|
ئىلخام مەخمۇت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەيسلىك سالاھىتى بىلەن ياۋرۇپاغا بارغاندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكىدىغان قۇرۇلتاينىڭ قائىدە تۈزۈملىرگە خىلاپ ئەخلاقسىز ئىشلارنى قىلغان.بۇلۇپمۇ گوللاندىيەدە قىلغان پەسكەش ئىشلىرى قېرىنداشلىرمىزنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.شۇڭا گوللاندىيەدىكى قېرىنداشلىرمىز ئىلخام مەخمۇتنىڭ ئىشلىرنى بىۋاستە رابىيە خانىمغا پاش قىلغان ئىدى.شۇڭا نۇرمەمەت روزاخۇن ئەپەندى رابىيە خانىمنڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن ئىلخام مەخمۇتنىڭ گوللاندىيەدە ئېلىپ بارغان ئىش پائالىيەتلىرى توغرىسدا ئالاھىدە تۈكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئىلخام مەخمۇتنىڭ ھەقىقەتەن ئەخلاقسىز قىلمىشلىرى ۋە تەشكىلاتنىڭ ئىقتىسادىغا خىيانەت قىلغان قىلمىشلىرى بايقالغان.ئۇنىڭ بۇ قىلمىشلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكىدۇ.لىكىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەپتىش كومىتىتى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىلخام مەخمۇت توغرىسدا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجسى ۋە گوللاندىيەدىكى قېرىنداشلىرمىز تەمىنلىگەن پاش قىلىش خېتى ۋە رەسىم قاتارلىق ئىسپاتلارنى ئېلان قىلمىغان.لىكىن ئىلخام مەخمۇت ئۆزىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەپتىش كومىتىتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەنلىگىنى بىلگەندىن كىيىن نۇرمەمەت روزاخۇن ئەپەندىنى ھاقارەت قىلىپ كەلدى.بۇخىل ھاقارەت قىلىش ۋە ئۆچ ئېلىشلار بۈگۈنگىچە تۈگىگىنى يوق.نۆۋەتتە ئىلخام مەخمۇت ئۆزىنىڭ مۇئاۋىن رەيسلىك ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەپتىش كومىتىتىنىڭ نورمال خىزمەتلىرگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ.شۇڭا ئىلخام مەخمۇتقا تىگىشلىك چارە كۆرۈلىشى كېرەك
|