|
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ نىزامنامىسىغا ئاساسلانغاندا ئىجرايئە كومىتىتى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەيسىدىن قالسا ئەڭ ئالى ھوقۇقلۇق ئورگان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ئورگاننىڭ رەيسى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىكى ئىككىنجى نۇمۇرلۇق شەخىس ھىساپلىنىدۇ.شۇڭا كاتىبات باشقارمىسى ۋە باشقا كومىتىتلار چۇقۇم ئىجرايئە كومىتىتىنىڭ رەھبەرلىگىنى قۇبۇل قىلىشى شەرت.بۇندىن باشقا ئىجرايئە كومىتىتىدا ئىككى نەپەر مۇئاۋىن رەيس بار.بۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ھوقۇقىمۇ باشقا كومىتىتلارنىڭ مەسئۇللىردىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ.بۇلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4-قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا ۋەكىللەر تەرىپىدىن سايلانغان .قۇرۇلتاينىڭ نىزامنامىسىدىمۇ بۇ مەزمۇنلار ئېنىق يېزىلغان.شۇڭلاشقا قېرىنداشلىرمىز بۇ رەھبەرلىرمىزنىڭ خىزمىتىنى توغرا چۈشىنىشى ۋە قوللىشى كېرەك ئىدى.تولىمۇ ئەپسۇس بۇ مەسىلىدە ئارىدا يەنە بىرقىسىم كۆڭۈلسىزلىكلەر يۈز بىرىۋاتىدۇ. ئىجرايئە كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن رەيسى بولغان ئەركىن ئەمەت ئەپەندى يېقىندا ئېچىلغان بىرنەتچە قېتىملىق يىغىنغا چاقىرىلمىغان.شۇ سەۋەپتىن ئەركىن ئەمەت بىلەن نۇرمەمەت مۇساباي ئوتتۇرسىدا زىدىيەت پەيدا بولدى.يىغىن خەۋىرنى يەتكۈزۈش باش كاتىپ نۇرمەمەت مۇساباينىڭ ئىشى .لىكىن نۇرمەمەت مۇساباينىڭ دىيشچە ھەر قېتىم يىغىنغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ تىزىملىگىنى رابىيە خانىم ئۆزى بەلگىلەيدىكەن.نۇرمەمەت پەقەت خەۋەر قىلىپ قۇيۇشقا مەسئۇل ئىكەن.ئەگەر ئىش نۇرمەمەتنىڭ دىگىنىدەك بولغاندا ئەركىن ئەمەتنى يىغىنغا چاقىرمىغان كىشى دەل رابىيە خانىم بۇلۇپ چىقىدۇ.ئەركىن ئەمەت دەۋا سېپىمىزدىكى قابىل رەھبەرلەرنىڭ بىرى.يېقىندىن بىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىگە ھەمكارلىشپ نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتقان ئىدى.تولىمۇ ئەپسۇس رابىيە خانىم تەرىپىدىن يىغىن سىرتىدا قالدۇرىلدى.بۇ ئەركىن ئەمەتكە نىسپەتەن ئادىللىق ئەمەس.
|