Administrator
|
This post was updated on .
لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تور سەھىپىسىنىڭ توختىغانلىقى ھەققىدە بىلدۈرگە
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەتەنداشلار! مەن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن بۈگۈن پۈتۈن دۇنيا ئۇيغۇر جامائىتىگە ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى نامىدىن مەزكۇر ئانسامبىل تور سەھىپىسىنىڭ 2017- يىلى 22- ئىيۇلدىن باشلاپ توختۇتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىمەن. بۈگۈنكى كۈندىن دەل 13 يىل ئىلگىرى يەنى 2004- يىلى ماي ئېيىدا بۈيۈك بىرتانىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازىنى بېرىتانىيە خەلقىگە يەتكۈزۇش ۋە خەلقلەر ئارا مەدەنىيەت دىئالوگى قۇرۇش، مىللىتىمىزنىڭ شانلىق مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، گۈزەل مەدەنىيەت - سەنئىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرنى تونۇشتۇرۇش، ھەم ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ مەنىۋىي ھاياتىنى بېيىتىش، ئىناق ۋە ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سورۇش ئىستەكلىرى بىلەن كەمىنە يېتەكچىلىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە ئۇيغۇر سەنئەتكارلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى قۇرۇلغان ئىدى. مانا شۇ قەلبىمىزگە پۈككەن مەقسەتلەرنى سەھنىدە، ئاندىن زامان ئېھتىياجىغا يارىشا تور تاراتقۇلىرى ئارقىلىق دۇنيا ئەھلىگە بىلدۈرۈشنى نىشان قىلىپ 2007- يىلى لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلنىڭ ئۇيغۇر ۋە ئىنگىلىز يېزىقلىرىدىكى رەسمى تور سەھىپىسىنى ئېلان قىلغان ئىدۇق. شۇنى ئالدى بىلەن سەمىڭلارغا سېلىشنى زورۇرىيەت كۆردۇقكى گەرچە لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تور سەھىپىسى خىزمەتتىن توختىغان بولسىمۇ ئەمما لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر مەدەنىيەت - سەنئەت ئانسامبىلى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن مۇندىن كېيىن ئۆز خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ۋە ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ. مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر ئۈچۈن يوقنى بار قىلىش، ئۇيغۇر مىللىي مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلماق ئۇ قەدەر ئاسان بولمىغىنىدەك، لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى قۇرۇلغان 13 يىلدىن بۇيان نۇرغۇن خىزمەتلەر مۇۋپپەقىيەتلىك ئېلىپ بارغان بولسىمۇ يەنە نۇرغۇن بوران-چاپقۇنلۇق كۈنلەردىمۇ بېشىدىن ئۆتكۈزدى. بۇ يىللاردىكى بېسىپ ئۆتكەن سەپىرىمىز داۋامىدا بىزنىڭ خىزمەتلىرىمىزنى يېقىندىن قوللىغان دوستلارغا، قېرىنداشلىرىمىزغا سەمىمىيەت بىلەن مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. ئەلۋەتتە لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى خىزمەتلىرىنىڭ ياخشى بولۇشى ئۇچۇن ئورۇنلۇق، ئىلمىي تەكلىپ ۋە تەنقىدلەرنى بېرىپ، ئۆز ئىمكانىيىتىدىن كەلگەن ياردەم ۋە مەنىۋىي مەدەتلەرنى ئايىماي بېرىپ كەلگەن دوستلىرىمىزغا مەمنۇنىيەت بىلەن سالامىمىزنى يوللايمىز. لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تور سەھىپىسى2007- يىلى 31- ماي رەسمى قۇرۇلغاندىن بۇيان 10 يىللىق مۇساپىنى غەلىبىلىك بېسىپ ئۆتتى. ئانسامبىل تور سەھىپىسىنىڭ مانا بۇ 10 يىللىق مۇساپىسىنى قىسقىغىنە ئەسلەپ ئۆتسەك، ئانسامبىلىنىڭ تور سەھىپىسى كەمىنە ئەزىز ئەيسا ئەلكۈننىڭ يىللارچە خالىس ئەمگىكى ۋە پىداكارلىقى ھېسابىغا قۇرۇلۇپ چىققان بولۇپ، ئانسامبىل پەقەت ئانسامبىلىنىڭ تۈرلۈك كونسېرت قاتارلىق پائالىيەتلىرىنى ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق دۇنيا خەلقىگە جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىگە ئاكتىپلىق بىلەن ئۆز ۋاقتىدا بىلدۈرۈپلا قالماستىن يەنە ئاساسلىقى ئىنگلىز يېزىقىدا، قوشۇمچە ئۇيغۇر يېزىقىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت - سەنئەت تەتقىقاتىنى چىقىش قىلغان ھالدا ئۇيغۇر مۇزىكا تەتقىقاتى، ئۇيغۇر مۇقام تەتقىقاتى ۋە تۈرلۈك ئۇيغۇر ئىجتىمائىي تېمىلىرىدە دۇنيا خەلقىگە ۋە ئىلىم ئەھلىگە ئۆزلىرىنىڭ يىرىك ئەمگەكلىرىنى تەقدىم قىلىپ كەلدى. مانا بۇ خىزمەتلەر شەرىپىگە لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تور بېكىتى 2010 - يىلى رەسمى بۈيۈك بېرىتانىيە دۆلەتلىك كۇتۇپخانىسىنىڭ ئارخىپلاشتۇرۇپ قوغدىلىدىغان تور بېكەتلەر تىزىملىكىگە شەرەپ بىلەن كىرگۈزۈلدى، ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ئانسامبىل تور سەھىپىسىنىڭ بارلىق مەزمۇنلىرى مەزكۇر كۇتۇپخانىنىڭ تور ئۇچۇر ئارخىپىغا كىرگۈزۈلۈپ ساقلاندى. ئەلۋەتتە بۇ ئۇتۇقلار كەلگۈسىدە سۆيۈملۈك ئۇيغۇر خەلقىگە مەنسۇپ مەدەنىي مىراسلار بولۇپ قالغۇسى! سەمىڭلەرگە لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تور سەھىپىسىنىڭ خىزمەتتىن توختىتىشنىڭ سەۋەبىنى شۇنداق چۈشەندۇرمىزكى، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ سىياسىي ياكى نامەلۇم بىر تاشقى سەۋەبلەر ئەمەستۇر بەلكى تور سەھىپىمىزنىڭ تېخنىكىلىق مەسىلىسىدۇر. بۇ سەۋەبلەر بولسا، بىرىنچىدىن، ئانسامبىل تور سەھىپىسىنىڭ تور دېتال پروگراممىسى 10 يىل ئالدىدا لاھىيىلەنگەنلىكى ئۈچۈن تور باشقۇرۇش سىستېمىسىدا مەسىلە كۆرۈلدى ۋە ئۇنى باشقا تور باشقۇرۇش سىستېمىسىغا يۆتكەش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ ۋاقىت ۋە مېھنەت تەلەپ قىلىندىغان بولغاچقا؛ .ئىككىنچىدىن، ئانسامبىل تور سەھىپىسىدە 3000 پارچىدىن ئارتۇق ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە سەنئىتىگە ئائىت تېمىلار بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مېدىيا مەنبەلىرى بولغاچقا، ئۇلارنىڭ توردا نورمال ئىشلىشى ئۈچۈن پۈتكۈل قويۇش دېتاللىرىنى قايتىدىن بىردىن بىر تەكشۈرۈپ يېڭىلاپ چىقىشقا مەجبۇر بولدۇق؛ ئۈچىنچىدىن، كەمىنە بۇ خىزمەتنى 10 يىلدىن بۇيان خالىسانە قىلىپ قىلىپ كەلگەچكە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېشىۋاتقان خىزمەت مەسئۇلىيىتىم سەۋەپلىك داۋاملىق خالىس داۋاملاشتۇرۇشقا ئىمكانىيىتلەر بولمىغاچقا، تۆتىنچىدىن، ئانسامبىل ئىجتىمائىي تارتقۇ سەھىپىلىرى ئاكتىپلىق بىلەن ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈندۇر. دېمەكچىمىزكى لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تور سەھىپىسىنىڭ توختىتىلىشىدا تېخنىكىلىق مەسىلە بىلەن ۋە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان ئادەم كۈچى يېتىشمىگەنلىكىدىن باشقا ھىچ بىر سەۋەبلەر يوقتۇر. گەرچە لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تور سەھىپىسى ھازىرچە خىزمەتتىن توختىسىۇ ئەمما مۇندىن كېيىن ئانسامبىل ئۆز پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ جانلىق ئېلىپ بېرىشقا، ئۇيغۇر ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ خىزمەت قىلىشقا بار جاسارىتى بىلەن تىرىشىدۇ. لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى مۇندىن كېيىن ئۆز خىزمەتلىرىنى داۋاملىق ۋە ئىزچىل ئېلىپ بارىدۇ. سىز يەنىلا لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ Youtube ۋە Face Book قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تارتقۇ سەھىپىلىرى ئارقىلىق پائالىيەتلىرىمىزدىن سىلەرنى ئۆز ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىپ تۇرۇشقا تىرىشىمىز. لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ئىجتىمائىي ئالاقە تارتقۇ سەھىپىلىرىنىڭ رەسمى ئادرېسلىرى تۆۋەندىكىچە: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى Youtube سەھىپىسى https://www.youtube.com/user/uyghurway لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى Face Book سەھىپىسى https://www.facebook.com/London-Uyghur-Ensemble-67307769255 يەنە شۇنى ئېسىڭىزگە سالىمىزكى لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تور سەھىپىسىنىڭ مۇنبىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ پايدىلىق ۋە ئىلمىي ئۇسۇلدا پايدىلىنىشى ئۈچۈن داۋاملىق ئېچىۋېتىلدى. مۇنبەر قائىدىسىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا تىزىملىتىپ كىرىپ ئىشلىتىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز. مۇنبەر ئادرېسلىرى تۆۋەندىكىچە: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ئىنگلىزچە مۇنبىرى: http://london-uyghur-ensemble-forum.18010.n3.nabble.com لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ئۇيغۇرچە مۇنبىرى: http://london-uyghur-ansambil-munbiri.18026.n3.nabble.com گەرچە مۇندىن كېيىن لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تور سەھىپىسى توختىتىلسىمۇ ئەمما سىز يەنىلا ئانسامبىلنىڭ بىرقىسىم مەزمۇنلىرىنى دۇنيا تور ئارخىپى تورىدىن كۆرەلەيسىز. ئادرېسى: https://web.archive.org/web/20160603121904/http://www.uyghurensemble.co.uk/ سىز يەنە لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ تور سەھىپىلىرىدە ئېلان قىلىنغان كەمىنە ئەزىز ئەيسا ئەلكۈننىڭ قەلىمىدىكى بارلىق ئىلمىي، ئىجادىي ئەمگەكلىرىنى «ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تور سەھىپىسى» دىن كۆرەلەيسىز. ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تور سەھىپىسى: http://www.azizisa.org (ئۇيغۇرچە) http://www.azizisa.org/en (ئىنگىلىزچە) http://www.azizisa.org/forum (مۇنبەر) خەلقىمىزگە جۈملىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيەت - سەنئىتىگە بولغان چىن مۇھەببەت بىلەن چىن يۈرەكتىن تۆكۈلگەن مېھنەتلەر بەدىلىگە يارىتىلغان ئەمگەك دۇنيانىڭ قەيېرىدە بولمىسۇن قەدىرلىنىدۇ ۋە ئوز قىممىتىنى مەڭگۈ ساقلايدۇ. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ تارىخىدىن لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى شەرەپ بىلەن ئورۇن ئالغان بولسا كەلگۈسىدە يەنە بۇ شەرەپلىك ئورنىنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىگۈسى، ئۆز ئىمكان ۋە ئىقتىدارى بىلەن ئۇيغۇر ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ خىزمەت ئەمەلگە ئاشۇرغۇسى. كەمىنە مۇنداق دەيدۇ: «مۇھاجىرەتتە ياشاشقا مەجبۇر بولغان بۇ ھاياتتا مىللىتى ۋە ۋەتىنىنى سۆيگۈچىلەر ئۈچۈن ئۆز خەلقى ئۇچۇن خىزمەت قىلىشتىنمۇ ئارتۇق شەرەپ ۋە لەززەت بولمايدۇ!» ئاخىرىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنى قوللاپ كەلگەن دوستلارغا، لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تور سەھىپىسىنى زىيارەت قىلىپ كەلگەن بارلىق تورداشلارغا مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. ھۆرمەت بىلەن، لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن 2017 - يىلى 31-ماي، لوندون. http://www.azizisa.org/mehnetlik_otken_hayat_elkun_heqqide * ئەگەردە سىز لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ھەققىدە ئەتراپلىق مالۇماتقا ئېرىشىشنى ئىستىسىڭىز دوكتۇر ئەركىن سىدىق يازغان بۇ ماقالە سىزگە تەۋىسىيە قىلىنىدۇ: ________________________________________________________ ________________________________________________________ Announcement of the closure of the London Uyghur Ensemble website We regret to announce that the London Uyghur Ensemble website www.uyghurensemble.co.uk will be permanently offline from 22 July 2017. But the London Uyghur Ensemble still actively continues its work, and you can still follow our activities through our social media platforms: London Uyghur Ensemble Youtube channel: https://www.youtube.com/user/uyghurway London Uyghur Ensemble FaceBook page: https://www.facebook.com/London-Uyghur-Ensemble-67307769255/ In addition, the British Library has offered us a digital archive of our website, so if you need any of our website content, you can access them through the British Library digital archives: https://www.webarchive.org.uk/ukwa/. You can also access them through WWW archives: https://web.archive.org/web/20160603121904/http://www.uyghurensemble.co.uk/ You can also find some of the research articles, Uyghur song texts and translations on Aziz Isa Elkun’s personal website: http://www.azizisa.org/en ; http://www.azizisa.org We hope to see you more often on our social media sites. Thank you for you understanding and support. ________________________________________________________ ________________________________________________________ London uyghur ansambili tor sehipisining toxtighanliqi heqqide bildürge Essalamu'eleykum wetendashlar! Men Aziz Isa Elkün bügün pütün dunya uyghur jama'itige epsuslinish ichide london uyghur ansambili namidin mezkur ansambil tor sehipisining 2017- yili 22- iyuldin bashlap toxtutilidighanliqini bildürimen. Bügünki kündin del 13 yil ilgiri yeni 2004- yili may éyida büyük birtaniyening london shehiride uyghurning awazini béritaniye xelqige yetküzush we xelqler ara medeniyet di'alogi qurush, millitimizning shanliq medeniyet miraslirigha warisliq qilip, güzel medeniyet - seniti arqiliq uyghurni tonushturush, hem uyghur jama'itining meniwiy hayatini béyitish, inaq we ittipaqliqini ilgiri sorush istekliri bilen kemine yétekchilikidiki uyghur pa'aliyetchiliri we uyghur senetkarlarning ortaq tirishchanliqi netijiside london uyghur ansambili qurulghan idi. Mana shu qelbimizge pükken meqsetlerni sehnide, andin zaman éhtiyajigha yarisha tor taratquliri arqiliq dunya ehlige bildürüshni nishan qilip 2007- yili london uyghur ansambilning uyghur we ingiliz yéziqliridiki resmi tor sehipisini élan qilghan iduq. Shuni aldi bilen seminglargha sélishni zoruriyet körduqki gerche london uyghur ansambili tor sehipisi xizmettin toxtighan bolsimu emma london uyghur ansambili muhajirettiki uyghurlarning bir medeniyet - senet ansambili bolush salahiyiti bilen mundin kéyin öz xizmetlirini téximu ünümlük we izchil dawamlashturidu. Muhajirette uyghur üchün yoqni bar qilish, uyghur milliy menpe'iti üchün xizmet qilmaq