Banned User
|
ە بەشىنجى فىۋرال غۇلجا نامايشى“قانداق نامايىش؟ ئۇ نىمە ئۇچۇن مەغلۇپ بولدى؟ 1997-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۇنى غۇلجىدا خىتايلارنىڭ قانلىق باستۇرىشى بىلەن ئولتۇرۇلگەنلىرىمىزنى خاتىرلەش ئۇچۇن ھەر-يىلى شەھىتلەرنىڭ روھىغا ناماز ئوقۇپ، دۇئا -تىلاۋەت ئوقۇپ، نەزىرە قىلىپ ئۇلار ئۇچۇن يەپ-ئىچىپ كەلگەنلەر ، شەھىتلىرىمىزنىڭ روھى شات ۋە خوش بولسۇن، ئامىن! - دەپ كەلگەنلەر كوپ. بىراق شەھىتلەر ئۇچۇن ئالدىن ئولۇم ئىلانى چىقىرىلغان جاينىڭ گەرمانىيەنىڭ مىيۇنخىندىكى دۇق مەركىزى ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلار يوق! ئولۇم ئىلانىنى چىقارغان خىتاينى مىيۇنخىنغا تەكلىپ قىلىپ كەلگەن دۇق رەئىسى ئەركىن ئىسالار ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان يوق. بۇ يىل يەنە دۇق ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرى ئۇيغۇرلارنى ئالداپ يالغان سوزلىمەكتە. نامايىشقا تەشكىللىمەكتە. غۇلجا، قەشقەر، ئۇرۇمچى، ئاۋغانىستانلاردىكى “دۇنيا كاپىرلىرىغا قارشى غازات ئۇرۇشلىرىمىز”، تەشكىلات، مەتبۇئاتلىرىمىزدىكى دىنى-ئىتىقاتنىڭ سىياسەتكە ئارىلاشتۇرۇلۇپ بۇرمىلىنىشى ھەققىدە ئاز بولمىغان پاكىتلار ئىلان قىلىندى –ئەمما ئىلىپ تاشلاندى. ئۇيغۇرلارنى بىرىنىڭ-ئارقىسىدىن بىرى چىقىپ تۇگىمەيدىغان ئىپلاس ئويۇنلار ھەر-يىلى موشۇنداق كۇتۇپ تۇرماقتا. بىر قانچە پاكىت ۋە نەقىللەر: • “مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ئولۇپ-تۇگەپ كەتكىچە غازات قىلىدۇ”( ياۋروپادا چىقىدىغان بىر تۇرك مىللەتچىلىرى-فىدراتسىيونى گىزىتىدىن ئىلىندى). “ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئىتىقات قىلمىغان بولسا ئىكەن...”. ئاۋتور : ئەركىن ئەيسا. • “چىچەنىىستاندا غازات ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ تەسلىم بولغان ئۇيغۇرلارنى روسىيە خىتايغا تاپشۇرۇپ بەردى”. (خەۋەر). • “غۇلجىدا –لائىلاھە ئىللاللا دىگەن شۇئارنى كوتۇرۇپ نامايىش قىلغان ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئائىت ۋىدىئو فىلىمى ئەيسا يۇسۇپنىڭ ئوغلى ئىلغار ئەيسا (ئالپتىكن) تەرىپىدىن خەتەرگە قارىماستىن قەھرىمانلىق بىلەن ۋەتەن سىرتىغا ئىلىپ چىقىلدى” – ئۇئائا ۋە ئىسلام تورلىرى خەۋىرى. • ئوتتۇرا ئاسىيا دولەتلىرىدىن كىلىپ ئىلتىجا قىلىپ شىۋىتسىيە، شىۋىتسارىيەلەردە تۇرۇپ قالغان ئۇيغۇرلار “ئامەرىكىدا مەسچىت سالىمىز” دەپ پۇل ئىئانە تەلەپ قىلغان دۇق رەئىسى رابىيەنىڭ تەلىۋىنى رەت قىلىپ ھايدىۋەتكەن. • “دۇنيا كاپىرلىرىغا قارشى غازات قىلايلى”، “كاپىرلارغا قارشى غازات پەرز”-( ئىسلام پارتىيەسى ۋە ۋۋۋ.ۋەتىنىم.