دىئافراگمانىڭ ئۇيغۇرچەسى

classic Classic list List threaded Threaded
1 message Options
Reply | Threaded
Open this post in threaded view
|

دىئافراگمانىڭ ئۇيغۇرچەسى

Tuyghur
                                 دىئافراگمانىڭ  ئۇيغۇرچەسى

                                                             تۇيغۇر

تىلىمىزدا بەزى سۆزلەر ئىشلەتىلمەي تاشلانغان ياكى ئۇنتۇلغاندىن كېيىن بۇ سۆزلەرنىڭ ئورنىغا باشقا تىللاردىن كىرگەن  سۆزلەرنى ئىشلەتىش بىزنىڭ تىل جەھەتتىكى بىرئاجىزلىقىمىزدۇر.  ئادەم بەدەنىنى ئىچىدىن ئايرىپ تۇرىدۇغان بىر  پەردە بار . نېپىز موسكۇلدىن تۈزۈلگەن  بۇ پەردە  جىگەرگە چاپلاشىپ  تۇرىدۇ ۋە ئۆپكە، يۈرەكنى ئاستىدىكى  جىگەر، بۆرەك، ۋە ئاشقازانلاردىن ئايرىپ تۇرىدۇ.  بۇ پەردەنىڭ ئىلمى ئاتالىشى دىئافراگما .ئادەم بەدەنىدىكى  بۇ ئەزانىڭ ئەسلىدە ئۇيغۇرچە ئاتالغۇسى بولسامۇ كېيىنكى چاغلاردا ئىستىمالدىن قالغان ۋە ئۇنتۇلۇپ كەتكەن.  بۈگۈنىمىزدە ھەر ۋاقىت يېڭى نەرسەلەر بىزنىڭ ئۇلارنى  مۇۋاپىق  ۋە توغرا نام بىلەن ئۆز تىلىمىزدا ئاتاشىمىزنى  تەلەپ  قىلىپ ئالدىمىزغا كەلمەكتە. ھەربىر يېڭى  شەيئىگە  بەرىلىدۇغان ئىسىم ئالدى بىلەن  تىل غەزىنەمىزدىن ئىزلەنىشى، تاپىلماسا  ياسالىشى،ئۇمۇ بولماي قالسا ئاندىن  ئاتالغۇنىڭ ئەسلى ئېنگلىزچەسى قوللانىلىشى  كېرەك.   ھالبۇكى بۇ جەھەتتىكى  تىرىشچانلىقلار ۋە ئىزدەنىشلەر تولىمۇ يۈزەكى، ياسالغان  سۆزلەر چەكلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە قوللانىشچان ئەمەس. چەتتىن كىرگەن  سۆزلەرنى قوللانىشتا يەنەلا مەسىلەلەر بار.

ئىلگىرىكى دەرسلىك كىتاپلار  ۋە ئىلمى كىتاپلاردا  بېلىقنىڭ ئىككى ئېڭەكىدىكى ئاچىلىپ ۋە ياپىلىپ تۇرىدىغان ئەزالارى  رۇسچەدىن كىرگەن  ژېبرا دېگەن سۆز  بىلەن ئالىناتتى.  كېيىنچە  ئايقۇلاق(ئۆزبېكىستاندا شۇنداق ئاتايدۇغان بولغانلىقى ئۈچۈن)  دەپ ئۆزگەرتىلگەن. كېيىن  خەلق ئىچىدە بېلىقنىڭ  بۇئەزاسىنىڭ  ساقاق دەپ ئاتالىدۇغانلىقى ۋە  لوپنۇردامۇ شۇنداق ئىكەنلىكى  مەلۇم بولغان. ‘ تۈركى تىللار دىۋانى’دىمۇ بۇ سۆز ئەينەن شۇنداق ئىدى.   شۇنىڭغا ئوخشاش،  دىئافراگما  دېگەن بۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇرچەسىنىڭ بولماسلىقى ئەقىلگە  سىغمايدۇ. دەسلەپكى ئىزدەنىشتە  ئادەتتەكى كەسپى لۇغەت ۋە تور مەنبەلەردىن ئىزدەپ تاپقىلى بولماغاچقا  ‘ تۈركى تىللار  دىۋانى’دىن  ئاختۇرۇلدى ۋە “ئىچئەت”  دېگەن ئاتالغۇنىڭ مۇشۇ دىئافراگما دېگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇرچەسى  بولۇش مۇمكىنلىكى  پەرەز  قىلىندى.  “دىۋان”دا   “ئىچئەت- جىگەرگە چاپلاشىپ تۇرىدۇغان نىپىز گۆش.(1.توم، 50.بەت) “ دەپ  ئىزاھلانغان.  
دىۋاندىكى چۈشەندۈرۈش ئادەم ۋە ھايۋانلانىڭ قورساق بوشلۇقىنى ئىككىگە ئايرىپ تۇرغۇچى  دىئافراگمانىڭ
ئاشۇ” ئىچئەت “  بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەستىقلايدۇ، چۈنكى جىگەرگە چاپلاشىپ تۇرىدۇغان دىئافراگمادىن باشقا نىپىز گۆش يوق.
ئۇندىن كېيىنكى ئىزدەنىشتە يەرلىك شىۋەلەردە قوللانىلىدۇغان سۆزلەردىن ئاختۇرۇلدى. ‘ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر  تىلىنىڭ دىئالېكت  ۋە شىۋەلەرى لۇغەتى’نىڭ 333.بەتىدە “ ئۆڭگەرچەك (قۇمۇلدا ئۆڭگەر)” دېگەن سۆزنى  كۆكرەكنىڭ ئىچكى قىسمى  دەپ  چۈشەندۈرىدۇ. ئۆڭگەرچەك دېگەن بۇ سۆز دىئافراگما دەپ ئاتالىۋاتقان ئاشۇ ئەزانىڭ يەرلىك تىلىمىزدىكى  ئاتالىشى بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىندى.  ئەگەر ئادەمنىڭ دىئافراگماسى تەشىلسە ياكى يىرتىلسا نەپەس ئالماق تەس بولىدۇ ۋە  سۇ ئىچسە گالغا تۇرۇپ قالىدۇ.   نىمشېھىت ئارمىيە ئېلى سايرامى ئۆزىنىڭ ئۇرۇشتا يارالانىپ  ياتقان  ھالەتىنى  تەسۋىرلەگەندە  مۇشۇ ئۆڭگەرچەك  دېگەن  سۆزنى ئىشلەتكەن.

