Banned User
|
يوللىغۇچىدىن كىرىش سوز ماقالە ئاخىرقى جۇمھۇرىيەتنى مەغلۇپ قىلغان " ئارىمىزدىكى خىتايدىنمۇ بەتتەر ئىسا يۇسۇپ، مەسئۇت سابىرىلار..." ۋە بۇ ساتقۇنلارنى ئىلان قىلغان ئۇلۇق ئاتا ئۇيغۇر ئەخمەتجان قاسىمى دەۋرىدىكى كومۇلگەن تارىخنى يورۇقلۇققا چىقىرىدۇ. ئەپسۇسكى ئۇيغۇرلار بۇ تارىخنى تەخى يەقىندىلا ئوقۇشقا باشلىدى. مەزكۇر ماقالەنى ئوقۇغاندا ئۇ تارىخ كوز ئالدىمىزدا ئەينەن تەكرارلىنىۋاتقانلىقىنى كورەلەيسىز. ئىسابەگ(يۇسۇپ)نىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىز. ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەر ۋارىسى خىتاي خوتۇنىدىن بولغان ئەركىن ئىسا، ئىلغا رىسا ۋە ئەرسلان ئىسالارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىز. ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەن، ئالدىنىپ ئازغان دۇق، ئۇئائا، رادىئو ۋە دىنچى توربەت مەسۇللىرىنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىز. بۇ ماقالە ئۇئائا توربىتىگە قويۇلۇشى بىلەن دەرھال ئەلىپ تاشلانغان.(1) مانا بۇ تارىخنىڭ تەكرارلىنىۋاتقانلىقىنى كورسۇتۇدۇ. ئۇيغۇرلارغا ئوز تارىخىنى يوشۇرغانلار ئۇيغۇرلارنىڭ قاتىللىرىدۇر. „قۇل قىلىنغان مىللەتلەرنىڭ ئازاتلىق ئۇچۇن بولغان ئۇرۇشى ئۆز تارىخىنى ياخشى بىلمەي تۇرۇپ غەلبە قازىنالمايدۇ. مۇستەملىكىچىلەر جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۇچۇن ھەر-دايىم تارىخ بىلەن ئوينۇشىدۇ - ئۇنى بۇرمىلايدۇ، يوققا چىقىرىدۇ„(2). بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىگە كىرىۋالغان، مۇستەملىكىچى خىتاينىڭ ئورنىدا تارىخىمىز بىلەن ئوينۇشىۋاتقان، ئۇنى بۇرمىلاۋاتقان، يوققا چىقىرىۋاتقانلار قۇربان ۋەلى، ئەركىن ئىسا ئۇسۇپ، ئابلىكىم باقى، پەرھات مەمەت (يورۇڭقاش)، "پازىل" قاتارلىق ئىسابەگچىلەر جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۇچۇن "دۇقنىڭ 5-قۇرۇلتايى"نى ئەچىپ، يەنە ساختە سايلام ئوتكۇزۇپ ساتقۇنلارنىڭ ئۇۋىسى-دۇق نى ساقلاپ قىلىش ئۇچۇن رەڭمۇ-رەڭ سۇرەتكە كىرىپ، شەيتانى شۇملۇقلارنى قىلىشماقتا. ______ "بىز بىلمەيدىغان تارىخ" ئاۋتورى: خەۋىر تەمۇر دۆلەت قۇرۇلغان ۋە بۇ دۆلەتنىڭ ئارمىيسى ماناس دەرياسى بۇيىغىچە قىستاپ كىلىپ ئۈرۈمچىنى تەھدىتكە ئالغان ۋاقىتتا ، ھەربى جەھەتتىن ئامالسىز قالغان گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قۇللانغان سىياسى