|
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىننى ئىشلار يىغىنى ئەسلىدە بۇ يىل 5-ئايدا گىرمانىيەدە ئېچىلماقچى بولغان،بىراق دۇنيا ئىسلام ئىتىپاقىنىڭ بىرقىسىم تەلىۋىگە ئاساسەن بۇ قېتىملىق يىغىن ئامالسىز 11-ئاينىڭ 12-كۈنىگە سۈرۈلدى.شۇنىڭ بىلەن دەسلەپتە ئىشلەنگەن تەييارلىق خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسى بىكار بولدى.دۇنيا ئىسلام ئىتىپاقى بىلەن ئىسلام ئەللىردىكى قېرىنداشلىرمىز ئىزچىل رابىيە قادىر دىگەن بىر ئايال كىشى ،بىر ئايال زاتىنىڭ تەشكىلاتقا رەيس بۇلىشى دۇرۇس ئەمەس،تەشكىلات رەيىسى چۇقۇم ئەركىشى بولىشى كېرەك دەپ قاراپ كەلگەن.بۇ قېتىم بۇ كىشلەر يەنە بىز بىر ئايال كىشى رەھبەرلىك قىلغان دىننى يىغىنغا قاتناشمايمىز دەپ يىغىنغا قاتنىشىشنى رەت قىلىپ تۇرىۋالغاچقا ئامالسىز يىغىن ۋاختىنچە سۈرۈلدى.رابىيە خانىمنىڭ سەۋەبىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىزچىل ئىسلامى ئەللەرنىڭ ۋە ئىسلامى ئەللەردىكى قېرىنداشلىرمىزنىڭ قوللىشىغا ئىرىشەلمەي كىلىۋاتىدۇ.ئەگەر رابىيەخانىم راستىنلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ئىسلامى ئەللەردىكى قېرىنداشلىرمىزنىڭ قوللىشىغا ئىرىشتۈرۈشنى ئويلىسا چۇقۇم ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ كەلگۈسىنى كۆزدە تۇتۇپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەيىسلىگىنى زور كۆپچىلىك قېرىندىشىمىزنىڭ قوللىشىغا ئىرىشەلەيدىغان دولقۇن ئەيسادەك قابىل رەھبەرلىرمىزگە ئۆتكۈزۈپ بەرسە بولىدۇ
|