Banned User
|
ئاتالغۇلارغا ئىزاھات 2 مىللەت ۋە مىللەتچىلىك مىللەت- مەلۇم بىر مىللەت. مەسىلەن: روس، گىرمان، ئۇيغۇر... قاتارلىقلار. مىللەت بىزگە ئەرەپچە "مىللىييەت" تىن كەلگەن. مىللەتچىلىك- 1789 دىكى فىرانسىيە (پارىج) ئىنقىلاۋى بىلەن تەڭ دۇنياغا تىخىمۇ يىيىلدى. ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى سىياسى گوروھلارنىڭ مىللەتچىلىك ھەققىدە ئوز نوختى-نەزەرلىرى بولسىمۇ،بۇتۇن لوغاتلاردا مەناسى ئەڭ چۇشۇنۇشلۇك، ئىنىق بولغان سوز"مىللەتچىلىك"تۇر. مىللەتچىلىك - ئۆزى تەۋە بولغان مىللەتنىڭ مەنپەتىنى قوغداش دىمەكتۇر. _____ "مەن ئۇيغۇرنىڭ خاقانى" - ئوغۇزخان، "ئەگمە-ئوينىڭ ئەگمىسى" -ماخمۇت قەشقىرى، "ئاۋتونۇم رايۇندا مەن، روس ئەمەس، يا ئەنگىلىس "- نۇرمەمەت ئوركىشى، "كويۇنۇپ ھالىڭغا ئويغاتسام سىنى، ئاڭلىمايسەن زادى نىمە بولغىنىڭ؟" - ئابدۇخالىق ئۇيغۇر. "ھىچقاچان ئادەم يىڭىلمەس ۋەھشى دۇشمەن ئالدىدا"- نىم شەھىت لارغا ئوخشاش يەنە مىڭلىغان مىللىتىم ئۇيغۇر دەپ ئوتكەنلەر ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەتچى پىر-ئۇستازلىرىدۇر. ئاللاغا ئەڭ سادىق ئۇيغۇر بەندىلىرىدۇر. _____ بۇگۇنكى "مىللەت" دىگەن سوز ئىسلامدىن ئىلگىرى تىلىمىزدا "خەلق" ئىدى. خەلق-سوزى تىلىمىزدا يەنە خەلق، خەق، قالىق، قالق، خالىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. خەلىق "قالىق"، "قالماق" تىن كەلگەن. قەدىمدە ئۇچ تال ياغاچنى چىتىپ ياسالغان كەپە ئوي - "قالىق" دەپ ئاتالغان. بەلگىلىك يەر-تۇپراقلارنى ئوي تۇتۇپ قالغان، مۇئەييەن زىمىننى يۇرت-ۋەتەن تۇتقان، "قالىق"لاردا ياشايدىغان، تىلى، دىلى، قىنى، ئادەتلىرى بىر بولغان ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر قالىق (خەلىق)لارىدۇر. بۇگۇنكىسى بويىچە ئۇيغۇر مىللىتىدۇر. دىمەك خەلق، قالىق، خالىق، خالق، مىللەت -دىگەنلەر تەڭداش مەناغا ئىگە ئىسىملاردۇر. بۇ يەردە خەلىق سوزىدىكى "لى"دىن ئايرىلىپ "خەق" بولوپ قالغان بىر سوزمۇ بار. ئۇ قارشى جىنس، يات، ئايرىلغان، قارشى تەرەپ، سەلبى شەخس، دۇشمەن مىللەت مەنالىرىدىمۇ كىلىدۇ. مەسىلەن: ساتقۇن خەق، ئەرخەق، خوتۇنخەق، ياتخەق، ياۋۇز خەق، خەقنىڭ يەرى، خەقنى بوزەك قىلىش… قاتارلىقلار. بۇ ھەقتە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەنپەتىنى قوغدايدىغان تەتقىقاتچىلىرىمىز، تىلشۇناس، تارىخشۇناس، ئۇيغۇرشۇناس ئەدىپلىرىمىزگە موھتاجبىز. ئوردۇ تارىخچىلىرى. ئوردا شائىرلىرى، ئوردا قەلەمكەشلىرى قۇربان ۋەلى، ئا، پ، ھ،گ، ئو .....قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ نەسلىنى خىتايغا باغلاشقا ئۇرۇنۇپ كوپ ئاۋارە بولۇشماقتا. مەخسەتلىرى- ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇپ، ۋەتەنىنى ، دولىتىنى قولىغا ئەلىشتىكى ئەڭۇشتەرى - ئۇيغۇر كىملىكىنى يوق قەلىشتۇر. مىللىتىمىز تۇرك، دىنىمىز ئىسلام، ۋەتىنىمىز شەرقى تۇركىستان” قاتارلىق رادىكال شۇئارلار بىلەن خەلقارادا ئۇيغۇر كىملىكىمىزنى يوقۇتۇش ئۇچۇن 1994-يىلى تۇركىيە گىزىتىدە:“ مەن ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن، ئىنتايىن مەدىنىيەتلىك ھەم كۇچلۇك چىن (خىتاي)مىللىتى بىلەن قوشۇلۇپ كەتىش (خىتاي بەرىلىكى)نى قوبۇل قىلىمەن” - دەپ ئىلان قىلغان “ئىسا بەگچى” “دۇق كەشلەر” نىڭ قۇماندانى ئەركىن ئالپتىكىندۇر.ئالدى بىلەن خىتايغا، تۇركىيەگە چىقىپ ئىسا يۇسۇپكە، ئەركىن ئالتىكىن، جەلىل قارىم، رابىيە قارىم…لارغا قەلەمكەشلىك قىلغان پەرھات مەمەت(يورۇڭقاش، م.سايرامى…)تەرىپىدىن ، دۇق تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا خىتاي بىرلىكى ئۇستۇلۇقى بىلەن “چىن تۇركىستان”، “چىن فىدراتسىيونى”، “ جۇڭ خا لەنباڭ”، “يۇكسەك ئاۋتونۇمىيە” قاتارلىق ئەدىبى ئاتالغۇلار بىلەن پەدازلانغان. “بىز ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايمىز”. “مەن جۇڭ گو (خىتاي)خەلقىنىڭ ئەركىنىلىكى (دىموكراتىيەسى) ئۇچۇن كورەش قىلىدىغان يولنى تاللىۋالدىم”-دەپ ئىلان قىلغان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ساتقۇنى ، دۇقنىڭ قورچاق رەئىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ساتقۇن ئانەسى رابىيە قادىردۇر. بۇلار “مىللىتىمىز تۇرك، دىنىمىز ئىسلام، ۋەتىنىمىز شەرقى تۇركىستان” دەپ ۋاقىراشقان ئىدى. ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ مىللىتى ئۇيغۇر ئەمەس، تۇركمۇ ئەمەس- خىتاي بولۇپ قالدى-يا؟! مانا بۇ ئۇلارنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە يالغانچى ئىكەنلىكى، قانچىلىك دەرىجىدە ئۇيغۇر ۋە تۇرك دۇشمەنلىرى ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى. مانا بۇ ئۇلارنىڭ ساتقۇن ئەپتى-بەشىرىسى! ئىنسانلار، ئادەملەر، مىللەت ئەمەس، بەلكى خەلق دەپ ئاتىلىدۇ. كومۇنىزىم غايىسى ئالدى بىلەن مىللەتلەرنى، دولەتلەر ۋە ۋەتەنلەرنى يوقۇتۇپ كەلگۇسىدە كومىنىزىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىدى. سوۋەتلەر ئىتتىپاقى بۇ ساختە كومۇنىزىمدىن ياندى. قانچە ئونلىغان دولەت ۋە مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى گورباچوۋ ئارقىلىق ئىلان قىلدى. خىتاي بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئىلان قىلماسلىق ئۇچۇن "خىتايچە سوتسىيالىزىم" نى ئىلان قىلماقتا. سوتسىيالىزىم، كومۇنىزىمنى "خىتاي بىرلىكى-جۇڭخا فىدراتسىيۇنى" ۋە دۇنيانى بىرلىككە كەلتۇرۇشكە“ نىڭ ۋاستىسى