ئاقىۋەتنى تەسەۋۇر قىلىش قىيىن

classic Classic list List threaded Threaded
1 message Options
Reply | Threaded
Open this post in threaded view
|

ئاقىۋەتنى تەسەۋۇر قىلىش قىيىن

ghulam
ئۈرۈمچىدە  5-ئاينىڭ 22-كۈنى ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمى يۈز بەرگەندىن كىيىن ب د ت ۋە ئامىركا قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەت ۋە تەشكىلاتلار بۇ ھۇجۇمنى بىگۇنا پۇقرالارغا قارىتىلغان تىرورلۇق ھۇجۇمى ، خەلىقئارا جەمىيەت ھەمكارلىشىپ تىرورلۇققا قارشى تۇرىدۇ دەپ بايانات ئېلان قىلدى.مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلىرمىز ئارىسدا بولسا بۇ ھۇجۇمنىڭ مۇھاجىرەتتە ئېلىپ بېرىلۋاتقان داۋاغا ئېلىپ كىلىدىغان سەلبى تەسىرى ۋە بۇ ۋەقەنىڭ شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بارلىقى قىززىق تېمىغا ئايلىنىپ بۇ توغرىسدا سۆھبەت ۋە مۇلاھىزىلەر بۇلۇندى.ھازىرقى ۋەزىيەتتە تىرورىزىم دۇنيانىڭ ئورتاق دۈشمىنى دەپ قارىلىۋاتىدۇ،تىرورلۇق ھۇجۇملىرنى خەلىقئارا قامچىلايدۇ .ھازىرقى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا يېقىن كەلگۈسىدە خەلىقئارانىڭ قامچىسى دۇق مۇ تىگىدىغان ئوخشايدۇ. ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىردىن باشلاپ دۇق نىڭ مۇئاۋىن رەيىسى سېيىت تۈمتۈرۈك ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ تەلىۋىگە بىنائەن بىر قىسىم ئۇيغۇرنىڭ تۈركيەدىن سۈرىيەگە بېرىپ ھۈكۈمەتكە قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىشىغا ۋە  يارلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە قايتىپ كىلىپ داۋالىنىش ئىشلىرغا ياردەملەشكەن ئىكەن.سۈرىيەگە بىرىپ ئۇرۇشقا قاتنىشىۋاتقان بۇ ئۇيغۇرلار  شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى ئىكەن.نۆۋەتتە خەلىقئارا جەمىيەت بىردەك ھالدا سۈرىيەدىكى سۆكۈمەتكە قارشى سەپتە تىرورچىلار بار دەپ قاراپ كىلىۋاتىدۇ .دىمەك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەيسى بولغان سېيىت تۈمتۈرۈك ئەپەندىنىڭ شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى بىلەن مۇناسىۋەت باغلاپ سۈرىيەگە مۇجاھىتلارنى يولغا سېلىشقا ياردەملىشىشى كەلگۈسىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىمۇ  تىرورىىزم بىلەن باغلاپ قۇيىشى مۇمكىن.سېيىت تۈمتۈرۈك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ  بىرىنجى مۇئاۋىن رەيسى ،رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىزباسارى دەپ سانىلىپ كىلىۋاتقان ئىدى.كەلگۈسىدە سېيىت تۈمتۈرۈك تىروچى دىگەن قالپاقىنى كىيسە ئۇ ھالدا دەۋايىمىزغا ئېغىر ئاقىۋەت ۋە يامان تەسىرلەرنى ئېلىپ كىلىشى ئېنىق.بۇنداق بولسادۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئامىركا دىمكۇراتتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمىيىتى ۋە دىمۇكۇراتتىك دۆلەتلەرنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