ئانا ئۇيغۇر ھەققىدە ئوچېرىكلار (2)

classic Classic list List threaded Threaded
1 message Options
Reply | Threaded
Open this post in threaded view
|

ئانا ئۇيغۇر ھەققىدە ئوچېرىكلار (2)

Shohret Hoshur

  ئانا ئۇيغۇر ھەققىدە ئوچېرىكلار (2)
 
   ب د ت دا خىتاي دىپلوماتلىرىنى  مات قىلىش
 
  دوستلار ئارا پات-پات داۋانىڭ تۈنۈگۈنى بىلەن بۈگۈنىنى سېلىشتۇرۇپ قالىمىز. ئۆمەر قانات دەيدۇ:
 --- بۇرۇن تۈركىيەدە گېزىتلەردىن "ئۇيغۇر"،" شىنجاڭ" دېگەن سۆزلەرنى ئۇچراتساق، شۇ خەۋەرلەرنى كېسىپ ئىشخانىمىزنىڭ تاملىرىغا چاپلىۋالاتتۇق، مانا ئەمدى، خەلقئاارادىكى چوڭ ئاگېنتلىقلرادىن ھەر كۈنى بىر خەۋەرنى ئوقۇيالايمىز"
 دولقۇن ئەيسا دەيدۇ:
 --- بۇرۇن جەنۋەگە يىغىنغا بارساق، ماشىنىدا كېچىلەپ يولغا چىقىپ،  يىغىن مەيدانىنىڭ ئەتراپىدا رولغا بېشىمىزنى قويۇپ ئۇخلاپ، ئەتىگىنى ماشىنىنىڭ ئەينىكىگە قاراپ ئۆزىمىزنى تۈزەپ  يىغىنغا كىرىپ كېتەتتتۇق، مانا ئەمدى ئايرىپلاندا ئۇچۇپ بېرىپ، مېھمانخانىلاردا يېتىپ ئەترىتىمىزنى چېچىپ، يىغىنغا مەيدانلىرىغا كىرىدىغان بولدۇق.
 مەن دەيمەن:
 ----  سابىق ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالبىرايت خانىم 1997 ‏-يىلى ب د ت يىغىنىدا بىز ھەققىدە سوز قىلغىنىدا " جوڭگۇدا ئۇيغۇر دەپ بىر مىللەت بار" دەپ گەپ باشلىغان ئىدى، يەنى مەۋجۇتلۇقىمىز ئىزاھاتقا ئېھتىياجلىق ئىدى، بۈگۈن ھېچ بولمىدى دېگەندە شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەركىتى تەشكىلاتى ب د ت نىڭ قارا تىزىملىكىدە بار"
 رابىيە خانىمنىڭ ئىپادىلىشى يەنە باشقىچە:
 --- بۇرۇن ۋەتەندە قېرىنداشلىرىمىز ب د ت غا بىر خەت يوللاپ قويغىنى ئۈچۈن، ئۇ خەت يۇرتتىن چىقماي تۇرۇپ ئۆزى تۈرمىگە تاشلانغان ئىدى، بۈگۈن ب د ت بىناسىدا خىتاي دىپلوماتلار بىلەن ياقا سىقشىۋاتىمىز.
 شۇنداق يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى  رابىيە خانىمنىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا، مىللەتنىڭ  دەردىگە دەرمان بولۇشتىن دەرىجىسىدىن ئۇزاق، ئەمما دۇنيانىڭ كۆزىگە چېلىقىش، خىتاينىڭ كۆزىگە قادىلىش، مىللەتنىڭ قەددىنى كۆتۈرۈش نۇقتىسىدىن تەن-تەنىگە مۇناسىپ بىر غەلىبە.
 