u qeder asan bolmighinidek, london uyghur ansambili qurulghan 13 yildin buyan nurghun xizmetler muwppeqiyetlik élip barghan bolsimu yene nurghun boran-chapqunluq künlerdimu béshidin ötküzdi. Bu yillardiki bésip ötken sepirimiz dawamida bizning xizmetlirimizni yéqindin qollighan dostlargha, qérindashlirimizgha semimiyet bilen minnetdarliqimizni bildürimiz. Elwette london uyghur ansambili xizmetlirining yaxshi bolushi uchun orunluq, ilmiy teklip we tenqidlerni bérip, öz imkaniyitidin kelgen yardem we meniwiy medetlerni ayimay bérip kelgen dostlirimizgha memnuniyet bilen salamimizni yollaymiz. London uyghur ansambili tor sehipisi 2007- yili 31- may resmi qurulghandin buyan 10 yilliq musapini ghelibilik bésip ötti. Ansambil tor sehipisining mana bu 10 yilliq musapisini qisqighine eslep ötsek, ansambilining tor sehipisi kemine Aziz Isa Elkünning yillarche xalis emgiki we pidakarliqi hésabigha qurulup chiqqan bolup, ansambil peqet ansambilining türlük konsért qatarliq pa'aliyetlirini intérnét tori arqiliq dunya xelqige jümlidin uyghur xelqige aktipliq bilen öz waqtida bildürüpla qalmastin yene asasliqi ingliz yéziqida, qoshumche uyghur yéziqida uyghur medeniyet - senet tetqiqatini chiqish qilghan halda uyghur muzika tetqiqati, uyghur muqam tetqiqati we türlük uyghur ijtima'iy témiliride dunya xelqige we ilim ehlige özlirining yirik emgeklirini teqdim qilip keldi. Mana bu xizmetler sheripige london uyghur ansambili tor békiti 2010 - yili resmi büyük béritaniye döletlik kutupxanisining arxiplashturup qoghdilidighan tor béketler tizimlikige sherep bilen kirgüzüldi, we shuningdin kéyin ansambil tor sehipisining barliq mezmunliri mezkur kutupxanining tor uchur arxipigha kirgüzülüp saqlandi. Elwette bu utuqlar kelgüside söyümlük uyghur xelqige mensup medeniy miraslar bolup qalghusi! Seminglerge london uyghur ansambili tor sehipisining xizmettin toxtitishning sewebini shundaq chüshendurmizki, buningdiki asasliq sewep siyasiy yaki namelum bir tashqi sewebler emestur belki tor sehipimizning téxnikiliq mesilisidur. Bu sewebler bolsa, birinchidin, ansambil tor sehipisining tor détal programmisi 10 yil aldida lahiyilengenliki üchün tor bashqurush sistémisida mesile körüldi we uni bashqa tor bashqurush sistémisigha yötkesh üchün nahayiti köp waqit we méhnet telep qilindighan bolghachqa; .ikkinchidin, ansambil tor sehipiside 3000 parchidin artuq uyghur medeniyet we senitige a'it témilar bolup, bularning köpinchisi médiya menbeliri bolghachqa, ularning torda normal ishlishi üchün pütkül qoyush détallirini qaytidin birdin bir tekshürüp yéngilap chiqishqa mejbur bolduq; üchinchidin, kemine bu xizmetni 10 yildin buyan xalisane qilip qilip kelgechke, yéqinqi yillardin buyan éshiwatqan xizmet mesuliyitim seweplik dawamliq xalis dawamlashturushqa imkaniyitler bolmighachqa, tötinchidin, ansambil ijtima'iy tartqu sehipiliri aktipliq bilen öz rolini jari qildurup kéliwatqanliqi üchündur. Démekchimizki london uyghur ansambili tor sehipisining toxtitilishida téxnikiliq mesile bilen we bu mesilini hel qilidighan adem küchi yétishmigenlikidin bashqa hich bir