قۇتلۇق ئالماسقا ئوچۇق خەت

classic Classic list List threaded Threaded
2 messages Options
Reply | Threaded
Open this post in threaded view
|

قۇتلۇق ئالماسقا ئوچۇق خەت

DUD Sozchisi
Banned User


ھورمەتلىك قۇتلۇق ئالماس ئەپەندىم، تىنچلىقمۇ؟

بىر نەچچە يىل بۇرۇن „دادان تۇرغۇن ئالماسنى ئەسلەيمەن“ ناملىق بۇ سوھبەت فىلمىڭىز تەرىپىمدىن رەددىيەگە ئۇچراپ، سىزنىڭ ھەر-قانداق ئىتىرازىڭىزغا ئۇچرىيالمىغان ۋە توربەتتىن ئەلىپ تاشلانغان ئىدى. مەن ئۇ ماقالەمدە سىزنىڭ رىياسەتچىڭىز پەرھات مەمەت(ئالتىدەنبىر، يورۇڭقاش، م. سايرامى….)نىڭ دادىڭىزغا مۇناسىۋەتلىك تارىخنى قەستەن بۇرمىلىغان بايانلىرىغا تەككەن ئىدىم. بارلىق رەددىيە مەزمۇنلىرى توردىن ئەلىپ تاشلاندى. مەن ئىلگىرى سۇرگەن مەخسەتلىرىمگە ئىرىشكەن بولساممۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى كوز-قاراشلىرىدىن، باھاسىدىن خەۋەرسىز قالدىم. چۇنكى راسگەپلەر توربەتتىن ئەلىپ تاشلانغان ئىدى. شۇڭا ماڭا ھاقارەت، ۋە توھمەتلەر ياغدى. سىز ئۇنىڭغىمۇ سۇكۇت قىلىپ تۇرىۋالدىڭىز. مەن ئۇ سوھبەتنى سەھنىدىن ئىلىپ تاشلاشقا مەجبۇر قىلغان سىدىھاجى. مەرتمۇسا بولىمەن. سوھبەت رىياسەتچىڭىز „ دۇق „نىڭ 3-قۇرۇلتايىغا "ئاۋتونۇمىيە پروگرامىسى" تۇزۇپ بەرىپ، ئامىرىكىدا خىتايدىن 32مىڭ دوللارنى سانىماي يانچۇقىغا سالغان پەرھات „يورۇڭقاش“ئىدى. سىزنى بۇگۇن سەھنىدە ئۇنىڭ بىلەن يەنە قايتا كوردۇم ... بۇ نىمە ئىھتىياج؟
______

تۇرغۇن – تۇرماقتىن كەلگەن. „تۇرغۇن“نىڭ سوز تومۇرى –تۇرماق.
ئالماس – ئالماقتىن كەلگەن. „ئالماس“نىڭ سوز تومۇرى- ئالماق.
قۇتلۇق – قۇتلىماقتىن كەلگەن. „قۇتلۇق“نىڭ سوز تومۇرى – قۇتلىماق.
ئەۋلاتلىرىغا ساپ ئۇيغۇرچە ئىسىم قويغان بوۋىلىرىڭىز ئالماس، تۇرغۇن ۋە قۇتلۇقلارنىڭ روھى شات بولسۇن. ئالماس ھەققىدە ئىلان قىلغان ماقالەم بارلىقىنى بۇ يەردە ئەسكەرتسەم پەخىرلىنىۋاتىمەن... 1988-1990 لاردا رابىيە قادىر ۋە س. روزىلارغا ئالماس(بىرلىيانت)لارنىڭ راس-يالغانلىرىنى تەكشۇرۇپ بىرىپ تەگىشلىك ھەققىمنى ئالالمىغان جاۋاھىراتپۇرۇشمەن...
______

قۇتلۇق ئالماس ئەپەندىم، ئۇيغۇرلار ئادىل بولساق، مۇرات-مەقسەتلىرىمىزگە يەتەلەيتۇق دەپ قارايمەن. ئادىل، مۇرات ۋە قۇتلۇق - بۇ ئىسىملارنى دادىڭىز سىلەرگە ھەجەپمۇ تاللاپ قويغان -ھە؟

