رابىيە قادىرخانىمنىڭ دەۋرى ئاخىرلاشتىمۇ

classic Classic list List threaded Threaded
1 message Options
Reply | Threaded
Open this post in threaded view
|

رابىيە قادىرخانىمنىڭ دەۋرى ئاخىرلاشتىمۇ

aidris
بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ رابىيە خانىم ئامىركا دىمۇكىراتتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمىيىتىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالدى.دىمەك ئامىركىلىقلار ئاقىۋەتتە رابىيە خانىمدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىنى يىتەكلەپ ماڭغۇدەك قابىليەت يوق،رەھبەرلىك ھوقۇقىنى قابىليەتلىك بىرسىگە ئۆتكۈزىشى كېرەك دىگەن يەكۈننى چىقارغان بولدى.شۇڭا نۆۋەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ رەھبەرلىگىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.بۇنىڭدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەپ  رابىيە خانىم ئۆزى خەلىقئارا مۇناسىۋەت ۋە قانۇنلاردىن قىلچە خەۋەرسىز بولغاچقا بىردەم ئاپتۇنوم دىسە بىردەم مۇستەققىللىق دەپ گەپ سۆزلەردە كەتكۈزۈپ قۇيۇپ ئامىركا دىمۇكىراتتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمىيىتىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچۇرىغان ئىشلار بولغان .لىكىن ئەڭ يامان بولغىنى بىرقىسىم دەۋاگەرلەرنىڭ توختىماستىن رابىيە خانىم ئۈستىدىن لۇيىسانىڭ قېشىغا شىكايەت قىلىپ بېرىشى بولدى .دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەيسى بولغان ئۆمەر قانات ئەينى چاغدا رابىيە خانىمنى تەشكىلاتنىڭ پۇلىغا خىيانەت قىلدى دەپ ئەرىز قىلغان ئىدى.رابىيە خانىمىنىڭ يولدىشى سىدىق ھاجى توردا قالغاچ ئۇۋىسىدىكى مەخپى سۆھبەتنى ئېلان قىلىپ ئابباس ئائىلىسى،ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدىكى دولقۇن قەمبىرى،دولقۇن ئەيسا،مەمەت توختى قاتارلىق ئۇيغۇر دەۋاسىدىكى رەھبەرلەرنى خىتاينىڭ غالچىسى دەپ ھاقارەت قىلغاندىن كىيىن روشەن ئابباسمۇ ئامىركا دىمۇكىراتتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمىيىتىگە رابىيە خانىم ئۈستىدىن ئەرىز قىلغان.ئۆتكەن يىلى پىشقەدەملىرمىزدىن ئەكىن ئالىپتىكىن ئەپەندى يەنە لۇيىساغا رابىيە خانىمنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىقتىسادىغا خىيانەت قىلدى دەپ شىكايەت قىلدى.دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىچىدە بۇنداق پەسكەشلىكنىڭ كەينى كەينىدىن يۈز بېرىشى  ئامىركىلىقلارنىڭ رابىيە خانىمغا بولغان نارازىلىقىنى قوزغىغان بولسا كېرەك.شۇڭا بۇيىلدىن باشلاپ ئامىركا دىمۇكىراتتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمىيىتى رابىيە خانىمنىڭ مۇئاشىنى توختاتتى.ھەمدە رابىيە خانىمنى قوللىمايدىغان ھەتتا خانىمنى  مۇھىم يىغىنلارغا قاتناشتۇرمايدىغان بولىۋالدى.يېقىندا لۇيىسا خانىم نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە رابىيە خانىمنى تۇيۇقسىز رەيىسلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىسىز،رابىيە خانىمنى رەيسلىكتىن قالدۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 5-قۇرۇلتىيى ئېچىلغان چاغ.لىكىن رابىيە خانىم ھازىردىن باشلاپ مۇھىم خىزمەتلەرنى دولقۇن ئەيساغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ ئۆيىدە دەم ئېلىپ تۇرسا بولىدۇ دەپتۇ.بۇنداق بولغاندا رابىيە خانىم قۇرۇق جازىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.رابىيە خانىمنىڭ دەۋرى مۇشۇنداقلا ئاخىرلاشتىمۇ