ئەقىلفون ئارقىلىق ئىسلاملىشىش: 
 ئۇيغۇر ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنىڭ ئۆزگىرىشىگە نەزەر

classic Classic list List threaded Threaded
1 message Options
Reply | Threaded
Open this post in threaded view
|

ئەقىلفون ئارقىلىق ئىسلاملىشىش: 
 ئۇيغۇر ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنىڭ ئۆزگىرىشىگە نەزەر

Aziz Isa Elkun
Administrator
ئەقىلفون ئارقىلىق ئىسلاملىشىش: 
 ئۇيغۇر ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنىڭ ئۆزگىرىشىگە نەزەر 



(ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن (مۇستەقىل تەتقىقاتچى، ئەنگلىيە

(Islamisation by smartphone: the changing shape of Uyghur social media networks)





كىرىش سۆز


جەمئىيەتشۇناسلىق – ئىنسانلارنىڭ بارلىق ھايات – پائالىيىتىنى ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئۆبېكتى قىلغان ھالدا ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان دائىرىسى كەڭ بولغان بىر ئىلىم ساھەسىدۇر. ئۇ بارلىق ئىلىملەرنىڭ ئاساسى ۋە يىتەكچىسىدۇر چۈنكى بىز ئىنسانلار ئەلمىساقتىن تارتىپ ئەقىل پاراسىتىمىزنىڭ تەڭ يېرىمىنى ئۆزىمىزنى بىلىش ئۇچۇن سەرىپ قىلىپ كېلىۋاتىمىز.

جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان ئابىستىراكىت بىر پىرىنسىپى- سىز قانداق بىر تۈردە تەتقىقات ئېلىپ بارماڭ، ئالدى بىلەن سىز چوقۇم شۇ جەمئىيەت توپىدىكى ئادەملىرىنىڭ ئېتنىك مىللىي ئالاھىدىلىگىنى چىقىش قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى، ياشىغان تەبىئىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتلىرىنى چۈشىنىشىڭىزنى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ھاياتىدا دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرىنى، *ئارزۇ-ئارمانلىرىنى، ئۆتكەنكى ۋە ھازىرقى خوشاللىقى، قايغۇسىنى، كەلگۈسىگە بولغان ئومۇت ۋە تەشۋىشلىرىنى، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ جەمئىيەتتىكى روھىي ھالىتىنى كۈزىتىپ، جەمئىيەت ئېقىم يۆلىنىشنى توغرا ۋە ئىلمىي ئۇسۇلدا بىلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەرقانداق بىر جەمئىيەت توپىدىكىلەرنىڭ روھى ھالىتى ۋە ھايات پائالىيەتلىرىنى ئۇلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان، بۇرۇندىن بار بولغان ياكى يېڭىدىن شەكىللەندۇرگەن جەمئىيەت مۇھىتى تەدرىجىي بەرپا قىلغىنىغا ئوخشاش يەنە شۇ بىر تېررىتورىيەدە ئۇزاق مەزگىل توپلىشىپ ياشىغان بۇ توپتىكى ئادەملەرنىڭ ئەمەلىي ھايات پائالىيەتلىرى مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ئۆزگۇرشىگىمۇ بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن بولىدۇ. جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمىنىڭ باغلىنىشلىق دائىرىسى كەڭ بولۇپ ئۇ گېنېتىك، ئېتنىك، تەبئىي تېررىتورىيە، سىياسىي تېررىتورىيە، سىياسىي، مىللىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسدىي، تارىخىي، مەدەنىي، ھاكىمىيەت قۇرۇلما قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرنى ئۆز تەركىبىگە ئالغان بولىدۇ.

جۈملىدىن كەڭ دائىردىكى ئابىستىراكىت جەمئىيەتشۇناسلىق نوقتىسى بىلەن ئېيتقاندا بۈگۈنكى ئىنسانلار ھايات – پائالىيىتىنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئۆزگۈرۈشلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقان ئۇچۇر دەۋرىدە ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز ئۈلۈشىنى ئېلىشقا ئۈلگۈرەلىگەن دۇنيا ئىنتېرنېت تورى ۋە ئۇنىڭ كېيىنكى تەرەققىيات مەسئۇلى بولغان ئىجتىمائىي ئۇچۇر - ئالاقە ۋاستىسى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلىرىغا قانداق ئۆزگۈرۈشلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ دېگەن سۇئالغا جاۋاب ئىزدەش زۆرۆرىيىتى ئەلۋەتتە تۇغلۇدۇ.

