خىيانەتچى، قويمۇچى ، ساتقۇن قاتىللىقلارنىڭ ئىسپاتى

classic Classic list List threaded Threaded
1 message Options
Reply | Threaded
Open this post in threaded view
|

خىيانەتچى، قويمۇچى ، ساتقۇن قاتىللىقلارنىڭ ئىسپاتى

DUD Sozchisi
Banned User


 "ئاساسلىق ۋە مەركىزى تەشكىلات" دەپ ئاتالغان "دۇق“دىكى خىيانەتچىلىك، ئوغۇرلۇق ۋە قاتىللىقلار ئاتمىش بەش يىلدىن بىرى "ئۇيغۇر داۋاسى" دەپ توپلانغان پۇلنىڭ يىرىمىنى چىقارغان بولساق "ئۇيغۇر ئويى" ئەمەس ، بىر دولەتتە ئۇيغۇر شەھرى، ھىچ-بولمىسا بىر ئۇيغۇر مەھەللىسى سەتىۋالغىلى بولاتتى. يىگىرمە بەش يىلدىن بىرى "ئاساسلىق ۋە مەركىزى تەشكىلات" -دەپ ئاتالغان مىللى مەركەزدىن "دۇق" قۇرۇلتايىغىچە بولغان ساتقۇنلارنىڭ ئۇۋىسى ئۇيغۇرلارنى ئايىقى چىقمايدىغان نامايىشقا تەشكىللەپ، شەھىتلەرنىڭ نامنى قوللۇنۇپ ، پۇل توپلاپ، “شىھىتلەرنىڭ روھىغا قۇرئان-تالاۋەت ئوقۇتۇپ”، يەپ-ئەچىپ ئوتۇشتى. ئاللانى ۋە شەھىتلەرنى ئالداپ: "شەھىتلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا ئىۋەتىپ بىرىمىز" دەپ پۇل يىغىپ يەپ كتىشتى. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ سەتىۋالغان بىنالىرىنى، ئويلىرىنى يوق قىلدى. قايسى دولەتتە ئۇيغۇرغا ئائىت توت ئىغىزلىق ئوي بار؟ ئىسرائىلىيە دولىتى ئەرەپلەردىن يەر-ئوي سەتىۋىلىپ قۇرۇلغان.... بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ دولىتىنى، بولغان، ۋەتىنىنىڭ ئورنىنى، يەر-زىمىن، تۇپراقلىرىنى خىتايلار ئشغال قىلدى. كام قالغان بىرلا يىرى پەقەت - ئۇنىڭ خىتايغا ئائىت ئىكەنلىكىنى ئامىرىكىدەك چوڭ دولەتنىڭ رادىئوسىدا ئىلان قىلىشلا ئىدى.

ئۇمۇ بولدى: „زىمىن جەھەتتىن ئەلىپ ئەيتقاندا شىنجاڭ جۇڭ گونىڭ ئالتىدەن بىرى"دەپ دۇق، ئۇئائا، رفا لاردا ئىلان قىلغان كىشى رادىئو رفا نىڭ “ئالاھىدە تەكلىپ قىلغان ئوبزورچىسى" پەرھات مەمەت (م.سايرامى. مۇھەمىدى، يورۇڭقاش) بولىدۇ.ئۇيغۇرلارنىڭ تۇپراقلىرى "خىتاينىڭ ئالتىدەنبىرى" ئىكەنلىكىنى ھىساپلاپ ئۇئائادا ئىلان قىلغانمۇ پەرھات ئالتىدەنبىر.

لاداختىن قەچىپ چىققان ئىسا يۇسۇپ، م.بۇغرالارغا “ئاقسايچىن”نى ئافغانىستان، كەشمىر دولەتلىرىنىڭ مەنسۇپلىرى: بۇ زىمىن سىلەرنىڭ ، خىتاي تاجاۋۇزى بىلەن بىزدە تۇرۇپ قالدى. ئۇنىنغا ئىگە چىقىپ بۇ يەرنى رەسمى دولەت پارچىسى قىلىپ تۇتۇپ قىلىڭلار -دەپ تەكلىپ قىلغان ئىكەن. ۋەتەڭە تۇتاش ئۇ تۇپراقلارنى ئىسا يۇسۇپ تاشلاپ كەتگەنلىكى “بىز بىلمەيدىغان تارىخ”نىڭ ئىچىدە يىزىلغان.
 
 ئاتمىش يىلدىن بىرى ساتقۇنلارنىڭ باش قۇماندانى ئىسا يۇسۇپ، ئەركىن ئىساغا ئەگىشىپ نەق دولەتنىڭ بىر قىسمىنىمۇ تاشلاپ « ئۆي سەتىۋەلىش"، "داۋا"قىلىش باھانىسىدا ئەلىپ بەرىلغان ساتقۇنلۇق، خىيانەت، ئوغۇرلۇق، قويمۇچىلىقلارغا نەزەر

٭ بىرىنجى: ئىستامبۇلدا ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلار پۇل چىقىرىپ ئىلىپ بەرگەن "ۋەخپى"ئىچىدە ئوننەچە ئىغىز ئوي، مەيدان ۋە بىر قۇدۇق بار ئىكەن. بىز تۇرغۇن ئالماسنىڭ ئوغلى مۇرات ئالماسلار بىلەن بىرلىكتە ئاتمىش يىلدىن-بىرى مىھمانخانە ياكى رەستۇران ئورنىدا كىراغا بىرلمەي بىكار تۇرغان بۇ قورۇنى تازىلىغان ئىدۇق. قورۇ ۋە ئويلەر ئىچىنى بىر غىرىچتىن ئارتۇق پوركاپ توپا باسقان ئىكەن. تازىلاپ بولغاندىن كىيىن تۇرىدىغان جايى بولمىغان ئۇيغۇرلار ئۇ يەردە بىر قانچە كۇن قالغان ئىدى، "دەرنەكتىن ھامۇتخان"نى ئىۋەرتىپ،تۇرك ساقچىسىنى چاقىرىپ بالىلارنى قوغلىدى.

٭ ئىككىنجى: ئىسا يۇسۇپ ئولگەندىن كىيىن ئۇنىڭ خىتايدىن بولغان ئوغۇللىرى ئەركىن ئىسا، ئەرسلان ۋە ئىلغارلار: "ۋەخپى دادىمىزنىڭ مۇلكى، ۋەسىيەت قىلىپ بىزگە مىراس قالدۇرغان"دەپ ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. كىيىن نىمە بولغانلىقىدىن خەۋىرىمىز يوق.

٭ ئۇچىنجى: ئاتمىش يىلدىن بىرى ئىسا يۇسۇپ ۋە "ئەركىن ئىسا ھەر-قايسى دولەتلەر ۋە ئورگانلاردىن قانچە مىلىيۇنلىغان دوللار" يىغىپ توپلىغانلىقىنى "تارىم يىلپىزى" توربەتلەردە ئىلان قىلغان ئىدى.
٭ توتىنجى: يەنە ئەرەبىستانلىق ئۇيغۇرلار ۋە باشقىلارنىڭ "ئۇيغۇر مۇستەقىللىقى ئۇچۇنلا"دەپ ئىئانە قىلغان يۇزمىڭلىغان دوللار پۇلىنى ئەركىن ئىسا ئالپتىكىن مىيۇنخىندا ئىكى قىتىم "يانچۇقۇمدىن" ئوغرى ئالدى قىلىپ يوقاتقانلىقىنى بىز 1994-يىلى گەرمانىيەگە كەلگەندە باشقىلاردىن ئاڭلىغان ئىدۇق.

