ئۈمىدنى ئۆزىمىزگە باغلايلى

classic Classic list List threaded Threaded
1 message Options
Reply | Threaded
Open this post in threaded view
|

ئۈمىدنى ئۆزىمىزگە باغلايلى

Qarakhan
: يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە جەمئىيەتلىرى ئۈمىد باغلىغان ئورگانلار خۇددى كۆز تەككەندەك بىر - بىرلەپ خىتايغا تەسلىم بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويۇشقا باشلىماقتا. تايلاندتىكى 100 دىن كۆپ مەزلۇم ئۇيغۇرلار دۇنيا دېموكىراتىيەسىنىڭ كۆز ئالدىدا سىياسىي ئۇيۇن بىلەن خىتايغا سېتىۋېتىلگەنلىكى يەتمىگەندەك، ئۆزىنى «دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ لىدىرى، مەزلۇم مۇسۇلمانلارنىڭ ئاتىسى» دەپ جاكالاپ، ئۇيغۇرلاردىن ھەر سايلامدا كۆپلەپ ئاۋاز ئېلىپ كېلىۋاتقان ئەردوغان خىتايغا قىلغان زىيارىتىدە ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان زۇلۇمنى تىلغا ئېلىپمۇ قويمىدى، ھەتتا ئايال، بالا-چاقىلىرىدىن ئايرىۋېتىلىپ خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ئاقىۋىتىنى سوراش ئەقلىگىمۇ كەلمىدى. ئەمدىلىكتە بولسا دۇنيا دېموكىراتىيەسى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئاراغا ئاڭلىتىۋاتقان نالە-پەريادىغا قارىماي، 2022-يىلى خەلقئارا قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈش ھوقوقىنى قاتىل، قانخور خىتايغا بەردى. بۇنىڭ بىلەن بېيجىڭ دۇنيادا ھەم يازلىق ئولىمپىك تەنھەركەت يېغىنى، ھەم قىشلىق ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ئۆتكۈزگەن تۈنجى شەھەر بولۇش ئۇنۋانىغا ئېرىشتى.

بۇنىڭدەك بىر قاتار ۋەقە-ھادىسىلەردىن خىتاينىڭ نەچچە يىللاردىن بېرى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان جىم تۇرۋېلىش سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكىتىگە ئىز قوغلاپ مۇداخىلە قىلىش سىترادىگىيىسى قوللانماقچى بولىۋاتقانلىقىنىڭ پۇرىقى كەلمەكتە. بۇنىڭ بىرىنچى باسقۇچى بولغان ئۇيغۇرلار زور ئۈمىد باغلىغان، ئىشەنچ باغلىغان، ئىخلاس قىلدىغان دۆلەت ۋە رەھبەرلەرنى سېتىۋېلىپ، ئۇيغۇرلارنى پىسخولوگىيەلىك جەھەتتىن يىتىم قالدۇرۇش، ئۆزىنى چارىسىز، بىچارە ھېس قىلدۇرۇش، ھەتتا مۇستەقىل بولۇش ئارزۇسىدىن ۋاز كەچكۈزۈش، بۇنىڭ نەتىجىسىدە مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىمىزنى ئۈمىدسىزلىك قاينىمىغا غەرق قىلىشتەك رەزىل مەقسىتىگە يەتمەكچى بولىۋاتىدۇ.

ئىسلامىيەتتىن كۈچ ئېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تالىباننى ئۈرۈمچىگە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىش ئارقىلىق ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ، مىللەتچىلىكتىن، ۋەتەنپەرۋەرلىكتىن كۈچ ئېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئەردوغاننى سېتىۋېلىش ئارقىلىق نائۈمىدتە قويۇپ، دېموكىراتىيەدىن كۈچ ئېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى دېموكىراتىيەنىڭ ئالىي نىشانلىرىدىن بىرى بولغان خەلقئارا ئولىمپىك يىغىنى ئۆتكۈزۈش ھوقوقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق ھەسرەتتە قويۇپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىگە روھىي ئىلھام، جاسارەت بېرىۋاتقان مەنبەلەردىن مەھرۇم قويماقچى بولىۋاتىدۇ.

بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ، خىتاينىڭ بۇ رەزىل سىتىرادىگىيەسىگە ئۆزىمىز سەۋەبچى بولدۇق. دۇنياۋىي سەۋەبلەرگە اللەنىڭ دىنىدىن بەكرەك ئىسىلىپ كەتتۇق، دۇنياۋىي سەۋەبلەرگە اللەنىڭ شەرىئىتىدىن بەكرەك ئىشىنىپ كەتتۇق، دۇنيادىكى رەھبەرلەرنىڭ چىرايلىق سۆزلىرىگە، ۋەدىلىرىگە اللەنىڭ ۋەدىسىدىن بەكرەك ئىشىنىپ ئىخلاس قىلىپ كەتتۇق. مائاشىمىزنى ئامېرىكىغا، سىتىرادىگىيىمىزنى تۈركىيەگە، ئىجازىتىمىزنى ياۋرۇپاغا ھاۋالە قىلىپ، ئۆزىمىز تۈركىيەدىكى، ئامېرىكىدىكى، ياۋرۇپادىكى ئۇيغۇرلارنى يۇقىرىقى دۆلەتلەرگە بويسۇندۇرۇپ بېرىش بىلەن ئاۋارە بولدۇق. 10 قېتىم خىتاينى تىللىساق، 100 قېتىم دېموكىراتىيەنى، ئەردوغاننى، ئوبامانى ماختاپ پۈتۈن سىياسىي ئىنىرگىيىمىزنى ئۆزىمىز مائاش ئېلىۋاتقان دۆلەتلەرنى داڭلاشقا سەرپ قىلدۇق. خىتايمۇ بىزنىڭ سىياسىي قابىليىتىمىزنىڭ پەقەت شەخسلەرنى، ئۆزىمىز مەنپەئەتلىىنىۋاتقان دۆلەتلەرنى ماختاشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ھېس قېلىپ، بىز ماختىغان، ئىخلاس قىلغان دۆلەتلەرنى ۋە رەھبەرلەرنى سېتىۋېلىپ، ئۇيغۇر تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلىرى يىللاردىن بېرى داڭلاۋاتقان مالنىڭ سۈپىتىنى، بازىرىنى چۈشۈرۋەتتى.

شۇڭا چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى دىنىي، مەنىۋىي، سىياسىي جەھەتتە يىتەكلاۋاتقان رەھبەرلىرىمىز بۇ پاجىئەلەردىن ئىبرەت ئېلىپ، دۈشمىنىمىز خىتاي ئەسلا سېتىۋالالمايدىغان، ئالدىيالمايدىغان، ئۆزىگە ئىخلاس قىلغان، ئۆزىنىڭ يولىغا ئەگەشكەن مەزلۇملارنى ئەسلا نائۇمىدتە قويمايدىغان، مەزلۇملارنىڭ يىگانە ساھىبى اللەقا ئامېرىكىغا ئىشەنگەندىن بەكرەك ئىشىنىشكە، تۈركىيەگە ئىخلاس قىلغاندىن بەكرەك ئىخلاس قىلىشقا، ئەردوغاننى ياخشى كۆرگەندىن بەكرەك ياخشى كۆرۈشكە، دېموكىراتىيەگە ئۈمىد باغلىغاندىن بەكرەك ئۈمىد باغلاشقا يىتەكلەش كېرەك. شۇنى ئۇنۇتمايلى: توغرا ئېتىقاد، توغرا ئۇسلۇب توغرا نەتىجە ئېلىپ كېلىدۇ!

مەنبە: ۋىسال سىتۇدىيىسى خەۋەرلەر ۋە ئانالىز مەركىزى