«ئاز سانلىق مىللەتتىن 1-قولنىڭ يوقلۇقى نەزەرىيىسى» گە باھا
ياۋ شىنيوڭ جۇڭگودىكى مىللىي مەسىلىنىڭ بەزى رايونلاردا ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەر خىل.بۇنىڭ ئىچىدىكى دائىم سەل قارىلىدىغان موھىم سەۋەب ئاددىي كاللا بېلەن تەپەككۇر قىلىش ۋە ئىش كۆرۈشتۇر. ئۇ ھۆكۈمەتنى ھەل قىلغۇچ تەدبىر بەلگۈلەش ۋە خىزمەت ئۇسۇلى جەھەتتىكى ئاددىي-قوپاللىققا يېتەكلەپ، ئوخشىمىغان مىللەت توپىغا تەۋە قوۋىمنىڭ كونكىرىتنى مەسىلىلەر ھەققىدە ئوبىيېكتىپ ھۆكۈم چىقىرىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئارىلىققا ھاڭ پەيدا قىلىپ، مىللىي توپنىڭ ئۆچمەنلىكىنىڭ داۋام قىلىشى ۋە قارا نىيەتلەرنىڭ توپىلاڭدىن توغاچ ئوغۇرلۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ.نۆۋەتتىكى «شىنجاڭدىكى 1-قوللار ئارىسىدا ئاز سانلىق مىللەتلەر يوق» دېگەن نارازىلىق ئەنە شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئاۋال شۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، مەيلى مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈزۈم بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر شىنجاڭدا ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي ھوقۇقنىڭ ئىگىلىرى پارتىيە شۇجىلىقىنى ئۈستىگە ئالغان خەنزۇلاردۇر.بۇ ئاللىقاچان ماھىيەت خاراكتىرىنى ئېلىپ، مىللەت تەركىبىگە ئاساسەن ھوقۇق تەقسىم قىلىشنىڭ مونوپولىغا –چەتكە قېقىش خاراكتىرىنى ئالغان مېخانىزىمغا ئايلىنىپ بولدى. شۇڭا ئۇنىڭ نارازىلىق ۋە گۇمان پەيدا قىلىشى تەبىئىي. بۇ ج ك پ نىڭ ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ئۆزى ھەىققىدە قايتا ئويلىنىشىغا تېگىشلىك مەسىلىدۇر.ئەمما مۇبادا بىزنىڭ تونۇشىمىز پەقەت ھوقۇققا بولغان مىللىي توپ تەقسىماتىنىڭ نىسبەتسىزلىكى ئۈستىدىكى نارازىلىقتىلا توختاپ قېلىپ مەسىلىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىنى كۆرۈپ يەتمىگەندە بىر تەرەپلىمىلىك پەيدا بولۇپ ، ئۆزىمىز كەلتۈرىۋاتقان پاكىتلارمۇ كۆڭۈلدىكىدەك مېۋە بېرەلمەسلىكى مۇمكىن. مەسىلەن مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر زاتلارنىڭ نارازىلىقىنى ئاڭلىغىنىمىزدا ئۇلارنىڭ سۆزى كىشىنى خۇددى شىنجاڭدا ئەزەلدىن ھەرقانداق بىرەر ئازسانلىق مىللەت پۇشتىدىن بولغان كادىرنىڭ ھەرقانداق دەرىجىدىكى بىرەر پارتىيە شۇجىلىقىنى ئۆتەپ باقمىغاندەك ھېسىياتقا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. بۇ ئەلبەتتە پاكىتقا ئۇيغۇن ئەمەىس.سەيپىدىن ئەزىزى ئىلگىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 1-شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومىتېتنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ 1-سېياسىي كومېسسارى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش –قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ 1- سېياسىي كومېسسارى بولغان. سەيپىدىن ئەپەندى «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» نىڭ موھىم رەھبەرلىرىنىڭ بىرى ئىدى.ئەشۇنداق كەچمىشى بار ئادەمگە مالىمانچىلىق قاپلىغان مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىدە دۆلەت شىنجاڭنىڭ پارتىيە-ھۆكۈمەت-ئارمىيەنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبەرلىكىنى قورقماي بېرەلىگەن. ئەجىبا بۇ نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ ئەلبەتتە بۇ ھازىرقى ج ك پ دە ئۆزىگە بولغان ئىشىنىشنىڭ كەملىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.