٭ بەشىنجى: رابىيە قادىر "ئالدىم"دەپ ھوججەت بەرمەي دۇنيانىڭ ھەر-قايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلاردىن ئالدى مىڭلارچە كەينى بگخيۇز دوللاردىن "ئامرىكىدا ئۇيغۇر مەسچىتى سالىمىز" دەپ توپلىغان. ئۇنىڭ ۋە يۇقۇرقىلارنىڭ ھىساۋى يوق.
٭ ئالتىنجى: بارىن ۋە غۇلجا ۋەقەلىرىدە ئەنۋەرجان، ئەسقەرجانلار"شەھىتلەرنىڭ ئائىلە-تەۋەلىرىگە ئىۋەتىپ بىرىمىز"دەپ پۇل توپلىغان. كىمگە؟ قانداق ئىۋەتىپ بەردىڭلار؟-دىگەنلەرگە "مەخپىيەتلىك" دەپ جاۋاپ بىرىلگەن
 
٭ يەتىنجى: دۇق ھەر يىلى نەد دەگەن ئورگاندىن بىر مىلىيۇن پۇل ئالىدۇغانلىقى ۋە ھىساۋىنى بەرمىگەنلىكى ئۇچۇن ئۇيغۇرلار ئىسيان كوتەردى. „ئۇيغۇر ئويى“ ئالىمىز، ئامەرىكىدا مەسچىت سالىمىز“ دەپ دۇنيانىڭ ھەر يەرىگە بىرىپ پۇل توپلىغان رابىيە قادىر ئاچىماققا ئەلىنىپ ئوزىنى ئولتۇرىۋالىمەن دەپ قورقۇتۇپ ھۇنەر ئىشلەتتى. يىققان بەدەل پۇلىنىڭ ھىساۋى يوق.

٭ سەكىزىنجى: ئىلغار ئىسا غۇلجىدىن „"لائىلاھە ئىللالا، مۇھەممەدەن رەسۇلىللا“ دەگەن شۇئارنى كوتەرگەن نايىشچىلارنىڭ فىلىمىنى „مەخپى“ئەلىپ كەلىپ دۇنياغا قويۇپ بەردى. "ئۇيغۇرلار ۋەتەندە دىنى ئىنقىلاپ قىلىۋاتىدۇ، ھوكۇمەتتىن دىنى-ئىتىقات ئەركىنلىكى تەلەپ قىلىمىز-دەپ نامايىش قىلىۋاتىدۇ" دەپ تەشۋىقات باشلاندى. بۇ يىل بىرلىندا ئەچىلىدىغان „خىتايدىن دىنى-ئىتىقات ئەركىنلىكى تەلەپ قىلىش يىغىنى“ ئۇنىڭ داۋامى

٭ توقۇزىنجى: - „فۇندى“ لار قۇرۇلدى. يۇز مىلىيۇنلارچە پۇل توپلانغانلىقى ۋە يۇتۇپ كەتكەنلىكى تورلاردا ئاشكارىلاندى. كامپۇدجاغا يۇزمىڭ دوللار ئەۋتىپ يىگىرمە بالىنىڭ خەلقارا ئەرزى ئۇچۇن خەجلەنمەي خىتايغا قايتۇرۇلدى.

٭ ئونىنجى: پەرھات يورۇڭقاشنىڭمۇ كوپ قەتىم “ئىقتىسادى قىيىنچىلىق”لىرىنى ھەل قىلىغانلىقى،ئامەرىكىدا بىر خىتايدىن ئوتتۇز ئىككى مىڭ دوللار ئەلىپ سانىماستىن يانچۇقىغا سالغانلىقى مەلۇم.“بىز ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايمىز”دەپ ئۇيغۇرلارنى ساتقان دۇق غا "بەدەل پۇلى" تولەپ كەلگەن قىرىنداشلىرىمىز ۋاقتى كەلگەندە ئوتتۇرىغا چىقماي قالمايدۇ. ئاجىزنىڭ، مەزلۇمنىڭ ھەققىنى يىگەن، ھارام يەگەن ئادەمنىڭ قىلغان ئىشى ھارام بولىدۇ.

 ....يۇزۇنجىگە قەدەرىنى سىز داۋام قىلىڭ!

