Banned User
|
Uyghurlarning Yolbashchisi -Liderliri Ornunglardin Turunglar!
ئۇيغۇرلار يىگىرمە بەش يىلدىن بىرى "يولباشچىمىز -لىدەرىمىز، مەنىۋى ئانىمىز بار" دەپ كەلگەن ئىدى. خىتايغا ساتقۇن كىلىشىم تۇزۇپ قول قويۇپ بەرگەننىڭ شاراپىتىگە "ئامىرىكا دوللىرىنى شاراقلىتىپ -ساناپ ئىلىۋاتىمىز"دەپ كىلىۋاتقان ئابلىكىم باقى قاتارلىق ساتقۇنلارنىڭدۇق، ئۇئائا ۋە رادىئودا مەنسىۋى، ئەتىۋارى ئولگەنگە قەدەر ھىچ ئوزگەرمەي، سەھنىنى بىكار قىلماي كىلىشىۋاتىدۇ.
ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ "يولباشچىسى -لىدەرى"- ئىسا يۇسۇپ ئولگەندىن كىيىنكى ۋارىسلىرى ئەركىن ئىسا، قۇربان ۋەلى، پەرھات مەمەت(مۇھەمىدى، م.سايرامى)، دولقۇن ئىسا، مەمەت توختى، غۇلام پاختا، مەمتىمىن ھەزرەت، ئابلىكىم باقى، ئەنۋەر-ئەسقەر ئاكا-ئۇكىلار، ئابدۇرىيىمجان قاتارلىقلەرنى بۇ ئۇيغۇرلار بۇگۇنمۇ يولباشچىمىز -لىدەرىمىز ۋە ئىقىلاپچىلىرىمىز دەپ كىلىشكەن ئىدى.
بىراق تۇرمىدا يىتىپ، قويۇپ بىرىلگەندىن كىيىن بالا-چاقىسى بىلەن بىرگە ۋەتەن سىرتىغا چىققان ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىم ئۇيغۇر نەت تورى قاتارلىقلاردا ماقالە يىزىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تىخىچە بىر "يولباشچىسى -لىدەرى" يوق ئىكەن، ئىچىندىم. گۇنا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوزىدە دەپبۇ ئۇيغۇر جامائىتىنى قاتتىق ئەيىپلىگەنلىكىنى ئوقۇدۇم. مەن بۇ سوزنى يىگىرمە بەش يىل بۇرۇن ئاڭلىغانلىقىم ۋە دەپ كىلىۋاتقانلىقىم ئۇچۇن ھەيران قالمىدىم، ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ يىڭى چىقىپ ئادەم تونىغانلىقىغا قايىل بولدۇم.
دىمەك ئابدۇۋەلى ئايۇپ يىگىرمە بەش يىلدىن بىرى چەتەللەردە "يولباشچىمىز -لىدەرىمىز، مەنىۋى ئانىمىز" بار دىگەن ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ "يولباشچىسى -لىدەرى، مەنىۋى ئانا"لىرىنى ئىتىراپ قىلمىغان-رەت قىلغان! ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ بۇ سوزىگە تىخىمۇ قايىل بولدۇم.
چەتەللەردە ئۇيغۇرلار كىملەر؟ يولباشچى ۋە لىدەرلەر كىملەر؟
ۋاقىت كەلدى، ئۇلار ئورنىدىن تۇرسۇن!
Frankfurt
malik-u@web.de
|