ياۋۇز ئەپەندىنىڭ ئانىسىنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ بەكمۇ قايغۇردۇم

classic Classic list List threaded Threaded
1 message Options
Reply | Threaded
Open this post in threaded view
|

ياۋۇز ئەپەندىنىڭ ئانىسىنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ بەكمۇ قايغۇردۇم

Aziz Isa Elkun
Administrator
   
ياۋۇز ئەپەندىنىڭ ئانىسىنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ بەكمۇ قايغۇردۇم

يوللىغۇچى iltebir   كۆرۈش 2300   يوللانغان ۋاقتى 2009/3/18 18:03  ||مۇنبەردە كۆرۈش||

جۇڭگودىكى 10 مەشھۇر ئۇيغۇر تور بېكىتىنىڭ بىرى بولغان <ئورخۇن> ئۇيغۇر تارىخى تور بېتىنىڭ قۇرغۇچىسى ياۋۇز ئەپەندىنىڭ ئانىسىنىڭ بىمەزگىل ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ بەكمۇ قايغۇردۇم. مەرھۇم يەكشەنبە كۈنى كېچىدە 55 يېشىدا يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكى بىلەن ۋاپات بولغان ئىكەن. ئەپسۇسكى بۇ شۇم خەۋەرنى ئۈچ كۈن ئۆتۈپ بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ياۋۇز ئەپەندىنىڭ قالدۇرغان شەخسىي ئۇچۇرىدىن  خەۋەر تاپتۇق. ئاللاھ مۇشۇنداق پىداكار، مىللەتسۆيەر ئوغۇلنى تۇغۇپ ئۆستۈرگەن ئانىغا جەننەت ئاتا قىلغاي. ياۋۇز ئەپەندىم :ئەل ئۈچۈن قىلغان مىننەتسىز تۆھپىلىرىڭىزدىن ئانىڭىز تۈمەنمىڭ رازىمەنلىك تۇيغۇسىدا ئىپتىخار بىلەن كۆز يۇمغاندۇ، شۇڭا سەبرى قىلىڭ، بۇ ئۆلۈم ھەممىمىزنىڭ بېشىدا بار ئۆلۈم، ئۇنىڭدىن ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالىغان ئەمەس، مەن ئورخۇندىكى بارلىق تورداشلارغا ۋاكالىتەن ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىڭىزدىن قايغۇلۇق كۆڭۈل سورايمەن. قالۇ ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن

تەرتىپ نومۇرى باھالىغۇچى ئومۇمىي باھا 51   ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش||  ||باھا بېرىش||
باھا ۋاقتى

1 Qutghur قالۇ ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن ،
اللە ياۋۇز بۇرادەر ۋە ئائىلە -تاۋابىئاتلىرىنى سەبرى-تاقەتلىك قىلغاي ! 2009/3/18 18:26

2 utuken ئاللاھتىن ئۇ ئانىمىزغا ئاخرەت ساۋابىدىن ئەجىر بىرىشىنى تىلەيمىز!
ئى يەر ئەھلى سىلەرگە سالام بولسۇنكى، سىلەر بىزدىن بالدۇر كەتتىڭلار ، شۆھبىسىزكى بىزمۇ ئۇزۇن قالماي ئارقاڭلاردىن يېتىپ بارىمىز! 2009/3/18 18:36

3 boiled رەھمان ۋە رەھيم ئاللا مەرھۇمەگە ئۇ دۇنيالىق بەخت-سائادەت ئاتا قىلغاي! 2009/3/18 19:32

4 uyghurtekin قالۇ ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن

  سەۋر قىلىڭ،،،،،،،،،،،

مەرھۇم ئانىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەت بولسۇن ئامىن 2009/3/18 20:46

5 barhan  ئانادېسەم باغرىم تولۇر، سۆيگۈم تولۇر،زېھنىم تولۇر.
  ئانا دېسەم چەككەن جاپا،كەچمىش،مۇشەققەت ئۇنتۇلۇر.

