|
بۇ يىلنىڭ بېشىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەيىسى بولغان سېيىت تۈمتۈرۈكنىڭ بىردىنبىر ئارزۇلۇق ئوغلى ئىبرايىمنىڭ ئىستانبول ساقچىلىرى تەرىپىدىن زەيتۇن بۇرۇندىكى ئىجارىگە ئالغان ئۆيىدىن تۇتۇپ كىتىلگەنلىك خەۋىرى تۈركىيە مەتپۇئاتلىردا خەۋەر قىلىنغان ئىدى.ئىبرايىمنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇش سەۋەبىگە كەلسەك ئەينى چاغدا ئىبرايىم ۋەتەندىن چىققان بىر ئۇيغۇر قىزنى ئۆيگە باشلاپ كىرىپ ئۇ قىزغا جىنسى پەسكەشلىك قىلىش مەقسىتىدە قىزغا بىھۇش قىلىش دورىسىنى ئىچگۈزگەن ئىكەن .نەتىجىدە بۇ قىز ساقچىلارغا دىلو مەلۇم قىلغاندىن كىيىن ساقچىلار كىلىپ ئىبرايىمنى قولغا ئالغان ھەمدە ئۆينى ئاختۇرۇش جەريانىدا بۇ ئۆيدىن 230كىلوگىرام ئەتىراپىدىكى بىھۇش قىلىش دورىلىرى ، باش چايقاش كومىلچى،ھاراق،تاماكا ۋە جىنسي دورا قاتارلىقلارنى قولغا چۈشۈرگەن.ئەتىسى سېيىت تۈمتۈرۈك تۈركىيە ھۈكۈمىتىدىكى تۇنۇشلىرنى ئىزدەپ يۈرۈپ ئۇلارنىڭ ياردىمىدە ئوغلى ئىبرايىمنى تۈرمىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققان، ساقچىلار ئىبرايىمنىڭ ئۆيىدىن قولغا چۈشۈرگەن نەرسىلەرنى تۇتۇپ قىلىپ ئىبرايىمنى قۇيۇپ بەرگەن. ساقچىلارنىڭ تەكشۈرىشىچە ئىبرايىمنىڭ ئۆيىدىن چىققان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى خىتايدىن ئەپكەس قىلىپ كەلتۈرۈلگەن بۇلۇپ بۇلارنىڭ قاراڭغۇ بازاردىكى قىممىتى 1مىليۇن دوللاردىن ئاشىدىكەن.ئىبرايىم توغرىسدىكى خەۋەر تۈركىيە مەتپۇئاتلىردا ئېلان قىلىنىشى بىلەن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكىلدى.ئەڭ مۇھىم بولغىنى شۇكى خىتايدىن ئەتكەس قىلىنغان زور مىقتاردىكى بىھۇش قىلىش دورىلىرى ، باش چايقاش كومىلچى،ھاراق،تاماكا ۋە جىنسي دورا قاتارلىقلار سېيىت تۈمتۈرۈكنىڭ ئوغلىنىڭ ئۆيىدە نىمە قىلىدۇ.بەلكىم بىز ئويلاپ باقمىغان شەرمەندىچىلىكلەر بولىشى مۇمكىن.ۋەتەندىن مىڭ بىر جاپا مۇشەققەتتە تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇر قىزلىرى ئەمدىلىكتە ئىبرايىمدەك پەسكەشلەرنىڭ دەپسەندە قىلىشىغا ئۇچىراۋاتىدۇ.قارىغاندا ئىشەك تەخيىگە ئىشەكلىكتىن باشقىنى ئۆگەتمەس دىگەن راس گەپ ئىكەن.
|