 يىل 2013 ، كۈن 19 ‏-سىنتەبىر، ئورۇن ب د ت: خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنى كۆزىتىش يىغىنىدىن بىر سەھنە.يىغىن رىياسەتچىسى ھىرۋاتىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پاۋل سېپاروۋىچ، يىغىن مۇنبىرىدە  ئىشتىراكچىلار قاتارىدا  خىتاي تەرەپتىن 5 كىشىلىك گۇرۇپ، ئۇيغۇر 4 كىشىلىك بىر گۇرۇپ. شۇ كۈنكى  تەرتىپ بويىچە خىتاي تەرەپ سوئاللارغا جاۋاپ بېرىش كېرەك، بىراق خىتاينىڭ ئۇيغۇرغا جاۋاپ بېرىش ئەمەس، بىر مۇنبەردە ئولتۇرغۇسى يوق، شۇڭا خىتاي دىپلومات ۋاڭ يى مۇنداق دەيدۇ:
 --- شەرقى تۈركىستان دەپ بىر يەر يوق، شىنجاڭ دەپ بار، ئۇ جوڭگۇنىڭ بىر قىسمى، بۇلار بۆلگۈنچىلەر، ب د ت بۇلارغا ئورۇن بەرمەسلىك كېرەك.
 رابىيە خانىمنىڭ جاۋابى شۇ زامات:
 --- يىغىننىڭ تىمىسى ئىنسان ھەقلىرى ، زېمىن مەسىلىسى ئەمەس، ئەسلىدە بۇ ھەقتە گەپ قىلىش پلانىمىز يوق ئىدى، مەجبۇر بولدۇق: دۇنيادا پۈتۈن ئىمپرتورلۇقلار ئىشغال قىلغان زېمىنلىرى بىز بېسىۋالغان زېمىن دەپ ئېتىراپ قىلدى، ئەمما خىتاي ئىشغال قىلغان تۇپراقلىرىدىن ئاتىلىرىغا ئاىت بىر خەي، بىر پارچە قەغەزنى تېپىپ چىقىپ، بۇ تۇپراق ئەلمىساقتىن بىزنىڭ دەۋاتىدۇ....
 رابىيە خانىمنىڭ بۇ سوزلىرىنى  تۈرك ئاخباراتلىرى " ئۇيغۇر رەھبەردىن خىتاي دىپلوماتلارغا تارىخىي بىر دەرس " خەۋەر قىلىدۇ.
 رابىيە خانىم سۆزلىرى يەنە مۇنداق دۋاملىشىدۇ:
  --- تارىختىن پاكىت ئىزدەشكىمۇ ھاجەت يوق، ئانا تىلىمىزنى چەكلەۋاتىسىلەر، مەدەنىيتىمىزنى يوقۇتىۋەتسىلەر، ئۇنداق ئىلماڭلار دېسەك تېرورچى دەپ باستۇرىۋەتىسلەر، ئاپتونومىيە تەلەپ قىلغان تىبەتلەرنىمۇ شۇ، نېمە ئۈچۈن شۇنداق؟ چۈنكى ئۇ زېمىن سىلەرنىڭ ئەمەس، بىزنى يوقۇتۇپ  ئىزىمىنىمىزغا ئۆزۈڭلارلا ئىگە بولماقچىسىلەر......
 خىتاي دىپلومات ياڭ چېڭخۇي گەپنى بۆلىدۇ:
 --- سېنىڭ ئاۋازىڭ بەك يۇقۇرى ئىكەن، ئادەتتىمۇ شۇنداق گەپ قىلامسەن بىلمەيمەن، ساڭا جاۋاپ بېرىشىم ئۈچۈن بوشراق گەپ قىلىشىڭ كېرەك.
 ياڭ يۇقۇرقى سۆزلىرى ئارقىلىق خانىمغا دىپلوماتىيە دەرىسى بەرمەكچى، يەنى" سەن دىپلوماتىك سورۇنلارغا ئۇيغۇن ئەمەس" دېمەكچى، خانىم ياڭنىڭ بۇ يۇمشاق قامچىسىنىمۇ ئۆزىنىڭ بوينىغا يۆگەپ قويىدۇ:
 --- شۇنداقمۇ؟ مېنى خوش قىلىدىغان، ئۈمىدلەندۈرىدىغان بىر پوزىتسىيە، دېمەك خىتاي كومپارتىيەسىمۇ نازاكەتنى ئۈگۈنىشكە يۈزلىنىپتۇ، تەبرىكلەيمەن! ئەمما بىلىپ قال، ئاۋازىم سەل چىڭ چىقىپ كېتىپ قالغان بولسا، بۇ زۇلۇمغا ئۇچرىغان خەلققە ۋاكالىتەن سوزلەۋاتقىنىم ئۈچۈن، زالىمغا ۋاكالىتەن ئەمەس.
 خانىمنىڭ بۇ سۆزلىرى تۈرك مەتبۇاتلىرىدا " ئۇيغۇر رەھبەر خىتاي دىپلوماتلىرىنى مات قىلدى"  ماۋزۇسىدا بېرىلىدۇ.
 يىغىننىڭ تالاش-تارتىشىغا چېكىتنى رابىيە خانىم قويىدۇ:
 --- تارىخنى تارىخچىلار يازسۇن،سىلەر بىلەن بىز ئەمەس،  يازغاندا شەرقى تۈركىستاننىڭ تارىخىنى خىتاي كومپارتىيىسىن تارىخچىلىرى ئەمەس، زېمىننىڭ ئىگىلىرى يازسۇن، سىلەر بۇ گەپلەرنى قوبۇل قىلالماسلىقىڭلار مۈمكىن، توغرا چۈشۈنىمىز، چۈنكى سىلەرنىڭمۇ مىڭەڭلار يۇيۇلۇپ كەتكەن، ئاغرىنمايمىز.
  خانىمنىڭ بۇ سۆزلىرىگە بەرداشلىق بېرەلمىگەن خىتاي تەرەپ مۇخبىرلارنىڭ ئالدىدىكى ئاۋاز خاتىرىلەتۋان ئاپىراتنى يۇلۇپ ئېلىپ يەرگە ئاتىدۇ، چىدىماسلىقنىڭ، مات بولۇشنىڭ مۇنازىرىسى ئىپادىسى.
     مەنچە بۈگۈنكى دەۋردە، بولۇپمۇ بۈگۈنكى كۈندە بىر سىياسىي رەھبەردىن كۈتىدىغان ئىقتىدار ۋە تالانت بۇنىڭدىن ئارتۇق بولمىسا كېرەك، ئاللاھغا مىڭ شۈكرى، ئەسىرلەردىن بۇيان خەلقاارۋىي سەھنىلەردىن ئۇزاق قالغان، ئاز كەم يېرىم ئەسىر دۈم كۆمتۈرۈلگەن قازان مىسالى بىر مۇھىتتە ياشاپ كەلگەن بىر قەۋمدىن مانا مۇشۇنداق بىر ئىقتىدار ئىگىسىنىڭ چىققىنى ئۈچۈن!
( BDT yighinidiki weqege ait mezmunlar turkche towendiki xeverlerge asasen yezildi

http://www.habername.com/haber-dunya-uygur-kurultayi-baskan…
http://hasulkuhaber.com/…/Rabia-Kadirden-BMde-Cine-tar…/3566
http://www.aksam.com.tr/…/uygur-liderden-cine-…/haber-178618
http://www.dunyabulteni.net/…/rabia-kadirden-bmde-cine-tari…)