بۇ تەسىرلىك ئىقتىسادى "ۋەقەلەر"دىن خەۋىرى يوق ئۇيغۇرلار يەنە بىر قىتىم سەتىۋالىدىغان "ئۇيغۇر ئويى"نى ساتقۇنلارنىڭ سەتىۋىتىشى ياكى „مىراس”قا بىرىپ تارتتۇرۇپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش كىرەك. „فۇندى“لار، پۇل توپلايدىغان ئورگانلار ئەگەر„ بىز ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىق تەلەپقىلمايمىز“ دەپ ئىلان قىلغانموشۇ ساتقۇنلارنىڭ قولاستىدا قۇرۇلسا ئۇنى يەنە كىملەر يەپ تۇگىتىدۇ؟! ئۇيغۇرلار يانچۇققا قول سالماستىن بۇرۇن ئالدى بىلەن بۇرۇن توپلانغان ئۇ پۇللارنىڭ ھىساۋىنى ئەلىشى شەرت ! ئاققان قانلار، چىققان جانلار- بوشقا كەتتىمۇ؟ ئاتمىش بەش يىلدىن بەرى، توپالانغان پۇللار سەتىۋىلىنغان ئۆيلە نەگە كەتتى
_______

 ئىراقتىكى كۇرتلەرنىڭ ۋە “ئىسىد” قوشۇنلىرىنىڭ تۇركىيەدەك بىر دولەتكە نىپىت سەتىشقا باشلىغالىقى خەۋەرلەردە. بۇنى ئەھۋالىمىزغا سەلىشتۇرغاندا ئىنساننىڭ تەنى شۈركىنىدىغان جىنايەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ كوز ئالدىغا كەلىشكە باشلايدۇ. بىرەر ئۇيغۇرنىڭ تاپاۋىتى يۇكسەلگەن ھامان، ئۇيغۇرلاردىن بىرى يۇز مىڭ دوللار بىلەن ئالما-ئاتا، بىشكەك، تاشكەن، ئىستامبۇللارنىڭ بىرىدە پەيدا بولغان ھامان، خىتاي ۋە ئىسا يۇسۇپ، ئەركىن ئىسالارغا باغلانغان “جامائەت” تەرىپىدىن قۇپ-قۇرۇق قىلىپ تاشلانغانلىقى، سۇيقەستكە ئۇچراپ ئولتۇرۇلگەنلىكى، بوھتان -توھمەتكە ئۇچراپ ئابرويى -ئىناۋىتى يىپرىتىلغانلىقى بىز شاھىت بولۇپ قاراپ-قالغان پاجىئەلەردۇر. بەشيۇز مىڭ ھەتتا بىر مىلىيون دوللارلىق بايلىرىمىز توساددىن يوقۇلۇپ كەتتى. ئاتۇش ، غۇلجا، خوتەن، بىشكەك ... قاتارلىق يۇزلىگەن ئۇيغۇرلارغا ئائىت سودا مەركەزلىرىگە “ئوت كەتتى”. مىلىيۇنلارچە دوللار كويۇپ كۇل بولدى. پۇل تاپقان ئۇيغۇرلار چۇشكەن ئويلەرگە، ئاپتۇۋۇزلارغا “ئوت كەتتى”…

ئوننەچچە يىل بۇرۇن ئىستامبۇلغا ئىككىيۇز مىڭ دوللار بىلەن كەلگەن بىر ئۇيغۇردىن گۇمانلانغان ئىسا يۇسۇپنىڭ ئولگەن ئوغلى ئەرسلان بىر نەچچە كالتەكچىسى بىلەن بىرگە بۇ ئۇ ئۇيغۇرنىڭ پىيىگە چۇشكەن. ئەچىنىشلىق يەرى ئەرسلان ئىسا تۇرك پولىسىغا بۇ ئۇيغۇرنى چىقىپ ئۇيغۇرنىڭ چۇشكەن ئويىنى ئاختۇرغۇزغان ۋە پۇلىنى پولىس بىلەن بىرلىشىپ "مۇسادىرە"قىلغان. دىلبەر سامساقوۋا، بارى مۇخلىسوپ(يۇسۇپبەك مۇخلىسوپنىڭ ئىنىسى)، ھاشىر ۋاھىدى...قاتارلىق يۇزلىگەن ئۇيغۇرلار سۇيىقەست بىلەن ئولتۇرۇلدى. مەمەتنىياز، يۇسۇپبەگ مۇخلىس، غۇلام زۇلپىقار ئوسمان ئوغلى، "بازغان"، سىدىقھاجى. مەرتمۇسا ئوغلى قاتارلىق يۇزلەرچە ئۇيغۇرغا يىگىرمە يىلدىن بىرى ھاقارەت، توھمەت ۋە ئولۇم بىلەن تەھدىت قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى “ئىسا يۇسۇپ جەمەتى” ۋە ئۇلارنىڭ يالاقچىلىرىدۇر.
 _______

"ئۇيغۇر ئويى سەتىۋىلىش“ھەققىدە، پۇل توپلاش ھەققىدە كوپ داۋىراڭ بولۇپ كەلدى.بۇ ماقالىنى مەن پۇل ۋە ئىقتىساتقا چەتىلىدىغان ۋەھشى بىر قاتىللىق بىلەن داۋام قىلىمەن. بۇنىڭدىن يىگىرمە يىللىق تارىخىمىزنىڭ ئارقا كورۇنۇشلىرى، قاراڭغۇ تەرەپلىرى ئايان بولغاي، سىزمۇ داۋام قىلىڭ ھققىمىزنى، قان-تەرىمىزنى قايتۇرۇپ ئالايلى! تۆت ئەزىمەت يىگىتىمىزنىڭ جەنىنى ئوتتۇزمىڭ دوللار بىلەن قۇتقۇزالمىدۇق. غۇلجىدا خىتاي بىلەن ئەتىشىپ قازاقىستان چىگراسىغا قاچقان خەمىت باشلىق توت ئۇيغۇر قازاقىستان چىگرا قىسىم ساقچىلىرىغا قۇراللىرىنى تاپشۇرۇپ تەسلىم بولدى. ساقچى تەرەپ ئۇلارنىڭ تۇققانلىرىدىن ئوتتۇز مىڭ دوللار رەسمىيەت تەلەپ قىلغان. تەلەپنى خەمىتنىڭ ئاكىسى ئالما-ئاتادىكى ئابلىمىت تۇرسۇن ئارقىلىق ئەركىن ئەيسا ئالپتىكىن ۋە مەمىتىمىن ھەزرەتلەرگە يەتكۇزگەن. ئوتتۇز مىڭ دوللار بىرىلمىگەن. ساقچى تەرەپ بىر ئايدىن ئارتۇق ساقلىغاندىن كىيىن توت بالىنى ئىككىيۇز مىڭ دوللارغا خىتايغا ئوتكۇزۇپ بەردى. خىتايلار ئوتكۇزىۋالغان تۆرت بالىنى قازاق ۋە روس چىگىرا ساقچىلىرىنىڭ كوز ئالدىدا ئىتىپ تاشلىغان. مىڭ خىل سەۋەپلەر بىلەن پۇل توپاندى، ئايىغى چىقمىدى. توت ئەزىمەت يىگىتىمىزنى قەستەن ئولتۇردۇق. بۇلارنى ئۇ "ئىنقىلاپ"قا قاتناشقان بىرەيلەندىن ئاڭلاۋىتىپ كوز-ياشلىرىم توكۇلۇپ خىلىغىچە توختىمىغان ئىدى. ۋەتەندىن ئايرىلىپ شۇنچە يىلدىن بىرى تۇنجى قىتىم يىغلىشىم ئىدى. ۋەتەندە بەك يىقىن بىر تۇققۇنۇمنىڭ ئولۇمىنى ئاڭلاپ ئۇرۇمچىدىن قەشقەرگە ئۇچتۇم. تاش يۇرەكلىكىمدىن كوزۇمدىن ياش چىقماي قالمىسۇن دەپ ئويگە ئاز قالغاندا پىيازنى كىسىپ كوزۇمگە سۇرتكەن ئىدىم، كوزۇمگە بىردىنلا ئوت كەتتى-ئاچچىقتىن ياشلىرىم توكۇلدى. ئەمما تىزلا قۇرۇپ كەتتى. پىيازنى تاشلىۋەتتىم. بىراق ئىشكنى ئىچىپ ئۇرۇق-تۇققانلىرىمنى كورۇپلا قاتتىق يىغلاپ كەتكەن ئىدىم.