تەدبىرى ئىككى جەھەتتىن بولغان:بىرى، ئامرىكىنىڭ ماسلىشىشى ۋە ھەمكارلىغىدا سوۋىت ئىتىپاقى بىلەن سۇلھى قىلىپ ،شۇ ئارقىلىق سوۋىتلەرنىڭ قولى بىلەن بۇ تەھدىد(دۆلەت)نى يوق قلىدىغان تاشقى سىياسەت تەدبىرى. يەنە بىرى قۇرۇلغان بۇ دۆلەتنى گومىنداڭ ئىشخالىيتىدىكى رايۇنلاردىكى خەلىقنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشتۈرمەسلىك ياكى خەلىقنى بۇ دۆلەتتىن ئىددىيە جەھەتتىن تەزدۈرۈش ئۈچۈن قۇللانغان ئىچكى سىياسەت تەدبىرىدۇر .يازمىدا تاشقى سىياسەت تەدبىر توغىرسىدا توختالمايمىز . بۇ يەردىكى ئىچكى سىياسەت تەدبىرىدە خىتايدىنمۇ بەتتەر رول ئالغان ئادەم ساتقۇن ئىسا يۈسۈپتۇر. خىۋىر تۈمۈرنىڭ ئەسلىمىسدە يىزىلىشىچە ئىسا يۈسۈپ قەشقەر يىڭسار ھاكىمىنىڭ (خەنزۇ ھاكىم) ئۆيىدە ئۇنىڭ باللىرى بىلەن ئويناپ چوڭ بولغان ۋە شۇ جەرياندا خەنزۇچە ئۆگەڭەن . كىين يامۇلدا تەرجىمان بولغان . كىيىن بۇ ھاكىم گومىنداڭنىڭ تاشكەنىتتە تۇرۇشلۇق كونسولى بولوپ تەيىنلەڭەندە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئەگىشىپ تاشكەنىتكە بارغان .1930-يللارنىڭ ئالدى كەينىدە «ئالاھىدە خىزمەت »ئىھتىياجى ئۈچۈن نەنجىڭگە ئەۋەتىلىپ مەخسۇس تەربىيلەڭەن . بولشىۋىكلارنىڭ جۇڭخۋا مىڭو زىمىنىدا جوڭگو كومپارتىيسىنى قوللاپ ،قۇراللاندۇرۇپ « پاراكەندىچىلىك سلىش»لىرىغا قارشىئى تەدبىر سۆپىتىدە ،جىياڭجىشى رەھبەرلىگىدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىمۇ سوۋەتلەر روسىيەسىنىڭ ئوتتورا ئاسىيادا ھۇلىنى كولاش ئۈچۈن تاشكەنىتتە ئاچقان كونسولى ئارقىلىق ، يەرلىك مىللەتلەر ئارسىدىن پانتۈكىزىمچىلارنى بولشىۋىكلارغا قارشى كۈشكەرتىش پائالىيەتلىرى ئىلىپ بارغان ئىدى . بۇ يەردە ئىسا يۈسۈپ قىلماقچى بولغان «ئالاھىدە خىزمەت»مانا موشۇ ئىدى . بۇ جەرياندا ئۇ پانتۈركىزىم ئىددىيسى توغىرسىدا خىلى ئوبدان بىلىمگە ۋە سىياسى خىزمەت تەجىربىسىگە ئىگە بولغان ئىدى. ئىسا يۈسۈپ كىيىن گومىنداڭنىڭ ئەرەپ ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە ئەۋەتكەن بىر ئۆمەكنىڭ مۇئاۋىن باشلىغى بولوپ تەيىنلىنىپ بىر قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە زىيارەتكە ئەۋەتىلگەن .