قازانغا يۇلۇقساڭ قارىسى يۇقۇر

classic Classic list List threaded Threaded
2 messages Options
Reply | Threaded
Open this post in threaded view
|

قازانغا يۇلۇقساڭ قارىسى يۇقۇر

babur
يېقىندىن بىرى سېيىت تۈمتۈرۈك ئەپەندى شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتىدىكلەر بىلەن بىرقىسم ئىش  پائالىيەتلەردە ھەمكارلىشىۋاتغان.ئاڭلاشلارغا قارىغاندا سېيىت تۈمتۈرۈك ئەپەندى مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەسىر دايىرسىنى كەڭەيتىپ دۇق نىڭ رەيسى بۇلۇشقا تەييارلىق قىلىۋېتىپتۇ. بەلكىم سىېيىت تۈمتۈرۈمنىڭ كەلگۈسىدە ئۆزى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا رەيس بولغاندىن كىين دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن مائارىپ جەمىيىتىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى تەشكىلاتنى بىرلەشتۈرۈش خىيالى بولىشى مۇمكىن.مىنىڭچە بۇ بىر خام خىيال.ئەينى چاغدا ئوتتۇرا ئاسىيادا مەمتىمىن ھەزرەت باشچىلىغىدىكى شەرقى تۈركىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى بىلەن مەرھۇم ھەسەن مەخسۇم باشچىلىغىدىكى شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتيەسىمۇ نام جەھەتتە بىرلەشكەن ، لىكىن  ئۆزئارا ھوقۇق تالىشىش ۋە پۇل تالىشىش سەۋەبىدىن قانلىق ۋەقەلەر چىقىپ ئىككى تەشكىلاتنىڭ بىرلىشىشى ئىشقا ئاشمىغان.ئاقىۋەتتە بۇ ئىشلار ئابىلىمىت تۇرسۇننىڭ 4 بالىنى ئۆلتۈرۈپ پۇللارنى ئېلىپ تۈركىيەگە قېچىپ كىتىشى بىلەن ئاخىرلاشقان.لىكىن ھازىر ئابلىمىت تۇرسۇن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەدىنيەت مائارىپ كومىتىتىنىڭ مەسئۇلى بۇلۇپ گىرمانىيەدە بىخارامان يۈرىۋاتىدۇ.بۇ ئىشلار بىر ئاچچىق ساۋاق ،سېيىت تۈمتۈرۈك بۇ ئىشلاردىن ئىبرەت ئېلىشى كېرەك.شۇڭا دۇق  تۈركىيەدىكى مائارىپ ھەمكارلىق جەمىيىتى بىلەن ھەمكارلىشىش ۋە بىرلىشىش خىيالىدا بولسا بولمايدۇ.چۈنكى مائارىپ جەمىيىتىدىكى ئابدۇقادىر ياپچان دەل شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچىلىرنىڭ بىرى.نۆۋەتتە بۇ ئادەمنىڭ ئەتراپىدىكلەرنىڭ ھەممىسى ئەنۇشۇ شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى.گەرچە ھازىر بۇلار تۈركىيەدە شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى نامىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقاندەك قىلسىمۇ يەنىلا شۇ ئافغانىستان پاكىستاندىكى مۇجايىتلارنىڭ تۈركىەيدىكى ۋەكىلى .ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلار ئاساسەن گەپ يىمەيدىغان قارا تۈرۈك ئادەملەر. ئەگەر سېيىت تۈمتۈرۈك ئەپەندى ئابدۇقادىر ياپچانلار بىلەن ئېغىز بۇرۇن يالىشىپ يۈرسە بۇنىڭدىن ياخشى نەتىجە چىقمايدۇ.كەلگۈسىدە يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىكىدەك قانلىق ۋەقەلەر يۈزبىرىشى مۇمكىن.ئۇنىڭ ئۈستىگە  دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭمۇ  تىرورچى تەشكىلات دىگەن قالپاقنى كىيپ قېلىش  خەۋىپى بار.قازانغا يۇلۇقساڭ قارىسى يۇقار دىگەندەك شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىنىڭ سېسىق نامى بىلەن دۇق نى بۇلغاپ قويماسلىق لازىم.بولمىسا كەلگۈسىدە مۇھاجىرەتتىكى دەۋا ئىشلىرمىز نۇرغۇن  توسالغۇغا ئۇچىرايدۇ.
Reply | Threaded
Open this post in threaded view
|

Re: Satqungha Yoluqsang Satqunluqi Yuqar

DUD Sozchisi


Sewiyelik bu Ustamning Isimsiz, Qisqa yazmiliri bilen Mezkur Torbette Uyghurlarni Qaymuqturiwatqanliqini koriwatisiz. Pakitlar aldida Amalsiz iqrar qelishqa mejbur bolghanliqi kupayeidi. u buning bilen qalmay sheytanliq qilmaqta. 5 yil burun "Meniwi Anam", " Isa yusup dadam", "Erkin alptikin Akam"din chushmey Uyghurlarni axmaq qilghan bu Janap bugun qandaq bolup ulargha til tekkzidighan boliwaldi?

u Sheytani Rezillikler we Edibiyat ustuluqi bilen Uyghurlarni yene aldashqa urunmaqta. bu yazmilar Haqaret, Tohmettinmu peskeshlikke ige. uni ilip tashlimay turghuzup turup Bit-Chitini chiqirish kirek. Ashkare qelish kerek. uning bu tip yazmisi butun Torbetlerni qaplimaqta. uni bilidighan birer Sezgur Uyghur Yoqmu? elbette Bar!

u bu qetim Seyit Tumturkni DUQ gha Reis qelishni sinap beqiwatidu.

bu heqte Seyit Tumturk Kim? degen Maqalini Oqung.