sewebler yoqtur. Gerche london uyghur ansambili tor sehipisi hazirche xizmettin toxtisi'u emma mundin kéyin ansambil öz pa'aliyetlirini téximu janliq élip bérishqa, uyghur üchün téximu köp xizmet qilishqa bar jasariti bilen tirishidu. London uyghur ansambili mundin kéyin öz xizmetlirini dawamliq we izchil élip baridu. Siz yenila london uyghur ansambilining Youtube we Face Book qatarliq ijtima'iy alaqe tartqu sehipiliri arqiliq pa'aliyetlirimizdin silerni öz waqtida xewerdar qilip turushqa tirishimiz. London uyghur ansambili ijtima'iy alaqe tartqu sehipilirining resmi adrésliri töwendikiche: London uyghur ansambili Youtube sehipisi https://www.youtube.com/user/uyghurway London uyghur ansambili Face Book sehipisi https://www.facebook.com/London-Uyghur-Ensemble-67307769255 Yene shuni ésingizge salimizki london uyghur ansambili tor sehipisining munbiri dunyaning her qaysi jayliridiki wetendashlirimizning paydiliq we ilmiy usulda paydilinishi üchün dawamliq échiwétildi. Munber qa'idisige hörmet qilghan asasta tizimlitip kirip ishlitishinglarni tewsiye qilimiz. Munber adrésliri töwendikiche: London uyghur ansambili inglizche munbiri: http://london-uyghur-ensemble-forum.18010.n3.nabble.com London uyghur ansambili uyghurche munbiri: http://london-uyghur-ansambil-munbiri.18026.n3.nabble.com Gerche mundin kéyin london uyghur ansambili tor sehipisi toxtitilsimu emma siz yenila ansambilning birqisim mezmunlirini dunya tor arxipi toridin köreleysiz. Adrési: https://web.archive.org/web/20160603121904/http://www.uyghurensemble.co.uk Siz yene london uyghur ansambilining tor sehipiliride élan qilinghan kemine Aziz Isa Elkünning qelimidiki barliq ilmiy, ijadiy emgeklirini «Aziz Isa Elkün tor sehipisi» din köreleysiz. Aziz Isa Elkun tor sehipisi: http://www.azizisa.org (uyghurche) http://www.azizisa.org/en (ingilizche) http://www.azizisa.org/forum (munber) Xelqimizge jümlidin uyghur medeniyet - senitige bolghan chin muhebbet bilen chin yürektin tökülgen méhnetler bedilige yaritilghan emgek dunyaning qeyéride bolmisun qedirlinidu we oz qimmitini menggü saqlaydu. Muhajirettiki uyghur hayatining tarixidin london uyghur ansambili sherep bilen orun alghan bolsa kelgüside yene bu shereplik orninini téximu mustehkemligüsi, öz imkan we iqtidari bilen uyghur üchün téximu köp xizmet emelge ashurghusi. Kemine mundaq deydu: «muhajirette yashashqa mejbur bolghan bu hayatta milliti we wetinini söygüchiler üchün öz xelqi uchun xizmet qilishtinmu artuq sherep we lezzet bolmaydu!» Axirida dunyaning her qaysi jayliridin london uyghur ansambilini qollap kelgen dostlargha, london uyghur ansambili tor sehipisini ziyaret qilip kelgen barliq tordashlargha minnetdarliqimizni bildürimiz. Hörmet bilen, London uyghur ansambili Aziz Isa Elkün 2017 - Yili 31-may, london. * Egerde siz london uyghur ansambili heqqide etrapliq malumatqa érishishni istisingiz doktur erkin sidiq yazghan bu maqale sizge tewisiye qilinidu: http://www.azizisa.org/mehnetlik_otken_hayat_elkun_heqqide _______________________________
Aziz Isa Elkun http://www.azizisa.org
|
Free forum by Nabble | Edit this page |