بۇ زىيارەت جەريانىدا ئافغانىستاندا 7 يىلنىڭياقى تەتقىقات ۋە سىياسى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ،شىنجاڭ مەسلىسنى ياپونيەنىڭ كابۇلدىكى باش ئەلچىئىسى ۋاستىسى بىلەن ،ياپونيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قول تىقىدىغان خەلقارا مەسىلىگە ئايلاندۇرۇش يولىدا ھەركەت قىلىۋاتقان مەمتىمىن بۇغرا بىلەن ئالايتەن كۆرۈشۈپ ،ئۇنى «جۇڭخۋا مىڭونىڭ قەلبىدە تۇرۇپ كۆرەش قىلىش»قا قىزىقتۇرغان . توركىيەدە زىيارەت جەريانىدا سوۋەتلەر روسىيەسىگە قارشى ئاممىۋى پىكىر بەرپا قىلىش ئۈچۈن بەزى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرغان . كاللىسى روس ۋە كومىنىزىم ئۆچمەنلىگى بىلەن تولغان مەسۇت سەبىرىنىڭ ئەھۋالىدىن موشۇ يەردە خەۋەردار بولغان بولشى مۇمكىن . ئىسا يۈسۈپ نىڭ بۇ زىيارەتىنىڭ بىكارغا كەتمىگەنلىگى ئەكسىنچە ناھايتى مول ھۇسۇللۇق بىر زىيارەت پائالىيتى بۇلغانلىغى كىيىن مەلۇم بۇلغان .مەمتىمىن بۇغرانىڭ «مىنىڭ سىياسى كۆرەشلىرىم »دە يىزىلىشىچە ،ئىسا يۈسۈپ بىلەن ئۇچىرشىپ ئۇزاق ئۆتمەي ، مەمتىمىن بوغرا ئىسا يۈسۈپنىڭ دىگەنلىرىنىڭ تۇغرا ئىكەنلىگىنى ،شىڭشىسەينى يۈلەپ تۇرغان رۇسلارغا قارشى يەنە شۇ جۇڭخىۋا مىڭۇدىن پايدىلىنشىنىڭ ئاقىلانە بۇلدىغانلىغنى ھىس قىلىپ يەتكەن ۋە ئۇنىڭ تەكلىۋىنى قۇبۇل قىلىغانلىغىنى بايان قلىپ ئىسا يۈسۈپكە ۋە جىياڭجىشىگە خەت يىزىپ ،شىڭشىسەينىڭ شىنجاڭ خەلقىگە سالغان زۇلىمىدىن، سوۋەتلەرپەرەسلىگىدىن شىكايەت قىلغان ۋە ئۈزىنىڭ شىنجاڭ خەلقىگە ۋەكىل بۇلۇپ مەركىزى ھۆكۈمەتتە ئىشلەشنى خالايدىغانلغى ھەققىدە ئىلتىماس قىلغان . بىزدە «ئۆيدىكى ھىساپ بازارغا توغرا كەلمەپتۇ» دىگەن بىر ماقال بار . مەمتىمىن بۇغرانىڭ ئۆيدىكى ھىسابى قانداق قىلىپ تالاغا تۇغرا كەلمىگەنلىگىنى كىينكى ۋەقەلەرنىڭ تەرەققىياتى ئىسپاتلىغان . يىل- 1933 قۇراللىق كۆرەش قىلىپ خەلىقنىڭ ھىمايىسىگە ئىرىشكەن بۇ مۇجاھىدنى يىنىدا تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ سىياسى ئەھمىيتىنىڭ ناھايتى چوڭ بۇلدىغانلىغىنى ھىس قىلغان جىياڭ جىيشى دەرھال جاۋاپ خەت يىزىپ ئۇنى تەكلىپ قىلغان . تەكلىپكە بىنائەن مەمتىمىن بوغرا دەسلەپ كابۇلدىن ھىندىستانغا كەلگەن .بۇ يەردە ئەڭىلىيە دائىرلىرى تەرپىدىن قولغا ئىلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان .