|
يېقىندىن بىرى ۋەتەندە يۈز بەرگەن بىرقىسىم تىرورلۇق ۋەقەلىرى دۇنيانىڭ دىققىتىنى يەنە بىرقېتىم ئۇيغۇرغا مەركەزلەشتۈردى.ئەپسۇسلىنارلىق يىرى بۇخىل تىرورلۇق ھۇجۇملىرى مىلىتىمىزگە سەلبى تەسىر ئېلىپ كەلدى. مەسلەن ئامىركا ئاقساراينىڭ باياناتچىسى تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەنى بىگۇناھ پۇقرالارغا قارىتىلغان تىرورلۇق ھۇجۇمى دەپ ئەيىپلىدى.بۇ ئىشنىڭ بىزگە ئېلىپ كىلىدىغان سەلبى تەسىرى ئۇزۇنغىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن.تىرورلۇق ھۇجۇملىرى مىللەتنىڭ ئىناۋىتى ۋە يۈز ئابرويىنى تۈكىدۇ.بىگۇناھ پۇقرانى ئۆلتۈرۈش دىنىغىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.نۆۋەتتە تىروچىلار دۇنيانىڭ ئورتاق دۈشمىنىى دەپ قارىلىپ كىلىۋاتىدۇ.بۇنداق ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلار تىرورلۇق ۋەقەلىرگە كۆپلەپ باغلىنىپ قالسا بۇنىڭدىن كىيىن مۇھاجىراتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشغا ،خەلىقارا جەمىيەتتىن ياردەملەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزگە پايدىسىز.ئەگەر ئۇيغۇرلار تىرورلۇق يولىغا ماڭسا ئۇ چاغدا ھازىر بىرنىڭ دەۋا ئىشلىرمىزنى قوللاۋاتقان دىمۇكىراتتىك دۆلەتلەر يەنە بىزنى داۋاملىق قوللامدۇ.شۇڭا مۇھاجىرەتتىە ئۇيغۇر دەۋاسىنى قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرمىز تەشكىلاتلىرمىز بۇلۇپمۇ دۇق رەھبەرلىرى تىرورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە تىرورلۇق پائالىيەتلىردىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىشى تىرورلۇق ۋەقەلىرى توغرىسدا گەپ سۆز قىلغاندا سۆزگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك ئىدى . لىكىن رابىيە قادىر خانىم ئۆزى ئوقۇمىغان قارا قوساق ھەمدە خەلىقئارا قانۇن ۋە خەلىقئارا ۋەزىيەتتىن خەۋەرسىز بولغاچقا نەتچە قېتىم سۆزىدە بىز چۇقۇم ۋەتەندە يۈزبەرگەن تىرورلۇق ھۇجۇملىردىن پايدىلىنىشىمىز كېرەك.شۇڭا بۇ خىلدىكى ھۇجۇملار قانچە كۆپلەپ يۈز بەرسە شۇنچە ياخشى دىگەن سۆزلەرنى قىلىپ كەلدى.رابىيە خانىمنىڭ بۇ سۆزلىرى ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرمىزنى ئوتقا ئىتتارغانلىق بىلەن باراۋەر،نۇرغۇن قېرىنداشلىرمىز شۇ سەۋەپتىن ئورۇنسىز قۇربانلىقلارنى بېرىۋاتىدۇ.تىرورلۇق ھوجۇملىرى دەۋاغا سەلبى تەسىر كۆرسىتىدۇ.بىز ئۇيغۇرلاردا ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە دەيدىغان گەپ بار.ۋەتەندە يۈزبەرگەن ۋەقەلەرنى ئامىركا،ب د ت،ياۋرۇپا ئىتىپاقى ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە تەشكىلاتلار بىگۇناھ پۇقرالارغا قارىتىلغان تىرورلۇق ھۇجۇمى دەپ ئەيىپلەۋاتسا رابىيە خانىم خەلىقئارانىڭ تەتۈرسىدىن چىقىپ ئۇيغۇر خەلىقى ئۆز كۆرەش يولىنى ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ بەلگىلەيدۇ ،ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىز توغرا يولنى تېپىپ ماڭدى،دۈشمەنلىرگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلىدۇ دەپ ئوڭ تەتۈر سۆزلەپ يۈردى.بۇنداق سۆزلەر دۇق نىڭ ۋە مىللەنىڭ ئىناۋىتىنى يەرگە تۆكىدۇ.رابىيە خانىم دۆتمۇ ياكى ۋەزىيەتنى توغرا مۆلچەرلىيەلمەيۋاتامدۇ؟ رابىيە خانىم بۇنداق دەپ نىمە مەقسەتكە يەتمەكچى؟ ئۆزىنىڭ تىرورلۇق ۋەقەلىرنى قوللايدىغانلىقىنى دۇنياغا ئېلان قىلماقچىمۇ ياكى خىتايغا ياردەملىشىپ ئۇيغۇرغا تىرورچى مىللەت دىگەن قالپاقنى كەيگۈزمەكچىمۇ؟
|