ئورگ لارنىڭ تەشۋىقاتىدىن ئىلىندى) - ۋە باشقىلار . ______ قىرغىنچىلىقلار ۋە نەزىرە –چىراقلار ئۇيغۇرلار دىمەيدىغان، دىيەلمەيدىغان، دىگۇزمەيدىغان بىر نەرسە بار. ئۇ ئىچىمىزدىكى سىر. تىلىمىزنىڭ ئۇچىدىكى سوز. ئۇنى دىمەيمىز، قورقۇمىز.... چۇنكى ئىسابەگچىلەر ئەجەلدىن قورققاندەك قورقىدىغان دۇد تەشكىلاتى رەئىسى سىدىقھاجى مەرتمۇسانى :"تىلى بىر يەردىن چىقىدىغان 4ئۇيغۇر ئۇنى ئولتۇرىۋىتىڭلار. ئۇمۇ بولمىسا ئوزىمىز ئىككى پۇتىنى بىر ئوتەككە تىقىپ بىجىڭغا ئىۋەتىپ بىرىمىز" دەپ ئۇئائا توربىتىدە ئولۇم بىلەن تەھدىت سالماقتا.تەشكىلاتىمىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ۋەتەن ئىچى-تىشىدا شۇ قىتىملىق قانلىق باستۇرۇش ھارپىسىدا بولۇپ ئوتكەن قانسىز باستۇرۇشلارنىمۇ بىرگە قوشوپ خاتىرلەشنى، تىلىمىزنىڭ ئۇچىدىكى سوزلەرنىمۇ سىزگە ۋەسىيەت قىلىپ دىۋىتىشنى ئەھمىيەتلىك ھىساپلايدۇ. ھەرقانداق بىر قانلىق باستۇرۇشنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ شەپىسى، تەييارلىقى بولىدۇ. " تورتىڭلار بىرلىشىپ پالانى دىگەن ئۇيغۇرنى ئولتۇرىۋىتىڭلار، قۇلىقىنىڭ تۇۋىگە مۇش يىگەندە بىزگە قارشى گەپ قىلالمايدىغان بولىدۇ. ئىككى پۇتىنى بىر ئوتەككە تىقىپ بىجىڭغا ئىۋەرتىۋىتىمىز..." دىگەنلەرمۇ بىر شەپە، بىر تەييارلىق. بىز ئولتۇرۇلگەندىن كىيىن دىيەلمەيسىز، تىخىمۇ قورقۇسىز. بىز بىرنەرسىلەرنى بىلىدىغانلىقىمىز ئۇچۇن دەۋاتىمىز. سىز ئولتۇرۇلگەنلەرنى، ئىۋەتىپ بىرىلگەنلەرنى كورگەنلىكىڭىز ئۇچۇن قورقۇۋاتىسىز، قورققانغا قوش كورىنىدۇ. بۇ رەسۋاچىلىقلارنى بىلمەي تۇرۇپ، ئۇلارنى لەنەتلىمەي تۇرۇپ ،ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرنى، ساختىكارلىق بىلەن ناماز ئوقۇغان، نەزىر قىلغانلارنى ئاللا ھەرگىز كەچۇرمەيدۇ. ئۇلاردىن ھىساپ ئالماي تۇرۇپ، تىخى بۇ ساتقۇنلارنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئۇلارغا ئەگىشىپ نامايىش قىلغان، دۇئا قىلغان ۋە نەزىرە-چىراق قىلىپ، يەپ-ئىچىپ بەرگەنگە ئولتۇرۇلگەن قىرىنداشلىرىمىزنىڭ روھى خوش بولامدۇ؟ قانلىق باستۇرۇشتىن ئىلگىرى 90-يىللانىڭ بىشىدا ئامىرىكىدا ئىچىلغان ئىچكى موڭغۇل، تىبەت، ئۇيغۇر-3 تەرەپ ئىنسان ھەقلىرى يىغىنىغا ئەركىن ئەيسا تەرىپىدىن چاقىرىپ كىلىنگەن جاۋزىياڭنىڭ سابىق باش مەسلىھەتچىسى خىتاي يەنجاچى ئوزلىرىنى "ئۇيغۇر لىدەر" ئاتىۋالغان ئەركىن ئەيسا(خىتاي قان ئارىلاش)، ئەنۋەرجان(ئاۋغان)، ئومەر قانات (تاجىك)بىلەن بولغان سوھبەتتە "خىتاي بىرلىكى- جۇڭ خا فىدراتسىيونى" نى ئۇيغۇرلارغا تەۋسىيە قىلدى. ئۇنىڭ كونتىروللىقىدا پەرھات مەمەت(يورۇڭقاش) تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا چىقىرىلغان بىر ئۇيغۇرچە گىزىت خىتاي يەنجاچىنىڭ بۇ ئالدامچىلىقىنى بوتون بىر بەتتە تەشۋىق قىلغان ئىدى. خىتاينىڭ تەۋسىيە ۋە يوليۇرۇقلىرى مۇنداق: 1- دىن جەزمەن ئوز-ئارا ھورمەت قىلىشىمىز كىرەك. 2- دىن، سوزلوشوش ئارقىلىق چوشونوش ھاسىل قىلىشىمىز كىرەك. 3- دىن، ئوز-ئارا بىر-بىرىمىزنىڭ ھالىمىزغا يىتىشىمىز لازىم. 4- دىن، زىددىيەت يوز بەرگەندە سىياسى يوللار ئارقىلىق كىڭىشىپ ھەل قىلىشىمىز كىرەك... مىنىڭچە بۇ مەسلىنى ھەل قىلشنىڭ يولى جۇڭخا لەنباڭ-فىدراتسىيون(خىتاي بىرلىكى)دىن ئىبارەت...". 