شۇنىڭ بىلەن مەمتىمىن بوغرانىڭ ئايالى جىياڭ جىيشىگە خەت يىزىپ ،ئەھۋالنى مەلۇم قىلىغان ۋە جىياڭ جىيشىنىڭ ياردەم قىلىپ ئىرىنى قۇتقۇزىشىنى ئىلتىجا قىلغان . جىياڭ جىيشى بۇ ۋاقىتتا «شەپقەتچى»سۆپىتىدە ئوتتۇرغا چىقىپ ،ئەڭىلىيە ۋە ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە خىزمەت ئىشلەپ ئۇنى تۈرمىدىن« قۇتقۇزۇپ چىققان» ۋە ئايرۇپىلان بىلىتى ئەۋەتىپ (بىر رىۋايەتتە ئالاھىدە ئايرۇپىلان ئەۋەتىپ) ئۇنى نەنجىڭغا ئالدۇرۇپ كەلگەن . بۇ ۋاقىتلاردا ئەڭىلىيە ،ئامرىكا ،جۇڭخۋا مىڭۇ لار سوۋەتلەر كۇمىنىزىمىغا قارشى تىلى بىر ئاغىنىلەر بۇلۇپ ، مەمتىمىن بوغرانىڭ تۇرمىگە تاشلىنىشى ۋە «قىين كۈندە بىشىنى سىلىغان »بۇلىۋىلىپ ئۇنى قۇتقۇزۇپ چىقشلارنىڭ ھەممىسى بولسا مەمتىمىن بۇغرانىڭ كۆڭلىنى ئۈزىگە قارىتىشنى مەقسەت قىلغان بىر ئۇيۇن ئىدى. دىمەك بىر قاتار ئۇيۇن ۋە نەيرەڭلەر ئارقىلىق «يۇلۋاسنى ئالداپ تاغدىن چۈشۈرۈش ھىلسى» بىلەن مەمتىمىن بۇغرا كابۇلدىن قايتۇرۇپ كىلىنپ قەپەزگە سولانغان ئىدى.مەمتىمىن بۇغرانىڭ نەنجىڭگە كىلشى بىلەن كابولدا ئىلىپ بارغان شىنجاڭ مەسىلىسىنى خەلقارالاشتۇرۇشنىڭ ئالدى ئېلىندى ۋە ناھايتى مۇھىم بىر سىياسى دەسمايە قۇلغا كەلگەن ئىدى . مەمتىمىن بۇغرانىڭ نەنجىڭگە كىلىشى ماھىيەت جەھەتتىن تۈمۈر خەلپە ۋە خۇجىنياز ھاجىنىڭ ئۆرۈمچىگە بىرىشىغا تامامەن ئۇخشايىتتى پەقەت سىياسى ئويۇننىڭ سەۋىيەسى جەھەتتىن ،بۇرۇنقىلاردىن خىلىلا يۇقىرى سەۋىيەدە ئىدى . ئۆز ۋاقتىدىكى „لى شۇفۇ“ ۋە سوۋەتلەر كونسۇلى ئاپرىسوۋنىڭ ئورنىدا بۇ قىتىم ئىسا يۈسۈپ بار ئىدى . مەمتىمىن بوغرا نەنجىڭگە كەلگەندىن كىيىن ئىسا يۈسۈپنىڭ دىگىنىدەك گومىنداڭ پالاتا ئەزاسى قىلىپ تەيىنلەندى ۋە تىگىشلىك بۇلغان شان -شۆھرەت ،يۇقىرى مائاش -تەمىناتتىن بەھىرمەن قىلنىدى . مەسۇت سابىرىنىڭ ھىكايىسىمۇ مەمتىمىن بوغرانىڭكىگە ئوخشاپراق كىتىدىغان بىر جەريان دىيشكە بۇلىدۇ ،پەقەت ئۇنىڭ سىياسى پەرقى مەمتىمىن بوغرادىن ئەرزانراق ، سۆپىتى سەل تۈۋەنرەك ئىدى خالاس . غولجىدا قۇرۇلغان دۆلەتنىڭ ئارقىسىدا كومىنزىم ئىدولوگىيسى بىلەن كىتىۋاتقان سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ ئارقا تىرەك بۇلۇپ تۇرغانلىغىدىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەت گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئۈچۈن تىشىپ كىرىشكە بۇلدىغان بىر يۇچۇق نوقتا ئىدى. چۈنكى شىنجاڭ خەلقى ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدىغان ،دىنسىز دەھرىلىكنى يامان كۈردىغان بىر خەلىق ئىكەنلىگىنى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئوبدان بىلەتتى . بۇ تۇپراقىنىڭ بىر پۇچىقىدا دۆلەت قۇرۇلۇپ بولغان ئەھۋال ئاستىدا ، بۇ خەلىقنى پەقەت ھەربى ۋە ساقچى كۈچلىرىگىلا تايىنىپ تىزگىنلەپ تۇرۇش ئەسلا مۈمكىن بولمايىتتى. يەنە كىلپ بۇ ۋاقىتلار ياپۇنيە بىلەن بۇلغان ئۇرۇش جىددى داۋام قلىۋاتقان بىر ۋاقىت ئىدى . ياپۇنيەنىڭ تەسلىم بولشى تىخى كۈنتەرتىپتىمۇ ھەتتا يوق ئىدى .