ئۇنداقتا بۇنىڭدىن ھازىرغىچە ئۇيغۇرلاردىن كومپارتىيە ئەزالىرى يوق، كىشىنى توللۇق خاتىرجەم قىلىدىغان ئاپتونوم رايوننىڭ 1-قولى بولالىغۇدەك ئۇيغۇر يوق دېگەن ھۆكۈم كېلىپ چىقامدۇ قانداق؟ بۇنداق دېسەم خاتا چۈشىنىش پەيدا بولۇپ قالمىسۇن. دېمەكچىمەنكى ، ئىشىنىش نوقۇل بىر تەرەپتىن ئەمەس بەلكى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولىدۇ. يەنە چوڭقۇر قاتلاملىق تۈزۈلمىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ، ئازسانلىق مىللەت پۇشتىدىن بولغان كادىرلاردىن 1-قولنىڭ چىقماسلىقىغا نوقۇل بىر تەرەپلىمە قاراش بېلەن نارازى بولۇش تازا ئاقىلانىلىق ئەمەس. 1-جۇڭگونىڭ يولغا قويۇۋاتقىنى پارتىيە شۇجىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى.ئەمما بۇ قانداقتۇر مەمۇرىي رەھبەرنىڭ ھېچقانداق ھوقۇقى بولماسلىقى كېرەك ياكى ئۇلارنىڭ ھوقۇقى موھىم ئەمەس دېگەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ.يەنە كېلىپ مەمۇرىي رەھبەرمۇ سېپى ئۆزىدىن پارتىيىنىڭ ئادىمىدۇر. شۇڭا ساناقلىقلا مىللىي كادىرلارنىڭ 1-قول بولۇشىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭدا ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشقا راستىنلا قاتناشمىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.ھازىر ھوقۇق پارتىيە شۇجىسىگە مەركەزلىشىپ قالغانلىقتىن مەمۇرىي رەھبەرنىڭ ھوقۇقىنىڭ قىسمەن ئاجىزلاپ قالغانلىقى راسىت. ئەمما بۇ ئايرىم ماھىيەتلىك مەسىلىدۇر. 2-پارتىيىنىڭ يادرولۇق رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى بېلەن مىللىي ئاپتونومىيە ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ ئەمما بىرلىككە كەلتۈرۈلمىگەن، پارتىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدا «مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە»نىڭ پىرىنسىپلىرى يولغا قويۇلمىغان.ئەينى ۋاقىتتا مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگۈلەش ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلغان لېنىن سوۋېت كومپارتىيىسىنىڭ ئىچىدە مىللەت تەركىبى بويىچە ھوقۇق تەقسىم قىلىشقا ئۆكتە قوپقان. شۇڭا مىللىي رايونلاردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوملاردىن مىللەتلەر توپىنىڭ نوپۇس نىسبىتى بويىچە پارتكوم شۇجىلىرىنى سەپلەشنى تەلەپ قىلىش ھېچ بولمىغاندا تۈزۈم جەھەتتىكى سەۋەبىنىڭ كەملىكىدىن بولغان . 3 -تېخىمۇ موھىمى تالاي ئۇيغۇر زاتلارنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى نارازىلىقى ئەمەلىيەتتە ھازىرقى ھوقۇق تەقسىماتىنىڭ يېتەرلىك دېمىگراتىك يوسۇندا ئېلىپ بېرىلغانلىقىدىغا گۇمان قىلىۋاتقانلىقىدا ئەمەس بەلكى ئوخشىمىغان مىللەت توپىنىڭ نوپۇس نىسبىتى بويىچە ھوقۇق تەقسىم قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىدا ئىپادىلىنىدۇ. كۆپ مىللەتلىك زامانىۋى دۆلەتتتىكى ھوقۇقنىڭ قانۇنلۇق بولۇشىنىڭ ئاچقۇچى ھوقۇق تەقسىماتىنىڭ مىللەت توپىنىڭ نوپۇس نىسبىتىگە ئۇيغۇن كەلگەن-كەلمىگەنلىكى )بۇ پەقەت نەتىجە ،سەۋەب ئەمەس (دە ئەمەس بەلكى ئەمەلدارلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش، ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە ئەل رايى بويىچە تاللانغانمۇ-يوق، قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ-يوق، ھەقىقى مېخانىزىم خەلقنىڭ ئەمەلدارلارنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىنى نازارەت قىلىشقا كاپالەتلىك قىلالىشىنى ئۆزىدە ھازىرلىدىمۇ -يوق قاتارلىق تەرەپلەردە گەۋداىلىنىدۇ.