” ياۋروپادا نەۋرۇز – 2010 ” سەنئەت كېچىلىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدىد ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى شەنبە كۈنى، يەنى، 3 – ئاينىڭ 27 – كۈنى كەچتە گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى 600 كىشىلىك ھەشەمەتلىك زالدا ئۆتكۈزۈلگەن ” ياۋروپادا نورۇز – 2010 ” سەنئەت كېچىلىكى، ھەم چەتئەللىك دوستلارنىڭ، ھەم ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. ئويۇن ئاخىرىدا، بەزى مىنىستىر، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئامېرىكا، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كونسۇلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان چەتئەللىك دوستلار، ” بۈگۈنكى سەنئەت كېچىلىكى ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى، شۇنداقلا تىنچلىقپەرۋەر، سەنئەت سۆيەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدۇق، بۈگۈنكى سەنئەت نومۇرلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى روھ ھالىتى، ئەركىنلىك ۋە ھۆرلۈككە بولغان تەلپۈنۈشى چوڭقۇر سىڭدۈرۈلگەن، ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن ھاياجانغا تولغان ئۇنتۇلماس بىر كېچە ياشىدۇق ” دەپ تەرىپلەشتى. يەنە بەزى گېرمان تاماشىبىنلار، ” مۇشۇنداق يۇقىرى مەدەنىيەتلىك، سەنئەتخۇمار، ئىنسانپەرۋەر ۋە تىنچلىق سۆيەر بىر خەلققە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشكە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ۋىجدانى قانداقمۇ چىدىغاندۇ ? ئۇيغۇر خەلقى چوقۇم ھۆر ۋە ئەركىن ياشاش ھوقۇقىغا ئېرىشىشى لازىم ” دەپ ئىپادە بىلدۈرۈشتى. بۈگۈنكى سەنئەت كېچىلىكى، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان قەھرىمان ئوغۇل – قىزلارغا بېغىشلانغان ” روھ ئانا ” ئىسىملىك تراگېدىيىلىك ئۇسۇل بىلەن باشلانغان بولۇپ، ئۇسۇلدىن بۇرۇن تاماشىبىنلارغا ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ ئومۇمى جەريانى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە گېرمانچە ئىزاھات بېرىپ ئۆتۈلدى. ” ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى ” تەشكىلاتى تەسىس قىلغان ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ ئارتىسلىرى تەرىپىدىن ناھايىتى يۇقىرى ماھارەت ۋە چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئورۇنلانغان ” روھ ئانا ” ناملىق بۇ تراگېدىيىلىك ئۇسۇل زالدىكى ئۇيغۇر تاماشىبىنلارنىلا ئەمەس، ھەتتا گېرمان دوستلىرىمىزنىڭ كۆزىنىمۇ ئىسسىق ياشقا تولدۇردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەركىزى ئورگىنى، د ئۇ ق تەركىبىدىكى ” ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى ” ۋە ” گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتى ” قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئورتاق ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە ساھىبخانىلىقى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ۋە تەخمىنەن 3 سائەت داۋام قىلغان بۇ قېتىمقى سەنئەت كېچىلىكى، ميۇنخېن شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە تەۋە 600 كىشىلىك ھەشەمەتلىك زالدا ئۆتكۈزۈلدى. سەنئەت كېچىلىكى باشلانغاندا، رىياسەتچىلەر ئالدى بىلەن تاماشىبىنلارغا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى ۋە د ئۇ ق نىڭ رەئىسى رابىيە خانىمنىڭ تەبرىكى، سالىمى ۋە ئىستەكلىرىنى يەتكۈزدى. ئىنتايىن رەڭدار ۋە مول مەزمۇنلۇق ئۆتكەن سەنئەت كېچىلىكىگە، بەزى مىنىستىرلار، پارلامېنت باشلىقلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى، گېرمانىيدىكى ھەرقايسى پارتىيىلەرنىڭ مەسئۇللىرى، ئامېرىكا، ئىسپانىيە … قاتارلىق ئەللەرنىڭ ميۇنخېن باش كونسۇللىرى، گېرمانىيە مۇساپىرلار ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى، ميۇنخېن چەتئەللىكلەر مەجلىسىنىڭ رەھبەرلىرى، گېرمانىيدىكى ھەرقايسى تۈرك – ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، دۇنيا ھونلار قۇرۇلتىيىنىڭ مەسئۇللىرى، گېرمانىيدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىۋاتقان گېرمان دوستلاردىن بولۇپ 200 گە يېقىن چەتئەللىك مېھمان ۋە گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان 400 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قاتناشتى. جەمئىي 3 سائەتكە يېقىن داۋام قىلغان ۋە ئىككى بۆلۈمگە بۆلۈنگەن نورۇز سەنئەت كېچىلىكىگە تاماشىبىنلارنىڭ ھۇزۇرىغا ئۇيغۇرچە ناخشا، ئۇسۇل، مۇزىكا، مۇقام، شېئىر، گېرمانچە ۋە ئىنگلىزچە راپ، ناخشا، زامانىۋى تانسا … بولۇپ جەمئىي 30 دىن ئارتۇق نومۇر سۇنۇلغان بولۇپ، پۈتۈن نومۇرلارنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تاماشىبىنلارغا گېرمانچە – ئۇيغۇرچە ئىككى تىلدا تەقدىم قىلىندى. سەنئەت نومۇرلىرى، گېرمانىيە ئۇيغۇر ئانسامبىلى ۋە گوللاندىيە ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ ئارتىسلىرى تەرىپىدىن ئورۇنلاندى. پۈتۈن سەنئەت نومۇرلىرىنىڭ ئارىلىقىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، سەنئىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇ – ئىستەكلىرى، ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇم، بېسىم ۋە قىرغىنچىلىقلار، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش ۋە خاتالاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ماھىيىتى … قاتارلىق ناھايىتى كەڭ مەزمۇنلاردا گېرمانچە ئىزاھات ۋە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتۈلدى. ئۇيغۇر راپچىلىرىمىز تەرىپىدىن يۇقىرى ماھارەتتە ئورۇنلانغان ” ئۇيغۇرلارغا ئازادلىق ” ناملىق گېرمانچە راپ چەتئەللىك دوستلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن بولسا، ئۇيغۇر شائىرى ئابلىكىم باقى تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان ۋە ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى جەريانىدا ھاسىغا تايىنىپ تۇرۇپ خىتاينىڭ تانكىسىنى توسىغان ئۇيغۇر ئانىغا بېغىشلانغان ” قەھرىمان ئانا ” ناملىق شېئىرنىڭ ناھايىتى ھېسسىياتلىق ھالدا دېكلاماتسىيە قىلىنىشى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. مەرھۇم شائىرىمىز باۋۇدۇن نىيازنىڭ، ” ئۇيغۇر بولماق تەس ” ناملىق شېئىرى گېرمانىيدىكى ياش ناخشا چولپىنىمىز دىلارە تەرىپىدىن راپلاشتۇرۇلدى. سەنئەت نومۇرلىرى رەسمىي باشلىنىشتىن بۇرۇن رىياسەتچىلەر سەھنىگە چىقىپ، بۇ قېتىمقى نورۇز كېچىلىكىنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەت ھەققىدە ئىزاھات بېرىپ، ” بىزنىڭ بۇ قېتىمقى نورۇز پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈشىمىزدىكى مەقسىتىمىز ھەرگىزمۇ نوقۇل ھالدا كۆڭۈل ئېچىپ تاماشا قىلىش ئەمەس، بەلكى مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى 5 – ئىيۇلدا ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان قانلىق قىرغىنچىلىقىنىڭ ماھىيىتىنى چەتئەللىك دوستلارغا يەنە بىر قېتىم خاتىرىلىتىش، ئۆز مىللىتىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى، مىللىي ھەق – ھوقۇقلىرىنى، ئىنسانىي قەدىر – قىممەتلىرىنى قوغداپ قېلىش يولىدا ئەزىز جانلىرىنى قۇربان قىلغان 5 – ئىيۇل قەھرىمان ئوغۇل – قىزلىرىنى ياد ئېتىش، ئۇلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈش، ئۇلارنىڭ روھىنى ياشنىتىش، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقىمىزگە سېلىۋاتقان زۇلۇم ۋە كۈلپەتلىرىنى پاش قىلىپ، مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ ئاساسى ھېسابلانغان مىللىي سەنئىتىمىزنى قوغداش ۋە ئۇنۇڭغا ۋارىسلىق قىلىش، گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ، جۈملىدىن ياش – ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ مىللىي غۇرۇرىنى ۋە مىللىي تۇيغۇلىرىنى كۈچەيتىش، ئۇلارنىڭ مىللىي سەنئىتىمىزگە بولغان سۆيگۈسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش، گېرمانىيدىكى ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى بىرلىك – ئىتتىپاقلىقنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ” كۆرسەتتى. http://www.uyghurcongress.org/uy/?p=1161 |
Free forum by Nabble | Edit this page |