    مەنمۇ، مەرھۇم ئانامنىڭ ئىللىق باغرىنى ئەسلىسەم كۆزۈمدە ياش لىغىلدايدۇ. يۇرتۇمغا ئۆلۇم-مەرىكىلەرگە بارغىنىمدا قېرىنداشلىرىم بىلەن قۇچاقلىشىپ بىرەر ئىككى پەدە يىغلىۋالمىسام زادىلا كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ. دۇنيادا ئانىغا نېمە يەتسۇن !  مەن ئانامنىڭ نۇرلۇق سىماسىنى ئۆيدە ئولتۇرغان ھالەتتە ئەمەس،بەلكى ئىشچانلىق ھالىتىدە: سەھەردە قوپسام ئانام يېنىمدا يوق، يوتقاندىن قوپقۇنۇمدا يوغان سۆۋەتنى ئۇلاق ئوتى، گازىرنىڭ بېشى، ئوتۇن-چاۋا ياكى قوناق بېشى لىققىدە قولتۇقىدا كۆرەتتىم. ئۇنىڭ بىكار تۇرۇپ باققىنىنى ئۆمرۈمدە كۆرگىنىم يوق... پىژغىرىن ئىسسىقتا ھېلى گازىر سوقىۋاتقان، ھېلى ئۆگزىدە گازىر سورىۋارقان، بۇغداي ئۆگىتى راسلاۋاتقان، كامىناغا دولقۇنغا ۋە ئىشقا چىقىۋاتقان، دادامنىڭ تاغار،خۇرجۇن توقۇش دۇككىنى ئۈچۈن يىپ ئىگىرىۋاقان ھالەتتىلا ئەسلىيەلەيمەن، ئانام، مەن شىنجاڭ ئونۋىرسىتىدە ئوقۇۋاققان ۋاختىمدا 1985-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى تۈگەپ كەتكەن. نەچچە رەت ئانامنى چۈشەپ ئەنسىرەپ ئۆيگە خەت يازغىنىمدا خىزمەتچى ئاكا قېرىنداشلىرىم تەرار مېنى يوقلاپ چىقسا قېرىنداشلىق مېھرى شۇنداق ئوخشايدۇ دەپتىمەن. ئەسلى ئانامنىڭ ئۆلىمىنى ماڭا ئۇقتۇرماسلىق ئۈچۈن باشقىلارغا تاپىلىغىلى چىققان ئىكەن. 7-ئايدا تەتىلگە قايتىپ تاكى ئۆيگە كىرگەندە ئاندىن ئۇقتۇم. مەن ئۆينىڭ كەنجىسى بولغاچقا، جان ئانام مېنىڭ جازىدىكى رەسىمىمگە تەكرار قاراپ جان ئۈزۈپتۇ... قانداق قىلاي...قانداق قىلاي،،،قانداق چىداي...يۇرتۇمدا قانداقلا ئۆلۈم بولسا شۇ بانادا ئانا..ئانا... جېنىم ئانا دەپ ...ھازىرغىچە توۋلاپ مانا 50ياشقىمۇ كىرىپ قالدىم. چوڭ بولۇپ،خىزمەتكە چىقىپ جان ئانامغا بىر پىيالە چاي، بىر قاچا ئاش بېرەلمىگىنىمگە تولىمۇ ئۆكىنىمەن. يېقىدا يۇرتۇمغا بېرىپ ئانام يىپىنى ئېگىرگەن،دادام ئۆز قولى بىلەن توقۇغان خۇرجۇننى ئۇچرۇتۇپ قالدىم. ئائىلە ئېگىسىنىڭ دېيىشىچە 30يىل بۇرۇن دادامدىن ئۈچ يۈەنگە سېتىۋاپتىكەن. مەن پۇل تەڭلىسەم بىكارغا بەرسەك بېرىمىز، پۇلغا ساتساق بولمايدۇ دېسىمۇ 10يۈەنگە سېتىۋېلىپ، كەچقۇرۇندا ئۆيۈمگە خۇرجۇننى يۈدۈپ بۆقىرەپ يىغلاپ كىرسەم بالا-چاقام ناھايىتى قورقۇپ كەتتى... مەن ھەپتىدە بىر ئىككى قېتىم ئەشۇ خۇرجۇننى سىلاپ ياش تۆكىمەن...
   سىز نېمىلا بولمىسۇن ئانىڭىزنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالدىڭىز، كېسەل كارۋىتىدا ياتقان ئانىڭىزنىڭ مېھرىبان، پەرزەنتىگە باغرى قانماس مۇلايىم كۆزلىرىگە تەكرار-تەكرار، يېنىش-يېنىشلاپ قانغۇدەك قارىۋالدىڭىز. سەبرە قىلىڭ...سەبرە قىلىڭ...
    ئامىن...ئاللاھ، مېھرىبان ئانىڭىزنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلغاي...ئاللاھۇئەكبەر! 2009/3/18 21:47

6 taktimakan قالۇ ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن .
سەۋىر قىلىڭ ياۋۇز ئەپەندى.اللاھ سىزدەك مىللەتسۈيەر،ئالىجاناب ئەرنى بۇدۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان  سۈيۈملۈك ئانىمىزنىڭ  ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي. 2009/3/18 21:53

7 farabi مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بۇلسۇن.   2009/3/18 22:20

8 TarimDadxah قالۇ ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن ! مەرھۇمەنىڭ ھەق رەھمىتىگە يول ئالغانلىقىنى كېچىكىپ بىلدىم، ئاللاھ ياۋۇز ئىنىمدەك  پازىل ، ئەردەم ئىنساننى تۇغقان ئانا ئۈچۈن جەننەت ماكان بېرىدىغانلىقىدىن شۈبھىلەنمەيمەن ! سەۋر قىلىڭ قېرىندىشىم ! 2009/3/18 22:20

9 kumluk138 قالۇ ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن
ياۋۇز ئاكا ، قاتتىق سەبرى قىلىڭ ، ھەممىمىزنىڭ تېنىدە ئامانەت جان بار ،قاچانكى ۋاقتى يەتسە ھەققە بوي ئەگمەي ئامالىمىز يوق . ئاللاھ ئانىڭىزغا جەننەت نېسىپ قىلسۇن ئامىن ! 2009/3/18 22:28

10 edil مەرھۇمنىڭ جانى جەننەتتە بۇلسۇن. 2009/3/18 22:48
 جەمئىي باھا 51  ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
بەت نومۇرى 1/6  |<  <<   1 2 3 4 5 6   >>  >|

Powered by DiY-Page 5.3.1 © 2005-2009
Aziz Isa Elkun   http://www.azizisa.org