ئەسلىمە ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. جىمى ھەمدۇسانا ئالاملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاغا خاستۇر. ئاللا ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر. قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر. (رەببىمىز) ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز. بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن. غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا (باشلىغىن). قاتتىق گۈمبۈرلەش بىلەن تەڭ خۇددى پۈتۈن دۇنيا تىترەپ كەتكەندەك بولۇپ كەتتى. ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغان سېزىملىرىم ماڭا نېمە ۋەقە بولغانلىقىدىن دېرەك بولۇپ تۇراتتى. ئەتراپىمغا ئەلەڭلەپ قارىدىم. كۆز ئالدىمدا چۇۋۇلۇپ كەتكەن باش، ئۈزۈلۈپ كەتكەن پۇت-قول، تىتىلغان، قانغا بويالغان بەدەن ئايان بولدى. نەپسىم بوغۇلدى، كۆز ئالدىم قايتىدىن قاراڭغۇلىشىپ كەتتى. يۈرۈكۈمنىڭ قاتتىق-قاتتىق سوقۇشىنى ھېس قىلاتتىم، لېكىن ئەتراپىمدىكى ھېچقانداق ئاۋاز قۇلىقىمغا كىرمەيتتى.... بىئاراملىق ئىچىدە ئويغاندىم، يەنە شۇ قاباھەتلىك چۈش. گەرچە ھازىر بىخەتەرلىكىم مەلۇم دەرىجىدە كاپالەتكە ئىگە بولغان بولسىمۇ، ھاياتىمنىڭ بىر مەزگىلىنى ئەنە شۇ ئۈزۈلگەن باش، پارچىلىنىپ كەتكەن بەدەننىڭ ئىگىسى بولغان قېرىنداشلىرىم بىلەن بىرگە ئۆتكەن. ئاللانىڭ مېنى ئۆلۈمدىن ئامان قىلىشىنى، نامۇ-نىشانسىز كەتكەن شۇ قېرىنداشلىرىمنىڭ تۇرمۇشىنى، ئارزۇسىنى، ئارمانلىرىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن دەپ تەبىر بەردىم، ھەم شۇنداق قىلىش مەجبۇرىيىتىم بار ئىدى. تاشلىغىلى ئۇزۇن بولغان قەلەمنى قولۇمغا ئالدىم. ئۆز ھاياتىمنى ئەسلىدىم، باشقىلارنىمۇ ئەسلەشكە تىرىشتىم. لېكىن خاتىرەم ناھايىتى غۇۋا، بەزىلەرنىڭ ئىسمى، نامۇ-نىشانى ۋە يۇرتىنى بىلمەيتتىم، بىلمىگەن ئىدىم. شۇلارغا يۈز كېلەلمەيدىغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم. خەت يازماقچى بولغان قوللىرىم قولاشمايۋاتاتتى. يۇرتۇم مەن يۇرتىمىزنىڭ قەدىمىي شەھىرى قەشقەردە دىنىي ئائىلىدە تۇغۇلدۇم. ئاتا-ئانام ماڭا پەننىي مەكتەپتە ئوقۇش، دىننىي تەربىيىلىنىش شارائىتى ھازىرلاپ بەردى. تىرىشىپ، تىرمىشىپ باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغان بولساممۇ، داۋاملىق ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىدىم. ھېلىمۇ ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقاندا مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دادامنىڭ دوستى x خەلپىتىمنىڭ ئاددىي لېكىن پاكىزە ئۆيىدە بىر قانچە تەڭتۇش بالىلار بىلەن بىرگە ساۋاق ئالاتتىم، شۇ ۋاقىتتا ھەپتىيەك يادلاش بەك ئېغىر كېلەتتى. خىيالىم مەھەللىدە ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىپ ئويناۋاتقان باشقا بالىلارغا قوشۇلۇپ كېتەتتى، لېكىن سۇپىغا قويۇلغان ئىنچىكە چىۋىق ھازىرىلا ئالقىنىمغا تېگىدىغاندەك چۆچۈپ كېتەتتىم. خەلپەت بىلەن مەھەللىدىكىلەر مېنى ناھايىتى ئەدەپ-ئەخلاقلىق دەپ تەرىپلىشەتتى. ئەدەپ-ئەخلاقنىڭ زادى نېمىلىكىنى بىلىپ كەتمىسەممۇ، ئاتا-ئانىنىڭ گېپىنى ئاڭلاش دېگەندەك ئىشلار ئوخشايدۇ دەپ ئويلايتتىم. شۇ ۋاقىتلاردا مەن ئۈچۈن ھەممىدىن ئازاپلىقى رامىزان ئېيىدا چوڭلار بىلەن بىرگە روزى تۇتۇش ئىدى. مەكتەپتە باشقا بالىلار ئەتراپتىكى دۇكانلاردىن گۈرۈچ، قوناق ئاتتۇرمىسى ئېلىپ يېسە شۆلگەيلىرىم ئېقىپ كېتەتتى. بىر قانچە قېتىم ھەتتا روزىنى بۇزۇپ ئېلىپ يەپمۇ باقتىم. لېكىن خېلى مەزگىللەرگىچە ئاللادىن كېلىدىغان جازادىن قورقۇپ (چوڭلار شۇنداق دەيتتى) دەككە-دۈككىدە ئۆتەتتىم. 8-سىنىپنى پۈتتۈرگەن كۈنۈم مەن ئۈچۈن يەنە بىر ئەسلىمە بولۇپ قالدى، پۈتۈن سىنىپ بويىچە مەنلا مەكتەپتىن چېكىندىم. بىر قانچە ساۋاقدىشىم ئوتتۇرا تېخنىكومغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى، باشقىلار داۋاملىق تولۇق ئوتتۇرا سىنىپقا ئۆرلىدى. دېمەككى مەن ئۇلاردىن ئايرىلىپ قالدىم. گەرچە ئۇلارنى بەك ياخشى كۆرۈپ كەتمىسەممۇ (مېنى ساۋاقداشلىرىم كىچىك موللام دەپ مەسخىرە قىلاتتى). ئۈچ يىل بىرگە ئوقۇش جەريانىدا، مەن شۇلار بىلەن بىرگە تۇرغان مۇھىتقا ماسلىشىپ قالغان ئىكەنمەن. ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلدى. باشقىلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى خوشال، پەقەت مەنلا ئۇلارغا ئىپادىسىز قاراپ تۇراتتىم. تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەنلىك ئىسپاتى بولغان دېپلۇم ماڭا ناھايىتى ئەھمىيەتسىز بىلىندى. دادامنىڭ كىچىك تىجارىتى (ھازىر ئويلىسام باققاللىقنى تىجارەت دېگىلى بولمايدىكەن) ئائىلىمىزنى ئاران قامداپ كېتىۋاتاتتى. ئون ئالتە ياشلىق مەن قەشقەردىكى نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشاش تۇرمۇش، قورساق غېمى قىلىش قاينىمىغا كىرىپ كەتتىم. 2. ھىجرەت ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلىش ئى مۆمىنلەر! ئاللادىن قورقۇڭلار، توغرا سۆزنى قىلىڭلار. ئاللا سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى تۈزەيدۇ (يەنى سىلەرنى ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ)، گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، كىمكى ئاللاغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەنبىرىگە ئىتائەت قىلسا زور مۇۋەپپىقىيەت قازانغان بولىدۇ. جاپا-مۇشاقەتكە، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىگە تولغان نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ كەتتى. ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولدۇم، ئائىلە قۇردۇم. رامىزان ئايلىرىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن قەشقەر ئۆستەڭ بويىدىكى بىر ساتىراش ئاغىنەمنىڭ دۇكىنىغا چاچ ياساتقىلى باردىم. ئارىلىقتا دۇكانغا قەشقەردە تىرىكچىلىك قىلىپ، ئولتۇراقلىشىپ قالغان خوتەنلىك بىر ئاغىنىمىز كىرىپ كەلدى دە، بىزنى ئىفتارلىققا ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ قويۇپ كېتىپ قالدى. چېچىمنى ياسىتىپ بولۇپ، ساتىراش ئاغىنەم بىلەن بىللە ئۇنىڭ ئۆيىگە باردۇق. ئىفتار ۋاقتى بولغاندا، بىز ئېغىزىمىزنى ئېچىۋالغاندىن كېيىن، ناماز شامغا تۇردۇق. شامدىن كېيىن داستىخانغا ئولتۇردۇق. كېيىن خۇفتەن ۋە تاراۋى نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، خوتەنلىك ئاغىنىمىز بىزگە «مۇسۇلماندارچىلىقنىڭ يوللىرى، يەنى ئوغرىلىق قىلماسىلىق، ھارا-تاماكىغا يولىماسلىق، ئاتا-ئانىنى، چوڭلارنى ھۆرمەتلەش... » دېگەندەك مەزمۇنلاردا تەبلىغ قىلىشقا باشلىدى. تەبلىغ ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئۆز-ئارا پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق. پاراڭ ئارىسىدا خوتەنلىك ئاغىنىمىز ئۆزىنىڭ باشقىلار ئارقىلىق «ئىسلام يولۋىسى» دېگەن پلاستىنكىنى ئەكەلدۈرمەكچى بولغانلىقىنى، پىلاستىنكا قولىغا تەگكەن ھامان بىزگە خەۋەر قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىر قانچە كۈندىن كېيىن خوتەنلىك ئاغىنىمىزنىڭ ئۆيىدە «ئىسلام يولۋىسى-ھەسەن