(5) ئانا ئۇيغۇر ھەققىدە ئوچېرىكلار

classic Classic list List threaded Threaded
2 messages Options
Reply | Threaded
Open this post in threaded view
|

(5) ئانا ئۇيغۇر ھەققىدە ئوچېرىكلار

Shohret Hoshur


   
   ئانا ئۇيغۇر ھەققىدە ئوچېرىكلار (5)
 
        ئاقسارايدا "يېتىۋېلىش"

 تالاش-تارتىشلىق بىر ئىشتا پىكىر بېرىش، تەكلىپ سۇنۇش ئاسان؛ ئەمما قارار بېرىش ئاسان ئەمەس؛ پىكىر بەرگۈچى يىغىندىن چىقىپ خورەكنى دۆڭ تارتىپ ئۇخلىشى مۈمكىن، ئەمما قارار بەرگۈچى ئۇنداق ئەمەس؛ بولۇپمۇ كىشىلەرنىڭ جان ۋە بىخەتەرلىكىگە تاقالغان ئىشلاردا. چۈنكى قاراردىن كېيىن ئىش ئوڭغا تارتمىغان ئەھۋالدا، مەغلۇبىيەت ئازابىدىن باشقا  قارار بەرگۈچىنى كۈتۈپ تۇرىدىغان ھەر چوڭ قالپاقلار، ئاچچىق تاپا-تەنىلەر بار،" ئەسلىدە مۇنداق قىلىنىشى كېرەك ئىدى" دېگەندەك  ئۇرۇشتىن كېيىنكى دانا پلانلار بار. شۇنىڭ ئۈچۈن، رابىيە خانىم بىلەن ئارزىگۈل تۇرسۇن ۋەقەسى ھەققىدە ئارىمىزدا بولۇپ ئۆتكەن بىر دىئالوگ مەن ئۈچۈن ئۇنتۇلماس بىر خاتىرە.
 
   2008 ‏- يىلى نويابىر، ۋەتەندىن رادىئوغا) ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا( بىر پارچە خەت كېلىدۇ، خەت ئىككىلا قۇر:
 " نوغايتۇلۇق ئارزىگۈل تۇرسۇن سۇ دەرۋازا دوختۇرخانىسىغا مەجبۇرى ئەكىتىلدى، ھامىلىسى ئەتە كەچتە چۈشۈرۈلمەكچى، يولدىشىنىڭ تېلىفونى: XXXX ؛ كەنت پلانلىق تۇغۇت كادىرىنىڭ تېلىفونى: XXXXX "

 ۋەتەننىڭ ۋەزىيىتىدىن باشقا، خەتنىڭ قىسقىلىقىمۇ خەت يوللىغۇچىنىڭ  خەتنى قانچىلىك ئېھتىيات، تەۋەككۈلچىلىك ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن  يوللىغانلىقىغا ئىشارەت. رادىئونىڭ بىر كېچە-كۈندۈزلۈك خىزمىتىدىن كېيىن، ۋەقە خەلقئارا جەمئىيەتكە يەتكۈزۈلدى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسى ئەزالىرىنى ھەركەتكە ئۆتكۈزۈپمۇ بولدى؛ <http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/amerika-arzigul-naraziliq-xet-11142008192715.html>بىراق، ۋەقەنىڭ خەلقئارا ئاخباراتقا ئاشكارىلىنىشى بىلەن ئىككى كېچىكتۈرۈلگەن ئوپىرەتسىيە نۆۋىتى قايتدىن يېقىنلاشماقتا ئىدى. رابىيە خانىمدىن سورۇدۇم:
  ‏-‏-‏-قانداق قىلسۇن؟
  ---دوختۇرخانىدىن قاچسۇن؟
  ---  بېشىدا ئىككى كەنت كادىرى بار، ئېغىر ئاياق بىر ئايال ئۈچۈن مۈمكىنسىز ئىش.
 --- ئائىلىسىدىكى ئەركەك ئەۋلادى نېمە ئىش قىلىدۇ، دوختۇرخانىدىن ئېلىپ قاچسۇن!