قىلىۋالغان خىتاي سوتسىيالىزىم لاگىرىدىكى ھەر-قايسى دولەتلەرنى ئالداپ ھونەرى ئىشقا ئاشمىدى. خىتاي ئوزىنىڭ مىللى مەنپەتى ئۇچۇن ئىرقچىلىقتىن ئىشىپ كەتكەن خىتايچە ھايۋانىزىمنىڭ سوتسىيالىزىم-كومىنىزىم بىلەن ھىچ ئالاقىسى يوق. بۇ ماقالە مىللەتچىلىكنى تەما قىلغان. شەرقى ياۋروپادا ئىچىلغان بىر قىتىملىق سوتسىيالىزىم لاگىرىدىكى دولەتلەرنىڭ يىغىنىدا خىتاي ۋەكىللىرى:"كومىنىزىم لاگىرى كاپىتالىزىم لاگىرىغا قارشى ئۇرۇش ئىلان قىلىشىمىز كىرەك. بۇ ئۇرۇشتا سوتسىيالىزىم لاگىرىدىن يىرىم نوپوس چىقىم بولوش بەدىلىگە ، بۇتۇن دۇنيادا سوتسىيالىزىم ئەمەرگە ئاشىدۇ” دەپ ئوتتۇرىغا چىققان . ئولمەي قالىدىغان يەرىم نوپوسنىڭ خىتاي مىللىتى ئىكەنلىكىنى سەزگەن سوتسىيالىزىم لاگىرى تەدرىجى تارقالدى. يەنە بىر قىتىملىق يىغىندا خىتايلار:"سوتسىيالىزىم-كومىنىزىم تۇزۇمى مىللەت ئايرىمايدۇ، ئادالەتنى ياقلايدۇ. سوتسىيالىزىم لاگىرىدىكى ئارتۇق تۇپراقلارنى ھەر-قايسى دولەتلەردىكى نوپوسقا قاراپ، قايتا تەقسىم قىلىش كىرەك..." دەپ جويلىگەن. مىكماخۇن سىزىقىدا، ئۇسسۇرى دەرياسىدا، ۋىتنام چىگراسىدا ئارتۇق تۇپراقلارنى قايتا تەقسىم قىلىش ئۇچۇن “يەر ئىسلاھاتى” ئىلىپ بارغان خىتايلار ئىغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. ۋەتىنىمىزدە 3 مىلىيونغا يىقىن ئەسكەر توپلاپ سوۋىتلەر ئىتتىپاقى ئارقىلىق دۇنياغا يۇرۇش قىلىش ھارپىسىدا ئامىرىكا-سوۋىت ئوتتۇرىسدا يىقىنلىشىش پەيدا بولدى. روسلار ئاۋغانىستاندىن چىكىنىپ چىقتى. گورباچوۋ "سوۋىتلەرئىتتىپاقى"نىڭ تارقالغانلىقىنى ئىلان قىلىشتىن بىر نەچچە كۇن بۇرۇنلا بىشكەكتە ئامەرىچا كونسۇلخانىسى ئەچىلدى. قىرغىزىستان مۇستەقىللىقنى ئىلان قىلىشتىن بۇرۇنلا ئامىرىكا قىرغىزىستان بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى. قەشقەرگە يۇز كىلومىتىر يەراقتىكى قىرغىستانغا، قازاقىستانغا، ئۇزبەكىستانغا روسىيە، ئامىرىكا ھەربى بازىلىرى ئورۇنلاشتى. كۇچلۇك مىللەتلەر ئوز مەنپەتلىرىنى قوغداش ئۇچۇن ئاجىز مىللەتلەرگە ياردەم بىرىشكە مەجبۇر بولماي قالمايدۇ. بىزمۇ ئۇنى ئىنسانپەرۋەرلىك دەپ چۇشىنىشكە مەجبۇر بىز. ئاللا ياراتقان ئۇيغۇرلۇقتىن چىقىپ كەتكەندە ئۇنى ھەرگىز چۇشىنەلمەيمىز. “دۇنيا كاپىرلىرىغا قارشى جەھات”قا چىقىپ ئامەرىكا ۋە روسىيەنىڭ راكىتالىرىدا پارتىلاپ ئولىمىز. _____ نەزەربايىۋنىڭ ئەرەبىستان زىيارىتىدىكى تۋ پىروگراممىسىنى كورگەنلەرنىڭ ئىسىدە باردۇر: ھەجگە بىرىپ تۇرۇپ قالغان قازاق ،ئۇيغۇر، تاتارلار كوپ ھاياجانلانغان ئىدى. قىرىق يىل ئەرەىبىستاندا ياشاپمۇ ئەرەپ مىللىتىنىڭ پاسپورت بەرمىگىنىگە قارىماي - ئىلان قىلىنغان مۇستەقىللىقنى " ئاللانىڭ كارامەتى"، "موجىزە"، "تەقدىر-پىشاينە"،"قىسمەت"كە تاقاپ سوزلىگەن بەزىلەر ياقىلىرىنى چىشلەپ قىلىشقان ئىدى. بۇلارنى يىزىشتىكى مەقستىم خۇراپىلىققا پاتقان ئىنسانلارنى كامسىتىش ئەمەس، ياكى ئۇلارغا يامان نىيەتتە بولوش ئەمەس. مىللەت، دىن، ۋەتەن، ئەرەپ پاسپورتى …لار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئوزەمنىڭمۇ تازا ئوچۇق ئىنىقلىۋىلىشىم ئۇچۇندۇر. ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى سىياسى گوروھلارنىڭ مىللەتچىلىك ھەققىدە ئوز نوختى-نەزەرلىرى بولسىمۇ، ئەرەپچە، ئەڭىلىسچە، روسچە بۇتۇن لوغاتلاردا مەناسى ئەڭ چۇشۇنۇشلۇك، ئىنىق بولغان سۆز "مىللەتچىلىك". مىللەتچىلىك - ئۆزى تەۋە بولغان مىللەتنىڭ مەنپەتىنى قوغداش دىمەكتۇر. سوۋىتلەر ئىتتىپاقىدىن قازاقىستانىغا ئوخشاش ئونلىغان دولەت قايتا تۇغۇلدى، يۇزلىگەن مىللەت قايتا ئەسلىگە كەلدى. تارىخنى ئاستىن-ئۇستۇن قىلىۋەتكەن بۇ تارقىلىش- "ھەر مىللەت ئوز ۋەتىنىنى تاپسۇن!" - شۇئارىنى دۇنياغا قايتا ئىلان قىلدى. ئۇ ئەسلىدە ئاللانىڭ قۇرانى كەرىمىدە بار شۇئار ئىدى. ئاللانىڭ ھەر-بىر مىللەتنى ئوخشىمايدىغان تىل بىلەن سوزلىشىدىغان قىلىپ ياراتقانلىقىنىڭ ئوزى - بەندەم سەن ئالدى بىلەن مىللەتچى بول دىگىنىدۇر. ۋەتىنى يوق مىللەت بولمىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى ۋەھشى ھايۋاندىن پەرقسىز خىتايلار تەرىپىدىن بىسىۋىلىندى. خىتاينىڭ مۇستەملىكە تۇزۇمىنى ئۇزۇنغا سوزۇپ، ئۇيغۇرلارنى ھالىدىن كەتكۇزۇش، مىللىتىدىن تاندۇرۇش ئۇچۇن دۇقچىلار جىددى ھەرىكەتلەنمەكتە. “خىتايدىنمۇ بەتتەر ساتقۇن ئىسا يۇسۇپ…” ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى ئەركىن ئىسا بىلەن پەرھات يورۇڭقاش “ب د ت ئىنسان ھەقلىرى يىغىنى”دا: “ئۇيغۇرلار ھۇكۇمەتتىن ئۇمۇدىنى ئۇزدى. ئۇمۇتلىرىنى 20 يىلدىن كىيىن خىتايدا بولىدىغان دىموكراتىك ئوزگۇرۇشلەرگە باغلىدى”دەپ ئىلان قىلدى. بۇ نىمە دەگەنلىك؟ ”كومۇنىزىم ئىتتىپاقى”، “دىنى قىرىنداشلىق” ۋە “ئىنتىرناتسىيول”نى ئاغزىدىن چۇشۇرمەيدىغانلار دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولسا-بولسۇن، ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ تەگى-تەكتى مىللەتچىلىكتۇر. مىللەتچىلىك ئىنساننىڭ قەنىدا، جەنىدا ماۋجۇت بولىدىغان تەبى ماۋجۇتلۇقتۇر. ئەرەبىستاننى كورگەنلىكىم ئۇچۇن ئاللادىن باشقا ھەركىم ئۇستىدە كوز-قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشىتىن چىكىنمەيمەن. بىر ئۇيغۇر ئۇچۇن مىللەتچىلىك - ئۆزى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەتزىنى قوغداشتۇر. (1998. فرانكفۇرت ) تۇزۇتۇپ قايتا ئىلان قىلىندى Atalghulargha Izahat (II Qisim) Millet we Milletchilik