This post was updated on .
![]() ![]() تۇيغۇر بۈگۈنكى تىلىمىزدا نۇرغۇن كېلەڭسىز ۋە نامۇۋاپىق ئاتالغۇلار تىلىمىزنىڭ جانلىق ۋە ئېنىقلىقى كۈچلۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىگە خىلاپ ھالدا مەجبۇرى ئىشلەتىلمەكتە. بۇ تېما پەقەت تىلىمىزدا ھازىر ئىشلەتىلىۋاتقان ۋە ئۇچۇر تېخنىكاسى ئۈچۈن كۈندەلىك ئۇقۇمغا ئايلانغان ئاتالغۇلاردىن «سانلىق مەلۇمات» دېگەن بىرلا ئاتالغۇ ئۈستىدە بولىدۇ. تىلىمىزدىكى « سانلىق مەلۇمات» دېگەن بۇ ئاتالغۇ خەنزۇچەدىكى 数据 نىڭ بىۋاستە تەرجىمەسى. 数据 بولسا ئېنگلىزچەدە ھازىر ئىشلەتىلىۋاتقان data نىڭ مەنا تەرجىمەسى. «سانلىق مەلۇمات» دېگەن بۇ ئاتالغۇ باشقا نۇرغۇن كومپۇتېر ئاتالغۇلارىغا ئوخشاش چەكلىك ۋە زورمۇ-زور ئىشلەتىلىپ كەلدى. بۇندىن كېيىن بۇ ئاتالغۇغا تېخىمۇ كۆپ ھاجەتىمىز چۈشىدۇغانلىقى ئېنىق. ئالدىمىزغا ئۇچراغان ۋە يۈزلەنمەسەك بولمايدۇغان يېڭى ئۇچۇرلارغا توغرا ۋە تىلىمىزغا چۈشۈشلۈك ئاتالغۇلارنى بەرىپ ماڭىش سۈرئەتىدىن خېلى يىراق تۇرۇپتۇمىز. نۇرغۇن ئاتالغۇلار خەنزۇچەدىن ئۇدۇللا تەرجىمە قىلىنغاچقا كۆپىنچەسى يەنەلا قايتا ئويلاشىپ تۈزەتىشىمىزنى كۈتىدۇ. Data دېگەن ئاتالغۇ لاتىن تىلىدىن كەلگەن. ھازىرقى زاماندىكى ياۋرۇپا تىللارىدا ۋە كومپيۇتېر ساھەسىدە بىردەك ئىشلەتىلمەكتە. Data دېگەن بۇ ئاتالغۇ پەلسەپەدە پاكىت، بىرەر شەيئىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشتىكى ياكى بىر مەسىلەنى ھېساپلاپ چىقىرىشتىكى ئاساس دېگەن مەنادا قوللانىلغان بولسا، كومپيۇتېرنىڭ بارلىققا كەلىشى بىلەن كومپيۇتېر مەشغۇلاتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇغان، ئېلېكترونلۇق سىگنال شەكلىدە ساقلىنىدۇغان ۋە توشۇلىدۇغان ، شۇنداقلا ماگنېتلىق، ئوپتىكالىق ياكى مېخانىكالىق ۋاستەلەرگە خاتىرەلەنىدۇغان مىقتارلار، خەت ، ۋە بەلگەلەرنى كۆرسەتىدۇغان بولغان. ئۇيغۇر تىلىدىكى سانلىق مەلۇمات دېگەن ئاتالغۇ كېلەڭسىز بولۇپلا قالماي بەلكى ئەسلى مەنانى تولۇق، جانلىق ئىپادەلەپ بەرەلمەيدۇ. ئۇچۇر تېخنىكاسىدا يېڭى يۈزلەنىش پەيدا قىلىۋاتقان Big Data دېگەن ئاتالغۇ ئۇيغۇر تىلىدادەسلەپ تۇنۇشتۇرۇلغاندا ھەتتا «چوڭ سانلىق مەلۇمات» دەپ ئالىندى ۋە « چوڭ سانلىق مەلۇمات» قا سېلىشتۇرما بولغان ھالدا «كىچىك سانلىق مەلۇمات » مۇ باردەك بىر خىل خاتا تۇيغۇلارنى شەكىللەندۈرۈپ قويدى. ئۇچۇر-مەلۇمات تەرەققىياتىنىڭ كۈنسېرى زورايىشى بىلەن Data نىڭ توغرا ۋە