1994-يىلى تۇركىيە گىزىتىدە ئەركىن ئەيسا خىتاي بىلەن ئوخشاش تىلدا :"مەن ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن چىن فىدراتسىيونى(خىتاي بىرلىكى)نى قوبۇل قىلىمەن" دەپ خەۋەر ئىلان قىلدى. دەرۋەقە ئۇزۇندىن بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي بىلەن بىرلىشىپ كىتىشىنى مەقسەت قىلغان "خىتاي بىرلىكى-جۇڭخا فىدراتسىيونى" شۇئارى ئۇيغۇر سىياسى سەھنىسىگە رەسمى چىقىرىلدى. خىتايلار بىلەن يۇقارقىدەك “سوھبەت” لەر ئوتكۇزۇلۇشكە باشلىدى. ئەركىن ئىسا، دولقۇن ئىسا ، ئابلىكىم باقى ...لار ئەستونىيە، ئىستانبۇل دەرنەك ...لەردە خىتايلار بىلەن ساتقۇن كىلىشىملەر تۇزۇپ "ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن" قول قويۇپ بىرىشكە باشلىدى. “سوھبەت”لەر ۋە “ئۇيغۇر-خەنزۇ بىرلىك-ئىتتىپاقلىقى”نىڭ داۋامى گىرمانىيەدە 1999-يىلى 6-ماي ستامبۇلدا ئابلىكىم باقى ، سۇلتان ماخمۇتلارنىڭ"شەرقى تۇركىستان مىللى مەركىزى" بىلەن بىر خىتاي ئارىسىدىكى 6 ماددىلىق"ساتقۇن كىلىشم، ئەستونىيەدىكى ئەركىن ئەيسا، دولقۇن ئەيسالار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى "مۇستەقىللىقنى تىلغا ئالماسلىق شەرتى ئاستىدىكى كىلىشىمنامە" قاتارلىقلار، كەينى-كەينىدىن مەيدانغا كەلگەن بۇ ساتقۇنلۇقلار ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇستەقىللىق شامىلىغا قارشى چىققان تەتۇر قۇيۇن بولۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ غەزىۋىنى تاشۇردى. ئۇنىڭغا قارشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىيۇزلۇك شىددەتلىك ئەيىپلەش، چۇقانلىرى بىسىلمىدى. ئەڭ يوشۇرۇن قەھرىمان شائىرىمىز قىلىچىنى غىلاپتىن چىقىرىپ خىتاي بىرلىكچىلىرىگە قارشى ئۇرۇش ئىلان قىلدى: مۇخەممەس (خىتاي بىرلىكچىسى ئەركىن ئىسا ئالپتىكىن ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۇچىلىرىگە لەنەت) زەھرىنى تىققاچ تەنىمگە بۇ خىتاي - يىلان - چايان، زۇلمىدىن ئىڭراشقىمۇ يەتمەيدۇ ھال، يوق ئىمكان، يىغلىسام دەردىمگە بىللە يىغلىغاي پۇتكۇل جاھان، قان - يەشىمدىن بولدى ھاسىل شۇ مەھەل دەريا - قىيان، سوزلىسەم قىسمەتلىرىم تىترەر يۇرەك ياپراقسىمان. بەردى قۇربان مۇستەقىللىق دەپ، ئۇيغۇرۇم كوپتىن بەرى، ھوررىيەت ئارزۇسى ئەلنىڭ ئاشتى شۇنداق كۇنسەرى، غەلىبە يوق، ئەمما ساۋاقلار بەردى ئاققان قان ۋە جان، خىتايدىنمۇ بەتتەر ساتقۇنى ئۆز ئىچىدە بولغان يامان، ئوت ۋە سۇدەك بىرگە بولمايمىز خىتايلە بىز ھامان خۇمسىلارچە ئەركىن ئىسا(٭) ھەمكار بولۇپ خىتاي بىلەن، ئىش قىلارمىش بىرلىشىپ شۇ پاسكىنا تومپاي بىلەن، خۇددى يىرتقۇچنى قوشۇپ قوي - قوزا، يىلقا -تاي بىلەن، بىللە قويغاندەك ۋە ياكى ئاتەشنى... ئوتنى ماي بىلەن، ھوررىيەت يوللىرىغا سوقماقچى توسما، تاغ - داۋان! قىش كۇنى زۇلمەتنى - تۇننى چىللىغان شۇم قاغا سەن، ئەل بەشىدا قامچا ئويناتقان مۇناپىق دوغا سەن، بى كەرەك بىزگە پەقەت، رىسقىمنى قىلما ئوغا سەن، ”فىدراتسىيە“،(1) ”مۇختارىيات“نى (2)خوتنۇڭغا قىلغىن سوغا