تارىختا يەنى 1946-يىلى ئۈرۈمچىدە مۇنداق بىر ئىش يۈز بېرىپتىكەن.ئەينى چاغدا ئەخمەتجان قاسىمى غۇلجىدىن ئۈرۈمچىگە سۆھبەتكە كەلگەن.بۇ چاغدا ئەينى ۋاقىتتىكى گومىنداڭ قورچاق ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى بولغان ئەيسا ئالىپتىكىن بىر توپ بۇلاڭچى لۈكچەك ئوغىرى قىممارۋاز قاراقچىلارنى باشلاپ ئەخمەتجان قاسىمىنى دۇمبالاپ ئەدىۋىنى بېرىمەن دەپ ئەخمەتجان قاسىمى ياتقان ئۆينى قورشىۋالغان ئىكەن.ئەمدى بۈگۈنكى كۈندە گومىنداڭ قورچاق ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى بولغان ئەيسا ئالىپتىكىننىڭ ئوغلى ئەركىن ئالىپتىكىن ھەدىسە رابىيە قادىر خانىمغا قارشى چىقىپ، دەۋا ئىشلىرمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ.گومىنداڭنىڭ بۇ غالچىسى ئامىركا دىمكۇراتتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لۇيىساغا رابيە خانىم ئۈستىدىن ئەرىز شىكايەت يوللىغاچقا نەتىجىدە ئامىركا دىمكۇراتتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمىيىتى رابىيە خانىمغا بېرىلدىغان ياردەم ۋە مۇئاشنى توختاتتى.ئەركىن ئالىپتىكىن دىگەن بۇ غالچىنىڭ مەقسىدى دولقۇن ئەيسانى رابىيە خانىمنىڭ ئورنىغا رەيىس قىلىپ چىقىرىش،ئاندىن ئۆزى پەردە ئارقىدا تۇرۇپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى كونتۇرول قىلىش ھەمدە ئۇيغۇر دەۋاسنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىشتىن ئىبارەت.دادىسى تارىختا شەرقى تۈركىستان ئىنقىلابىغا قارشى چىققان.نۆۋەتتە ئەركىن ئالىپتىكىن دادىسنىڭ يولىدا تەۋرەنمەي مېڭىۋاتىدۇ
|
سىزمۇ رابىيە قادىرنىڭ سوزلىرى ئىچىدىكى بەزىلىرىنى ئوزگەرتىپ قۇلىقىڭىزغا ئەڭ ياقىدىغان گەپلەرگە ئوخشۇتۇپ يۇقۇردىكى يازمىغا ئەلىپ چىقىپسىز. ياۋروپادا يۇزنەچچە يىلدىن بىرى مۇستەقىل دولەتلەردىكى "رادىكال شەكىل"لەر ۋە " رادىكال پارتىيە"لەر بىلدۇرىدىغان ئۇقۇم بىلەن خىتاي تاجاۋۇزى بىلەن بىسىۋىلىنغان مۇستەملىكە خەلىق-ئۇيغۇرلاردىكى "رادىكال شەكىل"لەر ۋە " رادىكال پارتىيە"لەر بىلدۇرىدىغان ئۇقۇم تامامەن ئوخشىمايدۇ. مۇستەقىللىق دولەتلەردىكى "رادىكال مەزمۇن"لار ۋە "رادىكال پارتىيە"لەر باشقا پاتىيە-گورەھلارغا قارىغاندا ماۋجۇت دولىتىنىڭ تىخىمۇ پاراۋانلىقى، ئەركىنلىكى ۋە تەرەققى قىلىشى ئۇچۇن تىخىمۇ ئاكتىپ، ئۇچلۇق، (رادىكال) ھەرىكەت ئىلىپ بارىدۇ. ئەگەر ماۋجۇت دولىتىنى دۇشمەن ئۇچۇن خىزمەت قىلىپ ئاغدۇرۇش ئۇچۇن ھەرىكەت قىلسا قاتتىق باستۇرۇشقا ئۇچرايدۇ. بۇ باستۇرۇش ئۇ دولەتنىڭ ئىچكى ئىشى دەپ قارىلىپ خەلقارانىڭ قوللىشىغا ئىرىشىدۇ. بىراق خىتاي تاجاۋۇزى بىلەن بىسىۋىلىنغان مۇستەملىكە خەلىق-ئۇيغۇرلاردىكى "رادىكال شەكىل"لەر ۋە " رادىكال پارتىيە"لەرنىڭ ھەرىكەتلىرى ئىمكان ئاستىدىكى ۋاستا تاللىماستىن ئىلىپ بىرىلىدىغان خىتايغا قارشى(زوراۋان) ھەرىكەتلەر بولۇپ، ئۇ بۇتۇنلەي ھەقلىق، ئادالەتكە تايانغان مۇستەقىللىق كورىشىدۇر. سىز ياۋروپادىكى "رادىكال شەكىل"لەر ۋە " رادىكال پارتىيە"لەرنى قۇللۇقتىن قۇتۇلۇش كورىشىدىكى ماۋزۇغا زورلاپ ئىلىپ چىقىۋاتىسىز. رابىيە قادىرنىڭ سوزىدە مەسىلە ئەمەس، جىنايەت بار، ساتقۇنلۇق بار. "ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى بەزى رادىكال كۇچلەر سىزنى ۋە DUQنى ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ دەيدىكەن سىز قانداق قارايسىز"دەپ سورىغان مۇخبىر يوق. بۇنى سىز يالغاندىن ئويدۇرغان. مەنبە نەدە؟ رابىيە 10 يىلدىن بىرى قىلىپ بىرەلمىگەن ئىش- ئۇيغۇرلارنى ئوزىدەك" مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايمىز"غا كەلتۇرۇپ "ئاپتونۇمىيە پىروگرامىسى"نى قوبۇل قىلدۇرۇش ئارقىلىق خىتاي بىلەن " سوھبەت" قىلالمىغان ئىشتۇر. "DUQنىڭ 3-قۇرۇلتايى"دا قەھرىمان ۋەكىللەرDUQنىڭ بۇ ساتقۇن "ئاپتونۇمىيە پىروگرامىسى"نى رەت قىلىپ ساتقۇنلۇقلارنىڭ 10 يىلدىن بىرى خىتايغا قىلىپ بىرەلمىگەن ئىشىنى تىخىمۇ قىلالمايدىغان قىلىپ قويدى. "دەموكىراتتىك ئەللەردە پائالىيەت ئەلىپ بەرىۋاتقانلار" تاغدا ھەرىكەتنىڭ ئالدىنى توسۇپ شەھەردە " بىز ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايمىز"دەپ ساتقۇنلۇق قىلماسلىقى كىرەك. سىزنىڭ بۇ قىسقا ئەمما شەيتانى يازمىڭىز يەنە ھىلىقى كالتە-سوكال ، ئىسىمسىز مەككارنىڭ شېتىگە ئوخشاپ كەتتىيا -ھەجەپ؟ • 07-09-14, 01:59 #1 Unregistered Guest |
Free forum by Nabble | Edit this page |