ئۆتكەنكى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان بولۇپمۇ 2012- يىلىدىن 2014 – يىلىنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە ئۇيغۇرلار ئاكتىپ قوللۇنۇپ كېلىۋاتقان "ئۈندىدار" ئەقىلفون ئىجتىمائىي ئالاقە ئەپ تورىنىڭ خىتاي ھۆكۇمىتى دائىرلىرى تەرىپىدىن قاتتىق نازارەت قىلىنىشى، بولۇپمۇ 22- ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازار بومبا ھۇجۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن باشلانغان "قاتتىق زەربە بېرىش" ھەركىتى بىلەن تەڭلا ساقچىلارنىڭ كوچىدا كېتىۋاتقان خالىغان بىر ئۇيغۇرنى توختۇتۇپ تۇرۇپ يانفونىنى تەكشۈرىشى، 2014- يىلى يازدا خوتەن قاتارلىق بەزى ۋىلايەت ۋە شەھەرلەردە "ئۈندىدار" ئالاقە تورىنىڭ توسۇۋېتىلىشى قاتارلىق بىر تۇرلۇك ئىجىرا قىلىنىۋاتقان سىياسى ھەركەت ۋە چەكلەش تەدبىرلىرى بىلەن رايوندا ئۆتكەنكى يىللاردىن بۇيان ئۈزۈلمەي يۇزبېرىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەر ئوتتۇرسىدا زادى قانداق مۇناسىۋەتلەر بار؟ رايوندا يۇزبېرىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى خىتاي ھۆكۇمىتى خەلىقئارا سەھنىلەردە دۇنياغا بار كۈچى بىلەن تەرغىب قىلىپ كېلىۋاتقىنىدەك راستىنلا ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا "ئىسلام ئاشقۇنلىقى" ياكى "جىھاد" قىلىش تەرغىباتى ئاساسىدىكى زوراۋانلىق ھەركەتلىرى ئەۋج ئېلىۋاتامدۇ؟ خىتاي ھۆكۇمىتى داۋا قىلىپ كېلىۋاتقاندەك ئاتالمىش “شەرقىي تۇركىستان ئىسلام ھەركىتى” نىڭ بۇ ۋەقەلەر بىلەن زادى قانچىلىك مۇناسىۋىتى بار ؟

قىسقىسى بۇ ماقالىدا مەن ئۆزەمنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى توربېكەتلەرنى،بولۇپمۇ ئاساسلىق ھالدا ئۈندىدار ئىجتىمائىي ئۇچۇر - ئالاقە تورىنى قوللىنىش جەريانىدا ئىگىلىگەن مەنبەلىرىم ئاساسىدا بۈگۈنكى يېڭى ئۇچۇر-تېخنىكىسى دەۋرىدە ئەقىلفون ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ئارقىلىق ئۇچۇر ئالماشتۇرۇۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆز جەمئىيىتىگە ۋە شۇ جەمئىيەت ئىجتىمائىي، سىياسىي مۇھىتىگە قانداق تەسىرلەرنى كۆرسەتكەنلىكىنى، ئاقىۋەت قانداق ئۆزگۈرۈشلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكى قاتارلىق ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى ئۇيغۇر ۋەتىنىدە يېقىنقى يىللار مابەينىدە بولۇپ ئۆتكەن تىراگىدىيىلىك ۋەقەلەرگە بىرلەشتۈرۈپ بايان قىلىمەن.



"ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋھۇم دۇنيادىكى دىدارى - "ئۈندىدار



ئۇچۇر-ئالاقە تېخنىكىسىنىڭ 25 يىلدىن بۇيانقى ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتى ئىنسانلارنىڭ ھايات-پائالىيەتلىرىگە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى جۈملىدىن دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كوپ ۋە ئەڭ كېيىن تەرەققىي قىلىۋاتقان خىتاي دۆلىتىمۇ بۇ ئۇچۇر تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ سىرتىدا قالمىدى. بولۇپمۇ ئۆتكەنكى 3 يىلدىن بۇيان خىتاي دۆلىتىدە ئەقىلفون تورى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سانى ناھايىتى تىز ئۆرلىدى.

خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنى قۇرغان خىتاينىڭ تىسېنت (Tencent 腾讯) شىركىتى 2 يېرىم يىلنىڭ ئالدىدا ۋىيشىن (ئۈندىدار،微信 ياكى ئېنگلىزچە: WeChat) كانادادا تەرەققىي قىلدۇرۇلغان Kik Messenger پروگراممىسىنى كۆچۈرۈپ، شۇ ئاساستا تەرەققىي قىلدۇرغاندىن كېيىن، 2013- يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۈندىدار - ۋېئىيشىن ئەپنىڭ دۇنيا بويىچە ئەقىلفون ئارقىلىق قوللىنىلىش ئادەم سانى 600 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، خىتاي دۆلىتىدىكى قوللانغۇچىلارنىڭ سانى 500 مىليون ئاشقان.

ئۇنداقتا ئۇيغۇرلار “ئۈندىدار” دەپ ئىسىم قويغان ۋە بۇ ئىسىم بىلەن تونۇلغان، ئۇيغۇر ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىرىنى ئاساس قىلىپ قوللىنىلىۋاتقان بۇ ئىجتىمائىي ئۇچۇر - ئالاقە تورى ئۆتكەنكى 2-3 يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قانداق ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى؟

ۋىيشىن - ئۈندىدار ئىجتىمائىي ئالاقە تورى نورمالدا خۇسۇسىي كومپيۇتېر (PC) مەشغۇلاتىنى ئاساس قىلمايدىغان، ئەقىلفون سىستېمىسىغا ماس ھالدا لايىھىلەنگەن بولۇپ، تېخى يېقىنقى مەزگىلدىلا خۇسۇسىي كومپيۇتېر سىستېمىسىغا ماس كېلىدىغان سىرتتىن قوللىغۇچى پروگراممىسى ئىشلەنگەن بولسىمۇ يەنىلا %90 تىن كۆپرەك قوللانغۇچىلار ئەقىلفون ئارقىلىق مەشغۇلات ئېلىپ بارىدۇ. دېمەك ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا بولۇپ تەخمىنەن بىر قانچە مىليون ئۇيغۇرلار دۇنيا بويىچە ئۈندىدار ئارقىلىق دوستلىرى ۋە ئائىلىسىدىكىلىرى بىلەن ھەر كۈنى دېگۈدەك ئاۋازلىق، سىن، ئۇچۇر يوللاش شەكلى ياكى رەسىملەر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆز-ئارا ئالاقە قىلىپ تۇرىدۇ.

گەرچە ئۈرۈمچىدە 2009- يىلى يۈز بەرگەن“ئۈرۈمچى 5- ئىيۇل قانلىق ۋەقەسى” دىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇر توربەتلىرىگە قارىتا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئىسلامىي، سىياسىي ۋە مىللىي نارازىلىقلارنى ئۆز ئىچىگە مەزمۇنلارنىڭ تورلاردا تارقىلىشىنى قاتتىق چەكلەپ كەلگەن بولسا 2014 - يىلى 1- مارت كۈنمىڭ ۋەقەسى ۋە 22 - ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىدىن كېيىن ئۇيغۇر ۋەزىيىتى قايتىدىن جىددىيلەشتى. دائىرىلەر ئۇيغۇر توربېكەتلىرىدە بولۇپمۇ ئەقىلفونلاردا ئۈندىدار ئەپ ئارقىلىق سەزگۈرلۈككە ياتىدىغان بارلىق مەزمۇنلارنى، بولۇپمۇ ئىسلامى دىنى، سىياسىي مەزمۇنلار ياكى ئىسلام ئاشقۇنلىقىغا ئائىت مەزمۇنلارنىڭ تارقىلىشىنى قاتتىق كونترول قىلدى ھەم يېڭىدىن خىتاي ئۆزىنىڭ قانۇن قامۇسىغا قوشقان “تور جىنايىتى” گە تەبدىقلەپ كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىسلامىي ئۈن-سىن ۋە "مىللىي بۆلگۈنچىلىككە ئائىت ئۇچۇرلار" نى كۆرگەنلىكى ئۈچۈنلا قولغا ئالدى ۋە تۈرمىلەرگە قامىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇپمۇ ياشلارنىڭ ئۈندىدار ئەپنى ئەقىلفونلاردا قوللىنىشى قۇلايلىق بولۇشى ۋە قوللىنىش ئادەم سانىنىڭ تىزدىن كۆپىيىشى سەۋەبىدىن دائىرىلەرنىڭ كونتروللۇقى ۋاقتىنچە ئۇيغۇر توربەتلىرىگە قارىغاندا ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇپ كەلدى. مۇنداق بولۇشىدىكى يەنە بىر سەۋەب ئۇندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ئەپلىرىدە ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىنىڭ كەڭ دائىرىدە قوللىنىلىشىدۇر.

