تۇتقىلى كېلىپ تۇتۇلۇپ قېلىش

classic Classic list List threaded Threaded
1 message Options
Reply | Threaded
Open this post in threaded view
|

تۇتقىلى كېلىپ تۇتۇلۇپ قېلىش

Aziz Isa Elkun
Administrator
تۇتقىلى كېلىپ تۇتۇلۇپ قېلىش

 مامۇت غازى

 ( ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك بانكىسىدىن )

 پىچان بىلەن مورى ئوتتۇرىسىدىكى قەدىمىي يولنىڭ پىچان تەرەپكە 72 كىلومېتىر كېلىدىغان بۆلىكىدە كەرچى دەپ ئاتىلىدىغان بىر قونالغۇ بار. بۇ يەرگە ئىككى ئەۋلاد ئىگىدارچىلىق قىلىپ كەلگەن تۆمۈرخان مېھماندوست، كۆكسى - قارنى كەڭ ئادەم بولۇپ، بۇ يەردىن ئۆتكەن يولۇچىلارغا ئاۋۋال نان، چاي بېرىپ، ئاندىن گەپ سورايتتى. 1949 - يىلى 9 - ئاينىڭ ئاخىرى شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولغان دەسلەپكى چاغلاردا، ئوسمان باندىت ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ھەمدە گومىنداڭنىڭ ئاز سانلىق قاچاق ئەسكەرلىرى تاغلارغا قېچىپ بېرىۋېلىپ، قوراللىق ئىغۋاگەرچىلىك قىلغان ۋاقتىدا، تاغ يوللىرىنى ۋە قازاق تىلىنى پۇختا بىلىدىغان تۆمۈرخان پىچاننىڭ چىقتىم رايونىدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ تاغ باندىتلىرىنى تازىلاش ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، يول باشلاش، تەرجىمانلىق قىلىش ۋە تاماق، ياتاقلارنى ھەل قىلىشقا ئوخشاش جەھەتلەردە خىزمەت كۆرسىتىپ، بىرنەچچە قېتىم تەقدىرلىنىپ مۇكاپاتلىنىدۇ. بۇ خەۋەرنى مورى تاغلىرىدا تۇرۇپ ئاڭلاپ تۇرغان ئوسماننىڭ قىزى باشچىلىقىدىكى قوراللىق باندىتلار گەرچە ئوسمانغا 1951 - يىلى 4 - ئايدا ئۈرۈمچىدە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن بولسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ ھالاكەتلىك تەقدىرىگە تەن بەرمەي، تۆمۈرخاننى تۇتۇپ كېلىپ، ئۇنىڭدىن ئىنتىقام ئالماقچى بولىدۇ. 1951 - يىلى 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئوسماننىڭ قىزى ئىككى قوراللىق ئەر( قازاق ) كىشىنىڭ ھەمراھلىقىدا كەرچىگە يېتىپ كېلىدۇ. بۇ چاغدا تۆمۈرخان مورىغا ئۆرۈك ئېلىپ ماڭغان ئۈچ ئادەمنىڭ ئېشەكلىرىنى تاقىلاۋاتاتتى.


http://www.uyghurensemble.co.uk/en-html/tutqili-kelip-tutulup-qelish.pdf




Aziz Isa Elkun   http://www.azizisa.org