مەرھۇم دادىڭىز تۇرغۇن ئالماسنىڭ ماۋزىدۇڭ خىتايغا ئەگىشىپ تەرجىمان بولۇپ، موسكىۋاغا بارغانلىقى قىزىقارلىق ئەمەسمۇ؟ تارىخ بىلەن ئويناشمايلى. ئۇنىڭدىن ئادىل باھا ۋا ئاچچىق ساۋاق چىقىرايلى. سىز سوھبەتتە: „دادام 1950-يىلى 4-ئايدا قەشقەر ۋەلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ رازىۋىتكا بولۇمىنىڭ باشقارما دەرىجىلىك كادىرى بولۇپ ئىشلەيدۇ“دەۋاتىسىز. بىر نەرسىلەرنى يوشۇرىۋاتىسىز. مەن ئاجايىپ خۇيۇم بار بىرى. رازۋىتكا بولۇمىدە „باشقارما“بولمايدۇ. دادىڭىز رازۋىتكا بولۇمىنىڭ ئەمەس بەلكى „قەشقەر ۋىلايەتلىك ساقچى باشقارمىسى“نىڭ „باشقارما دەرىجىلىك كادىرى“ - يەنى باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن. مەن بۇ باشقارمىدا ئوتتۇز بىر يىل ياشىدىم. مىيۇنخىندىكى ئەكرەم ھىزىم ۋە رادىيودىكى ئەنۋەر قادىرنىڭ بىر-تۇققانلىرى... باشقارمىدا 40يىل ياشىدىغۇ دەيمەن. بۇ باشقارمىغا باشلىق بولغان ئونبەش ئۇيغۇر باشلىقنىڭ توققۇزى باشقارمىدىكى تۇرمىغا تاشلانغانلىقىغا شاھىت بولدۇم.
بۇ باشقارمىغا قەشقەر شەھەرلىك ۋە ئوننەچچە ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسى قارايدۇ. ئۇ چاغدا بۇ باشقارمىدا زادىلا پاڭ پۇخا، جاڭ ۋە سۇڭ دەيدىغان ئۇچ خىتاي باشلىق ۋە بىر نەچچە خىتاي ھەم بىر قىچىر بار ئىدى، باشقارما ئىچىدە ئۇيغۇر مىللى ئارمىيەسىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق خاڭدى ئاتلىق پولكىنىڭ بىر گارنىزۇنى، بىر ساقچى ئەترىتى بار بولۇپ بۇ يەردىكى تۇرمىغا ۋە قەشقەر ئامانلىقىغا قارايتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر بولۇپ بىشىغا ئىسپانكا، ئاياقلىرىغا خىرام ئوتۇك كىيەتتى. باشقارما ئىچىدىكى كارىدۇرنىڭ ئوتتۇرىسىغا ھەشەمەتلىك تىك ئاياق يوغان ئەينەك قويۇلغان ئىدى. ئۇيغۇرلار خىتايلارنى ھەرگىزمۇ كوزگە ئىلىشمايتى. قاراجۇلدە خىتايلار بىلەن ئىتىشىپ، مەرھۇم ئاخۇنۇپ بىلەن بىرگە ۋاپات بولغان ئوسمانجان دادىڭىزدىن كىيىن (1954يىلى؟) بۇ باشقارمىغا باشلىق بولغان بولۇشى مۇمكىن. دادىڭىز باشلىق بولغان بۇ ساقچى باشقارمىسىنىڭ بىرىنجى(رازۋىتكا) بولۇمىگە دادام مەرتمۇسا1955-يىلى ئاتۇش ناھىيەلىك ھوكۇمەتتىن خىزمەت ئالمىشىپ كادىر بولۇپ كەلگەن. بارىن ئىنقىلاۋى ھارپىسىدا پىنسىيەگە چىقتى.... ئۇنىڭ ھەققىدە دەيدىغانلىرىم بەك كوپ جىددى تىمىلارغا تاقىشىدۇ. ئىسابەگچى ساتقۇنلارنىڭ، ئۇئائا توربىتى مەسۇللىرى ۋە ئادىمى ھايۋانلار بىلەن بىرلىشىپ ماڭا ھاقارەت ، توھمەت قىلىپ كەلگەن ئەبلەخلەرنىڭ مەقسەتلىرىنى ئىچىپ تاشلايدۇ. مىنىڭ ھەققىمدە توقۇلغان يالغان، توھمەتلەرگە جاۋاپ بولىدۇ.
_____

