يىغىن يەنە كىچىكتۈرۈلدى

classic Classic list List threaded Threaded
1 message Options
Reply | Threaded
Open this post in threaded view
|

يىغىن يەنە كىچىكتۈرۈلدى

ugybgy


دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رىياسەتچىلىگىدە ئېچىلماقچى بولغان دىننى مۇھاكىمە يىغىن يەنە كىچىكتۈرۈلدى.دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ يىغىننى ئاچىمىز دەپ ئېلان قىلغىنىغا 2يىل بولغان.بۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت بۇ قېتىملىق يىغىنغا تەييارلىق قىلىشقا يەتمىدى دىسە كىم ئىشىنىدۇ.ئەمدى يىغىنغا كىتىدىغان پۇل تەييار بولمىدى دىگەن قۇرۇق گەپكە ھىچكىم ئىشەنمەسلىگى مۇمكىن.يىغىپ ئېتقاندا بۇ يىىغننىڭ ئىزچىل كەينىگە سۈرۈلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ يەنىلا شۇ رابىيە خانىمنىڭ قابىليەتسىزلىگىدە،تەشكىللەش ئىقتىدارىنىڭ يوقلىغىدا.يىغىننى چوڭ ئاچىمىز،داغدۇغۇلۇق ئاچىمىز ،شەرقى تۈركىستان جەمھۇريىتىنىڭ قۇرۇلغان كۈنى ئاچىمىز دەپ كەينىگە سۈردۇق دىگەننىڭ ھەممىسى يالغان.ۋەتەندىكى خەلقىمىز ئېغىر زۇلۇم تارتىۋاتىدۇ،لىكىن رابىيە خانىم ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىۋاتىدۇ،ئەگەر رابىيە خانىمنىڭ ۋىجدانى بولغان بولسا يىغىنى ئورۇنسىز بانا سەۋەپلەر بىلەن كەينىگە سۈرمىگەن بولاتتى.دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىننى كومىتىتنىڭ رەيسى تۇرغۇن ھاجىمنىڭ دىيشچە يىغىنغا قاتنىشىدىغانلارنى رابىيە خانىم ئۆزى بىكىتىدىكەن،يىغىنغا قاتنىشىدىغانلار ۋاختىدا بىكىتىلمىگچكە شۇڭا تەييارلىق خىزمەتلەر ۋاختىدا ئىشلىنىپ بولالماي يىغىن كەينىگە سۈرۈلۈپتۇ.رابىيە خانىمنىڭ دىننى يىغىنغا رىيساسەتچىلىك قىلغىدەك قابىليەت يوق،دىننى بىلىمى تېخىمۇ يوق.شۇنداق تۇرۇپ رابىيە خانىمنىڭ دىننى يىغىنغا قاتنىشىدىغانلارنى مەن بىكىتىمەن دىيىشى دۇرۇس ئەمەس.ھەركىم ئۆزىنىڭ قۇربى يىتىدىغان ئىشنى قىلىشى ،قىلالمايدىغان ئىشلارنى باشقىلاردىن تالاشماسلىقى كېرەك.رابىيە خانىم ئەمدى دىننى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرنى يەنە قالايمىقان قىلسا بولمايدۇ.بولمىسا بۇ يىغىن يەنە كىچىكىدۇ ياكى مەغلۇپ بولىدۇ.