دىمەك شىنجاڭنى ئىدارە قىلىپ تۇتۇپ تۇرۇشتا دۆلەتنىڭ ھەربى ۋە ئىقتىسادى كۈچى يىتىشمەيىتتى .بىردىن بىر يول ئۇلارنىڭ ئىددىيسىنى تىزگىنلەش ، قۇرۇلۇپ بۇلغان دۆلەتكە بولغان تەشنالىغىنى بىسىقتۇرۇش، مۇستەقىللىققا بۇلغان ئارزۇسىغا ئامال قىلىش كىرەك ئىدى. دەل شۇ ۋاقىتتا ، نەنجىڭ ۋە چۇڭچىڭدا بىقىۋاتقان «قەپەزدىكى يۇلۋاسلار»نىڭ ئىشقا يارايدىغانلىغى ئوتتۇرغا چىقتى. بۇلار رەسمى سالاھىيەت جەھەتتە ،گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئىچىدىكى ئەمەلدارلار بۇلشىغا قارىماي ،يەنە شىنجاڭ خەلقىنىڭ جۇڭخۋا مىللەتلىرى تەركىۋىدە ئەمەسلىگىئىنى جار سىلىپ ،مەركەزدىكى رەھبەرلەرنىڭ كۈڭلىنى يېرىم قىلىپ تۇراتتى. ئەلۋەتتە ، بۇ پەقەت سۆزلەش ھۇقۇقى دائىرسىدىكى پائالىيەت بۇلۇپ ، شىنجاڭدىن 4مىڭ كىلۇمىتىر يىراق بىر يەردە تۇرغانلىغى ئۈچۈن ئەمىلى ھەركەت قلىش ئىمكانىيتى يوق ئىدى ئەمما يەنىلا ئىسا يۈسۈپ بۇ ئىككەيلەن بىلەن مەيدانى بىردەك قىياپەتكە كىرۋىلىپ ھەممەگەپ-سۆز ۋە ھەركىتىدىن مەركىزى ھۆكۈمەتنى خەۋەردار قىلىپ تۇراتتى . شۇ ئارقىلىق مەركەز رەھبەرلىرىمۇ بۇلاردىن ئانچە ئەندىشە قىلمايدىغان بولغان ئىدى. غولجىدا دۆلەت قۇرۇلۇپ ،ئۆرۈمچى تەھدىت ئاستىدا قالغان ۋاقىتتا ، گەرچە ۋۇجۇڭشىن بۇ «پانتۈركىزىمچىلار»نىڭ شىنجاڭغا كەلسە ئەسلا بولمايدىغانلىغىنى ، بولمىسا «قەپەزدىكى يولۋاسنى ئورمانغا قۇيۇپ بەرگەن »بىلەن ئوخشاش ئىش بۇلدىغانلىق چۈشەنچىسىنى كۈچەپ تەشەببۇش قىلسىمۇ ، لىكىن جىياڭ جىيشى سىياسى جەھەتتىن تىخىمۇ يىراقنى كۆرەلەيدىغان جاڭ جىجۇڭنىڭ تەكلىۋىنى توغرا تىپىپ ،قىيىن ۋە ھالقىلىق ۋاقىتتا ئۇلارنى شىنجاڭغا ئەۋەتىپ پانتۈركىزىم ئىقىمى بىلەن غولچىدىكى دۆلەتكە قارشى ئەپسۇن ئۇقۇپ شامال چىقىرىشقا قۇيۇپ بەرگەن بولدى. بۇلار شىنجاڭغا كەلگەندىن كىيىن ، بۇلارنىڭ دەسلەپكى پائالىيتى پانتۈركىزىمنى تۇنۇشتۇرۇش ۋە كومىنىزىمغا ،دىنسىزلىققا قارشى تۇرۇش ،تىلمىزنى ساپلاشتۇرۇش ...