Administrator
|
تەڭرى قامچىسى- ئاتتىلا
(يۈسۈپچان ياسىن) كىرىش سۆز ھۇنلار بۇنىڭدىن تۆت-بەش مىڭ يىللار ئىلگىرى ئېلىمىزنىڭ شىمالى تەرەپلىرىدە ياشىغان قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار مەملىكىتىمىزنىڭ كەڭ زىمىنىنى ئېچىش ۋە پارلاق مەدەنيىتىنىڭ شەكىللىنىشىدە ناھايتى زور رول ئوينىغاندى. ئېلىمىز مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولغىنىدەك، ھۇنلار مىلادىيىدىن بىر قانچە مىڭ يىللار بۇرۇنلا ئوتتۇرا ئاسىيادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 4- ئەسىردىن باشلاپ، ھۇنلار ناھايتى قۇدىرەتلىك بىر سىياسى كۈچ سۈپىتىدە تارىخ سەھنىسىدە كۆرۈلۈشكە باشلىغان. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىرگە كەلگەندە، ھۇنلاردا باتۇر تەڭرىقۇت (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 209-174-يىللاردا تەخىتتە ئولتۇرغان) ئىسىملىك بىر مەشھۇر داھى ئوتتۇرغا چىقتى. باتۇر تەڭرىقۇت قەدىمكى زامان دۇنيا تارىخىدىكى قۇدىرەتلىك دۆلەت-ئاسىيا ھۇن ئېمپىرىيىسىنى قۇردى، بەزى تارىخشۇناسلار باتۇر تەڭرىقۇتنى ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى «ئوغۇزخان» بىلەن بىر كىشى دەپ قارايدۇ. باتۇر تەڭرىقۇتتىن 600 يىل كېيىن، ياۋروپادا ئوتتۇرغا چىققان ئاتتىلا ئۇلۇغ بوۋىسى باتۇرنىڭ روھى ۋە ئىش-ئىزلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. ئاتتېلا ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش جەھەتتىكى دانىشمەنلىكى، ھەربى ئىشلار جەھەتتىكى يۈكسەك تالانتى ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتىكى ماھىرلىقى بىلەن ياۋروپا ھۇن ئېمپىرىيىسىنى ئەينى دەۋىر ياۋروپا دۇنياسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندۇردى. ياۋروپا ھۇن ئېمپىرىيىسى ئاتتىلا دەۋرىدە مىسلىسىز دەرىجىدە قۇدىرەت تېپىپ، ياۋروپا خىرىستىئان دۇنياسىنى قاتتىق چۆچۈتكەن دەھشەتلىك بىر سىياسى كۈچكە ئايلاندى. ھەتتا، نامى مەشھۇر رىم ئېمپىرىيىسىمۇ ھۇنلارغا داۋاملىق تۈردە باج تاپشۇرۇش شەرتى بىلەن ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئاران ساقلاپ قالغان. مانا مۇشۇنداق قۇدىرەتلىك بىر سىياسى كۈچنى بارلىققا كەلتۈرگەن كىشى ئاتتىلا بولغاچقا، تارىختا ياۋروپا ھۇنلىرى «ئاتتىلا ھۇنلىرى»، ياۋروپا ھۇن ئېمپىرىيىسى بولسا، «ئاتتىلا ئىمپىرىيسى» دەپ ئاتالغان. ئاتتىلا ئىمپىرىيىسىنىڭ زىمىنى غەربتە ئاتلانتىك ئوكياندىن، شەرقتە ئىران، ھەتتا ئالتايغىچە،شىمالدا بالتىق دېڭىزىدىن جەنۇبتا دوناي دەرياسىغىچە سۇزۇلغان. ئاتتىلانىڭ ياۋروپا خىرىستىئان دۇنياسىدا پەيدا قىلغان كۈچلۈك تەسىرى تا بۈگۈنگە قەدەر ياۋروپا مىللەتلىرى تەرىپىدىن ياد ئېتىلىپ كەلمەكتە. مىسال قىلىپ ئېيتىدىغان بولساق، 1900-يىلى گېرمانىيە ئارمىيسى يىراق شەرققە يۈرۈش قىلغاندا، گېرمانىيە پادىشاھى ۋىلگېلىم ئۇلارغا مۇنداق نۇتۇق سۆزلىگەن: «بۇنىڭدىن مىڭ نەچچە يۈز يىل بۇرۇن، ئاتتىلانىڭ قوماندانلىقىدىكى ھۇنلارنىڭ ياۋروپادا ئېلىپ بارغان ھەيۋەتلىك ھەربىي يۈرۈشلىرى ۋە مۇقەددەس غەلبىلىرى، بۈگۈنگە قەدەر ياۋروپا مىللەتلىرىنىڭ ئەپسانە-رىۋايەتلىرىدە، شېئىر-قوشاق، داستانلىرىدا تەرىپلىنىپ ۋە مەدھىيلىنىپ كەلمەكتە. خۇددى شۇنىڭدەك، نېمىس مىللىتىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىمۇ سىلەر ئارقىلىق بىز ئىگىلىگەن دۆلەتتە داستانغا ئايلىنىپ، نەچچە مىڭ يىللارغىچە تارقىلىپ يۈرسۇن».①مانا بۇ ھۇنلارنىڭ، شۇنداقلا ئاتتىلانىڭ ياۋروپادىكى تەسىرىنىڭ نەقەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ Dawami: http://www.uyghurensemble.co.uk/en-html/TengriQamchisi-ATILLA.pdf
Aziz Isa Elkun http://www.azizisa.org
|
Free forum by Nabble | Edit this page |