  بۇ مېنىڭ قۇلىقىمغا ياغدەك ياقىدىغان بىر قارار، چۈنكى رادىئو ئىشنى مەلۇم بىر يەرگە قەدەر ئەكەلدى، ئەمما ئىشنىڭ نەتىجىسى چىققىنى يوق، نەتىجە تەشكىلاتلارنىڭ ھەركىتىگە باغلىق. شۇڭا كۆرۈنۈشتە يول سوراش ئەمەلىيەتتە ۋەدە ئېلىۋلىش مەقسىتىدە رابىيە خانىمدىن سورۇدۇم:
   
  ---مۇشۇنچىلىك خەتەرگە لايىق نەتىجە بولارمۇ؟
  --- ئەھۋالنى Chris Smith  ) ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسى ئەزاسى( بېيجىڭدىكى باش ئەەلچىگە يەتكۈزۈپ بولدى، باش ئەلچى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىلىكى بىلەن سۆزلەشمەكچى؛ سۆزلەشكىچە ۋە سۆزلىشىش ۋەزىيەتكە تەسىر كۆرسەتكىچە 2-3 كۈن كېتىشى مۈمكىن، مەنچە بىر ھەپتە ئۆزلىرىنى دالدىغا ئېلىپ تۇرسۇن، بىر گەپ بولۇپ قالىدۇ، قالغىنىنى ئاللاھتىن كۈتىمىز......
  --- Chris Smith بەل قويۇۋېتىپ قالماس-ھە؟
  ئەسلىدە بۇ " سىز بوشىشىپ قالماسسىز-ھە؟" دېگىنىم ئىدى، خانىم بۇنى چۈشۈنۈپ بولدى:
 ---ئەگەر ئارزىگۈلنىڭ ئائىلىسى شۇ ئىشنى قىلالىسا، مەن بۇ ئىشنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن ئاقاسارايغا  كىرىپ يېترىۋېلىشقا رازىمەن.....

    16 ‏-نويابىر كۈنى كەچتە ئارزىگۈلنىڭ بەش ئەركەك قېرىندىشى سۇ دەرۋازا دوختۇرخانىسىغا بېسىپ كىرىپ، ئارزىگۈلنى ئېلىپ قاچتى؛ ۋەقە مەيلى كۆرۈنۈش، مەيلى خەۋپ-خەتەر جەھەتتىن بىر قەپەس جەڭ؛ جەڭنىڭ قوماندانى ئارزىگۈل تۇرسۇننىڭ دادىسى تۇرسۇن زەرگەر. (<http://www.rfa.org/uyghur/programmilar/insan_heqliri/amerika-arzigul-naraziliq-xet-11172008202718.html>)
  بەرگەن قارار ۋە كۆرسەتكەن يوليورۇقنىڭ سالمىقىدىن بولسا كېرەك، خانىم شۇ " قاچسۇن" دېگەن كۆرسەتمىسدىن كېيىن ئۆيىدە ئولتۇرمىدى، ئولتۇرالمىدى؛ بولۇپمۇ ئارزىگۇل تۇرسۇن دوختۇرخانىدىن ئېلىپ قېچىش "جېڭى"دىن كېيىن. ئاڭلاپ-خەۋەر تېپىپ تۇردۇمكى، ئالىم سېيتوپ بىلەن ئىككىسى Chris Smithنىڭ ئىشخانىسىدىن كەتمىدى، باشقىچە ئېيتساق " يېتىۋالدى" ؛ مەقسەت، Chris Smith ئەپەندىگە ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكى ھېس قىلدۇرۇش، ئۇنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئىشقا ئاتلىنىپ كېتىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
  ئالدى بىلەن ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى، ئاندىن بېيجىڭدىكى ئامېرىكا باش ئەلچىسىنىڭ ئىشقا قول تىقىشى نەتىجىسىدە خىتاي پەيلىدىن ياندى، ئارزىگۈل تۇرسۇننىڭ ھامىلىسى ئامان قالدى ۋە ئايلاردىن كېيىن ساق-سالامەت دۇنياغا كۆز ئاچتى.(<http://www.rfa.org/english/news/uyghur/release-11182008110804.html>)

