشىسەي بىر ئىشتاننى تەڭ كىيىۋالغان چاغلار بولۇپ غوجا نىياز بىلەن ماجوڭيىڭنىڭ قوزغۇلىڭىنى( ھازىرچە مۇشۇنداق ئاتاپ تۇراي) شىڭشىسەي بىلەن ستالىن بىرلىشىپ باستۇرغان، ئەينى ۋاقىتتا ستالىننىڭ خىنجاڭغا ئۇرۇش ئايرۇپىلانى بىلەن ئەسكەر كىرگۇزگەنلىگى پاكىت. غوجا نىياز ھاجىمنىڭ قاتتىق بىسىمغا دۇچ كەلگەنلىگى ئىنىق! كۇچ سىلىشتۇرمىسىنى ئىلىپ ئەيتيقادا غوجا نىياز ھاجىم ھەرگىز تەڭ كىلەلمەيدۇ! غوجا نىياز ھاجىم ھەرگىز سۇ بويىدىكى سوڭجاڭغا ئوخشاش خانغا ساداقاتلىك كورسۇتۇش ئۇچۇن تەسلىم بولمىدى، ئاخىرقى پادىخاھ فۇيىغا ئوخشاش ئامالسىز قارانچۇق بولدى، قىلىچ كىمنىڭ قولىدا بولسا ھەقىقەت شۇنىڭكى! پۇتۇن دۇنيا ئىتىراپ قىلغان بىر سوز ( ئاجىز دولەتلەرنىڭ دىپلوماتىيەسى بولمايدۇ 2008/1/8 11:56

7 arman0912 ھەر  نىمە  دەيمىز  لېكىن  دەۋىر  بىزگە  ئوڭ  كۈزى  بىلەن  باققان  ۋاخلار  ئەمەستە ! 2008/1/8 13:38

8 Erktekin << رەستە ۋەقەسى >> توغرۇلۇق بىلىدىغانلار بارمۇ ؟ 2008/1/8 14:23

9 romantik        ھەرقايسى تورداشلارنىڭ ئىنكاسلىرىنى كۆرۈپ ھەقىقەتەن خۇشال بولدۇم.
بۇمىنىڭ 1-قىتىم تىما يوللىشىم ئىدى، ئىتايىن قورققانتىم ،لىكىن ئىنكاسلارنى كۆرۈپ
يىڭى بىر ئۆگىنىش مۇھىتى تاپقاندەك بولدۇم. 2008/1/8 16:40

10 bares
  نەقىل:
8 - قەۋەتتىكى Erktekin 2008-01-08 14:23 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
<< رەستە ۋەقەسى >> توغرۇلۇق بىلىدىغانلار بارمۇ ؟


بۇ ۋەقەنى پەقەت ئاڭلاپ ب اقماپتىكەنمەن ...بىلگۈچىلەر يولللاپ قويساڭلار بولامدۇ ؟ 2008/1/14 21:43
 جەمئىي باھا 18  ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
بەت نومۇرى 1/2  |<  <<   1 2   >>  >|

Powered by DiY-Page 5.3.1 © 2005-2009


Menbe: http://www.orkhun.com/web/?dp-bbsthread-331.html
Aziz Isa Elkun   http://www.azizisa.org