|
ئۇرغۇي ئەمەس،ئۇيغۇر
ئاتاقلىق شائىر مۇھەممەد رىھىمىنىڭ 1986-يىلى21-نۇيابىر ئۈرۈمچىدە يازغان شىئىرى.
مەيلى دەيتىم،گەپمۇ قىلمايتىم
قارچۇغىنى قۇرغۇي دىسىڭىز.
كۈلۈپ كەتتىم غىدىقىم كىلىپ،
ئۇيغۇر تۇرۇپ ئۇرغۇي دىسىڭىز.
سىزگە شۇنداق ئۈگەتكەنمىدى
ئۇستازىڭىز،ئاتا-ئانىڭىز؟
ناچارمىدى سىزنىڭ باشتىلا
تىل دەرسىدىن ئىمتانىڭىز؟
ناچار بۇلسا ئۆزىڭىزدە گەپ،
ئارتماڭ ئۇنى مىللىتىڭىزگە.
ئۇيغۇر تىلى سۈكۈت قىلالماس،
ئۇرغۇي دىگەن ئىللىتىڭىزگە.
ئىسمىڭىزنى خاتا ئاتىسام،
ئاچچىقىڭىز كىلىدۇ راسا.
خاتا ئاتاپ مىللەت نامىنى،
ئوخشاشقۇ دەپ ئويناتماڭ ھاسا.
«ئۇيغۇر»دىگەن ئۇلۇق نام بىلەن،
ماختىنىشقا سىزمۇ تەلەپكار.
«ئۇرغۇي»ئەمەس«ئۇيغۇر»دىيىشكە
بۇ شىئىرىم بولسۇن مەدەتكار
|