Banned User
|
تارىخىمىزنى بىلەيلى-بىز تەخىچە قاتىللارغا سەجدە قىلىۋاتىمىز
رابىيەنى ئىستىپا بەرسۇن دەپ ئىمزا قويۇپ ئورنىغا ئوزەڭلەرنى تىكلىمەكچى بولغان "دۇق نىڭ مەركىزىدىكى دولقۇن ئەيسا،ئەسقەرجان،ئۈمۈت خەمىت،پەرھات يۇرۇڭقاش،ئەنۋەرجان،ئابلىمىت تۇرسۇن،ئەنۋەر ئەخمەت،غەيۇر قۇربان قاتارلىق 8رەھبەر" -سەنلەر ئىسا يۇسۇپنى ۋە ئۇنىڭ خىتايدىن بولغان ئوغلى ئەركىن ئىسانى نەچچە ئون يىلدىن بىرى "لىدەرىمىز" ئاكىمىز"دەپ ئۇيغۇرلارنى ئالداپ، خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقىغا تۇتۇپ بىرىپ كىلىشتىڭ. "8رەھبەر"ئىچىدىكى ئەنۋەر ئەخمەت، غەيۇر قۇربان دىگەنلەر قايسىڭ؟ "مەن ئەمەس -ئاۋۇ" دەيدىغىنىڭ بولسا خىيانەت،ئوغۇرلۇق، قويمۇچۇلۇق ۋە قاتىللىقلاردىن ھىساپ بىرىدىغان ئاۋۇ ساتقۇنلاردىن يىراق تۇرۇش! ئۇيغۇرلار بۇ ھىساپنى ئالماي قويمايدۇ.
_____
مانا سەنلەرگە ئىسا يۇسۇپ، ئەركىن ئىسالار!
"ئىسا يۈسۈپ كىيىن گومىنداڭنىڭ ئەرەپ ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە ئەۋەتكەن بىر ئۆمەكنىڭ مۇئاۋىن باشلىغى بولوپ تەيىنلىنىپ بىر قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە زىيارەتكە ئەۋەتىلگەن .بۇ زىيارەت جەريانىدا ئافغانىستاندا يەتتە يىلدىن بىرى تەتقىقات ۋە سىياسى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ،شىنجاڭ مەسلىسنى ياپونيەنىڭ كابۇلدىكى باش ئەلچىئىسى ۋاستىسى بىلەن ،ياپونيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قول تىقىدىغان خەلقارا مەسىلىگە ئايلاندۇرۇش يولىدا ھەركەت قىلىۋاتقان مەمتىمىن بۇغرا بىلەن ئالايتەن كۆرۈشۈپ ،ئۇنى «جۇڭخۋا مىڭونىڭ قەلبىدە تۇرۇپ كۆرەش قىلىش»قا قىزىقتۇرغان . توركىيەدە زىيارەت جەريانىدا سوۋەتلەر روسىيەسىگە قارشى ئاممىۋى پىكىر بەرپا قىلىش ئۈچۈن بەزى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرغان . كاللىسى روس ۋە كومىنىزىم ئۆچمەنلىگى بىلەن تولغان مەسۇت سەبىرىنىڭ ئەھۋالىدىن موشۇ يەردە خەۋەردار بولغان بولشى مۇمكىن . ئىسا يۈسۈپنىڭ بۇ زىيارەتىنىڭ بىكارغا كەتمىگەنلىگى ئەكسىنچە ناھايتى مول ھۇسۇللۇق بىر زىيارەت پائالىيتى بۇلغانلىغى كىيىن مەلۇم بۇلغان .مەمتىمىن بۇغرانىڭ «مىنىڭ سىياسى كۆرەشلىرىم »دە يىزىلىشىچە ،ئىسا يۈسۈپ بىلەن ئۇچىرشىپ ئۇزاق ئۆتمەي ، مەمتىمىن بوغرا ئىسا يۈسۈپنىڭ دىگەنلىرىنىڭ تۇغرا ئىكەنلىگىنى ،شىڭشىسەينى يۈلەپ تۇرغان رۇسلارغا قارشى يەنە شۇ جۇڭخىۋا مىڭۇدىن پايدىلىنشىنىڭ ئاقىلانە بۇلدىغانلىغنى ھىس قىلىپ يەتكەن ۋە ئۇنىڭ تەكلىۋىنى قۇبۇل قىلىغانلىغىنى بايان قلىپ ئىسا يۈسۈپكە ۋە جىياڭجىشىگە خەت يىزىپ ،شىڭشىسەينىڭ شىنجاڭ خەلقىگە سالغان زۇلىمىدىن، سوۋەتلەرپەرەسلىگىدىن شىكايەت قىلغان ۋە ئۈزىنىڭ شىنجاڭ خەلقىگە ۋەكىل بۇلۇپ مەركىزى ھۆكۈمەتتە ئىشلەشنى خالايدىغانلغى ھەققىدە ئىلتىماس قىلغان . بىزدە «ئۆيدىكى ھىساپ بازارغا توغرا كەلمەپتۇ» دىگەن بىر ماقال بار . مەمتىمىن بۇغرانىڭ ئۆيدىكى ھىسابى قانداق قىلىپ تالاغا تۇغرا كەلمىگەنلىگىنى كىينكى ۋەقەلەرنىڭ تەرەققىياتى ئىسپاتلىغان
|