سەن، ئۇيغۇرۇمنىڭ كوڭلىنى چەگمە، يەيىپ بۇلۇت، تۇمان. ۋا دەرىخا، تويدى ئەل خىتاي دەگەندىن غىققىدا، كوردى خىتاينىڭ قۇرۇق ”شەپقەت“لىرىنى جىققىدا، بۇ كەبى شۇم گەپنى ئىشتسە تۇرمامدۇ ھەركىم تىككىدا، دوپپىمىزغا جىگدە سالماقچى بولۇشساڭ شىپپىدا، يانغۇسى يامانلىقىڭ، باشىڭغا چىققاي شۇ ھامان! سەن خىتايغا قانمىغان، يا تويمىغان بولساڭ ئەگەر... بول قۇدا ۋە يا باجا، يا ئاناڭ، ئاچاڭنى بەر! كەينىدىن كەت ئەگىشىپ، بولغاندا خىتاي دەر - بەدەر، سەنلەر ئەگەر ئادەم ئىسەڭ، بولما ئىپلاس ئۇ قەدەر، بولمىقىڭغا نە كەرەك خىتاي قەشىدا ئىت - قاۋان؟ ئىستىكىڭ بولسا نىمە ئەركىنلىكىڭ، بىلگەننى قىل، ئەمما ئۇ ئوز ئىستىكىڭ، ھەچ ئەمەس كوپكە ۋەكىل! ئەلنى ساتما، خالىساڭ سىڭلىڭنى سات، ئوزەڭ سەتىل، ئانچە بەك ئەزۋەيلىمە، كوتۇڭنى قىس، ئۆزەڭنى بىل! "ئۇيغۇر تەرەپ بولماق... ھامان ئەركەك ئىشى“... بىزنىڭ مىزان! ۋەدىسىگە پۇتمىگەي ھىچكىم خىتاينىڭ، شۇ بۇگۇن، چۇنكى دىلدا بار ئازاپتىن شۇ خىتاي تۇككەن تۇگۇن، ئاق خىتاي، قىزىل خىتاي ھەممىسى بىردۇر پۇتۇن، شۇ خىتايلار دەستىدىن چىقتى مانا باشتىن تۇتۇن، بۇ خىتايمۇ ئۇ خىتايدەك قان ئىچەردۇر بى گۇمان! يەمىكى پوق بولغۇسى، قاغا بىلەن دوس بولسا كىم"، تالىسا غالجىر سىنى گەر، قانجۇقى بولماس ھەكىم، سۇ سۇزۇك بولمايدۇ، باشتىن كەلسە لاي دەريا - ئەقىم، مۇشۇكى - چاشقان كەبى تۇغما كۇشەندە قىسمىتىم... بىز ۋە خىتاي ئەينى شۇ ھالدا ئىمىز، كوپكە ئايان! چاڭقىغان چوللەردە بولغاندەك گوياكى سۇغا زار، بولدى ئۇيغۇر ھوررىيەتكە ئاشىقانە ئىنتىزار، بولسا گەر كىم ئۇيغۇر ئىكەن، تىنماي خىتايغا گۆر قازار، بولمىسا پۇشتى ھاراملىق توغرا يولدىن كىم ئازار؟ بەد دۇئا، ئۇيغۇر قارغىشى بەك ياماندۇر، بەك يامان! ________ ئىزاھات ۋە نەقىللەر: (٭) ئەركىن ئىسا- "ئارىمىزدىكى خىتايدىنمۇ بەتتەر، ساتقۇن ئىسا يۇسۇپنىڭ لانجۇلۇق قارا خىتاي يۇ خىنىم(پاتما تەتەي)دىن بولغان قىچىر ئوغلى. 1- "چىن فىدراتسىيە"-خىتاي بىرلىكى. 2- "مۇختارىيەت"- ئاۋتونومىيە ________ خىتايچىلار ئىشلىرىنىڭ كاسات، ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ئاقماسلىقىغا تەن بەرمەستىن ۋەتەن ئىچى-سىرتىدا كوتۇرۇلگەن قارشىلىقلارنى خىتاي بىلەن بىرلىشىپ باستۇرۇشنىڭ تەييارلىقىنى باشلىۋەتتى. سىستىمىلىق، ئالدىن-ئالا ۋە مۇكەممەل تەييارلانغان غۇلجا قىرغىچىلىقىنىڭ ھارپىسىدا ئەركىن ئەيسا ئامىرىكىدىن "دىموكراتىيەچى خىتاي" نىقاۋىدىكى يەن جاچىنىڭ بىر خىتاي (ئىسمى ئۇنتۇلدى) سەپدىشىنى مىيونخىنغا "سوھبەت ۋە يوليورۇق" بىرىشكە چاقىرىپ كەلدى. خىتاينى ئايرىپورتقا چىقىپ قارشى ئىلىشقا مەجبۇرلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا تەكلىپ قىلغۇچى ئەركىن ئەيسا ئوزى يوق ئىدى. ئومرىدە بىرەر قىتىم ئايرىپورتقا چىقىپ بىر خىتاينى قارشى ئىلىپ باقمىغان، ئالدىن - ئالا ھىچ ئىشتىن خەۋىرى يوق، ئەركىن ئەيسانىڭ خىتايچە ئويۇنلىرىنى بىلىپ كىتەلمەي بۇ قىتىممۇ ئالدانغان ئۇيغۇرلار نۇمۇس ئوتىدا