  ئەگەر رابىيە خانىمنىڭ شۇ كۈنكى " قاچسۇن!" دېگەن  كەسكىن قارارى بولمىغان بولسا ئارزىگۇل تۇرسۇننىڭ دوختۇرخانىدا پىچاق كۈتۈپ ياتقىنىنى جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ تۇرۇپ رادىئوغا  يەتكۈزگەن شۇ نامسىز ئىنكاسچىنىڭ پىداكارلىقى بىھۇدە كەتكەن بولاتتى، بىر جان ئانا قارنىدا پىچاق يېگەن ۋە دۇنياغا كۆز ئاچمىغان بولاتتى، تېخىمۇ مۇھىمى، خىتايغا قارشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پاالىيىتىدە بىر قېتىملىق ھەقنىڭ ناھەق ئۆستىدىن غەلىبە قىلىش تارىخى يارالمىغان بولاتتى.
 ئايانكى، ياراملىق بىر رەھبەر ھالقىلىق پەيتلەردە كەسكىن  قارار بەرگۈچى ۋە  بەرگەن قارارىنىڭ ئارقىسىدا مۇستەھكەم تۇرغۇچىدۇر. رابىيە خانىم ئارزىگۈل تۇرسۇن ۋەقەسىدە ئىقتىدارىدىكى بۇ ئىككى ئالاھىدىلىكنى نامايەن قىلغان ئىدى؛ ئىشتىكى نەتىجىدە ئۇنىڭ قاراردىكى كەسكىنلىكىدىن باشقا، Chris Smithنىڭ ئىشخانىسدا " يېتىۋېلىش"تەك جاھىللىقىنىڭمۇ رولى چوڭ ئىدى. رابىيە خانىمنىڭ شۇ كۈنى ئىشخانىدىن چىقماي تۇرىۋېلىش جەريانىدا نېمىلەرنى دېگەنلىكىدىن خەۋىرىم يوق، ئەمما ئۇنىڭ  مۇشۇنىڭغا ئوخشاش باشقا سورۇنلاردا تۆۋەندىكىچە بايانلاردا بولغىنىدىن مەلۇماتىم  بار:
   ---- ئەگەر بۈگۈن بۇ ئىشقا بىر جاۋاپ ئالالمىسام، مېنى بۇ بوسۇغىدىن كەتكۈزەلمەيسىلەر!......
   --- ئەگەر بۈگۈن كەچكىچە بۇ ئىشنىڭ نەتىجىسى چىقمىسا، ئەتە ئەتىگەندە يوتقان-كۆرپىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ ئاقساراينىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ياتىمەن.....
    رابىيە خانىمنىڭ بۇ يېرىم چاقچاق، يېرىم جىددىي تەلەپپۇزدىكى  "تەھدىت"لىرىگە دۆلەت ئەرباپلىرىدىن ئۆتمۈشتە بېرىلگەن جاۋاپلار شۇ:
     جىم مىكگوۋېن: كۆرسىتىۋاتقان مۇشۇ تىرىشچانلىقىڭىزدىن تەسىرلەنمەسلىكىمىز مۈمكىنمۇ!؟ تەلىۋىڭىزگە ياق دېيەلىشىمىز مۈمكىنمۇ؟
   روز لەتىنەن : مەن ئالدىراش بىر مۇراسىمغا ماڭغان ئىدىم، بولدى يولۇمدىن ياندىم، مەن بۈگۈن سەن نېمە دېسەڭ شۇنى قىلىمەن!
  فرەنك ۋولف  : يېلىنىش تەلەپپۇزىدا  : قولۇمدىن كەلگەن ھەممە ئىشنى قىلىۋاتىمەن، سىز دەڭ، مېنىڭ قولۇمدىن كېلىپ، قىلىنماي قالغان ئىش قايسى؟ شۇنى قىلاي!
   يۇقىرىقى نەقلىللەر، شۇ سۆھبەتلەرنىڭ شاھىدى ئۆمەر قاناتنىڭ ئېغىزىدىن.
    بۇ توغرىدا رابىيە خانىمنىڭ ئۆز ئىزاھاتى مۇنداق:
  " ئەلۋەتتە، ھەر يەردە  ھەر ۋاقىت سالماق-سالاپەتلىك بولۇش مېنىڭ ئارزۇيۇم، بۇ ھەم ماڭا يارىشىدۇ ھەم ياراشقان؛ ئىشنى دىپلوماتچە پۈتتۈرۈش مېنىڭ كەسپىم، چۈنكى سودىگەرلىك دېگىنىڭىزنىڭ ئاز دېگەندە 30%ئى دىپلماتلىق بىلەن ماڭىدۇ. ئەمما ئاچچىق بىر رېئاللىق باركى، دۈشمىنىزگە زەربە بېرىدىغانغا  قولىمىزدا قورالىمىز يوق، دوستلىرىمىزنى ھەر ۋاقىت ئۆزىمىزگە تارتىپ تۇرىدىغانغا قولىمىزدا پۇلىمىز يوق؛ شۇڭا بەزىبىر چاغلاردا دەردىمىزنى ئانىلارچە، بەزىدە بالىلارچە ئاڭلىتىشقا مەجبۇرمىز. بىرلا مىسال ئالاي: خىتاي بۈگۈن 50 ئۇيغۇرغا مۇددەتلىك-مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلسۇن، ئۇنى دوكىلات قىلىپ چىقسىڭىز، ئەتىسى خىتاي 15 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلسۇن، بۇنىڭ پاكىتلىرىنى سۇنۇپ چىقسىڭىز، ھەپتە ئۆتمەي 20 ئۇيغۇرنى تېرورچى دەپ نەق مەيداندا ئېتىۋەتسۇن؛ دېسلەپكى قېتىملىق دەردىڭىزنى سالا-سۈپەتلىك كىرىڭ ئاڭلىتالىشىڭىز مۈمكىن، ئىككىنجىسىنىمۇ بەلكىم، ئەمما ئۈچىنجىسىنى ئەمەس. چۈنكى مەيلى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، مەيلى دىپلومات، مەيلى دۆلەت ئەربابى بولايلى، ئالدى بىلەن بىز بىر ئىنسان، شۇڭا بولىۋاتقان پاجىئەلەر بىلىپبىلمەي، خالاپ-خالىماي  گاھىدا سىزنى سالا-سۈپىتىڭىزدىن ئۇزاقلاشتۇرۇپ قويىدۇ، يىغلاڭغىمۇ بولۇپ قالىسىز..."
   