مەن خۇسۇسەن ئۈندىدار ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنى قوللانغان ئۆتكەنكى ئىككى يىلدىن بۇيان مېنىڭ يېزا ۋە شەھەرلەردىكى ئۇرۇق-تۇغقان ياكى دوست-يارەنلىرىم بولسۇن مەن قاتناشقان توپتىن ياكى دوستلار چەمبىرىكىدىن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىن تارقىتىلىۋاتقان ئىسلام ئاشقۇنلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىسلام جىھادىغا دەۋەت قىلىنغان ئۈن-سىن ھۆججەتلىرىنى، ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنىڭ ئىسلامىي يوسۇندا كىيىنىشى تەرغىب قىلىنغان ۋەزى-نەسىھەتلىك يازمىلاردىن تارتىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرى تەنقىد قىلىنغان ھەجۋىي رەسىملەرگىچە بولغان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەر قاتلاملىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن مەنبەلەر بىلەن يېقىندىن تونۇشۇپ كەلدىم. تەبىئىيكى ئۈندىدار ئۇيغۇر بۈگۈنكى رېئال ھاياتىنىڭ تور مەۋھۇم دۇنياسىدا ئەكس ئېتىلگەن بىر ھالىتى بولۇپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىش ئارزۇ ۋە ئىستەكلىرىنى، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتە قانداق ساھەگە قىزىقىۋاتقانلىق يۆلىنىشىنى كۆزىتىشتە قۇلايلىق بىر كۆزنەك بولۇشتەك رولىنى ھازىرلىغان ئىدى.

ماقالىنى ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەش بىلەن داۋاملاشتۇرىمەن:

• ئەقىلفون تورى ئارقىلىق ئۈندىداردا ئىسلامچىلىق ئېقىمىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تىزدىن يامرىشىنىڭ ئارقىسىدا قاندا سەۋەب ۋە نەتىجىلىك مۇناسىۋەتلەر يوشۇرۇنغان؟

• گەرچە ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقىلى 10 ئەسىردىن ئاشقان بولسىمۇ نېمە ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇيغۇر ياشلىرى ئىجتىمائىي ئۇچۇر - ئالاقە تورى ئارقىلىق ئىسلام دىنى دەۋەتچىلىكىنى، ئىسلام تەشۋىقاتلىرىنى قايتىدىن باشلايدۇ؟

• بۇ تەشۋىقاتلاردا نېمە ئۈچۈن “زۇلۇم قىلغۇچى ئىشغالىيەتچى كاپىرلار” غا قارشى ئىسلام جىھادى ئېلىپ بېرىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ؟


ماقالە تۆۋەندىكى تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:


"ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋھۇم دۇنيادىكى دىدارى - "ئۈندىدار

تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش

سەۋەب نەتىجىلىك مۇناسىۋەتلەر:
1990- يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇرلار باشقىچە يول تاللاشقا مەجبۇرلاندى