دەپ ئىلپ بىرىلغان ئىدى . بۇلارنىڭ پائالىيتى شىنجاڭدىكى خەنزۇ رەھبەرلەرنى قاتتىق بىئارام قىلغان بۇلسىمۇ لىكن ۋەزىيەتنىڭ ئىھتىياجى تۈپەيلىدىن ئوينىلىۋاتقان بۇ سىياسى ئويۇندا ،مەركىزى ھۆكۈمەت يەرلىك رەھبەرلەرنىڭ شىكايەتلىرىگە نىسپەتەن سۈكۈت قىلىش پوزىتسىيەسىدە تۇرۇۋالدى . ئەمىليەتتە بۇ بىر «ئىگىزدە تۇرۇپ يولۋاس سۇقاشتۇرۇش» ھىلىسى بۇلۇپ ھەم يەرلىك ئەمەلدارلار(خەنزۇلار)نىڭ «پانتۈركىزىمچىلار»غا بۇلغان نەپرىتىنى ئويغىتالايىتتى ھەم شىنجاڭ خەلقىنى مەركىزى ھۆكۈمەتتىن مەمنۇن قىلالايىتتى. ئەمما ھەقىقى مەقسەت بۇ ئەمەس ئىدى. ئەسلى مەقسىدى بۇلسا شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئىددىيسنىڭ غولجىدىكى دۆلەتكە بۇلغان مايىللىغىنى تۇسۇپ قىلىش ئىدى. گىزىت -جۇرناللار نەشىر قىلنىپ دۇنيا ۋەزىيتى ۋە يەرلىك ۋەقەلەر بىسىلىپ تۇرۇلغانلىغى سەۋەبىدىن شىنجاڭ خەلقى تەبىئى ھالدا غولجىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئارقىسىدا دىنسىز كۈمىنزىم دۆلىتى بارلىغىنى بىلۋالغان ئىدى ،تىخىمۇ تۇغىرسى مەقسەتلىك بىلدۈرۈلگەن ئىدى. بۇ «پانتۈركىزىمچىلار» بىر تەرەپتىن پانتۇركىزىمنى تەشۋىق قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن مەركىرى ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭ خەلقىگە «چىن تۇركىستانى»قۇرۇپ بىردىغانلىق ۋەدىسى بارلىغىنى ھىچ بۇلمىسا ئالى مۇختارىيات بىردىغانلىغى ، پەقەت ياپۇنقا قارشى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندا بۇ ئىشلارنى تەبىئى رەۋىشتە ھەل بۇلدىغانلىغنى (ئاجىز ۋاقتىدا بەرمىگەن مۇستەقىللىق ۋە مۇختارىياتنى ھۆكۈمەتنىڭ بىشى ساقايغان ،دۆلەت كۆچلەڭەن ۋاقىتتا بىرەتتىمۇ دەپ ھىچكىم ئۇيلاپ باقىمغان -دە)سۆزلەپ ،خەلىق ئىچىدىكى مۇستەقىل دۆلەت(غۇلجىدىكى )كە ماسلشىپ ئېلىپ بىرلىۋاتقان مەخپى تەشكىلاتلىنىشنىڭ ۋە يەر ئاستى ھەركەتلەرنىڭ ئالدىنى ئالغان ياكى تەشكىللىنىش يۇلنىشىنى ئۆزگەرتىپ ئۈزىنىڭ سىپىگە قۇشۇۋىلىش ئارقىلىق شىنجاڭ خەلقىنىڭ سىياسى ئىرادىسنى پارچىلاپ، كۈرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئىرىشكەن ئىدى. يەنە كىلىپ ھىچقانداق ئىقتىساد سەرىپ قىلىنمىغان ئىدى. بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى يەرلىك ۋەقىپ ۋە جەمىيەتلەرنى قۇرۇش ئارقىلىق يەرلىك خەلىقتىن ئىئانە پۇل يىغىش يۇلى بىلەن ئىلىپ بىرىلدى. راستىنلا بىر مەزگىل شىجاڭ ياشلىرى بۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندى ۋە پۇل -ماللىرىنى بۇلارغا تۈكتى. چۈنكى بۇ «پانتۈركىزىمچىلار»نىڭ بىشىدا ئۈز خەلقىنىڭ مۇستەقىللقىغى ئۈچۈن قان كىچىپ جىھاد قىلغان مەمتىمىن بوغرادەك ئەزىمەتلەرمۇ بار ئىدى.