ئورتەندى. كوپ ئۇيغۇر ئالداندى. ئايرىپورتتا "ئۇيغۇر مىھماندوسلىقى" بىلەن چايغا تەكلىپ قىلىنغان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراپ قويغىدەك تۇرى يوقتى. تەكلىپنى رەت قىلىپ "مىھمانىسى"غا كەتتى. "مىھماندوس ئۇيغۇر لىدەرلەر" نىڭ مەركىزى مىيونخىنغا كەلگەن خىتاي بۇتۇن دۇنيا ئۇيغۇرلىرىغا تەھدىت سىلىش يامان ئاچچىغىدا ئىدى. دەرۋەقە ئۇ ئەتىسى ئەركىن ئەيسا مەجلىسكە دەپ يىغىپ بەرگەن ئۇيغۇرلارغا خىتاي دىكتاتۇرىسنىڭ ھەيۋىسىنى پەش قىلىپ ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. ئەركىن ئەيسا خىتاينىڭ ئاغزى ئارقىلىق مىيونخىندىن بۇتۇن دۇنيا ئۇيغۇرلىرىغا تەھدىت سالغۇزدى. غۇلجىدىكى قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئولۇمىگە ئالدىن چىقىرىلغان ھوكۇم موشۇنداق ئىلان قىلغۇزۇلدى. غۇلجا قىرغىنچىلىقى جەريانىدىن تولۇق خەۋىرى بارلار بۇ ئىشتا باشتىن-ئاخىر خىتاينىڭ قارا قولى بارلىقى ھەققىدە ئىشەنچلىك پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان ئىدى. خىتاينىڭ مىيۇنخىندا چىقارغان ھوكوم ئىلانى: "سىلەرگە ئىككى يول بار. بىرى، تىنج-ئىتتىپاق بولۇپ، كىلىشىپ سياسى يول بىلەن ھەل قىلىش. يەنە بىرى قارشىلىق ھەركەتلىرى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ قاتتىق باستۇرۇشقا ئۇچراش. مىنىڭچە بۇ ئىشنى ھەل قىلىشنىڭ يولى جۇڭخا لەنباڭى - خىتاي بىرلىكىدىن ئىبارەت". "مەسىلە يۇز بەرسە كىلىشىپ ھەل قىلىدىغان" يول - جۇڭخا لەنباڭى - خىتاي بىرلىكىدىن ئىبارەت! ئەتە نىمىلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى سىزىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلار سۇكۇتتا قالدى. مىيونخىندا ئەركىن ئەيسانىڭ قول ئاستىدا چىقىدىغان "بىرلىك" جورنىلى تەيۋەندە چىقىدىغان بىرلىك جورنىلى ئەمەس، بىراق ھەرئىككىسى ئەينى ۋاختتا خىتاي بىرلىكىنى تەشەببۇس قىلغان بولۇپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان تەھدىتلىرى، "خىتاي بىرلىكى" ئالدامچىلىغى تەشۋىق قىلىنغان. بۇ يەردە تەيۋەن بىلەن بىر سىستىمىلىق ئوخشاشلىق بار. ئابلا تىمەن ئوتتۇرائاسىياغا كىلىپ تەشۋىق قىلغان "چىن تۇركىستان"نىڭ داۋامى ئەركىن ئەيسا، پەرھات يورۇڭقاشلار ئارقىلىق "خىتاي بىرلىكى" ، "ئاۋتونۇمىيە"بولۇپ بۇگۇنگىچە تەشۋىق قىلىنماقتا. خىتاينىڭ مىيۇنخىندا قىلغان سوزلىرىنى گوھەر تىپىۋالغان خۇشاللىق بىلەن مەدھىيەلىگەن "بىرلىك جورنىلى"نىڭ باش مۇھەررىرى ھەم تەرىرى پەرھات يورۇڭقاش :"تىخىمۇ قىزىقارلىغى شۇكى ئۇ شەرقى تۇركىستان كەلىمىسىنى باشتىن-ئاخىر تىلغا ئالدى..." دەپ "بىرلىك"جورنىلىدا ماقالە ئىلان قىلىپ خىتاينى قويىدىغان يەر تاپالماي قالدى.