ئۈندىداردىكى ھېكايىلەر

دوستلار چەمبىرىكىدە نېمە گەپلەر بولۇۋاتىدۇ؟

ئۇيغۇر ياشلىرى ئەقىلفون ئارقىلىق قايتىدىن ئىسلاملاشتىمۇ؟

خۇلاسە



ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ ـــــــــــــــــــــــ


ئۇيغۇرر ياشلىرى ئەقىلفون ئارقىلىق قايتىدىن ئىسلاملاشتىمۇ؟


بۇ سوئالغا جاۋاب ئىزدەشتىن بۇرۇن مەن ئۈندىداردا كۆزەتكەن، مائارىپ سەۋىيىسى ئەڭ توۋەن، يېشى ئەڭ كىچىك مەلۇم بىر ناھىيىنىڭ بازىرىدا قۇرۇلۇش ئىشچىسى بولۇپ ئىشلەيدىغان “A” ياشنىڭ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە يوللىغان مەنبەلىرىگە دىققىتىمىزنى ئاغدۇرايلى:


جىن تەبلىغى:


"A" 2013- يىلى ئەتىيازدا “جىن بىلەن سۆھبەت - جىن تەبلىغى” ناملىق بىر ئۈن ھۆججىتىنى يوكۇ تورى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۈندىدار بېتىگە ھەمبەھىر قىلىدۇ. شۇ چاغدا مېنىڭ كۆرگىنىمدە بۇ ئۈن ھۆججىتى 287،478 قېتىمدىن ئارتۇق كۆرۈلۈپ بولغان. بۇ “جىن تەبلىغ” بىر يېزىدىكى تاقىشىپ، تاغدىن-باغدىن ئىسلام دىنى توغرىسىدا سۆزلەيدىغان بىر ئايال باخشىنىڭ بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرىغا قىلغان ۋەز-نەسىھەتلەر بولۇپ، بۇ ئۈن ھۆججىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 55 مىنۇت.

“جىن تەبلىغ” ئۈن ھۆججىتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلاڭ:


http://www.uyghurensemble.co.uk/media/jin_tabliq.mp3



بۇ باخشى ئايال ئاساسلىق ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۆرگەنلىكىنى، جىنلارنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىپ ناماز ئوقۇغانلىقىنى، كېيىن ئاڭلىغۇچى ياشلارنىڭ بۇ ئايالدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۆزلىرىنڭمۇ كۆرۇشۇش ئارزۇلىرىنىڭ بارلىغىنى ۋە بۇ ئىشقا يول كۆرسىتىپ، ياردەمدە بولۇشىنى سورىغاندا قاتتىق خاپا بولۇپ چېچىلىپ كەتكەنلىكى، ۋە بۇ سۇئالنى سورىغانلىقىنىڭ ئۆزىلا قاتتىق گۇناھ بولىدىغانلىقى، ياشلارنىڭ ئۆز گۇناھلىرى ئۈچۈن تەۋبە قىلىشى كېرەكلىكى، ئاياللىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ خىزمەت قىلىشىنىڭ ھارام ئىكەنلىكى قاتارلىق ۋەز-نەسىھەتلەرنى قىلىدۇ.


جىھاد چاقىرىقى



“بىر قەۋم، بىر مىللەت ئاللاھنى ئۇنتۇپ قالىدىكەن، ئاللاھ ئۇلارنى تاشلىۋېتىدۇ... ئاللاھ تاشلىۋەتكەن قەۋمنىڭ، ئاللاھ تاشلىۋەتكەن ئائىلىنىڭ يېنىغا شەيتان كېلىدۇ، ئىسراپخورلار كېلىدۇ، تاجاۋۇزچىلار كېلىدۇ، قۇل قىلىدۇ. دۈشمەنلەر كېلىدۇ، ئولتۇرىدۇ.....خىتاي كوممۇنىستلىرىغا ئوخشاش”…


“جىھاد چاقىرىقى” ئۈن ھۆججىتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلاڭ:

http://www.uyghurensemble.co.uk/medi...resh_dewet.mp3



ئانامغا يېزىلغان خەت


بۇ ئۈن ئەسلى بىر قانچە يىللار ئىلگىرى YouTube قانىلىدا “شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى” تەشۋىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن سىن فىلىمى شەكلىدە 2009- يىلىدىكى 5-ئىيۇل قانلىق ۋەقەسىنىڭ رەسىملىك كۆرۈنۈشلىرى بىلەن ئافغانىستاندىكى “شەرقىي تۈركىستان مۇجاھىدلىرى” نىڭ ھەربىي مەشىق كۆرۈنۈشلىرى كىرىشتۈرۈلۈپ كەسپىي سەۋىيىدە ئىشلەنگەن بولۇپ، ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا ئەينەن مۇشۇ سىن فىلىمىنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىلىرى تارقالغان. بۇ سىن فىلىمنىڭ ئىشلىنىش ئۇسلۇبى، كۆرۈنۈشى ۋە مۇزىكا رىتىمى قاتارلىق تەرەپلىرىدىن تەھلىل قىلساق مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئافغانىستاندا ۋە ئوتتۇرا شەرقتە ئەرەبچە تىللاردا ئىشلەنگەن جىھاد قىلىشنى تەرغىب قىلىدىغان ئۈن - سىن فىلىملىرىگە ئوخشايدىغانلىقىنى بايقايمىز.


