ئانا ئۇيغۇر ھەققىدە ئوچېركلار (1) " ئۇيغۇرنىڭ دەردىنى بىلىشتە پراففىسور مەن" قاراڭغۇ ئۆيدە 8 يىل يېتىپ چىقتى، نەچچە يۈزلەپ مۇخبىرنىڭ ئارىسىدا ئۆزىنى كۆردى؛ تېخى نەچچە كۈن ياكى بىرنەچچە ھەپتىنىڭ ئالدىدا ئۇدۇلىدا ئۈستەل مۇشتلاپ تۇرغان ساقچىلار، يېنىدا دۆشكەلەپ تۇرغان گۇندىپايلار بار ئىدى؛ مانا ئەمدى ئۇ ئامېرىكىدىكى بىر توپ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئارىسىدا، ئامېرىكا دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن بىر سەھنىدە، خەلقئاراۋىي مۇتەخەسسىس ۋە پراففىسورلار بىلەن بىر مۇنبەردە. 8 يىل تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈۋېتىلگەن، 8 يىل كېچە-كېچىلەپ ئۇخلىتىلمىغان، 8 يىل دۇنيانىڭ ئەڭ تېتىقسىز شوئارلىرى يادلىتىلغان؛ يەنى جىسمانەن، روھىيەن ۋە زېھنەن قەستەن ئۇپرىتىلىشقا ئۇرۇنۇلغان بىر ئاجىزانە تەن، ئۇنىڭ ئىچىدىكى تۆمۈردەك جان ۋە چېنىققان روھ مۇشۇ كۈن -مۇشۇ دەقىقىلەردە قانداق تۇيغۇلار بىلەن ئىرماش-چىرماشتۇر؟! مانا مۇشۇ قىززىقىش ۋە ھەيرانلىقنىڭ تۈرتكىسى بىلەن رابىيە خانىمدىن سورۇدۇم: --- مەشھۇر دۆلەت ئەربابلىرى ۋە ئالىم-مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئۇچراشقىنى ماڭغىنىڭىزدا گەپ-سۆزدە، ئولتۇرۇپ-قوپۇشتا چاندۇرۇپ قويارمەنمۇ دەيدىغان بىر ئەندىشە خىيالىڭىزغا كىرىپ-چىققان چاغلار بولدىمۇ؟ --- دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن ئۇچراشقان چاغدا ھېچ بولمىدى. --- سەۋەپ؟ --- چۈنكى دۆلەت ئەربابلىرى ئاساسلىقى بەلگىلىك ساندىكى خەلققە ۋەكىللىك قىلىۋاتقىنى ئۈچۈن ئۇلۇغ؛ مەنمۇ شۇ ئەسنانىڭ ئۆزىدە يەر شارىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان ۋە زۇلۇمغا قارشى توختاۋسىز كۈرەش قىلىۋاتقان بىر قەھرىمان مىللەتنىڭ ۋەكىلى، شۇڭا ئۇلاردىن ئۆزۈمنى ئۈستۈن تۇتقان چاغلىرىم بولدىكى تۆۋەن چاغلىغان ۋاقتىم بولمىدى. --- ئالىملار بىلەن ئۇچراشقاندىچۇ؟ --- بەزىدە كۆڭلۈمدە غىل-پال سىز دېگەن ئەندىشىلەر ئەندىشىلەر بولۇپ ئۆتتى، ئەمما تەنتىرىگۈدەك ئەمەس. --- بۇ ئەندىشىنى قانداق يەڭدىڭىز؟ قانداق بىر ئوي، قانداق بىر تۇيغۇ شۇ ئەندىشىنى غىل-پال ئارىلىقتا يوق قىلىۋېتەلىدى؟ --- ماڭا كۈچ ئاتا قىلغان ئوي شۇ: بۇلار خەلقئارا قانۇندا، كىشىلىك ھوقۇق نەزەرىيىسىدە، تاشقى سىياسەتتە پراففىسور بولسا، مەن ئۇيغۇر مەسىلىسىدە، جۈملىدىن ئۇيغۇرنىڭ دەردىنى بىلىشتە پراففىسور! ئۇيغۇرنىڭ روھىنى چۈشۈنۈشتە، ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئىپادىلەشتە، مۇشۇ سورۇندا مېنىڭ ئالدىمغا ئۆتەلەيدىغىنى يوق! --- نېمە ئۈچۈن؟ بىر ئۇيغۇر بولغانلىقىڭىز ئۈچۈنمۇ؟ 8 يىل تۈرمىدە ياتقىنىڭىز ئۈچۈنمۇ؟ سىدق ھاجى روزى ئەپەندىنىڭ ئايالى بولغىنىڭىز ئۈچۈنمۇ؟ --- ھەممىسى بار. چۆچەكتە تۇغۇلدۇم، بالىلىقىم باينىڭ قىزى-پومۇشچىكنىڭ بالىسى بولۇپ ئاچچىق چۈچۈك ئۆتتى؛ ئاقسۇدا ئائىلە ئايالى بولۇپ 5 بالىنى قاتارغا قاتتىم؛ تىجارەتكە ئاتلانغىنىمدا ئوت لۈكچەك ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدە ؛ باي-بايۋەچچىلىرىمىز بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىدا يانمۇ-يان كەزدىم، سودا قىلدىم؛ ئۈرۈمچىدە، بېيجىڭدا قورچاق بولسۇن، راست بولسۇن ئالىي ئەمەلدارلار بىلەن روبىرو ئولتۇرۇپ ئىش پۈتتۈردۈم ياكى مەسىلە ئوتتۇرىغا قويدۇم...... سوئالىمدىن مەقسەت، خانىمدىكى ئۆزىگە ئىشىنىشنىڭ مەنبەسىنى بىلىش. بېرىلىۋاتقان جاۋاپتا مەن كۈتكەن، ئەمما تىلغا ئېلىنمىغان بىر نۇقتا بار، ئۇ بولسىمۇ رابىيە قادىر سودا سارىيى. مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇ ساراي ، تاش ۋە ياغاچتىن ئۆرە تۇرغان بىنالا ئەمەس، ئۇنىڭدا خانىمنىڭ ئەقلى، ئىقتىدارى، ئەڭ مۇھىمى روھىي نامايەن. مېنىڭچە رابىيە خانىمدىكى ئۆزىگە ئىشىنىش روھىي ئەنە شۇ بىنا بىلەن تەڭ تىكلەنگەن ۋە مەزمۇتلاشقان. بۇ خىل تىكلىنىشنىڭ قانداق بىر جەريان ئىكەنلىكىنى سودا ساھەسىگە پۇت تىقىپ باققانلار، بولۇپمۇ ئۆي-مۈلۈك سودىسىغا بېشىنى سوقۇپ باققانلا ياخشى چۈشۈنىدى، چۈنكى بۇ ئىشنىڭ بېشىدا مېلىنىلا ئەمەس، بېلىنى ۋە جېنىنىمۇ دوغا تىكىش بار. مەنچە رابىيە خانىمنى خەلقارا سەھنىلەردە ھازىر گۈس-گۈس ماڭغۇزۇپ، پوڭ-پوڭ سۆزلىتىۋاتقان، قىيىنچىلىققىمۇ، توسالغۇلارغىمۇ پەرۋا قىلغۇزمايۋاتقان مۇھىم ئامىللاردىن بىرى، دەل ئەشۇ رابىيە قادىر سودا سارىيى بىلەن تەڭ تىكلەنگەن روھ. ئاللاھ بەندىلىرىنى مانا مۇشۇنداق مەرت ۋە مەردانىلارچە تىكىلىنىشكە نېسىپ قىلغاي...باشقىلارنىڭ گەدىنىگە مىنىپ ياكى تېقىمىدىن ئۆتۈپ ئەمەس. دىققىتىم خانىمنىڭ سۆزلىرىگە قايتا مەركەزلەشتى: ---سىدىقنىڭ پۈتۈن دوستلىرى مېنىڭ دوستۇم، سودا سارايدىكى ئىشخانام، سىدىقنىڭ دوستلىرىنىڭ -زىيالىلارنىڭ دەرت تۆكىدىغان ماكانى؛ ئۆيۈم چەتكە قېقىلغان زىيالىلارنىڭ ئۇچرىشىش ماكانى، داستىخىنىم زىيالىلارنىڭ ئەتىدىن كەچكىچە شەرقى تۈركىستاننى قانداق ئازات قىلىش تېمىسىدىن چەتنىمەيدىغان بىر مۇنازىرە مۇنبىرى؛ مېنىڭ قۇلىقىمنى پىشۇرغان، مېنىڭ كۆزۈمنى ئاچقان، مېنىڭ نۇتقۇمنى يېتىلدۈرگەن تۇرغۇن ئالماس، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تۇردى سامساققا ئوخشاش ئالىم-يازغۇچىلىرىمىزنىڭ خۇپىيانە سۆھبەتلىرى، شۇڭا مەن ئۇيغۇرنىڭ ئىشىدا ئۆزۈمنى پراففىسور دەپ تونۇپ كەلدىم. خانىم بۇ گەپلەردىن كېيىن سورىدى: --- بىراز پو ئېتىۋېتىپ قالدىممۇ قانداق؟ مەنمۇ رىغبىتىمنى ئايىمىدىم: --- ئاتسىڭىز يارىشىدۇ: 1980 -يىللاردا ئۈرۈمچىدە تۇنجى بولۇپ بىر بىنانى تىكلىگەن، ھەقنى سۆزلەپ خىتاي تۈرمىسىدە 8 يىل يېتىپ چىققان، چەتئەلگە چىقىپ نوبىلغا 4 قېتىم نامزات بولغان بىر شەخس، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە پو ئېتىشقا ھەققى بار!!! --- راستىنى دېسەم، ئېغىزىمدىن ئاز -تولا پو چىقىپ كېتىشىدىن قورقمايمەن، ئەمما كۈپۈردىن قورقىمەن. بۇ ، مېنى سۆيۈندۈرگەن بىر ئەسكەرتىش ؛ بەلكىم ئاللاھنىڭ خانىمغا مەيلى بايلىق، مەيلى مەرتىۋە جەھەتتىن سېخىيلىق قىلغان ياكى قىلىپ كېلىۋاتقان يېرى بولسا، بۇ، دەل شۇ كۈپۈردىن قورقۇشىنىڭ مۇكاپاتى بولسا كېرەك. . |
Free forum by Nabble | Edit this page |