ئەگەر مەمتىمىن بوغرا بولمىغان بۇلسا ،ئۇنىڭدىن باشقىلارغا بۇلۇپمۇ ئىسا يۈسۈپكە ھىچكىم ئىشەنمەيىتتى. بۇ كۆرەش دەسلەپتە ،تەكەللۇپ ۋە ھىلە -نەيرەڭلەر بىلەن داۋام قىلغان بولسا ، كىيىن گىزىت -جۇرناللاردا ئۇچۇق ئاشكار تىللاپ -ھاقارەتلەش بىلەن بۇلدىغان بولدى. ھەتتا بۇ «پانتۈركىزىمچىلار» غۈلجىدىكى دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرىنى «رۇسلارنىڭ كۈچىگى» ،« كومىنىزىمنىڭ قورچاقلىرى» ،«سىتالىننىڭ گۇماشتىلىرى»... دەپ ئاغزىنى بۇزۇپ تىللاپ تەشۋىق قىلىدىغان بولدى . پەقەت مەمتىمىن بوغرانىڭلا غۇلجىدىكى ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى ئىدى ، باشقىلار بۇلسا خۇددى ئىت -مۈشۈكتەك بىر-بىرىگە ھۆرپىيىپ يۈرۈشەتتى . بۇ ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خەلقى ئۈزۈل- كىسل قايمۇقتى . بۇ قايمۇقۇشتا شىنجاڭ تىنچ ئازات بولۇپ گومىنداڭ ئەسكەرلىرى تاۋسىيۇنىڭ رەھبەرلىگىدە „تەسلىم بولۇپ ھەقىقەتكە قايىتقان“، بۇ «پانتۈركىزىمچىلار» بولسا جىياڭ جىيشىنىڭ يىڭىلگىنىگە تەن بەرمەي تۈزۈپ چىققان «چوڭ قۇرۇقلۇقنى قايتۇرۇپ ئىلىش پىلانى»نىڭ ئىچىدىكى « شىنجاڭ پىلانى»نى ئورۇنلاشنىڭ ئىھتىياجى ۋە ھاياتىنى ساقلاپ قىلىشنىڭ ئارزۇسىدا مىڭغا يىقىن كىشى بىرلىكتە چەتەلگە قاچقانغا قەدەر داۋاملاشتى . ئاتالمىش «چىگرادىن قايىتىپ كەلگەن »مەسۇت سەبىر ۋە چىڭگىزخان دامۇللاملار يەنە شۇ ئىسا يۈسۈپنىڭ كەينىگە كىرىپ ، يەنە شۇ ئەكسىيەتچى جىياڭ جىيشى ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانىغا يەمچۈك بۇلۇپ يۈرۈشنىڭ ئەرزىمەيدىغانلىغىنى ، بۇ ئاتالمىش «ھىجرەت»نىڭ شىنجاڭ خەلقى ئۈچۈن ئەمەس گومىنداڭ پارتىيسى ئۈچۈن ئىكەنلىگىنى ، بۆرىدىن قۇتۇلسىمۇ يەنە يولۋاسقا تۇتۇلۇپ يۈرىيدىغانلغىنى چۈشىنىپ يەتكەنلىگى ئۈچۈن قايتىپ كەلگەن ئىدى . يوللىغۇچى: سىدىقھاجى.مەرتمۇسا (دىپلوم ئارخىتەكتۇر) malik-u@web.de __________ ئىزاھاتلار: (1)- UAA gha yollunup elip tashlanghan bu Maqalening UAA diki adresi: http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?33701-quot-Biz-Bilmeydighan-Tarix-quot&p=138553#post138553 (2) – Neqil „Isa Yusup kimdur“Namliq Maqaledin elindi. Menbe : http://www.Turkmechlisi.Org/?Sayfa=go...At=40&grs=1918 |
Free forum by Nabble | Edit this page |