“ئانامغا يېزىلغان خەت” ئۈن ھۆججىتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلاڭ:


http://www.uyghurensemble.co.uk/media/anamgha_xet.mp3


"بىراۋ ئېيتسا يۈز يىل ياشارسەن توشقاندەك،

“ئېيتتىم ئەۋزەل بىر كۈن ياشاش يولۋاستەك.

چۈشەن ئانا، ئوغلۇڭ ئەمدى بىر مۇجاھىد،

بولسۇن مەندە ئالىي ھىممەت ۋە شىجائەت!


كېزىپ تاغلار، كۆرپەم بولسۇن شۇ تاشلاردا،

ھايات بولسام ئۆمرۈم ئۆتسۇن بۇ جىھادتا...”


يۇقىرىدا ”A” ياشنىڭ ئۈندىداردا ھەمبەھىر بولغان مېدىيا مەنبەلىرىنى ئاڭلاش ئارقىلىق ئۆزىمىزدىن شۇنداق سۇئاللارنى دەرھال سورايمىز: ئۇيغۇر ياشلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قايتىدىن ئىسلام دىنىنى تېپىۋالدىمۇ؟ قايتىدىن ئىسلاملاشتىمۇ؟ تېخىمۇ ئېنىقراق قىلساق ئىجتىمائىي تور ۋاستىلىرىدا تارقىلىۋاتقان بۇ تۇردىكى ئاشقۇنلۇق دەۋەتلىرى قايسى خىلدىكى ئىسلامىي مەزھەپكە كىرىدۇ؟ ئۇيغۇر ياشلىرى بۈگۈن ئسلام دىنى ئۈچۈن كۇرەش قىلىشقا، پۈتۈن دۇنيادىكى ئېزىلىۋاتقان مۇسۇلمانلار ئۈچۈن كۇرەش قىلىشقا دەۋەت قىلىنىۋاتامدۇ؟ ياكى ئۇيغۇرلار دىننى قوزغاتقۇچ كۇچ قىلىپ قوللىنىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئەركىن، مۇستەقىل ياشاش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تاللىغان ۋاسىتە دەپ چۈشەنسەك بولامدۇ؟ بۇ خىلدىكى تەشۋىقاتلار پەقەت مەۋھۇم تور دۇنياسىدىلا ئەكس ئېتىۋاتامدۇ ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ جانلىق ھاياتىدىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆز كۈچىنى نامايان قىلىۋاتامدۇ؟ بۇ تەبىئيكى ناھايىتى مۇرەككەپ، ھازىرچە جاۋاب بېرىش قىيىن بولغان سوئاللاردۇر بىراق شۇنىسى ئېنىقكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ھوقۇقلىرىغا قارتا قاتتىق تىزگىنلەش، باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئىجىرا قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن بولۇۋاتقانلىقىنى ھەممە بىردەك ئېتىراپ قىلىدۇ................

ماقالە جەمىئىي 49 بەت. مەزكۇر ماقالە رەسىم ۋە ئۈن ھۆججەتلەردىن تەركىب تاپقانلىقى سەۋەبىدىن ئوقۇشقا قۇلاي بولۇشنى نەزەردە تۇتۇپ pdf ھۆججەت شەكلىدە ئەلكىتاپ قىلىپ نەشىر قىلىندى. ماقالىنىڭ داۋامىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن ئوقۇيالايسىز:


http://uyghurensemble.co.uk/uy/?p=3477

http://www.uyghurensemble.co.uk/Eqilfon_Islam.pdf



Eqilfon_Islam.pdf


Aziz Isa Elkun   http://www.azizisa.org