ئەركىن ئەيسانىڭ نەچچە ئون يىللاردىن بىرى ئۇيغۇرلار نامىنى قوللۇنۇپ نۇرغۇن دولەتلەردىن ۋە ئورگانلاردىن مىلىيۇنلاپ شەخسى پۇل توپلىغانلىقى، ئەرەبىستانلىق بايلاردىن يىققان پۇللارنى ئىككى قىتىم "يانچۇقچى ئالدى"دەپ مىيۇنخىندا يوق قىلغانلىقى، كوپ قىتىم تەيۋەنگە ئەيشى-ئىشرەت قىلىپ جالاپخانىلاردا خەجلىگەنلىكى “تارىم يىلپىزى”قاتارلىقلار تەرىپىدىن توربەتلەرگە يوللاندى مەمىتىمىن ھەزرەت(ئەزىمەت)نىڭمۇ بىر قىتىملىق ئائىلە "ماجراسى"دا ئايالىغا ئىككى مىڭ دوللار بىرىپ ئىشنى تۇگەتكەنلىكى مەلۇم. ئالدىنقى سەپتىكى ئالدانغان ئەسكەرلەردىن بىرى ئوزلىرىنىڭ ئەڭ ئىغىر كۇنلىرىدە "ئەزىمەت"نىڭ ئويىدە ئوتتۇز مىڭ دوللارلىق ئىشكاۋىنى كورگەنلىكىنى يازدى. م. ھەزرەتەسكىرىنى "ھەسەتخورلۇق" تا ئەيىپلەپ قاتتىق غەزەپ بىلەن ماقالە ئىلان قىلدى... ئىسا يۇسۇپ، ئەركىن ئىسانىڭ خىتاي ئانىسى يۇ خەنىم-پاتما تەتەي ، قۇربان ۋەلى، ئەركىن ئىسا، ئىلغار ئىسا، ئەرسلان ئىسا، ئەركىن ئىسالارنىڭ قۇماندانلىقىدا سەھنىگە چىقىپ كوپ ئۇيغۇرلارنىڭ قەنى بىلەن قولىنى بۇلغىغان ئابلىمىت تۇرسۇن، مەمىتىمىن ھەزرەت(ئەزىمەت)، ئابلىكىم باقى، ئومەر قانات، پەرھات ئالتىدەنبىر…قاتارلىق ساتقۇنلارنى بىز ئامىرىكا ئايرىپورتىغا چىقىپ رابىيە قادىر ۋە ئۇنى ئامەرىكىغا ئەلىپ كەلگەن ئىككى خىتاي ئەمەلدارىنى قارشى ئىلىشقا چىققاندا كوردۇق!

. "ئاڭلىغانغا ئىشەنمە، كورگەنگە ئىشەن"- بىز كوردۇق. بىز قويمىچى موماي رابىيە قادىرنى قارشى ئىلىشقا چىققان ئايرىپورتتا كوردۇق ئەمەسمۇ؟. رابىيە قادىر ۋە ئۇنى ئامەرىكىغا ئەلىپ كەلگەن ئىككى خىتاي ئەمەلدارىنى بىز تەخى كورمىگەن ئىشنىڭ يوغۇنىدىن يەنە بىرنى كورىسىز: • ئىندىچاتەس دەپارتمەنت ئوف ستاتە فۇندىڭ بەيوند نەدس ئاننۇئال ئاپپروپرىئاتىئون ھتتپ://ۋۋۋ.نەد.ئورگ/پۇبلىچاتىئونس/ئاننۇ...چىنا-خىنجىئاڭ دىمەك بۇلار “داۋا”بىلەن شۇغۇللۇنۇپ 5 يىل ئىچىدە خەلقارادىن $2،144،102 ( ئىككى مىليون بىر يۇز قىرىقتوت مىڭ بىر يۇز ئىككى دوللار} پۇلنى ئىلىپ تۇگەتكەن . ۋەب ئۇ پۇلنى نەگە ئىشلەتكەنلىكىنىڭ ھىساۋىنى بەرمىگەنلىكى ئۇچۇن بۇلارغا پۇل بىرىۋاتقانلار پۇل بىرىشنى توختاتقان. شۇڭا بۇلار تىپىرلاپ قىلىپ پۇلنى ئىلىشنىڭ كويىدا ھاپىلا شاپىلا قۇرۇلتاي چاقىرىپ يەنە يالىقىنى قولغا ئىلىشنىڭ كويىدا . چەتەللەردىكى ئۇيغۇرلاردىن ئالدىنى بەشيۇز دوللاردىن كەينىنى ئون دوللارغىچە قويۇپ چىققان دۇق رەئىسلىرى ۋە ئاچىماق مەسۇللىرى ئارىسىدا بۇ پۇللارنىڭ ۋە بەدەل پۇلىنىڭ ھىساۋى ئۇستىدە قاتتىق جىدەل-ماجرا تا ھازىرغىچە بىسىلمىئايۋاتىدۇ. باش قۇماندان ۋە ئۇستا قويمىچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ نامىنى قوللۇنۇپ خەلقارا ئورگانلاردىن، تۇركلەردىن، ئەرەبىستاندىن كەلىدىغان „ئوشرە-زاكات“بۇ بەش يىل ئىچىدە ئۇچ مىلىيون دوللار ئەتراپىدا پۇل توپلاپ يەپ كەتكەن.
________