گەجگەمدىن تەگكەن ئوق، ئۆڭگەرچەك ئىدى  يىرتۇق،
شۇڭا بەرگەن سۇ، كانايدا  تۇرار بولدى.


شۇنىڭغا قاراپ  ئۆڭگەرچەك  دېگەن  سۆز دەل  دىئافراگمانىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالىشى  بولۇشى  مۇمكىن  دەگىلى بولىدۇ.  بۇنى  مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچى، قەشقەر،  خوتەن،  غۇلجا،  ۋە  قۇمۇلدىن  بولۇپ   60 دىن ئارتۇق ئادەمدىن  سوراپ  كۆرۈلگەن  بولسامۇ ئۆڭگەرچەك  دېگەن  سۆزنى  بىلىدۇغانلار  ياكى  دىئافراگما دېگەن ئەزانىڭ ئۇيغۇرچە  زادى قانداق ئاتالىدۇغانلىقىنى  بىلىدۇغان ئادەم  چىقمادى.  ھەتتا مەخسۇس  قاسساپلىق  كەسپىدىكى  بەزى  كىشىلەردىن سوراپ  كۆرۈلگەن  بولسامۇ  قوينىڭ  دىئافراگماسىنىڭ ئۇيغۇرچە نېمە  دەپ ئاتالىدۇغانلىقىنى دەپ بەرەلمەدى.

چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى لۇغەتى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلەرى، ۋە ئىدىقۇت مەھكىمەسى سۆزلۈكى قاتارلىق مەنبەلەردىنمۇ  بۇ ھەقتە ئۇچۇر تاپقىلى بولمادى. گەرچە   “بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت” نىڭ  3.تومى، مال-ئۇلاغ قىسمىدا  خەنزۇچە  دىئافراگما دېگەننى  بىلدۈرىدۇغان ‘ 膈’ خەتى  تاپىلغان بولسامۇ  ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ دىئافراگماسىنى  بىلدۈرىدۇغان بۇ سۆز ئۇيغۇرچە  ‘سارىغ ئەت’ دەپ  ئالىنغان.  شۇڭا  بۇ ھۆججەتتىكى سۆزلەرنىمۇ داۋاملىق ئىزدەنىشكە توغرا كەلىدۇ.

ئاخىرىدا  خەنزۇچە دىافراگمانى بىلدۈرىدۇغان ‘膈‘  سۆزىنىڭ ئۇيغۇرچەسىنى ئىزدەش داۋامىدا خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە  لۇغەتلەردىن  ‘كېرىگەت’ ۋە  ‘كېرىگەن’ دېگەن سۆزلەر بايقالدى. ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ‘كېرىگەت’ دېگەن بۇ ئاتالغۇ ‘كېرىلگەن ئەت’ دېگەنلىك بولۇپ  بىز ئىزدەۋاتقان  دىئافراگمانىڭ دەل ئۇيغۇرچەسى  ھېساپلانىدۇ. ‘ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق  لۇغەتى’  4.بۆلۈم 728. بەتتە ‘كېرىگەت’ دېگەن سۆز  ‘دىئافراگما’ دەپ  قىسقالا ئىزاھلانغان.دېمەككى،  ھازىر تىلىمىزدا بولغان ئەمما ئشلەتىلمەي ئۇنتۇلغان  ‘ ئىچئەت’، ‘ كېرىگئەت’،  ۋە ‘  كېرىگەن’  دېگەن  سۆزلەر دىئافراگمانىڭ ئۇيغۇرچە  ئاتالغۇلارى  دەپ كەسىپ ئېيتىشقا  بولىدۇ.




2017.يىلى  1.ئاينىڭ 16.كۈنى