   مەيلى ئەسىر مىللەت دەيلى، مەيلى قۇل قەۋم ياكى دۆلەتسىز)ۋاكالەتسىز( خەلق دەيلى، ھەممىسىنىڭ ئوخشاش تەرىپلىنىدىغان نۇقتلىرىدىن بىرى شۇ: قارار بېرىش ئورگانىدىن مەھرۇملۇق ياكى قارار مېخانىزىمۇ بۇزۇۋېتىلگەن  بولۇش. شۇڭا رابىيە خانىمنىڭ بەرگەن قارارىنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇشلا ئەمەس بەزىدە " يېتىۋېلىشى" ئۇنىڭ خۇيى ئەمەس، بەلكىم تەبىئەتنىڭ قانۇنى ، جۈملىدىن مەھكۇم مىللەت جەمىئىيىتىنىڭ قانۇنىيىتىدىندۇر.

     ) يۇقىرىدا سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان ئۈچ دۆلەت ئەرباىبىنىڭ ئىسىملىرىنىڭ ئىنگىلىزچە يېزىلىشى( Ilena Ros-Lehtinen ,Jim Mcgovern,  Chris Smith ,
Reply | Threaded
Open this post in threaded view
|

Re: Satqun Rabiye Anang heqqide Pakitlar

DUD Teshkilati Sozchisi