چوكىنىم
چوكىنىم
باغۋەن ئۇستام تەك ياساپتۇ تىيەكى يوق
يايرىم كۆينەك كىيىپتۇ جىيەكى يوق
باغۋەن ئۇستام تەك ياساپتۇ تىيەكى يوق
يايرىم كۆينەك كىيىپتۇ جىيەكى يوق
جىيەكى يوق كۆينەككە قاراپ باقسام قىز بالىلار
ھالىڭىز چوڭ ئۆزىڭىزنىڭ ئىسكەتى يوق
جىيەكى يوق كۆينەككە قاراپ باقسام قىز بالىلار
ھالىڭىز چوڭ ئۆزىڭىزنىڭ ئىسكەتى يوق
ئاھ، غىپىللەمەڭ موندىكىم غىپىللەمەڭ
غىپىللەمەڭ توختىخان غىپىللەمەڭ
ئەمدىلىكتە تۇتقان يار، غىپىللەمەڭ دادەي
يار بولامدۇ بولمامدۇ، غىپىللەمەڭ
ئەمدىلىكتە تۇتقان يار، غىپىللەمەڭ دادەي
يار بولامدۇ بولمامدۇ، غىپىللەمەڭ
يولدا ماڭغان شۆپەكنىڭ ئوڭ چاقىسى پەس
ئالدىرىماڭلار قىز بالىلار جاڭزا ئالماق تەس
يولدا ماڭغان شۆپەكنىڭ ئالدى چاقى پەس
ئالدىرىماڭلار قىز بالىلار ئەرگە تەگمەك تەس
ئەرگە تەگسەڭ ماڭا تەگ،راھەت كۆرەرسەن
كۆيەك تاغارنىڭ قېنىدا كۆينەك كىيەرسەن
ئەرگە تەگسەڭ ماڭا تەگ،راھەت كۆرەرسەن
تۆگىنىڭ ماياقىدا تۈگمە قادايسەن
ئاھ، غىپىللەمەڭ موندىكىم غىپىللەمەڭ
غىپىللەمەڭ توختىخان غىپىللەمەڭ
غىپىللەمەڭ چوكىنىم غىپىللەمەڭ
ئەمدىلىكتە تۇتقان يار، غىپىللەمەڭ دادەي
يار بولامدۇ بولمامدۇ، غىپىللەمەڭ
ئەمدىلىكتە تۇتقان يار، غىپىللەمەڭ دادەي
يار بولامدۇ بولمامدۇ، غىپىللەمەڭ
ئالتە شەلىك يول مېڭىپتۇ چاڭ چىقارماي
بىر پادىشا شەھەر سوراپتۇ داڭ چىقارماي
ئالتە شەلىك يول مېڭىپتۇ چاڭ چىقارماي
بىر پادىشا شەھەر سوراپتۇ داڭ چىقارماي
ئېلىۋاپتۇ ياش بالىلار ۋىژدانىنىڭ بارلىقىدىن دادەي
يېنىنىڭ بېشىدىن بىر تىيىن پۇل چىقارماي
ئېلىۋاپتۇ ياش بالىلار ۋىژدانىنىڭ بارلىقىدىن دادەي
يېنىنىڭ بېشىدىن بىر تەڭگە پۇل چىقارماي
ئاھ، غىپىللەمەڭ موندىكىم غىپىللەمەڭ
غىپىللەمەڭ توختىخان غىپىللەمەڭ
غىپىللەمەڭ چوكىنىم غىپىللەمەڭ
…
menbe: dostum.wordpress.com/2009/08/30/qokinim/