يىگىرمە نەچچە يىل بۇرۇن ئىستامبۇلدا پەرھات مەمەت(يورۇڭقاش مۇھەمىدى،م.سايرامى…) ئۇيغۇرلاردىن ئونمىڭ دوللارغا يەقىن پۇل توپلاپ يەپ كەتكەن. ئوننەچچە يىل بۇرۇن مىيۇنخىندا جەلىل قارىم گىزىت چىقىرىمەن دەپ بىر تۇرك ئاممىۋى تەشكىلاتىدىن ئوتتۇز مىڭ مارك ئىئانە ئەلىپ يەپ كەتكەن. پۇلنى بەرگەن تۇرك ئۇيغۇرلارنىڭ بىر يىغىنغا قاتنىشىپ قەلىپ ئۇ پۇلنى جەلىل قارىمنىڭ ئۇيغۇرلاردىن يوشۇرۇن يەپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ كوپچۇلۇك ئالدىدا جەلىل قارىمنى قاتتىق ئوسال قىلغان. جەلىلقارىمغا ياللىنىپ قەلەمكەش بولۇپ ئىشلىگەن پەرھات يورۇڭقاش بىلەن ئىككىسى ئارىسىدا بۇ پۇل ئۇستىدە جاڭجال كوتۇرۇلگەن. „دۇقنىڭ ئۇچۇنجى قۇرۇلتايى“ ئۇچۇن تۇزۇپ بەرگەن ئاپتونۇمىيە پروگرامىسى ئۇچۇن ئامەرىكىدا بىر „دىموكراتىيەچى“ خىتايدىن ئوتتۇز ئىككى مىڭ دوللار پۇلنى سانىماي يانچۇقىغا سالغان پەرھات يورۇڭقاشنىڭ بالا-چاقىلىرى مىيۇنخىندا دۇق دىكى "ئويگە پۇل ئەكىرەلمەيدىغان باشلىقلار"نىڭ ئاياللىرىغا دارىتمىلاپ بۇ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارە قەلىپ قويغان.دۇق ھەي ئۇيغۇر جامائەت ! بىز موشۇنداق ھاماقەت! بىر مىللەت ۋە ۋەتەننىڭ ئازاتلىقى ئۇچۇن ئۇيغۇرلارلار يەمەي-ئەچمەي بەرگەن بەدەل پۇلىنى، خەلقارا ياردەم قىلىپ بەرگەن پۇلنى ئالتە ئوغرى ئىش ھەققى دەپ ئۇلۇشۇپ يەپ-كەتسە بولامدۇ؟ بۇلار ئادەممۇ –ھايۋانمۇ؟ بۇلارنى سۇرۇشتە قىلغانلارنى مەتبۇئات، توربەت مانىپول قىلىۋالغان بۇ شەرەپسىز ساتقۇنلار: „گۇمان قىلىپ پىتنە قىلىۋاتىدۇ ، خىتتاي جاسۇسلىرى“ دەپ توھمەت قىلىپ كەلدى. مانا بۇ سان-سىفىرلاغا جاۋاپ بەرىڭلار! قەنى بۇ پۇللار؟ نەگە ئىشلەتتىڭلار؟ ئۇ پۇللاردىن سىرت ياۋرۇپادىن يىققان بەشيۇزمىڭ دوللار ، ئاۋۇستىرالىيەدىن يىغىپ كەلگەن يۇزمىڭ دوللار، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە بىز بىلمىگەن يەرلەردىن كەلگەن نەچچە يۇز مىڭلىغان دوللارنى بىسىپ يىتىپ يەپ-كەتىشكە بولامدۇ؟ ھىچ بىر ھىساپ كىتاۋىنى بەرمەي بىشەملىك قىلسا يەنە قاراپ تۇرۇدىغان قانداق نۇمۇسسىز مىللەت بىز ؟ بۇ پۇلىنىڭ بىر قىسمىنى مۇئاۋىن رەئىس ۋە تارماق باشلىقلارغا بولۇپ بەرىپ بىر نەچچە يالماۋۇزنىڭ يەپ كەتكەنلىكى ئۇچۇن ئۇلار ئارىسىدا “ئادىل تەقسىمات”بولمىدى دەپ چىققان ئىچكى ئۇرۇش، قان چىچىشىپ بىر-بىرىنىڭ ساتقۇنلۇقلىرىنى سوكۇدىغان دەرىجىگە يەتتى. ئەركىن دۇنيادا كوز ئالدىمىزدا بىزنى قارىتىپ تۇرۇپ قويۇۋاتقان ئادەمدىن ھىساپ كىتاپ ئالايلى. بۇ پۇللارنىڭ ھىساۋىنى قىلىش كىرەك .بۇنىڭ چارىسى كوپ. مۇشۇ دىموكراتىك ئەركىن دۇنيادا ھەق ھوقۇقلىرىمىزنى سۇرۇشتە قىلاممىساق قانداقمۇ ختتايدىن ۋەتىنىمىزنى قايتۇرۇپ ئالالايمىز ؟! دۇق دىكى مۇشۇ ساتقۇنلار „ۋەتەن ، مىللەت
ئۇچۇن ئىنقىلاپ قىلىۋاتىمىز“دەسە كىم ئىشىنىدۇ؟
______