ئەركىن ئەيسانىڭ قەلەمكەشلىرى، قانات-قۇيرۇقلىرى خىتاينى مىھمان سوپىتىدە ئەتىۋارلاپ دوستانە سوھبەتلەر ئوتكۇزۇشتى. قىرغىنچىلىق - ئوسۇپ ۋايىغا يەتكەن كوكنى قىرقىپ تۇرۇش مۇستەملىكىنىڭ ئىھتىياجى . ۋەتەندە قارشىلىق ھەركەتلىرى بىسىقمىدى-بۇ ھەركەتلەرگە يىتەكچىلىك قىلىدىغان توغرا سىياسى نىشان بولمىغانلىقى، نىزام بۇرمىلانغانلىقى تەكرار قوزغالغان ھەركەتلەر دايىم خىتاي قولى ئارقىلىق باشقۇرۇلۇپ، پايدىسىز تەرەپكە تارتىلىپ، تەكرار مەغلۇپ بولۇپلا كەلدى. بۇقىتىممۇ ئۇزۇن ئوتمەي ئۇيغۇرلار غۇلجىدا ھەقىقىتەن قاتتىق باستۇرۇلدى. ______ بۇنچىلىك بولۇپ كىتىشىنى ئويلىمىغان خىتاينىڭ ئارىمىزدىكى قانات-قۇيرۇقلىرىدىن ئەركىن ئەيسا،، ئەنۋەر، ئەسقەر، ئومەرقاناتلار ئالاقزادىلىككە چۇمدى. ئولگەنلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا "مەخپى" ھالدا ئىۋەتىپ بىرىش ئۇچۇن پۇل يىغىلدى.... جان ئەرزان. ئالاقزادىلىك يامان. ئەركىن ئەيسا بىر مەزگىل ئوتتۇرىدىن غايىپ بولدى. ئولتۇرۇلگەنلەرنىڭ غۇلجىدىكى ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا "پۇل ئىۋەتىپ بىرىش" تىن ئىبارەت غەلىتەلىك مەيدانغا كەلدى. ئۇ تەرەپتىن توپلانغان پۇل بۇ تەرەپتىن مىيۇنىخىندىكى ئاچچىغى يامانراق، لۇكچەك مىجەزرەك كورۇنگەن ئۇيغۇرلارغا 5-10 مىڭ ماركتىن "قەرز " قىلىپ تارقىتىلدى. ئوزىنىڭ گوشىدا ئوزىنىڭ يىغىنى قورۇيدىغان بۇ "مەرتلىك" نىمە ئۇچۇن؟ ھولۇقۇش -جان تاتلىقتىن بولىدۇ. مىيۇنخىندا "ئەنۋەرجاننى كىلىۋاتقان پويىزنىڭ ئاستىغا ئىشتىرىۋىتىڭلار" دىگەن باغاق تارقالدى. يازغان ئۇيغۇرنى تىپىش ئۇچۇن ساقچىلار ھەتتا شائىر خانىملىرىمىزغىچە ئاۋارە قىلدى. خەت يازالايدىغانلارنىڭ پۇجۇركىسى تەكشۇرۇلدى. سىرلىق، قورقۇنچلۇق تىرور كەيپىياتىغا چۇمگەن مىيۇنخىندىكى ئۇيغۇرلار بۇلارنى كىنولاردا، رۇمانلاردىلا بولىدۇ دەپ ئويلىشاتتى. "باغاق" تارقاتقۇچى ئەڭ يۇقۇرى تىخنىككە ئىگە گىرمان ساقچىسىغىمۇ تۇتۇق بەرمىگەن ھىلىگەر كىمدۇر ئۇ، ئەجىبا؟ بۇگۇن ئەنۋەرجان رەئىس مىيۇنخىندا ئۇيغۇرلارنى "غۇلجا شەھىتلىرىنى ئەسلەش نامايىشى"غا چىقىش چاقىرىقى ئىلان قىلدى. قاتىل كىم؟ شەھىت كىم؟ ئارىلىشىپ كەتتى. ئات ئىزىغا ئىت ئىزى ئارىلىشىپ كەتتى. بۇ ماقالە ئارقىلىق ئۇلارنى ئوز ئورنىغا قويۇپ قويدۇم. مىيۇنخىندا ئۇيغۇرلار ئۇخلىمايدۇ. غۇلجىدا بىر توپ ياشلارنىڭ "لا ئىلاھە ئىللاللا، مۇھەممەدەن رەسۇلىللا" دىگەن چوڭ شۇئارنى كوتۇرۇپ نامايىش قىلغان ۋىدوسىنى كورۇپ ۋەتەن ئىچى-سىرتىدا بولغان بىر يۇرۇش نامايىشلار، ئايىغى چىقمىغان ئىچىنىشلىق قوزغىلاڭلار ھەققىدە ئويلۇنۇپ، تۇرۇپ قالغان ئۇيغۇرلار چۇڭقۇر ئويغا چوككەن ۋە يازغان ئىدى- ئىلىپ تاشلاشتى. ئىلغار ئىسا (ئالپتىكىن) “ئاللا يولىدا ئوتتۇرىغا چىقتى" قىرغىنچىلىقلارنىڭ ئارقا كورۇنىشىدە دىنى-ئىتىقاتنىڭ سۇيى-ئىستىمال قىلىنغانلىقى ئەڭ رۇشەن پاكىتلار ئىكەنلىكى يىللاردىن بىرى ھەممىگە مەلۇم بولسىمۇ ئۇنى دىيىشكە جۇرەت قىلىدىغان چىقمىدى. چىققانلارنىڭ ئالدىغا “ئاللا ئۇلۇق”، “رامىزاندا ساتقۇنلار ھەققىدە گەپ قىلىش ھارام”، “كاپىرلىق”، “بولگۇنچى”... قاتارلىق قالپاقلار دۇق، رفا، ئۇئائا مەسۇللىرى تەرىپىدىن تەييار بولدى. ئارىدىن بىر نەچچە يىل ئوتكەندىن كىيىن بىر "ئۇيغۇر ئىسلام" توربىتىدە ئىلغار