مەخسۇم» دېگەن VCD پىلاستىنكىسىنى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولدۇق. ئېكراندىكى ھەسەن مەخسۇمنىڭ ھايات-پائالىيەتلىرى، ئىسلام ئېچىش، غازات قىلىش يولىدىكى ئىش-ئىزلىرى مېنى ناھايىتى تەسىرلەندۈردى. بىردىنلا كىچىكىمدىكى دىنىي ساۋاق بەرگەن خەلپەت كۆز ئالدىمغا كەلدى، ئاللا ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن. خەلپەت بىلەن ھەسەن مەخسۇمنىڭ نەلىرىدۇر ئوخشاپ كېتەتتى. مانا مۇشۇ بىر دانە VCD پىلاستىنكىسى مېنىڭ پۈتكۈل ھاياتىمنى ئۆزگەرتتى. ئاللاھقا بولغان سېغىنىشىمنى كۈچەيتتى. شۇنداقلا نۇرغۇن جاپا-مۇشاققەت، سەرسانلىققا دۇچار قىلدى. ۋەتەنسىز لاماكان بولۇشۇمغا سەۋەب بولدى. شۇ كۈنى بىز ھەممىمىز ئېكران ئىچىگە كىرىپ كەتكەنىدۇق. ئۆينىڭ ئىچىدە ھەسەن مەخسۇمنىڭ تەبلىغى، VCD پىلاستىنكىسىغا ئاۋاز بەرگەن، ھەسەن مەخسۇمنىڭ ھاياتىنى چۈشەندۈرگەن ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ ئاۋازى ياڭرايتتى. ئېكراندا كۆرۈلگەن مۇجاھىتلارنىڭ (يۈزى نىقابلىق) قورال ئاسقان، ئەسكىرىي مەشىق قىلىۋاتقان ھالىتى ناھايىتى ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى. شۇ ھامان قورال تۇتقۇم، ئاپتوماتلارنى سايرىتىپ، جەڭگە ئاتلانغۇم كېلىپ كەتتى. بىر بۆلەك خەتمە-قۇرئاندىن كېيىن تېلىۋىزور ئېكرانى قاراڭغۇلاشتى. VCD پىلاستىنكىسى تۈگىگەنىدى. بىز خېلىدىن كېيىن ئېسىمىزگە كەلدۇق. ساتىراش ئاغىنەمنىڭ يۈزلىرى ھاياجاندىن قىزىرىپ كەتكەنىدى. مېنىڭ يۈرىكىم بولسا تېخىچە دۈپۈلدەپ تۇراتتى. ناھايىتى ھەيۋەتكەن دېدى خوتەنلىك بۇرادەر. بىز نېمىلەرنىدۇر دېمەكچى بولاتتۇق، لېكىن دېيەلمەيتتۇق. شۇ كۈنى بىز ئۈن-تۈنسىز ئايرىلىشتۇق. شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە كاللامغا نە تىجارەت قىلىش، نە ئائىلە دېگەنلەر كىرمەيتتى. پۈتۈن ئەس-يادىم قورال ئاسقان ئاشۇ كېشىلەردە ئىدى. ئۈچ يۈەن خەجلەپ خەرىتە سېتىۋالدىم. شۇلار تۇرۇۋاتقان جاينى ئىزلىمەكچى بولدۇم. تىل ئۆگىنىش ناھايىتى ياخشى ئىش ئىكەن. تولۇقسىزدا ئوقۇغان ئۈچ يىللىق خەنزۇ تىلى ئاخىرى ئەسقاتتى. خەنزۇچە يېزىلغان پاكىستان دېگەن جاينى تاپتىم. خەرىتىدىكى بۇ ئورۇن ناھايىتى كىچىك ئىدى. كۆز مۆلچەرىمدە مەن تۇرغان قەشقەردىن ئانچە يىراق ئەمەس ئىكەن. مېنىڭ كاللامدا چەتئەل دېگەن ئۇقۇم شۇ كۈنى خەرىتىدىن تۇغۇلدى. چەتئەلگە چىقىش ئىستىگىمۇ تەڭ تۇغۇلدى ئەلۋەتتە. لېكىن چەتئەلگە چىقىش نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ناھەيىتى ئاسان، ئەتىراپىمدا مەككىنى تاۋاپ قىلغان ھاجىلار ناھايىتى كۆپ، ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىدا تىجارەت قىلىمىز دەپ يۈرگەن كىشىلەر تېخىمۇ كۆپ. ئۇلار خالىغانچە چىقىپ كىرەتتى. ئۇلار ئۈچۈن چەتئەلگە چىقىش ناھايىتى ئاسان ئىش، لېكىن مەن ئۈچۈن .......... شۇندىلا پۇلنىڭ قۇدرىتىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم. پۇلنىڭ مەسىلىسى ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئىدى. مەن ئۆزەمنىڭ كىچىككىنە تىجارىتىم بىلەن ياشانغان ئاتا-ئانامنى بېقىشىم، ھامىلدار ئايالىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىم كېرەك ئىدى. شۇ ۋاقىتتا يۇرتىمىزنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە (بەلكىم ھازىر مۇشۇنداق دەپ ئويلايمەن) پاسپورت بېجىرىش ناھايىتى قىيىن ئىدى، نۇرغۇن پۇل كېتەتتى. شۇنداقلا ئۆزەمنىڭ چەتئەلگە چىقىش مەقسىتىنى باشقىلارغا بىلدۈرسەم ئەسلا بولمايتتى. كاساپەت، ئەگەر بىراۋ بۇ سىرىمنى بىلسە، «ھىجرەتچى» دېگەن قالپاق بىلەن تۈرمىدە يېتىشىم مۇقەررەر. تۇرۇپ ساتىراش ئاغىنەمنىڭ ھاياجاندىن قىزارغان يۈزى ئېسىمگە كەلدى. كۆرۈشۇپ باقاي، نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتىدىكىن دەپ ئويلىدىم. بىز جۈمە نامىزىدىن كېيىن خالىي ئۇچىراشتۇق. كۆڭۈل سىرلىرىمىزنى تۆكۈشتۇق. گەپ بىر يەردىن چىقتى. ھىجرەتكە تەييارلىق قىلايلى، جىھاد قوشۇنىنى تاپايلى. 3. سەپەر شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقانلار، ھىجرەت قىلغانلار ۋە ئاللانىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلار-ئەنە شۇنداق كىشىلەر ئاللانىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئاللا ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر. بىز ئۈچىمىزگە يۇرتتىن ئايرىلغىلى خېلى كۈنلەر بولۇپ قالدى. جەنۇبىي جۇڭگونىڭ نەم ھاۋاسى پەقەتلا ياقمىدى. كۈندە يەيدىغان گۈرۈچ تامىقى، خۇيزۇلارنىڭ كالا گۆشى ئۈگرىسى مەيدىمىزنى قاينىتىپ، ھالسىزلاندۇرۇپ قويدى. پولو، لەغمەن كۆزىمىزگە كۆرۈنۈپ كەتتى. ئۇيغۇرلار ئاچقان ئاشخانىلارغا بېرىشكە جۈرئەت قىلالمىدۇق. ئۆيگە تېلفۇن قىلىپ ئالاقىلىشىشقا تېخىمۇ رايىم بارمىدى. ئايالىمنىڭ نالىسى، ئاتا-ئانامنىڭ تاپا-تەنىسىنى ئاڭلىغۇم كەلمىدى. تۇرمۇش مەنبەسىدىن ئايرىلغان، تىرىكچىلىك يولى ئۈزۈلگەن ئاتامنىڭ ئەھۋالىنى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمىدىم. ئويلىساممۇ ئامال يوق، خىش قېلىپتىن چىققان. ئىككى بۇرادىرىمنىڭ ئىرادىسى چىڭ ئىدى. يېرىم يولدا قېلىشقا ئەركەكلىك غۇرۇرۇم كۆتۈرمىدى. خوتەنلىك بۇرادىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن، جەنۇبىي ئاسىيادىكى مەلۇم دۆلەتتىكى كىشىلەر بىلەن ئالاقە ئورناتتۇق. لېكىن بىزگە ئانچە خۇشاللىق بولمىدى، پاسپورتسىز چىگرىدىن ئۆتۈش، نۇرغۇن يوللارنى ئايلىنىپ، ئاخىرقى نىشانىمىز پاكىستانغا يېتىپ بېرىش ئۈچۈن كېتىدىغان 50 مىڭ يۈەننى ئاڭلاپ، بېشىمىز چۈشۈپ كەتتى. قانداق قىلىش كېرەك؟ شۇنىڭ بىلەن بىز ئۈچ ئاغىنە مەسلىھەتلىشىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە تاش سودىسى قىلىپ يۈرگەن خوتەنلىك سودىگەرلەرنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ، ئاز-تولا پۇل يىغىشقا كېلىشتۇق. تەلىيىمىزگە يارىشا بىر خوتەنلىك سودىگەر ئۆزىنىڭ سودىسىغا ياردەملىشىش ئۈچۈن ئادەپ ئىزلەۋېتىپتىكەن، بىزنى دەرھاللا ئۆزىگە قوشۇۋالدى. بىزگە مائاش بەرگەندىن سىرت، كىرىمىنىڭ ئۆشرە-زاكىتىنى قوشۇپ بەرمەكچىمۇ بولدى. شۇنداق قىلىپ بىز ئۇ سودىگەرنىڭ يۈگۈر-يېتىم ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ، ئازدۇر-كۆپتۇر پۇلمۇ يىغىۋالغان بولدۇق. يەنە بىر مەزگىل چىشىمىزنى چىشلەپ چىداپ ئىشلىۋەتسەكلا، كۆزلىگەن نىشانىمىزغا يېتەتتۇق. شۇنداق قىلىپ يەنە بىر نەچچە ئاي ئىشلىگەندىن كېيىن، يېنىمىزدىكى پۇللىرىمىز بىلەن قوشۇلۇپ 50 مىڭ يۈەن توشقانمۇ بولدى. خوتەنلىك بۇرادىرىمىز داۋاملىق ھالدا جەنۇبىي ئاسىيادا تۇرىۋاتقان، بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان ھېلىقى كىشى بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇردى. ئاخىرى كۈتكەن كۈنمۇ يېتىپ كەلدى. بىزنىڭ تېزدىن تەييارلىق قىلىشىمىزنى ئۇقتۇرغان ئىدى. بىز چىگىرىغا يېققىنلاشتۇق. دۇنيادا مۇشۇنداقمۇ ئاسان ئىش بارىكەن دېسە. ھېلىقى كىشى كۆرسەتكەن يول بىلەن مېڭىپ، يەرلىك كىشىلەرگە نەچچە يۈز يۈەن بېرىپلا، نەچچە سائەت ئىچىدە جۇڭگو چىگرىسىدىن ئايرىلدۇق. بىز ئالدىراپ خۇش بولغان ئىكەنمىز. بىز ئۆتكەن جاي جۇڭگو بىلەن يەنە بىر دۆلەتنىڭ چىگرىسىدىكى تاغ جىلغىسى بولۇپ، جىلغىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تەرىپىدىن ئوغرىلىقچە مېڭىشقا توغرا كېلەتتى. چەكسىز كەتكەن ئورمانلىق ئالدىمىزدا يېيىلىپ ياتاتتى. بۇ يەر تېخىمۇ ئىسسىق تېخىمۇ نەم ئىكەن. ئىسمىنى بىلمەيدىغان، ھەتتا تېلىۋىزوردا كۆرۈپمۇ باقمىغان قۇرت-قوڭغۇزلار ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرەتتى. بۇ ئورمانلىققا ئادەم ئاياغ بېسىپ باقمىغان بولغاچقا، يولنى ئۆزىمىز تېپىپ ماڭاتتۇق. ئۇ يەردە بىزنىڭ بۇ يەردىكى «قالغاي» دېگەن ئادەم چاقىدىغان ئوتقا ئوخشاش ئۆسۇملۈكلەرمۇ بار ئىكەن. خوتەنلىك بۇرادىرىمىزنى بىر نەچچە قېتىم چېقىۋالغاچقا، قوللىرى ھۈررەك-ھۈررەك بولۇپ ئىشىپ كەتكەنىدى. نەملىشىپ كەتكەن كىيىملىرىمىز بەدەنگە چاپلىشىۋېلىپ، ئادەمنى تولىمۇ بىئارەم قىلاتتى. چېگرا ساقچىلىرىنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن قورقۇپ، كۈندۈزى تىنىچ ئورمانلىقتا دەككە-دۈككە ئىچىدە ئازدۇر-كۆپتۇر مۈگدىۋالاتتۇق. يولنى بولسا كېچىسى يۈرەتتۇق. شۇنداق بولغاچقىمۇ يولدىن بىر نەچچە قېتىم ئېزىپمۇ قالدۇق. ئېلىۋالغان يېمەكلىكلىرىمىزمۇ تۈگەپ كەتكەنىدى. ئورمانلىقتا مېڭىپ ئۈچىنچى كەچتە، ساتىراش بۇرادىرىمىز قىزىپ بولالماي قالدى. شۇنىڭ بىلەن يول يۈرۈشنى توختىتىپ بىردەم ئارەم ئالغۇزدۇق، ئارام ئېلىش جەريانىدا پاراڭ تېمىسى ئۆزىمىزمۇ تۇيمىغان ئاساستا يۇرتىمىز ئۈستىدە بولۇۋاتاتتى. ساتىراش ئاغىنىمىز ئۇشتۇمتۇتلا يۇرتتىكى ياشىنىپ قالغان ئانىسىغا يۈز كېلەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ يىغلاپ كەتتى. ساتىراش ئاغىنەمدەك پۈتۈنسۈرۈك بىر ئىسلامى ئەقىدىسى چىڭ ئەركەك زاتىنىڭ بۇنداق كۆز يېشى قىلىشىنى مەن بىر بولسا يول جاپاسىغا چىدىمىغانلىقى، ياكى بولمىسا يۇرتقا بولغان تەلپۈنۈش، ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇققانلارنى سېغىنىشتىن بولسا كېرەك دەپ چۈشەنگەنىدىم. قانداق تەسەللىي بېرىشىمىزنى بىلەلمەيلا قالغانىدۇق. يۇرتتىكى تۇرمۇشىمىز گەرچە بەك باياشات بولمىسىمۇ،ھەر خىل قىيىنچىلىقلارغا ئۇچىراپ تۇرساقمۇ، لېكىن چېگرىدىن چىقىش جەريانىدا تارتقان دىشۋادارچىلىقلىرىمىز، جاپا-مۇشەققەتلىرىمىز ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچ گەپ ئەمەس ئىدى.كىشىنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن بەك ئازاپلايدىكەن. مېنىڭمۇ كۆز ئالدىمغا ئاتا-ئانام،كۆيۈمچان ھەدەم ۋە سىڭلىم، ھامىلدار ئايالىمنىڭ سىماسى كېلىۋالغانىدى. ئۇلار مەندىن رەنجىگەندەك قىلاتتى. ئۆزۈمنىڭ ئۇلۇغۋار يولنى كۆزلەپ كېتىپ بارغىنىمنى ئويلاپ ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللىي بەردىم. ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشەنگەندە مەندىن پەخىرلىنىدۇ دەپ ئۆزۈمنى بەزلىگەنىدىم. لېكىن كۆڭلۈمدە خۇددى ئوغرىلىق قىلغان كىشى ھامان بىر كۈنى ئاشكارلىنىپ قالغانغا ئوخشاش نامەلۇم تۇيغۇ بار ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۆيدىكىلەرگە نېمىشقىمۇ ئۆزەمنىڭ ھىجرەت، جىھاد يولىنى تۇتۇپ ماڭغانلىقىمنى ئېيتمىغانلىقىم توغرىسىدا ئۆزەممۇ بىر نەرسە دېيەلمەيتتىم. ۋاقىت قىستاپ تۇرسىمۇ ئۇ كۈنى بىز يول يۈرمىدۇق، كەيپىياتىمىز ناھايىتى ناچار ئىدى. بىر تۇرۇپ ساتىراشقا ئاچچىقىم كەلدى، مېنىڭ بۇ يولنى تاللىمىغىممۇ ناھايىتى تەسكە توختىغانىدى. سەھەرگە يېققىن ساتىراشنىڭ ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولدى. بىز بىر ئورۇندا تۇرىۋەرسەك بولمايتتى. بىز ئورمانلىقنىڭ ئىچىگە قاراپ داۋاملىق ماڭدۇق. ئاخىرى چەتئەلدىكى بۇرادەرلەر ئادەم ئەۋەتىپ ئۇچىراشماقچى بولغان بازارغا يېتىپ كەلدۇق. ئالدىمىزغا چىققان بۇرادەرلەرنى كۆرۈپ خۇددى ئۆلۈپ كەتكەن بۇۋامنى كۆرگەندەك بولدۇم، شۇ شارائىتتا بۇ كىشى بىز ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشى ھېسابلىناتتى. شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر ئايدا كۈنلىرىمىز يەنىلا قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆتۈۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئىشلىرىمىز ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتاتتى. بۇ دۆلەتتىكى مەلۇم بىر مەسچىت بىزگە ۋاقىتلىق پاناھلىنىدىغان جاي بولدى. مەسچىتتىكى يەرلىك كىشىلەر بىزگە دىنىي قېرىنداشلىقىنى يەتكۈزدى. شۇنىڭدىن كېيىن بىر قانچە قېتىم ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، بۇ دۆلەتتىن پاكىستانغا بېرىش ئۈچۈن بېسىپ ئۆتىدىغان دۆلەت كۆپ، مۇساپە ئۇزۇن، ئەڭ مۇھىمى قولىمىزدا ھېچقانداق سالاھىيەت ئىسپاتى بولمىغاچقا، سەپىرىمىز كەينى-كەينىدىن بىرقانچە قېتىم كېچىكتۈرۈلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ جەرياندا ساتىراش ئاغىنىمىز يەنە قىزىپ، ئورمانلىقتىكى ئالامەتلەر قايتا قوزغالغانىدى. ئاشكارلىنىشتىن قورقۇپ، مۇنتىزىم داۋالاش ئورگانلىرىغا بېرىپ داۋالاش ئېلىپ بارالمىغانىدۇق. شۇنداقتىمۇ يەرلىك خەلىقلەرنىڭ ياردىمىدە بىر نەچچە قېتىم سەۋەبمۇ قىلىپ باققانىدۇق. لېكىن ئۈنۈمى تازا ياخشى بولماي، ئاخىرى ئۇ پەقەتلا بولالماي قالغانىدى. ئۇ دۆلەتتىكى بىزنى كۈتۈۋېلىش ۋە يولغا سېلىشقا مەسئۇل بۇرادەرگە ساتىراشتىكى بۇ ئالامەتلەرنىڭ ئورمانلىقتا بىر قانچە قېتىم يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇ بىردىنلا جىددىيلىشىپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇرۇنمۇ مۇشۇ يول ئارقىلىق چىققان بۇرادەرلەردە مۇشۇ خىل ئەھۋال كۆرۈنگەن بولۇپ، ئورمانلىقتىكى زەھەرلىك پارازىتلاردىن يۇقىدىغان ئالاھىدە كېسەل ئىكەن، ساقىيىش ئىمكانىيىتى بولسىمۇ، كۈتۈنۈش ۋە داۋالىنىشقا بولغان تەلىپى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن. لېكىن بىزدە بۇنداق شارائىت يوق ئىدى. بىر كۈنى كېچىدە چۆچۈپ ئويغاندىم، قارىسام ساتىراشنىڭ تىنىقى ناھايىتى پەس بولۇپ، چىرايى تاتىرىپ، كۆز جىيەكلىرى قارىداپ، كالپۇكلىرى كۆكىرىپ كەتكەن ئىكەن. ئالدىراپ ئۇنىڭ ئېغىزىغا سۇ تېمىتتىم. ئۇ كۆزلىرىنى ناھايىتى تەستە ئېچىپ، ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىمەكچى بولدىيۇ، چىرايى تارتىشىپ بۇنىڭغا يول قويمايتتى. گەپ قىلماقچى بولدىيۇ، ئاغزىدىن تاۋۇشلار ئۈزۈلۈپ-ئۈزۈلۈپ چىقىپ، نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى ئاڭقىرىيالمايتتىم. كاللامدىن قانداقتۇر بىر ياخشى بولمىغان سېزىم پەيدا بولدىدە، چاچىراپ تۇرۇپ خوتەنلىك بۇرادىرىمنى سىلكىپ ئويغاتتىم. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئەھۋالى يامانلىشىپ،كۆز قارچۇقلىرى تارتىشىپ، بەدىنى سۇس تىتىرەۋاتاتتى. نېمە ئىش قىلىشنى بىلەلمەي قاراپلا قالدۇق. بۇ ھالەت بىر قانچە مېنۇت داۋاملاشقاندىن كېيىن، ساتىراشنىڭ بوينى بىر تەرەپكە قىيسايغانىدى. خوتەنلىك بۇرادەر ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ سىرتقا قاراپ يۈگۈرىدى. ئالاھەزەل ئون مىنۇتلاردىن كېيىن بىزنى كۈتىۋالغان بۇرادەرنى باشلاپ كەلگەنىدى. ھېلىقى كىشى ناھايىتى جىددىيلىشىپ كەتكەنىدى. ئۇ ساتىراشنىڭ بويۇن تومۇرىنى تۇتۇپ يۈرىكىنى تىڭشاپ بولغاندىن كېيىن، بۇرادىرىمىز جان ئۈزۈپتۇ دەپ قولىنى دۇئاغا كۆتۈرگەنىدى. ئۈچىمىز مېيىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە مەسلىھەتلەشتۇق. بىزنىڭچە بولسا مىيىتنى يۇيۇپ-تاراپ، نامىزىنى چۈشۈرۈپ مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلساق بولاتتى، لېكىن ھېلىقىن كىشىنىڭ چۈشەندۈرىشىچە مۇسۇلمانلار قەبرە ئورنى پۇلغا سېتىلىدىغان بولۇپ، مىيىتنى ئۆز ئالدىمىزغا بىر تەرەپ قىلىشقا بولمايدىكەن، بۇنداق قىلساق سالاھىيىتىمىز پاش بولۇپلا قالماستىن، يەنە تېخى يەرلىك ساقچىلار تەرىپىدىن خۇن دەۋاسىغا چېتىلىپ قاتتىق تەكشۈرۈلىدىكەنمىز. ھېلىقى كىشى بۇنىڭ يولىنى ئۆزۈم قىلىمەن، سىلەر خاتىرجەم بولۇڭلار دېدى ۋە بامدات نامىزىدىن بۇرۇن، مىيىتنى چىرايلىق كىيىندۈرۈپ، مەسچىت ئىشىكى يېنىدىكى تامغا يۆلەپ ئولتۇرغۇزۇپ قويۇشىمىزنى تاپىلىدى. بىز ئۇنىڭ دېگىنىدەك قىلدۇق ۋە نەرسە-كېرەكلىرىمىزنى يېغىشتۇرۇپ، ھېلىقى كىشى بىلەن بىللە ئۇنىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى يەنە بىر تۇرالغۇسىغا قاراپ ماڭدۇق. نېرۋىلىرىم سېزىملىرىنى يوقاتقانىدى، قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزنى چۈشىنەلمىدىم ھەم كاللامدىن ئۆتكۈزەلمىدىم. بۇرادىرىمىزنىڭ ئۆيى خېلى كەڭتاشا ئىكەن، ئەھۋالدىن قارىغاندا بىزگە كۆرسەتكۈسى يوق، لېكىن بۇ قېتىم باشقا ئامال قىلالماي قالغاندەك قىلاتتى. ساتىراشنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدىكى ھالىتى تېخىچە كۆز ئالدىمدىن كەتمەيتتى، ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان ئارزۇ-ئارمانلىرى بار ئىدى. ھېلىقى كىشى سىرتقا چىقىپ كېتىپ بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن قايتىپ كەلدى ھەمدى بىزگە چۈشەندۈردى. ئۆزىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، جەسەتنى ئىشىك ئالدىغا قويۇپ قويغاندىن كېيىن، جامائەت جەسەتنى كۆرۈپ، ساقچىغا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، ساقچىلار جەسەتنى ئېلىپ كېتىپتۇ. بىزگە دۇئا قىلماقتىن باشقا ئامال بولمىغانىدى. مەن پەقەت تاقەت قىلىپ بولالمىدىم، كۆزلىرىمدىن ياشلار تاراملاپ تۆكۈلۈۋاتاتتى. گەرچە ئۇنىڭ بىلەن تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋېتىم بولمىسىمۇ، نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەرنى بىرلىكتە بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەن، نىيەت ئىقبالىمىز بىر ئىدى. شۇنچە ۋاقىت بىللە يۈرۈپ خۇددى قېرىنداشلاردەك بولپ قالغانىدۇق. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ جەسىتى دەپنىسىز قالدى، قەبرىسىز قالدى. مەن ناھايىتى ئېچىندىم. ئۆزۈمنىمۇ مۇشۇنداق قەدىرسىز ئۆلۈپ كېتەرمەنمۇ دەپ ئويلاپ ۋۇجۇدۇمنى قورقۇنچ قاماللىۋالغانىدى. شۇندىلا ئاتا-ئانام، قېرىنداشلىرىم، ئايالىم ۋە دۇنياغا كۆز ئېچىش ئالدىدا تۇرغان پەرزەنتىمنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىشىمگە كۆزۈم يەتمىدى. ھازىرلا ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك، تۈرمىگە قامىلىدىغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم. ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ يەردىكى كۈنلىرىمىز تۈرمىدىن قېلىشمايتتى، ئەركىن يۈرۈلمەيتتيۇق، دائىم ئەندىشە ئىچىدە ئۆتەتتۇق. ھېلىقى كىشى ساتىراشنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، بىزنى يولغا سېلىش ئىشىغا جىددىي تۇتۇش قىلدى ۋە قايسى يوللار ئارقىلىق ساختا پاسپورت ياسىتىپ كەلدىكىن، بىر كۈنى كېلىپ پاسپورتنى قولىمىزغا تۇتقۇزدى. شۇنىڭ بىلەن بىز (پاسپورت) ئارقىلىق پاكىستانغا ئوڭۇشلۇق بېرىۋالدۇق. 4. پاكىستان پاكىستاننىڭ ھاۋاسى ناھايىتى سۈزۈك، قۇياش ھەر ۋاقىت پارقىراپ تۇرىدىغان، يامغۇر-يېغىن كۆپ جاي ئىكەن. لېكىن پۈتۈن جايدىن نامراتلىق تۆكۈلۈپ تۇرىدىكەن. ھاۋانىڭ نەملىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، نۇرغۇن جايلىرى يۇرتىمىزغا ئوخشايدىكەن. بىز ئىككىمىز «تۈركىستان ئىسلام تەشكىلاتى» نىڭ چىگرا رايونىدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىدا بىر ئاخشام قونغاندىن كېيىن، ئەتىسى بىر مۇجاھىتنىڭ يول باشلىشى بىلەن يەنە بىر ئورۇنغا يۆتكەلدۇق. بۇ يەردە يەنە ئۈچ نەپەر يېڭى كەلگەن كىشىلەر بولۇپ، بۇلارنىڭ ۋەتەندىن چىقىشى بىزگە قارىغاندا كۆپ ئاسان بولۇپتۇ. ئۇلار پاسپورت ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىياغا بېرىپ، ئاندىن پاكىستانغا كەلگەن ئىكەن، ئارىدىكى بىر ياش يىگىت ھەممىدىن بەك ھاياجانلىنىپ تۇراتتى. يېشى تەخمىنەن 22 لەردە بولسا كېرەك، شوخلۇقلىرى تېخى تۈگىمىگەن، توختىماي سوئال سوراپ چاقچاق قىلىپ، ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ تۇراتتى. ئىككى كۈن مۇشۇ يەردە باشقىلار بىلەن بىرگە قۇرئان تىلاۋەت قىلىش بىلەن ئۆتتى. مەن بۇ يەردە ساتىراش بۇرادىرىم ئۈچۈن كۆپ دۇئالارنى قىلدىم. ئۈچىنچى كۈنى بىر غۇلجىلىق كىشى بىزنى ئالغىلى ماشىنا بىلەن كەلدى. بىز تاغ ئارىلىرىدىكى يول بىلەن ئىككى سائەت ئەتراپىدا يول يۈردۇق. بۇ يەردىكى تاغلار خۇددى يۇرتىمىزدىكىگە ئوخشاش ئىكەن. بەزى جايلاردا يېشىللىق، بەزى جايلار بولسا تاپ-تاقىر ئىدى. بەزى يەرلەردە يىراقتىن قۇلىقى ئىتنىڭ قۇلىقىدەك سالپىيىپ تۇرىدىغان ئۆچكىلەرنى بېقىۋاتقان پادىچىلار ئۇچراپ قالاتتى. بىز چۈشكۈن قىلىدىغان جايغا يېتىپ كەلدۇق. بۇ جاي بىر مو ئەتراپىدا كېلىدىغان باغلىق ھويلا بولۇپ، چوڭ سېلىنغان ئىككى ئېغىزلىق ئۆي بار ئىكەن. ئەتىسى سەھەردە بىر قانچە كىشى كېلىپ بىز بىلەن كۆرۈشتى، بىزنى باشلاپ كەلگەن ئادەم بۇلارنىڭ تەشكىلات ئەمىرى ۋە شورالار ئىكەنلىكىنى، تەشكىلاتقا قاتنىشىش ئۈچۈن ئەمىرگە بەيئەت قىلىش، جەدۋەل تولدۇرۇش قاتارلىق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئەمىرنىڭ تەلەپپۇزىدىن قارىغاندا خوتەنلىك كىشى ئىكەن. بىز بۇنى داموللام دەپ چاقىردۇق، بەيئەت قىلدۇق، جەدۋەل تولدۇردۇق. رەسمىيەتلەر ئاخىرلاشتى، دېمەك بىز ئارزۇ قىلغان «جىھاد» تەشكىلاتىنىڭ بىر ئەزاسى بولدۇق. ئەمىرلەر، شورالار ۋە باشقىلار بىزنى مۇبارەكلىدى. ئەمىرىمىز بىزگە ناھايىتى تەسىرلىك تەبلىغ ئېلىپ باردى. تەرتىپ ئېلىپ بېرىشقا ئۇستازلارنى ئورۇنلاشتۇردى. يېڭىچە ھاياتىمىز باشلاندى. لېكىن بىزگە بېرىدىغان قورالدىن تېخىچە خەۋەر يوق، ئەس يادىم شۇ قورالدا قالغان ئىدى. ئەمرىمىز قايتماقچى بولماقچى بۇ ھەقتە ئېغىز ئاچتىم. ئەمىر سەل ئوڭايسىزلانغاندەك بولۇپ، ئاندىن تەشكىلاتنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ ناھايىتى ناچار ئىكەنلىكىنى، تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش پۇلىنىمۇ مەلۇم بىر تەشكىلاتنىڭ ياردەم قىلىپ تارقىتىپ بېرىدىغانلىقىنى، شۇڭلاشقا ئەگەر ئىمكان بولسا ئۆزىمىزنىڭ قېشىدىكى پۇلغا قورال، ئوق-دورا ھەمدە باشقا لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋېلىپ، ئىشلىتىشىمىزنى ئېيتتى، شۇنداقلا يېڭى كەلگەن بىر قىسىم تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ۋەتەندىن ئېلىپ چىققان پۇلىنى تەشكىلاتقا ئىئانە قىلدىغانلىقىنى قىستۇرۇپ ئۆتتى. ئاللاكارامەت، جىھاد قىلىش ئۈچۈنمۇ پۇل كېتىدىكەن ئەمەسمۇ؟ باشقا جىھاد تەشكىلاتلىرى ۋە يەرلىك كىشىلەر ئانچە-مۇنچە ياددەم قىلسىمۇ، لېكىن قورال، ئوق-دورا ياردەم قىلمايدىكەن. بۇ قانداق بولغىنى؟ جىھاد دېگەننى چالما-كېسەك بىلەن قىلغىلى بولمايدىغۇ ئاخىر. مېنىڭ جىمىپ كەتكىنىمنى كۆرگەن ئەمىر ئەگەر يېنىڭىزدا ئىقتىساد بولمىسا، بىز شېھىت بولۇپ كەتكەن بۇرادەرلەرنىڭ قورالىنى تېپىپ، سىزگە بېرىپ تۇرساقمۇ بولىدۇ دېدى. ماۋۇ ئىشنى قورالغا ئېرىشىش باشقىلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى ساقلامدىكەن ئەمدى؟ مەن ئۇلارنى ئوڭايسىزلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، دەررۇ ئېغىز ئاچتىم ۋە مەن ئۆزۈم ئامالىنى قىلاي دېدىم. ئەمىر جاۋابىمدىن قايىل بولدىمۇ ياكى باشقا سەۋەبمۇ، گەپ قىلمايلا بىز تۇرۇۋاتقان جايىدىن ئايرىلدى. بىر مەسئۇل ئۇستاز تەتشكىلاتنىڭ قازىدە-تۈزۈملىرى، دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار توغرىسىدا بىزگە سۆزلىدى. ئالدى بىلەن ھەممىمىز ئەسلى ئىسمىمىز، يۇرتىمىز توغرىسىدا سۆزلەشمەيدىكەنمىز، كېچىسى چىراغ يېقىشقا، كۈندۈزى ھويلا-ئارامدا پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشقا، ئۆگزىگە چىقىشقا يول قويۇلمايدىكەن، ھەممىدىن مۇھىمى سۇنى ئىسراپ قىلىشقا بولمايدىكەن. بۇ يەر تاغلىق رايون بولۇپ، بوستانلىقلاردا ھۆكۈمەت ئارمىيە تۇرغۇزغان بولغاچقا، بىز سەل قاقاسلىق جايلاردىكى قەبىلىلەرگە جايلاشقان ئىكەنمىز. سۇ بۇ يەردە ناھايىتى قىس ئىكەن. ۋەز-نەسىھەتلەردىن كېيىن، بىز ئارام ئېلىشقا قويۇپ بېرىلدۇق. جەمئىي بەش كىشى بىر ئۆيدە تۇرساقمۇ، گەپ-سۆزلىرىمىز پەقەتلا قولاشمايتتى. ھېلىقى سۆزمەن يىگىتمۇ خېلىلا جىمىپ قالغان، سۆزلەشكۈدەك گەپمۇ يوق ئىدى. يەنە قانداق تەقدىر-قىسمەتلەرنىڭ كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقى بىزگە نامەلۇم....... ئەتىسى سەھەردە بامدادتىن كېيىن، بىز ئۇستازنىڭ ئورۇنلاستۇرۇشى بويىچە يۈگۈرۈش، سەكرەش، يەر بېغىرلاش قاتارلىق بەدەن مەشىقى ئېلىپ باردۇق، ئاندىن تاماقلىنىپ قۇرئان ئوقۇدۇق. چۈشتىن بۇرۇندىن باشلاپ، قورال ئىشلىتىش ۋە چۇۋۇش، قوراشتۇرۇش توغرىسىدا نەزەرىيە دەرسى ئاڭلايتتۇق. مېنىڭدە قورال بولمىغاچقا، ئۇستازنىڭ قولىدىكى كىراشىنكوف (ئاپتومات) مېنى ئۆزىگە تارتىپ تۇراتتى. چۈشلۈك تامىقىمىز ناھايىتى ئاددىي بولدى. چۈنكى بۇ كۈنكى نۆۋەتچى (تاماق ئېتىدىغان نۆۋەتچىلىك ھەر بىرىمىزگە بىر كۈن كېلەتتى) پەقەت بىر خىللا تاماق يەنى قورۇما قورۇشنىلا بىلىدىكەن. چۈشتىن كېيىن ئاساسلىقى دىنىي دەرس ئوقۇيدىكەنمىز، كەچتا ئىككى سائەتتىن نۆۋەتچىلىك قىلدۇق. نۆۋەتچىلىك نۆۋىتى ماڭا كەلگەندە كېچە خېلى بىر ۋاقىت بولسىمۇ، لېكىن كۆزۈمگە ئۇيقۇ كېلىدىغاندەك ئەمەس، مەن ناھايىتى ھاياجانلىنىپ، شۇنداقلا قورقۇپ تۇراتتىم. چۈنكى قولۇمدا مەن ئۇزۇندىن بېرى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئاپتۇمات بار ئىدى (گەرچە ئىشلىتىشنى تولۇق بىلمىسەممۇ، ھارىس تۇرۇش سەۋەبلىك ئۇستازنىڭ قورالىنى ئىشلىتىپ تۇرغان).قورالدىن ئۇشتۇمتۇت ئوق چىقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيتتىم. قاپقاراڭغۇ دالىدا كۆزۈمگە كۆرۈنگەن سايىلاردىن، نەلەدىندۇر ئاڭلىنىۋاتقان غەيرىي ئاۋازلاردىن، پات-پات كۆرۈنۈپ قالىدىغان غەلىتە نۇرلاردىن شۈركىنىپ كېتەتتىم. ھاياجىنىمنى قورقۇنچ بېسىپ كەتتى. ئىككى سائەت مەن ئۈچۈن يىگىرمە سائەت، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن بىلىنىپ كەتتى. سائەتكە قاراي دېسەم سىتىرىلكىنى ئېنىق كۆرەلمەيتتىم. ھە راست، ئوقۇرمەنلەرگە چۈشەندۈرۈپ قوياي، مەندەك يېڭى ئەزالارنىڭ ئېلىكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى، ھەتتا ئېلىكترونلۇق سائەتنىمۇ ئىشلىتىش مەنئىي قىلىنغان ئىكەن. مەن ئىچكىرىدە پۇلىغا چىداپ تۇرۇپ ئالغان ۋاقىت، ئېگىزلىك كۆرسىتىپ تۇرىدىغان سائەتنى ئۇستازىمىز يېغىۋېلىپ، ماڭا بىر دانە سىتىرىلكىلىق سائەتنى بەرگەنىدى. ۋاقىتنى تەخمىنەن مۆلچەرلىدىم دە، كېيىنكى ھارىسنى ئويغۇتۇش ئۈچۈن ياتاققا چاپتىم. كۈنلەر شۇ تەرىقىدە مەشىق، ناماز، قۇرئان ئوقۇش، ھارىس تۇرۇش بىلەن ئۆتىۋاتاتتى، نېمىدېگەن زېرىكىشلىك. بۈگۈن مانا بىر ھەپتە بولدى. ئەمىرلەرنى قايتا كۆرمىدىم، سۆزمەن يىگىتتىن قەرز ئالغان 10 مىڭ رۇبىدىن ئۇستاز ئارقىلىق قورال ئېلىشقا ئەۋەتىپ بەرگەن، تېخى خەۋىرى كەلمىدى. ھارىس تۇرۇپ ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن مېنى خىيال باستى. ئۇيقۇم كېلىدىغاندەك ئەمەس. قۇرسىقىم كۆپۈپ تۇراتتى. قەۋزىيەت ۋە مادارىيە بۇ يەردىكى ئومومىيۈزلۈك كېسەل ئىكەن. دەسلىپىدە ئانچە-مۇنچە كۆكياش يېگەن، بىر قانچە كۈن بولدى، كۈندە ياڭيۇ قورۇمىسى (پىياز، ياڭيۇ بىلەنلا قورۇلىدۇ) بىلەن چاپىتى (پاكىستانلىقلارنىڭ نېپىز بىر خېمىردا يەيدىغان نېنى) يەۋاتىمىز. توڭلاتقۇ بولمىغاچقا گۆش ساقلىتىپ يېيىش ئىمكانىيىتىمىز تېخى يوق. كەلگەن كۈنى يېگەن گۆش بىلەن. مايسا ئۈچىيىمىز پېتىر خېمىر نېنى، چاپىتىنى كۆتۈرەلمەي قالدى. يەنە تۇرۇپ ئايالىم خىيالىمغا كىرىپ قالدى. مېڭىشتىن بۇرۇن مىڭ يۈەن بېرىپ قويغان. تاپقان پۇلنى ئۆزەم ئېلىپ ماڭغان. يىغىپ قويغان 40 مىڭ يۈەننىڭ ھەممىسى توزغاقتەك توزىدى. ئايالىمنىڭ ۋاقىتى-سائىتى يېققىنلاپ قالدى. دوختۇرغا باردىمىكىن؟ ئەسلى ئىچكىرىدىكى ۋاقىتتا تېلفۇن قىلىپ ئەھۋال سوراپ قويسام بوپتىكەن، ئاتا-ئانام قانداق قىلغاندۇ؟ بۇ يەرغۇ تېخى سوۋۇپ كەتمىدى، لېكىن قەشقەردە ئاز كۈندىن كېيىن سوغۇق چۈشىدۇ، قىشلىق كۆمۈرنىڭ غېمىنى قىلادىمىكىن؟ ئايالىم يەڭگىپ قالسا، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كېتىدۇ، قىيىن ئانام چوقۇم نۇرغۇن تاپا قىلىدۇ، مەندىن يامانلايدۇ ھەقاچان. ئايالىم ئوغۇل تۇغارمۇ قىزمۇ؟ كۆزلىرىمگە ئۇشتۇمتۇت يىغا ياماشتى. باشقىسغۇ مەيلى، دۇنياغا كۆز ئېچىپلا ئاتىسىز قالغان پەرزەنتىمنى ئويلاپ كۆڭلۈم بۇزۇلدى. قائىدە بويىچە پەرىزىنى ئادا قىلىشىم، مۇبارەك ئىسمىنى ئۆزەم قويۇشۇم كېرەك ئىدى. خىيالىمنى خوتەنلىك بۇرادىرىمنىڭ تولغىنىپ تۇرۇپ «ھەي ئىنسانچىلىق» دېگەن سۆزى ئۈزۈپ قويدى. قارىغاندا ئۇمۇ يىراقتىكى ئاتا-ئانىسىنى، قەۋمى-قېرىنداشلىرىنى سېغىنغاندەك قىلاتتى. تۇرۇپلا ئۆيگە قايتىپ كەتكۈم كەلدى...... بوغۇزۇمغا قاپلاشقان يىغا مېنى پۇراپ كەتكەن يوتقاننى چىڭ چىشلەشكە مەجبۇر قىلدى. ئەتىسى كېچە مەزگىلى بىز جىددىي يۆتكىلىش قىلدۇق. ئۇستاز ناھايىتى جىددىي كۆرۈنەتتى. يېرىم سائەتتىن كېيىن بىر ماشىنا كېلىپ، بىزنى يۆتكەپ ئېلىپ ماڭدى. مەن بىلەن ھېلىقى سۆزمەن يىگىتنى بىر ئۆينىڭ ئالدىغا چۈشۈرۈپ قويدى. ئۆي ئىگىسى پۇچتۇ بىزنى ھويلىغا باشلاپ كىرىپ، ئىشىك قېشىدىكى بىر كىچىك ئۆيگە ئورۇنلاشتۇردى. كېيىن بىلسەم بۇنداق جىددىي يۆتكىلىش دائىم بولۇپ تۇرىدىكەن، ئاساسلىقى پاكىستان، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىدىن يوشۇرۇنۇش ئۈچۈن ئىكەن. بىز بۇ ئۆيدە ئىككى كۈن تۇرغاندىن كېيىن يەنە يۆتكىلىپ تاغ ئارىسىدىكى ئورمانلىققا جايلاشقان مەشىق بازىسىغا باردۇق. مەن بۇيەردە تەشكىلاتنىڭ نۇرغۇن ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتۇم. بۇ يەردە چېدىر ئىچىدە ياتاتتۇق، مەن قورال ئېتىشنى ئۆگەندىم، لېكىن خۇماردىن چىققۇدەك ئېتىپ باقمىدىم. چۈنكى ئوق ئالغۇدەك پۇل يوق ئىدى. مەشىق جەريانىدا ئۇستاز بىزگە بەش تالدىن سەككىز تالغىچە ئوق تارقىتىپ بېرەتتى. مەن بۇيەرگە كەلگىلى ئىككى يىلدىن ئاشتى، لېكىن دەسلەپتىكى بىر ھەپتىدىن باشقا ۋاقىتتا دائىم دەككە-دۈككىدە يۈردۈم. دەسلىپىدە ناھايىتى قىزىقتۇرغان قورالمۇ ئەسكى تۆمۈردەك بىلىنىدىغان، كۆتۈرۈپ يۈرۈش ئېغىر كېلىدىغان بولۇپ قالدى. تاشلىۋېتىشنىڭ ئىمكانىيىتى يوق، ھايات قېلىش ئۈچۈن ياندىن ئايرىماي كۆتۈرۈپ يۈرۈش كېرەك ئىدى. ياڭيۇ بىلەن پىيازنى تولا يەپ قەۋزىيەت ئېغىرلىشىپ گومروي كېسىلىگە گىرىپتار بولدۇم، بەدىنىم پىياز پۇراپلا تۇراتتى. تاماققا ئىشتىھايىم يوق. تىرىك تۇرۇش ئۈچۈن زورلاپ يەيتتىم. تۇرۇپلا تەشكىلاتنىڭ ئەمىر-شورا ۋە بىر قانچە پېشقەدەم ئەزالىرىغا ھەۋەس قىلىپ قالاتتىم. ئۇلارنىڭ بۇ يەردە ئائىلىسى بار، ئايالى ئېتىپ بەرگەن تاماقنى يەيدۇ، تۇرمۇش تەمىنات پۇلى بىزنىڭكىدىن كۆپ، ئوغۇللىرىغا ئوقدان ئېسىپ قويۇپ، ھەۋەسلىنىپ قاراپ كېتىدۇ. پات-پات تاغدىن چۈشۈپ دۆلەت ئىچىدىكى ئاتا-ئانىسى ياكى يېققىنلىرى بىلەن تېلفۇنلىشىپ تۇرىدۇ. باشقىلاردىن ئاڭلىسام بىزنىڭ مەلۇم ئەمىرىمىز تېخى ئانىسىنى دۆلەت ئىچىدىن تاغقا ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئۇلارنىڭ قولىدا ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلغان تېلغۇن بار. نەدە خالىسا شۇ يەردە ئۇرىدۇ. «تۈركىستان ئىسلامىي پارتىيىسى» قانداق بولۇپ بۇ يەرنى بازا قىلغان بولغىتتى دەيمەن بەزىدە. يازدىكى ئىسسىققا ئادەم چىدىمايدۇ. دەرەخ سايىسى بىلەن ئاپتاپتا تۇرغان ئوخشاشلا. بەدەندىن سۇ قۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. ئىسسىقلىق ئۆرلەپ بىئارام قىلىپ كىشىنى ئازابلايدۇ، پاشىنىڭ كۆپلىكىدىن جان قاقشايدۇ. قىشتا سوغۇق جاندىن ئۆتىدۇ، كەيگىلى قىشلىق كىيىم ئالىدىغان پۇل ئەسلى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىيىۋالغان كونىرىغان كىيىملەر ئادەمگە بىر راھەت بولسا كاشكى. ۋەزىيەت بىردىنلا جىددىيلەشتى. بىر جايىمىزدا تۇرالمايتتۇق. نەلەردىندۇر ئۇچۇپ كەلگەن بومبا پات-پات بىزنى يوقلاپ تۇرىدىغان بولدى. كېچىلەپ يۆتكىلىش، كۈندۈزى ئۆيدىن سىرتقا چىقماي بۇرۇقتۇم بولۇش، قىيناپ ھالىمنى قويمىدى. ئى مۆمىنلەر! ئاللاغا لايىق رەۋىشتە تەقۋادارلىق قىلىڭلار. پەقەت مۇسۇلمانلىق ھالىتىڭلار بىلەنلا ۋاپات بولۇڭلار. خوتەنلىك بۇرادىرىمىزنىڭ سەۋەنلىكى ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئەمەس، سۆزمەن يىگىت ۋە بىر قانچە كىشىنىڭ جىنىغا زامىن بولدى. ئۇ كۈنى خوتەنلىك بۇرادىرىمىز قاتارلىق بەش كىشى ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە پۇچتۇنىڭ ئۆيىگە يۆتكەلگەن بولۇپ، كەچتە توك كەتكەن، ئۇلار توكنى ئۆچۈرۈشنى ئۇنۇتقان، يېرىم كېچىدە توك كەلگەن، غەرىق ئۇيقۇدا بۇلار ئۇنى تۇيمىغان، رازۋىتكا ئايروپىلانى بومبا تاشلىغان، گۈمبۈر قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ھەممەيلەن بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقان. تاڭ سەھەر توپا- كېسەكلەر ئارىسىدىن جەسەتلەرنى ئىزلىدۇق. ئاھ خۇدا، خوتەنلىك بۇرادىرىمىزنىڭ بېشىنىڭ يېرىمى يوق، سۆزمەن يىگىتنىڭ ئاستىنقى بەدىنى پارە-پارە بولۇپ كەتكەن، توپىغا ئارىلىشىپ كەتكەن گۆش پارچىلىرى، چۇۋۇلغان مېڭە قېتىقلىرى كۆڭلۈمنى ئايلاندۇردى. كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ كەتتى. بەش جەسەتتىن ئىككىسىنى پۈتۈنلەش مۇمكىن بولمىدى. ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە جەسەتنى بومباردىغان بولغان جايدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايغا گۆر كولاپ كۆمۈپ قويدۇق، يۇيۇپ-تاراش مۇمكىنچىلىقى بولمىدى. مەنزىرە بەك ئېچىنىشلىق ئىدى. ناماز چۈشۈرۈش قاتارلىق ئىشلارغا ئىشتىراك قىلغان بولساممۇ، خاتىرەمدە ئېنىق يوق، ناھايىتى قورقۇپ كەتكەن ئىدىم. بىز ئۈچ كىشى ئىدۇق، ئارزۇلىرىمىز ئوخشاش ئىدى. ساتىراشنىڭ جەسىتى قانداق بىرتەرەپ بولدى بۇنى بىلمەيمەن، قەبرىسى نەدە ئۇنى تېخىمۇ بىلمەيمەن. خوتەنلىك بۇرادىرىمىز بۇ يەردە شېھىت بولدى، ھەر ئىككىسى ئۆزىنىڭ بىر ئېغىز ئاخىرىقى سۆزىنى قىلىشقا ئىمكان بولمىدى. بەلكىم نۇرغۇن سۆزلىرى بولغىيتتى. يەنە ئويلىغان نۇرغۇن ئىشلىرى بولغىيتتى. ئاتا-ئانىسى بىلەن تېخى بىر قېتىممۇ تېلفۇن قىلىشىپ باقمىغان ئىدى. ئۇلارغا سالام يوللىيالمىغان ئىدى. بەلكىم پۇشايمان قىلغان، لېكىن ئېغىزىدىن چىقىرالمىغان بولغىيتتى؟ ئەمدى بۇ ئىككىسىنىڭ جەسىتى نامۇ نىشانسىز يەرلەردە قالدى، ھېچكىم يوقلىمايدىغان، ھېچكىم ئەسكە ئالمايدىغان، ھېچكىم خاتىرلىمەيدىغان يەرلەردە قالدى. بىز تېخى جىھاد قىلمىغان ئىدۇققۇ؟ كىم بىلەن جىھاد قىلىۋاتقىنىمىزنى بىلمىگەن ئىدۇققۇ؟ ھېيىت نامىزىدىن كېيىن ھەممە ئىشلار ئەسلىگە كەلدى. خۇددى بۇنداق ئىش بولمىغاندەك، ھېچكىم ئۆلمىگەندەك يەنە شۇ جىددىي يۆتكىلىش. ھەممەيلەن جان قايغۇسىدا. بومبىدىن قېچىش، قانداق قىلساق بومبا بىزنى تاپالمايدۇ دېگەن مەسىلىنى ئويلاش. بىر مەزگىللىك جىددىي يۆتكىلىش، يوشۇرۇنۇش ئۈنۈم بەردىمۇ قانداق، ئىشلار سەل پەسكويىغا چۈشتى. نەچچە ئايلىق جاپا-مۇشەققەت، قورقۇنچ مېنىمۇ جۈدەتتى. ئەينەك تېپىلغان بىر پۇرسەتتە ئۆزۈمنى ئەينەكتىن كۆرۈپ تونۇيالماي قالدىم. چاچلىرىم ئۆسكەن، پاخپايغان، ساقاللىرىم ئۆسۈپ چىگىلەشكەن، چىرايىم خۈنۈك، توپا باسقان، ھېچيېرىم چىرايى نۇرلىنىپ تۇرىدىغان مۇجاھىدغا ئوخشىمايتتى. ئافغانىستانغا كىرىپ ۋەزىپە ئۆتە بۇيرۇقى كەلدى. مەن قاتارلىق يەتتە كىشى بىر گۇرۇپ بولۇپ، ئۆزبىك ۋە باشقا جامائەتلەرگە ماسلىشىپ، ئافغانىستانغا كىرىپ ئۇرۇش قىلىدىكەنمىز. ئويلىدىم، مېنىڭمۇ ئەجىلىم توشۇپتۇ. مىڭ بىر جاپادا تاغدىن ئېشىپ، ئافغانىستان تەۋەلىكىگە كىردۇق. بىر قانچە كۈن رازۋىتكا قىلغان بولساقمۇ، دۈشمەن ئۇچىراتمىدۇق. گۇرۇپپا باشلىقىنىڭ دېيىشىچە، بىز زەربە بەرمەكچى بولغانلار ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتنىڭ ھەربىي قىسىملىرى ئىكەن، بىز رازۋىتكا قىلىۋاتقان جاي ئۇلارنىڭ ئەشيا توشۇش يولى ئىكەن، تەلىيىمىز بولسا يەنە ئۇلارنىڭ رازۋىتكا قىسمىغا ئۇچىرايدىكەنمىز. ئۈچىنچى كۈنى يىراقتىن بىر قانچە ماشىنا ۋە ئادەملەرنىڭ قارىسى كۆرۈندى. گۇرۇپپا باشلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بويىچە ئىككى كىشى ئالغا ئىلگىرلەپ، ھۇجۇم تەشكىللەيدىغان بولدى. يېرىم سائەتتىن كېيىن، ئالدىمىزدىن ئوق ئاۋازى، مىناميوت ئاۋازى ئاڭلاندى. مەن تۇرغان جايدىن ھەرقانچە قىلىپمۇ نېمە ئىشلارنىڭ بولغانلىقىنى ئېنىق كۆرەلمىدىم. ھۇجۇم تەشكىللىگەن ئىككى كىشىنىڭ بىرسى قايتىپ كەلدى، يەنە بىرسىگە ئوق تېگىپ جان ئۈزۈپتۇ. تاغ يولىدا جەسىتىنى ئېلىپ كېلىش ئىمكانىيىتى يوق ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بومباردىمانچى ئايروپىلان كېلىش ئېھتىماللىقى بولغاچقا، بۇيەردە ئۇزۇن تۇرۇشقا بولمايتتى. ۋەزىپە ئاخىرلاشتى. يەنە بىر قېرىندىشىمىزنىڭ جەسىتى تاغ-دالىغا تاشلاپ قويۇپ چېكىندۇق. ئاھ خۇدا، مېنى مۇشۇنداق نامسىز جەسەتلەرگە گۇۋاھچى قىلىش ئۈچۈن كۆڭلۈمگە بۇ ئارماننى سالغانمىدىڭ؟ كۆڭلۈمدە نالە قىلاتتىم. قۇربان بېرىشلەر داۋاملىشىۋاتاتتى. مەنمۇ ھەر 15 كۈندە بىر قېتىم ئافغانىستانغا كىرىپ ھۇجۇمغا قاتنىشىپ تۇراتتىم. دۈشمەندىن قانچىسىنىڭ ئۆلگىنى نامەلۇم. لېكىن بىزدىن چىقىمى كۆپ ئىدى. ھەرقېتىم شۇنداق تىرىشساممۇ دۈشمەننىڭ چىرايىنى، قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيۋاتاتتىم، كۆرەلمەيۋاتاتتىم. ھەممىدىن رايىم قايىتتى. ئەمىر ياكى شورالار بىلەن ئەھۋاللاشقۇم كېلەتتى، لېكىن ئۇلار بىلەن ئۇچىرىشىش پۇرسىتى كۆپ ئەمەس ئىدى. ئۇلار قانداقتۇر قەبىلە باشلىقى بىلەن ئۇچرىشىپ، يۆتكىلىدىغان، يوشۇرۇنىدىغان ئورۇن ئىزلەش، ئىقتىساد توپلاش، چوڭ جامائەت ئەمىرلىرىنىڭ ۋەزىنى ئاڭلاش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئالدىراش ئىدى. «ئىسلام يولۋىسى- ھەسەن مەخسۇم» دىكى جەڭگىۋار ھالەتنى كۆرەلمىدىم. شۇنداق بىر پۇرسەتتە ئۆزۇم يالغۇز تاغ ئۈستىدە قاتتىق توۋلىدىم: جېنىم دادا، ئاپا، قېرىنداشلىرىم، سىلەرنى كۆرەلەرمەنمۇ؟ ئايالىم، مېنى كەچۈرەرسەنمۇ؟ بالامنى كۆرىدىغان، ئەركىلىتىدىغان، سۆيۈپ ئوينىتىدىغان كۈنلەر كېلەرمۇ؟ مەندىن رازى بولارسىلەرمۇ؟ ئۆلۈكىم مۇشۇ دالىدا قالارمۇ؟ بالام يېتىم بولدۇڭغۇ؟ دادا دەپ چاقىرىدىغان ئادىمىڭ يوق بولۇپ قالدىغۇ؟ ئۆلۈم ھەر ۋاقىت سايىدەك ئەگىشىپ يۈرەتتى. ماڭا بۇ يەر خۇددى ناھايىتى كەڭرى كەتكەن غايەت زور گۆردەك ھەممىلا ئادەمنى يۇتىمەن دەپ تۇرغاندەك بىلىنىپ كەتتى. قايتىش يولى يوق ئىدى. يېڭى چىققان بىر قانچە ياش يىگىتنىڭ نارازىلىقى ئەمىرلەرنىڭ جازاسىغا ئۇچىرىدى. ئەلۋەتتە، تەشكىلاتتا تۈزۈملەر بار. كېلىمەن دەپ كېلىدىغان، كېتىمەن دەپ كېتىدىغان مېھمانخانا ئەمەستە بۇ يەر. گۇۋاھچى سۈپىتىدە قېلىۋەردىم. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر كەلدى، جەسەتلىرى چۆللەردە قالدى. يەنە نۇرغۇن كىشىلەر كەلدى، كەلمەكچى، بەلكىم ئۇلارمۇ....... ئىقتىساد ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى تەشكىلاتنىڭ دۆلەت ئىچىگە ئادەم كىرگۈزۈپ ئەمەلىيەت ئېلىپ بېرىشى توختىغىلى خېلى ۋاقىت بولغان ئىكەن. قىلىۋاتقان ئىشىم بىردىنلا ئەھمىيەتسىز بىلىندى. ئۆزەمگە نۇرغۇن سوئال قوياتتىم. مەن بۇ يەردە زادى نېمە ئىش قىلىۋاتىمەن؟ نېمە مەقسەتكە يەتمەكچى؟ پەقەت قورال مەشىقى قىلىشلا مېنىڭ ئارزۇيۇممىدى؟ مەن نېمىنى ئارمان قىلغان؟ خىياللىرىمنى يىغىشتۇردۇم. تۆۋە-ئىستىغپار ئېيتماقچى بولدۇم. شۇندىلا ئۆزۈمنىڭ خېلىدىن بېرى راھەتلىنىپ يۇيۇنۇپ باقمىغانلىقىمنى، نۇرغۇن ۋاقىتلاردا ئېھتىياج ئۈچۈن «تەيەممۇن» قىلىپ، ناماز ئادا قىلغانلىقىمنى ئويلىدىم. تۇرۇپلا ئۆزەمنىڭ پاكلىقىمدىن، قىلغان ئىبادەت، ئوقۇغان نامىزىمنىڭ قوبۇل بولغان-بولمىغانلىقىدىن گۇمان قىلدىم. پاكىزە راھەتلىنىپ بىر يۇيۇنۇش كېرەك. غايىپتىن كەلگەن بومبا پۇراپ كەتكەن تېنىمنى پارچىلىۋەتسە، ئاخىرەتكە ناپاك كېتىپ قالماي. يۇيۇنۇشنىڭ قانچىلىك راھەتلىكىنى ئەنە شۇ كۈنى ھېس قىلغان ئىدىم. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ قېنىغا سىڭىپ كەتكەن يۇرتۋازلىق جىھاد قىلىمىز دېگەن ئۇلۇغۋار ئارماندا بىر يەرگە جەم بولغان كىشىلەر ئارىسىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تېپىپ تۇراتتى. بىر قېتىملىق جىددىي يۆتكىلىش ئالدىدا يۆتكىلىپ بارماقچى بولغان ئورۇن توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالماي، تالاپەتكە ئۇچرىغىلى تاس قالدۇق. ئۇ چاغدا ئەمىرلەر ھەرقايسىسى ئۆزلىرى بىخەتەر دەپ قارىغان ئورۇنغا يۆتكىلىش پىكىرىدە چىڭ تۇرۇۋالغانىدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئەمىر قايسى يۇرتلۇق بولسا شۇ ئەمىر بىلەن بىر يۇرتلۇقلار شۇنىڭ پىكرىنى قوللاپ تۇرىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدا تالاش-تارتىش، ۋاراڭ- چۇرۇڭ باشلىنىپ كەتكەنىدى. ۋاقىت قىستاپ تۇراتتى. تالاش- تارتىش بولۇپ بىر ھازادىن كېيىن، ئەمىرلەر ئىچىدىكى ياشقا چوڭراقى ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۆز پىكرىنى ھەر قايسى نۇقتىلاردىن دەلىللەپ ئۆتكەندىن كېيىن شۇ ئەمىرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يۆتكىلىش ئېلىپ باردۇق. ئەلۋەتتە باشقا ئەمىرلەر بەك خالاپ كەتمىسىمۇ،ھېلىقى ئەمىرنىڭ پىكرىگە زورىغا قوشۇلغانىدى. دەرۋەقە بۇ قېتىملىق يۆتكىلىش ناھايىتى ئورۇنلۇق، ئاقىلانە بولۇپ، ھەممىمىز بۇ بىر قېتىملىق بوران-چاپقۇندىن ئامان قالغان بولدۇق. ھەي، ئۇيغۇر، ھەي، يۇرتۋازلىق، يەنە مۇشۇنداق كېتىۋەرسە بىز يەنە قانداق دىشۋارچىلىقلارغا ئۇچراپ كېتەرمىز. بىزدىكى بۇ يامان ئىللەت قاچانمۇ تۈگەر. ئاخىرى ئەمىر بىلەن كۆرۈشۈپ مۇڭدىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. لېكىن مېنىڭ سۆزلىرىمگە ئۇ ئىپادىسىز ھالەتتە ئولتۇراتتى. قانداقلا بولمىسۇن بۇ بىر كۈن خېلى يامان ئەمەس ئۆتتى. قۇربان ھېيىت باھانىسى بىلەن سەئۇدىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئايرىغان ئۆشرە-زاكات پۇلىغا ئەمىر گۆش ۋە باشقا لازىمەتلىكلەرنى ئېلىپ، بىز بىلەن ھېيىت قىلىشقا كەلگەن ئىدى. بىر پارچە ئۇستىخاننى غاجاپ ئولتۇرۇپ دادام ئېسىمگە كېلىپ قالدى. ئۇ ئۇستىخان غاجىلاشقا ئامراق بولۇپ، دائىم بىزگە بەك تاتلىق بولىدۇ دەيتتى. كىچىككىنە بەكىسى بىلەن ئۇستىخاننى غاجاپ ئولتۇرغان سىماسىي كۆز ئالدىمغا كەلدى. ھەتتەڭ دادام بۇ ھېيىتتا قۇربانلىق قىلالىدىمىكىن؟ گۆشىگە ئېېغىز تېگەلىدىمىكىن؟ ئايالىم بالامغا ھېيىتلىق بېرەلىدىمىكىن؟ باشقا بالىلاردەك ھېيىتلىق كىيىم كىيەلىدىمىكىن؟ ياكى بويۇن قىسىپ قالدىمىكىن؟ ئۇلار زادى نېمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ؟ يامراۋاتقان كۆز ياشلىرىمنى يوشۇرۇپ، باشقا ياققا قارىۋالدىم. ھەممەيلەن خوشالدەك كۆرۈنگىنى بىلەن كۆزلىرى غەمكىن. سېزىپ تۇرىمەن، ئۇلارمۇ كۆڭلىدىكىنى بىلدۈرمەي دەرت يۇتۇپ يۈرۈۋاتىدۇ. رەھمەتلىك خوتەنلىك بۇرادىرىمنىڭ ئۇھسىنغان ئاۋازى ئاڭلانغاندەك بولدى. «ھەي ئىنسانچىلىق»، بىر قانچە كۈندىن كېيىن مەن بىلەن يەنە بىر مۇجاھىت ئەمىرنىڭ رۇخسىتىگە ئېرىشتۇق. بىزگە (دۆلەت ئىچىگە) تېلىفۇن قىلىشقا رۇخسەت كەلگەنىدى. ئۆيدە تېلىفۇن يوق، ئۆيدىكىلەرنىڭ قول تېلىفۇن ئىشلىتىش شارائىتى يوق. كىمگە تېلىفۇن قىلىش كېرەك؟ مەن بىلەن بىللە تېلىفۇن قىلىشقا چۈشكەن مۇجاھىتقا ئەھۋالنى ئېيتتىم. ئۇ ماڭا ياردەم بېرىشكە قوشۇلدى. ئەمىرنىڭ تەلىپى بويىچە بىرىمىز تېلىفۇندا سۆزلەشكەندە يەنە بىرىمىز چوقۇم قېشىدا تۇرۇشىمىز كېرەك ئىدى. تېلىفۇننى ئانىسى ئالغان بولسا كېرەك، ئۇ پەقەتلا گەپ قىلالماي ھېقىلداپ يىغلاپ كەتتى. ئاندىن ئۇشتۇمتۇت ئانا مېنى ئېلىپ كەت، جېنىم ئانا سىلەرنى بەك سېغىندىم، سىلەرنىڭ گېپىڭلارنى ئاڭلايمەن، مېنى ئېلىپ كەت دېدى. مېنىڭمۇ كۆز چاناقىلىرىم ياشقا توشتى. بىر ئازدىن كېيىن ئەھۋالىمنى ئۆيىدىكىلەرگە ئېيتىپ بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرنىڭ تېلىفۇن نومۇرىنى سورىدى. ئانىسى ياردەم بېرىشكە قوشۇلدى. مەن گەرچە ئاران كەلگەن تېلىفۇن ئۇرۇش پۇرسىتىدە ئۆيدىكىلەر بىلەن كۆرۈشەلمىگەن بولساممۇ، لېكىن مەن بىلەن بىرگە چۈشكەن مۇجاھىتنىڭ ئانىسى بىلەن كۆرۈشەلىگىنىدىن ناھايىتى خوش بولدۇم. شۇنداق قىلىپ مەن ئۇنىڭ ياردىمى بىلەن ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندە سۆيۈملۈك ئايالىم، ئانام بىلەن تېلىفۇندا كۆرۈشتۈم. ئاۋازىم غاراڭ-غۇرۇڭ چىقاتتى، ئانام توختىماي يىغلايتتى. ۋاپادار ئايالىم مەن ئۇلارنى تاشلاپ كەتكەندىن كېيىن ئاتا-ئانامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئۇلار بىلەن بىرگە تۇرۇپتۇ. مەن قېچىپ كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئايالىم يەڭگىپ ئوغۇل تۇغۇپتۇ، ئائىلىمىزنىڭ چىرىقى ئۆچمەپتۇ. لېكىن دادام كېسەل سەۋەبى بىلەن تۆگەپ كېتىپتۇ. ئاچام بىلەن سىڭلىممۇ ياخشى تۇرۇۋېتىپتۇ. قايسى تەرەپتىن كىچىك بالىنىڭ گۇڭىرلىغان ئاۋازى كەلدى. مەن پەقەت چىدىيالمىدىم، كۆز يېشىمنى توختىتالمىدىم، تېلىفۇننى قويۇۋەتتىم. مەندىن رازى بولۇڭلار، مېنى كەچۈرگەيسىلەر... شۇندىن كېيىن كۆڭلۈمدە كېتىش كېرەك دېگەن ئوي غەليان كۆتۈرۈپ چىقتى. نەگىلا بولمىسۇن، بۇ يەردىن كېتىش كېرەك، بۇ يەردە ئۆلۈمنى كۈتۈپ يۈرىۋەرمەسلىك كېرەك. كۈنلىرىمنى ئەنە شۇنداق ئازاپ ئىچىدە، بىر كۈننى بىر يىلنى ئۆتكۈزگەندەك ئۆتكۈزۈپ كېتىۋاتاتتىم. شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىزگە يېقىن ئەتراپتىكى بازاردىن كۆكتات، ئۇن-ماي ئەكىلىشكە مەسئۇل بۇرادىرىمىز ئەمىرنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قەيەرلەرگىدۇر كەتكەنىدى. ئەسلىدىلا پۇرسەت تېپىپ پەسكە چۈشۈپ تىڭ-تىڭلاپ بېقىشنى ئويلاپ كېلىۋاتقان مەن بۇنى ياخشى پۇرسەت دەپ بىلدىمدە، ئەمىرلەرنىڭ تاغقا چىقىشى بىلەنلا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قېشىغا كىرىپ، بۇ ۋەزىپىنى ئۈستۈمگە ئېلىش تەكلىپىنى بەردىم. دەسلەپتە ئۇلار سەل ئارىسالدى بولدىيۇ، لېكىن يەنىلا ماقۇل بولغانىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن نەچچە كۈندە بىر پەسكە چۈشۈپ، نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىپ تاغقا ئېلىپ چىقىپ يۈردۈم. بۇ جەرياندا ھەر قېتىم پەسكە چۈشكەندە نەرسە-كېرەك سېتىۋالىدىغان پۇشتۇ بىلەن خېلىلا چىقىشىپ قالغانىدىم. مۇناسىۋېتىم قويۇقلاشقاندىن كېيىن، مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ بۇ يەردىن كېتىش ئويۇمنىڭ بارلىقىنى، بولسا ماڭا بىر يول كۆرسىتىشىنى ئۆتۈنگەنىدىم. ئۇ ماڭا پۇل ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرگە بارغىلى بولىدىغان پاسپورت ياسىتىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. بۇنى ئاڭلاپ دەسلەپتە خېلى خۇش بولغانىدىم، لېكىن مەندە پاسپورت ياساتقۇدەك پۇل نەدە، بېشىمنىڭ ئىچىمۇ-تېشىمۇ قېتىپ تىتىلداپ كەتكەنىدىم. ئاتا-ئانا دېگەن ھەرقانداق ئادەم بېشىغا كۈن چۈشكەندە تۇنجى بولۇپ ئويلايدىغان ئادەم ئىكەن. پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆيدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ پۇل ئەۋەتكۈزەي دەپ ئويلىغانىدىم. تۇرمۇشنىڭ ئاچچىقى كىشىنى ھەر ئويلارغا، ھەر كويلارغا سالىدىكەن، قىلمايمەن دېگەن ھەر ئىشلارنى قىلغۇزىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن يۈزۈمنى داپتەك قىلىپ، ئۆيدىكىلەرگە تېلفۇن قىلىپ، پۇل ئەۋەتكۈزۈش قارارىغا كەلدىم ۋە كېيىنكى قېتىم پەسكە چۈشكەندە ئۆيگە تېلفۇن قىلدىم. تېلفۇننى ئاپام ئالغانىدى، ئاۋازىمنى ئاڭلىغان ئاپام ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى، مېنىڭ كۆز چاناقلىرىممۇ لىققىدە ياشقا تولغانىدى. ھال-ئەھۋال سورىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزۈمنىڭ پۇلغا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىمنى ئېيتتىم ۋە پۇلنى ھېلىقى پۇشتۇنىڭ نامىغا سېلىشنى تاپىلاپ قويۇپلا تېلفۇننى قويۇۋەتتىم، چۈنكى تېلفۇندا بەك ئۇزۇن سۆزلىشىش بىئەپ ئىدى. ئارىدىن بىر قانچە كۈنلەر ئۆتكەندىن كېيىن پەسكە چۈشسەم، ھېلىقى پۇشتۇ ئۆزىنىڭ پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئېيتتى ۋە پاسپورتنى بېجىرىدىغان-بېجىرمەيدىغانلىقىمنى سورىدى. بۇنى ئاڭلاپ پاسپورتنى دەررۇ بېجىرىش كېرەكلىكىنى ئېيتتىم. ئارىدىن يەنە بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىشقا مەسئۇل بۇرادەر قايتىپ كەلدى. ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشى مېنىڭ پەسكە چۈشۈش پۇرسىتىمنىڭ يوقالغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. دېگەندەك ئۇ كېلىپلا بۇ ۋەزىپىنى يەنە ئۆزى ئېلىۋالدى. قانداق قىلىش كېرەك؟ ھېلىقى پۇشتۇ بىلەن كېلىشىپ قويغان ۋاقىتمۇ توشۇپ بولغىلى خېلى بولغانىدى، ئەمدى يەنە كېچىكتۈرۈشكە بولمايتتى. شۇنىڭ بىلەن قەتئىي نېيەتكە كېلىپ تاغدىن ئوغرىلىقچە چۈشۈپ قېچىپ كېتىش قارارىغا كەلگەنىدىم. چۈنكى بىر نەچچە قېتىم پەسكە چۈشۈش جەريانىدا يوللارغا خېلى پىشىپ قالغانىدىم. شۇنىڭ بىلەن بىر كۈنى تاڭ سۈزۈلۈشكە ئاز قالغان چاغدا ھېچكىمگە تۇيدۇرماي ياتاقتىن چىقتىمدە، پەسكە قاراپ ماڭدىم. پەسكە چۈشۈپ بولغۇچە دەككە-دۈككە ئىچىدە يول يۈردۈم، كەينىمدىن بىرى قوغلاپ كېلىۋاتقاندەك پات-پاتلا كەينىمگە قاراپ قوياتتىم. خۇداغا مىڭ مەرتىۋە شۈكرى شۈكرى، پەسكە ساق-سالامەت چۈشۈۋالدىم ۋە ھېلىقى پۇشتۇنى ئىزدەپ تاپتىم. پۇشتۇدىن پاسپورتۇم ۋە ئاشقان پۇللىرىمنى ئېلىپ، پۇشتۇ بىلەن بىر ماشىنىغا ئولتۇرۇپ شەھەرگە كىرىۋالدىم. شەھەرگە كىرگەندىن كېيىن، پۇشتۇنىڭ ياردىمىدە ئايرودرومغا قاراپ يول ئالدىم، رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بولۇپ، تاكى ئايروپىلانغا چىقىۋالغۇچە يۈرىكىم ئەنسىز سېلىپ تۇراتتى. ئايروپىلان بىر قانچە سائەت ئۇچۇپ، بىر جايلاردا توختاپ يەنە ئۇچۇپ ئاخىرىدا ياۋروپانىڭ مەلۇم بىر شەھىرىگە (شەھەر ئىسمىنى تىلغا ئالماي) كېلىپ قوندى. بۇ دۆلەتتە بىر نەچچە كۈن تەمتىلەپ يۈرگەندىن كېيىن، شۇ يەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ياردىمىدە پاناھلىققا ئېرىشتىم، ئۆزۈمگە يارىشا خىزمەتمۇ تاپتىم. بۇ يەرگە كەلگەندىن بۇيان گەرچە ئۆيدىكىلەر بىلەن تېلفۇن ياكى تور ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ تۇرغان بولساممۇ، ئاتا-ئانام، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە يۇرتقا بولغان تەلپۈنۈشۈمنى، سېغىنىشىمنى قىلچە قاندۇرالمايتتى. ئەكسىچە بۇنداق سېغىنىش، تەلپۈنۈش كۈنسايىن ئېغىرلاپ كېتىۋاتاتتى. بەزى چاغلاردا تاغدىكى قېرىنداشلىرىمنىمۇ ئويلاپ قالاتتىم، ئۇلار يەنە قانداق كۈنلەرنى كۆرەر؟ ئۇلاردىن ھايات قالغانلىرى قانچىلىك؟ ... دېگەندەك نۇرغۇن خىياللارنى قىلاتتىم، ھەتتا ئامال بولسا ئۇلارنىمۇ شۇ نەس باسقان جايدىن ئېلىپ چۈشۈۋالسام، دۆلەتكە قايتالمىساقمۇ، خاتىرجەم ياشىساق دېگەندەك ئارزۇلارنى قىلاتتىم. لېكىن مەندە نېمە ئامال بار. مەن پەقەت شۇ قېرىنداشلىرىمنىڭ ساق-سالامەت بولۇشىنى، كۈننىڭ سېرىقىنى بىرەر كۈن بولسىمۇ ئارتۇقراق كۆرۈۋېلىشىنى ئۇلۇغ ئاللادىن مىڭ-مەرتىبە تىلەشتىن باشقا ھېچقانداق ئامالىم يوق ئىدى. ئۇلۇغ ئاللا ئېگەم ئۆمرۈڭلارنى ئۇزۇن، تۇرمۇشۇڭلارنى خاتىرجەم قىلغاي ئىلاھىم. |
Free forum by Nabble | Edit this page |