كوچۇرۇپ قويغۇچىدىن ئىزاھات: ئاپتونۇمىيە تەلەپ قەلىش دۇق ئاچقان بارلىق قۇرۇلتاينىڭ بىرىنجى كۇنتەرتىۋى بولۇپ كەلدى. ساتقۇنلۇقلىرىنى، خىيانەت، ئوغۇرلۇقلىرىنى يوشۇرۇش ۋە داۋام قىلىشنىڭ بىردىن-بىر كاپالىتى ھاقارەت توھمەتلەر بىلەن ئوكتىچىلەرنى، دۇرۇس ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش بولۇپ كەلدى. بۇ تور بىتىدىكى "ئۇيغۇر ئويى سەتىۋىلىش" ھەققىدە ئىلان قىلىنغان ماقالىغا ئاساسلانغاندا قىرىق يىلدىن بىرى ۋەتەن سىرتىدا ئەركىن ئىسا باشلىق بىر توپ سىياسى ھايانكەش ، قاتىل، خىيانەتچىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ نامىنى سەتىپ خەلقارادىن پۇل توپلاپ يەپ-ئىچىپ، تەيۋەڭە بىرىپ پاھىشەخانىلاردا ئەيشى-ئىشرەت بىلەن ئوتكەن. "سۇنىڭ بەشى لاي، بىلىق بەشىدىن سىسىيدۇ". قۇيرۇقلىرى سەسىشقا باشلىدى. دۇق غا ئولاشقانلارنىڭ قانچىسى ساق؟ مەن ساق دەيدىغان بارمۇ؟

دۇد تەشكىلاتى سوزچىسى
 س.ھ. مەرتمۇسا ئوغلى
malik-u@web.de