ئەيسا (ئالپتىكىن) نىڭ غۇلجىدىن ئىلىپ چىقىپ ۋەتەن سىرتىدا كەڭ تەشۋىق قىلغان ئۇ ۋىدىئو كىنوسى بىلەن بىرگە مۇنداق بىر خەۋەر ئىلان قىلىندى: "مەرھۇم ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئوغلى ۋە ئىنقىلاپچى ۋارىسى ئىلغار ئالپتىكىن ئىسمىنى ئىلان قىلىشقا بولمايدىغان بىرەيلەننىڭ ۋەتەندە تەمىنلىگەن بۇ ۋىدو كىنونى ئەڭ خەتەرلىك توسالغۇلارنى يىڭىپ تۇركىيەگە ئىلىپ چىقتى". بۇ خەۋەرنى كورۇپ ۋەتەن ئىچىدە مەن شاھىت بولۇپ ئوز كوزۇم بىلەن كورگەن قەشقەردىكى "30-ئوكتەبىر ۋەقەسى"، ئۇرۇمچىدىكى ئىسلام دىنىغا ھاقارەت قىلىنغان كىتاپنىڭ نەشىر قىلىنىشىغا قارشى نامايىش قاتارلىق بىر مۇنچە دىنى شۇئارلار بىلەن باشلىنىپ ئاخىرى ئىغىر پاجىئەلەر بىلەن ئاياقلاشقان ھەركەتلەر، ۋەتەن سىرتىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئاۋغانىستان، چىچەنىستان، پەلەستىنلەردىكى "غازات"قا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرمۇ خىتاينىڭ بۇرنىنى قاناتماستىن ئوز-ئارا بىر- بىرىنى ئولتۇرۇپ، ئولتۇرۇلۇپ خانىۋەيران بولغانلىقى، گىۋانتانامودىكى"دۇشمەن كۇچلىرى ئەمەس" ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرى، تۇركلەرنىڭ ئالمانىيەدە چىقىدىغان مىللەتچى گىزىتىدە ئەركىن ئەيسانىڭ "مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ئولەپ-تۇگەپكەتكىچە غازات قىلىدۇ" دىگەن چاقىرىقى، ئابلىكىم قالىغاچ باقىنىڭ “مۇستەقىللىق كورىشىنىڭ مەقسىدى- ئىسلام شەرىيەت تۇزۇمى ئورنۇتۇش” تەشۋىقاتى، ئۇئائا ، ۋۋۋ.ۋەتىنىم.ئورگ لاردا تەكرار ئىلان قىلىنغان ئىسلام پاتىيەسىنىڭ"دۇنيا كاپىرلىرىغا قارشى غازات" تەشۋىقاتلىرى، رابىيە، س.روزىلارنىڭ فرانكفۇرتقا كىلىپ تۇركلەر بىلەن بىرگە ئوتكۇزگەن "ھوسەيىن جىلىلنى قويۇپ بەرسۇن" نىقاۋى ئاستىدىكى دىنى نامايىشى، دۇق نىڭ بىرلىندا ئاچماقچى بولغان "خىتايدىن دىنى ئەركىنلىكى تەلەپ قىلىشى يىغىنى"، ۋەتەن سىرتىدا ئەرەپلەرنى بىسىپ چۇشىدىغان دەرىجىدە كوپەيگەن مائارىپ، ئىستىقلال ... قاتارلىق دىنچى توربەتلەردىكى ئاللا بىلەن ئالداۋاتقان ئابلىكىمخان مەسۇم. ئا.ياپچان، ئابدۇللاھ ...قاتارلىق قىرى-ياش موللاملارنىڭ "پەرياتلىرى" ..... قاتارلىقلارنى ئوز-ئارا باغلاپ چۇشۇنۇش باش-ئايىقى چىقمىغان نۇرغۇن سىرلىق ئىشلارنىڭ خۇلاسىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ. ئىسلام دىنى ئىتىقاتىنى سىياسەتكە، ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەركىتىگە ئارىلاشتۇرۇش، مۇستەقىللىق ھەركىتىنى پەقەت "ئاللا ئۇچۇن ناماز ئوقۇش"،"كاپىرلارغا قارشى غازات قىلىش" ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇۋىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئويۇن بۇگۇن ھەر-يەردە ئوزىنى كورسەتمەكتە. بۇ ئويۇن خىتاي ياقۇپبەك دولىتىنىڭ ئاغدۇرۇلغانلىق پاجىئەسىدىن تاپقان ئەنگۇشتىرى ئىدى. "30-ئوكتەبىر ۋەقەسى" بىلەن قەشقەردە "3 كۇنلۇك مۇستەقىللىق" بولغان ئىدى. خىتاي ئىتىپ ئولتۇرگەن بىگۇنا دىھقاننىڭ جەسىدى كوتۇرۇلۇپ شەھەر ئايلىنىپ قىلىنغان نامايىشقا شەھەر ۋە يىقىنلىرىدىن بولۇپ ئون مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر قاتناشىپ خىتاينى ئىنتايىن ئالاق-زادە قىلىۋەتتى. بىرىنجى كۇنى سىتخىيەلىك ئاساستا، تەبى باشلانغان نامايىشنىڭ تەلىۋى قاتىلنى جازالاپ بىرىش ئىدى. خىتاي ئاددى ۋە ھەقلىق تەلەپكە دەرھال جاۋاپ بەرمەي نامايىشنىڭ دىنى تۇسكە ئوزگۇرۇشىنى، يولدىن چىقىشىنى "تەخىر"قىلىپ كۇتۇپ تۇردى... نامايىشنىڭ يوللۇق تەلەپلىرىنى قانۇنى ئاساس بىلەن قويالايدىغان زوكۇنچى ئۇيغۇر ۋەكىلنىڭ ئورنىنى دەرھال قارىم تەققى-تۇرقىدىكى بومبا ساقاللىق، ئۇزۇن قارا چەكمەنلىك بىر دىنچى موللام ئالدى. ئۇ نامايىشچىلارنىڭ ئالدىغا چۇشۇپ "لائىلاھە ئىللاللا" دەپ تەكبىر ئەيتىپ شەھەر ئايلىنىش باشلاندى. "يا ئاللا!" دەپ غەزەپكە كىلىپ سەپكە قىتىلغان ياشلار ئالدىغا كەلگەن خىتايلاردىن پىلانسىز، قالايمىقان ئىنتىقام ئىلىپ، ئولتۇرۇشكە ئوتتى... خىتاينىڭ كۇتكىنى دەل ئۇ موللام ۋە بۇ قانۇنسىز ئىنتىقام ئىدى. بىنالاردىن رەسىملەر تارتىلىشقا باشلاندى. توپ ئارىسىغا „كۇزەتكۇچى“ نامايىشچىلار سوقۇلدى. ۋە 4-كۇنى ھىچ ئىشقا ئارىلاشمىغان "بەلگىلىك ئۇيغۇرلار“ قاتىل، بۇلاڭچىلارنىڭ كۇشكۇرتقۇچىسى بولۇپ قولغا ئەلىنىپ، پاجىئەلەر باشلاندى. قەشقەردە "3كۇنلۇك مۇستەقىللىق"ئاخىرلاشتى. "30-ئوكتەبىر ۋەقەسى"بىلەن پارتىلىغان نامايىش بىلەن "غۇلجا ۋەقەسى"بىلەن پارتىلىغان نامايىش قانداق بولۇپ „دىنىي ئىنقىلاپ“قا ئايلىنىپ كەتتى؟ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىل بولۇش ئۇچۇن ئەلىپ بارغان كورەشلىرى ياقۇپبەگ دولىتىدىن –تارتىپ بۇگۇڭىچە نىمە ئۇچۇن تەكرار مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى؟ بۇنىڭدىن ئىنىق خۇلاسە چىقىرىشىمىز شەرت! ئىسا بەگچىلەر يىللاردىن بەرى ئۇيغۇرلارنى، دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك كۇچقا ساھىپ خوشنىسى روسىيە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىمىزدىكى ئىتتىپاقداشلىرى – قەرىنداش قازاقىستان، قىرغىزستان، ئۇزبىكىستان، تۇركمەنىستان، تاجىكىستان، مۇڭغۇلىيە … لەرنىڭ تۇپ مەنپەتىگە قارشى „دىنى ئىنقىلاپ“قا كۇشكۇرتۇپ كەلدى. ئىسا بەگچىلەر، دۇق كەشلەر يىللاردىن بەرى ئۇيغۇرلارنى، خەلقارا قانۇنغا، ئىسلام دىنىغا سىغمايدىغان، ۋاھابىچىلىققا، تالىبانچىلىققا، مەزھەپچىلىكلەرگە ، دىنى ئىنقىلاپقا كۇشكۇرتۇپ كەلدى. ئوسمانىيەچىلىك، ھون(ۋىڭىرىيە)چىلىق ئەۋج ئالدۇرۇلدى. ئۇيغۇرلار ئوزىنى „تامتۇرك“، „ئوزتۇرك“ دەيىشكە باشلىدى. „خىتاي بىلەن بىرلىشىپ كەتىمىز“دەپ تۇركىيە گىزىتىدە ئىلان قىلغان رەئىس ئەركىن ئىسانىڭ ، „بىز ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايمىز“دەپ ئىتالىيەدە ئىلان قىلغان قورچاق رەئىس رابىيە قادىرنىڭ „دۇق“سىدا „مەن ئۇيغۇر“ دەيدىغان ئادەم قالمىدى. _______ دۇد تەشكىلاتى سوزچىسى |
Free forum by Nabble | Edit this page |