مۇبادا مۇكەممەل بولغان نازارەت مېقىانىزىمى ئورنىتىلمىسا شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوملىرىنىڭ 1-قوللىرى خەنزۇدىن ياكى ئۇيغۇردىن بولمىسۇن ياكى نۆۋەتلىشىپ ۋەزىپە ئۆتىمىسۇن ئۇيغۇر ياكى باشقا مىللەت توپىدىكى خەلقلەرنىڭ ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولالامدۇ؟ يەنە كېلىپ بۇ باشقا مىللەت توپىدىكىلەر ئۈچۈن ئادىللىق ھېساپلىنارمۇ؟ بۇ خىل تەپەككۇر يولى بېلەن بۇ ھەقتىكى گەپ-سۆزلەر ھوقۇق تەقسىماتىنىڭ ئادىل،دېمىگراتىك بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئىپادە قىلىنىشى كېرەككى، ھوقۇق-مەنپەئەت تەقسىماتىدىكى مىللەت پۇشتىنىڭ باراۋەرسىزلىكى قاتارلىق ھادىسىلەردىلا توختاپ قالسا مەقسەت ئارىلىشىپ كېتىشى ھەتتا سىنىپىي خارەكتىرلىك باراۋەرسىزلىك مەسىلىلىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ قېلىشى مۇمكىن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، جاڭ چۇنشىيەن شىنجاڭدا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن مىللىي كادىرلاردىن 1-قولنىڭ كەم بولۇش مەسىلىسىگە ئېتىبار بېرىشكە باشلىغان ھەم يېزا دەرىجىلىك پارتكوملارغا ئاز سانلىق مىللەت پۇشتىدىن بولغان پارتكوم شۇجىلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە تۈرۈتكە بولغان. بۇنى ئەلبەتتە ئىجابىي تەرەپتىن مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولسىمۇ ئەمما چوڭ يۈزلىنىشتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا بۇ جەھەتتە زور ئىلگىرىلەش بوپ كېتىشى ناتايىن. جۇڭگو سېياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ دېمىگراتيەلىشىشى ، سۈرئىتى، سالمىقى قاتارلىق ئاساسىي يۆنىلىشى جەھەتتىن ئېيىتقاندا نۆۋەتتە ئاۋال مۇنۇ ئۈچ تەرەپتىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە تېگىشلىك : بىرىنچىدىن ، تۈزۈلمىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھوقۇق تەقسىماتى ، نازارەت قىلىشنى دېمىگراتىيەلەشتۈرۈش ، تۈزۈملەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش ؛ بۇنىڭ ئىچىدە ھوقۇقنىڭ پارتكوم شۇجىلىرىگە مەركەزلىشىپ قېلىش مەسىلىسىنى ھەقىقىي يوسۇندا تۈپتىن ئۆزگەرتىش.ئىككىنچىدىن، گىراژدانلار ھوقۇقنى نازارەت قىلىدىغان ئۈنۈملۈك مېخاينىزىمنى پائال بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش.ئۈچىنچىدىن ، ئاساسىي قاتلامدىكى ھوقۇق ياكى قىسمەن ھوقۇقلارنى ئاۋام سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشنىڭ سىناق نۇقتىسىنى ھەقىقىي يوسۇندا بەرپا قىلىپ، ئۇنى پەيدىن-پەي كېڭەيتىشنى قولغا كەلتۈرۈش. پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ھوقۇق تەقسىماتىنى دېمىگراتىيەلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھوقۇقنىڭ پاك، يۇقۇرى ئۈنۈم بېلەن يۈرگۈزىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. بۇ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن بولغان سېياسىي دېمىگراتىك تۈزۈمنىڭ ئەڭ ئاخىردا ۋۇجۇتقا كېلىپ ، تۈرلۈك تۈزۈم خاراكتىرلىك ھوقۇق-مەنپەئەت باراۋەرسىزلىكى قاتارلىقلارنى يوقۇتۇش ۋە ئۈنۈملۈك تىزگىنلەشكە شەرت-شارائىت ھازىرلايدۇ. 附《环球时报》发表样式: http://blog.sina.com.cn/s/blog_60f25ed70102dw9y.html يۇقۇرقى ئۇلىنىشتىن بوزقىر تەرجىمە قىلدى . |
Free forum by Nabble | Edit this page |