قۇتلۇق ئالماس ئەمەپەندىم،

سىز "باشقارما دەرىجىلىك كادىر" دادىڭىزنى ئەسلەپ، دۇقنىڭ 3-قۇرۇلتايى ئۇچۇن ئاۋتونۇمىيە پروگراممىسى تۇزۇپ بەرىپ بىر خىتايدىن 32مىڭ دوللار ئالغان رىياسەتچى بىلەن سوھبەت ئوتكۇزدىڭىز. مىنىڭ دادىڭىز باشلىق بولغان ساقچىباشقارمىنىڭ بىر بولۇمىگە كادىر بولغان دادامنى ئەسلەش ھوقۇقۇم يوقمۇ؟. مەن "سوھبەت"كە يوللىغان ئىنكاسلار ۋە دادام ھەققىدىكى ئەسلىگمىلەر ئىلپ تاشلاندى. ئۇئائا سىز ۋە پەرھاتقا ئوچۇق، باشقا ئۇيغۇرلارغا نىمە ئۇچۇن تاقاقلىق؟ تاقاقلىق توربەتتە مۇستەقىللىق ئۇچۇن دەپ ئالەمدىن ئوتكەن دادىمىزنى ئەسلەپ، "بىز ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايمىز"دەپ ئىتالىيەدە ئىلان قىلغان رابىيە ئانىمىزنى ئىمىپ يۇرسەك قانداق بولىدۇ؟ ئادىل بولايلى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقى ئۇچۇن راس گەپ قىلايلى، دادىلىرىمىزنىڭ چاپىنىدا تەرلىمەيلى. ئۇلارنىڭ خاتا قىلغانلىرى ئىنىقتۇر. چۇنكى خىتاي مەنسەپ بەرسە ماقۇل دەپ، مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلدى. مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدا بەرگەن مەنسەپنى تارتىۋىلىپ، سازايى قىلغاندا، ئانبدىن ئىسيان قىلدى.قوبۇل قىلمىغان"51"چىلەر ئولتۇرۇلدى. قىچىپ قۇتۇلدى. توغرا قىلغان ئەجداتلىرىمىزنىڭ يولىنى تۇتايلى.
______

„دادان تۇرغۇن ئالماسنى ئەسلەيمەن“ ئارقىلىق، تۇرغۇن ئالماس ھەممىڭلارنىڭ دادىسى دىمەكچىمۇ سىز؟ بۇ ئوقۇرمەنلەرگە قىلىنغان ھاقارەت ئەمەسمۇ؟. سىزنى ئوزىنى ساقلاشنى بىلىدىغان، ئەدەپلىك بىرى دەپ بىلىمەن. بەلكى بۇ ئىگىز-پەسلىكلەردىن، ساتقۇنلۇقلاردىن كوڭلىڭىزنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ „دادام“ دەيمەن دەپ، "دادان" دىگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئازمايدىغان ئادەم يوق. يات جىنسلار ۋە شەيتان ئارىلاشقان سوھبەت "دادىسىنىڭ بالىسىنى""مۇ ئازدۇرىدۇ. تەنقىدىم ۋە ياردىمىمنى قوبۇل قىلىپ „دادام تۇرغۇن ئالماسنى ئەسلەيمەن“دەپ ئوزگەرتىۋالىدۇ دىسەم، ئۇنداق قىلماي تەنقىدى ماقالەمنى ئىلىپ تاشلاتقۇزۇپسىز. ۋاقىت، زىھنىمنى سەرپ قىلىپ يازغان ئەمگىكىمنى خارلاشقا نىمىڭىزنىڭ ھەققى بار؟ ئۇيغۇرلۇق ئاچچىغىم تۇتتى.

سىز پالانىنىڭ ئوغلى ئەپەندىم، بىز دادىمىز يوق  پەپەندىممۇ؟. دادىڭىزنى جىم ياتقىلى قويۇپ،  قىنى نوچى بولسىڭىز ئوزىڭىز مەيدانغا چىقمامسىز،
دادىڭىزنى ئەسلەشكە موشۇرىياسەتچى  ساتقۇننى راۋا كورگەن بولسىڭىز بىز نىمە دەيمىز؟ دادىڭىزنىڭ ئىناۋىتىنى بۇزۇپ موشۇ رىياسەتچى پەرھات ئالتىدىنبىرنى نەدىن تاپتىڭىز؟


ھورمەت بىلەن مەرتمۇسا ئوغلى
دىپلوم ئارخىتىكتۇر

داۋامى بار
Dawami Bar
________

Menbe: https://www.youtube.com/watch?v=5zCMAvEnQa0

Reply | Threaded
Open this post in threaded view
|

Re: قۇتلۇق ئالماسقا ئوچۇق خەت

Aziz Isa Elkun
Administrator
Bu maqalilarni oqung.


«زامان شائىرلىرى» ھەققىدە ئويلار

http://www.azizisa.org/zaman_shairliri/
http://www.azizisa.org/elkun_poem/Zaman_shairliri_heqqide.mp3

«زامان شائىرلىرى» ھەققىدە ئويلاردىن كېيىنكى ئويلار
http://www.azizisa.org/zaman-shair_keyinki_oylar/
Aziz Isa Elkun   http://www.azizisa.org