|
مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلىرمىز ۋە تەشكىلاتلىرمىز ئارىسدا ئىتىپاقلىق بىرلىكنىڭ ئەمەلگە ئاشالماسلىقىدىكى سەۋەپ بىزدە دىمۇكىراتتىيە يوق. بىر قسىم كىشلەر ئۆزلىرنىڭ گىپىنى راس دەپ تۇرىۋالىدۇ.كىمنىڭ ھوقۇقى چوڭ بولسا شۇنىڭ گىپى گەپ بولىۋاتىدۇ.ئاساسلىقى لېدىرلىرمىزنىڭ سەۋيىسى تۆۋەن بولغاچ ئۇيغۇر دەۋاسىغا توغرا يىتەكچىلىك قىلالمايۋاتىدۇ. بىز قابىليەتلىك رەھبەرلىرمىزنى قوللىشىمىز، بىرقىسىم قابىليەتسىز رەھبەرلەرنى شاللىشىمىز كېرەك.بۇ ئەڭ ئاۋال قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم ئىش.ئۇيغۇر دەۋاسىغا رەھبەرلىك قىلىش ئۈچۈن قورساقتا ئۇماچ بۇلىشى كېرەك. شەرقى تۈركىستان دەۋاسىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك سەۋىيە تەلەپ قىلىنىدۇ.سەن شەرقى تۈركىستان دەۋاسىنى ئۈگۈنۈپ باشلانغۇچنىڭ دىپلومىنى ئالغان بولساڭ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بالسغا دەرىس بىرەلمەيسەن. نۆۋەتتە دەۋا سېپىمىزگە كىرىۋالغان بىرقىسم مۇناپىقلار تەشكىلاتلىرمىزنى جان باقىدىغان قورالغا ئايلاندۇرىۋالدى. بۇلار گوروھۋازلىق قىلپ،ئوغىرى قاراقچىلاردەك ھەركەت قىلىپ يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققان تەشكىلاتلارنى ئۇرۇپ يىقىتىۋاتىدۇ.دەۋانى كەينىگە سۆرەۋاتىدۇ. بۇنداق بۇلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ لېدىرنىڭ تەشىكىلاتنى يىتەكلەپ ماڭغىدەك سەۋىيسنىڭ يوقلىغىدا ياكى بولمىسا خىتايغا بەرگەن ۋەدە قەسەملىرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەۋاتقانلىغىدا.شەرقى تۈركىستان سەرگەردان ھۆكۈمىتى،شەرقى تۈركىستان مائارىپ ھەمكارلىق جەمىيىتى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرنىڭ تەك مەۋجۇت بۇلىشى بىر ئىجابى ھادىسە ئىدى.بۇ تەشكىلاتلار ئوتتۇرسىدىكى مەسىللەرنى توغرا ھەل قىلالمىغانلىق يەنە دەل شۇ لېدىرنىڭ خاتالىقى. سەن ئۆزەڭنى مەن ئۇيغۇرنىڭ لېدىرى دەيسەن، لىكىن ئارىدا بۇزغۇنچىلىق قىلىسەن.ۋەتەن ئۈچۈن جان پىدا قىلشنى خالايدىغان ھەقىقى ئوت يۈرەك ئىنقىلاپچىلار بىلەن ھەقىقى يۇسۇندا ھەمكارلىشىشنى خالىمايسەن.سەن زادى كىم بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايسەن.سىنىڭ ھالىڭ شۇ تۇرسا دەۋادا قانچىلىك نەتىجە قولغا كېلىدۇ؟ئۇيغۇرنىڭ ئارزۇسى ئەركىن ھۆر ياشاش.ھەرگىزمۇ مىليونىر بۇلۇش ئەمەس.سەن مۇناپىق خىتايدىنمۇ زەھەرخەندە بىردەم قېرىنداشلىرمىزنى چەتكە قاقساڭ بىردەم خىتاي دوسلۇرۇڭ ئارقىلىق قېرىنداشلىرمىزنى يوقىتىۋاتىسەن.سەن زادى قانداق لېدىر.
|