ئۆلچەملىك ئۇيغۇرچە ئاتالغۇسىغا بولغان ئېھتىياجىمىز كۈچەيىپ بارىدۇ ئەلۋەتتە. Darabase بۇرۇن «سانلىق مەلۇمات ئامبارى» دېگەن سۆز بىلەن ئاتالاتتى. كېيىنچە ئۇنىڭ ئورنىغا «ساندان» دېگەن ئاتالغۇ ياسالدى. گەرچە بۇ زور ئىجادچانلىق بولسامۇ يەنەلا ئەسلى مەنانى ياخشى ئىپادەلەپ بەرەلمەيدۇ دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇرۇنقى ماتېماتىكا دەرسلىك كىتاپلارىدا نۇرغۇنلىغان ياخشى ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلار ئىشلەتىلەتتى. شۇنىڭ ئىچىدىكى «بېرىلگەن» دېگەن بىر ئاتالغۇنى بىز دەۋاتقان Data نىڭ ئەسلى ئۇيغۇرچە ئاتالىشى ئىدى دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. بۇرۇنقى ئۇيغۇرچە ماتېماتىكا كىتاپلارىدا ھېساپ ياكى مەسىلەلەرنى يەشىش ئۈچۈن بەرىلگەن ئاساسلار مەسىلەنىڭ بەرىلگەنى ( ئۇيغۇر تىلىدا ھازىر قوللانىلىۋاتقان ئىملا بويىچە بېرىلگىنى) دەپ ئاتالاتتى. ھېساپ ۋە مەسىلەلەرنىڭ بەرىلگەنى ئوتتۇراغا قويۇلغاندىن كېيىن تەلەپى ئوتتۇراغا قويۇلۇپ ئوقۇغۇچىلاردىن يەشىش تەلەپ قىلىناتتى. ئاشۇ چاغدىكى ماتېماتىكا دەرسلىكىنى تۈزگەن مۇتەخەسىسلەرىمىز Data دېگەن لاتىنچە ئاتالغۇنىڭ ئەسلى مەناسى بىلەن «بەرىلگەن» دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلەتكەن بولسا كېرەك. ئەمدى بىز ئاشۇ «بەرىلگەن» دېگەن ئاتالغۇنى Data نىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇسى قىلىپ ئىشلەتسەك تولىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ. Data نىڭ ئېنگلىزچەدىكى لۇغەت مەناسىمۇ Given يەنى بەرىلگەن دېگەنلىك بولىدۇ. تۈركىيە تۈركچەسىدىمۇ مۇشۇ بويىچە Veri يەنى بەرىلگەن دەپ ئالىغلىق. «بەرىلگەن» دېگەن ئاتالغۇنى تېخىمۇ ئىخچاملاپ « بەرىگ » شەكلىدە ئىسىمغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، خۇددى «كەسىلگەن» دېگەننى «كەسىك»، «پۈتۈلگەن» دېگەننى « پۈتۈك» دەپ ئىشلەتكەنىمىزدەك. ئەگەر Data « بەرىگ» دەپ ئالىنسا، Big Data نى «چوڭ بەرىگلەر»، Data Science نى «بەرىگ ئىلمى» دېگەن ئىخچام ئاتالغۇلار بىلەن ئالغىلى بولىدۇ. بەرىگ ئەڭ كەڭ مەنادىكى ئۇچۇر مەنبەسىنى كۆرسەتىدۇ، ئۇنىڭدىن ئۇچۇرغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئېرىشىلگەن ئۇچۇر بىلىمگە ئايلانىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق ئەقىل ياكى ئەقلى خۇلاسە مەيدانغا كەلىدۇ. |
Free forum by Nabble | Edit this page |