Millet- melum bir Millet. Mesilen: Ros, girman, Uyghur... Qatarliqlar. Millet bizge erepche "Milliyyet" tin kelgen. Milletler ara - intérnatsional- beynelmilel. Milletchilik- 1789 diki firansiye (parij) inqilawi bilen teng dunyagha tiximu yiyildi. Herqaysi döletlerdiki siyasi gorohlarning Milletchilik heqqide oz noxti-nezerliri bolsimu, butun loghatlarda menasi eng chushunushluk, iniq bolghan Soz "Milletchilik" tur. Milletchilik - özi tewe bolghan Milletning menpetini qoghdash dimektur. "Men Uyghurning xaqani" - Oghuzxan, "Egme-Oyning egmisi" -Maxmut Qeshqiri, "Awtonum Rayunda men, Ros emes, ya En'gilis "- Nurmemet Orkishi, "KOyunup halinggha Oyghatsam sini, anglimaysen zadi nime bolghining?" - Abduxaliq Uyghur. "Hichqachan Adem yingilmes wehshi dushmen aldida"- Nim shehit largha oxshash yene minglighan Millitim Uyghur dep otkenler Uyghurlarning Milletchi Pir-ustazliridur. Allagha eng sadiq Uyghur bendiliridur. Bugunki "Millet" digen Soz Islamdin ilgiri tilimizda "Xelq" idi. Xelq-Sozi tilimizda yene xelq, xeq, qaliq, qalq, xaliq depmu atilidu. Xeliq "qaliq" tin kelgen. Qedimde uch tal yaghachni chitip yasalghan kepe Oy - "qaliq" dep atalghan. Belgilik yer-tupraqlarni Oy tutup qalghan, mueyyen ziminni yurt-weten tutqan, "qaliq"larda yashaydighan, tili, dili, qini, adetliri bir bolghan Uyghurlar Uyghur qaliq (xeliq)laridur. Bugunkisi bOyiche Uyghur Millitidur. Dimek xelq, Qaliq, Xaliq, xalq, Millet -digenler tengdash menagha ige Isimlardur. Bu yerde xeliq Sozidiki "li"din ayrilip "Xeq" bolop qalghan bir Sozmu bar. U qarshi jins, Yat, Ayrilghan, qarshi terep, Selbi shexs, Dushmen Millet Menaliridimu kilidu. Mesilen: Satqun Xeq, Erxeq, Xotunxeq, Yatxeq, yawuz xeq, Xeqning Yeri, Xeqni bozek qilish… qatarliqlar. Bu heqte Uyghur Millitining menpetini qoghdaydighan Tetqiqatchilirimiz, Tilshunas, Tarixshunas, Uyghurshunas Ediplirimizge mohtajbiz. Ordu Tarixchiliri. Orda Shairliri, Orda Qelemkeshliri Qurban Weli, A, P, H,G, O .....Qatarliqlar Uyghurlarning Neslini xitaygha Baghlashqa urunup kop aware bolushmaqta. Mexsetliri- Uyghurlarning Xitay Mustemlikisidin qutulup, Wetenini , Dolitini Qoligha Elishtiki Engushteri - Uyghur Kimlikini Yoq qelishtur. “Millitimiz Turk, Dinimiz Islam, Wetinimiz Sherqi Turkistan” qatarliq Radikal Shuarlar bilen Uyghur kimlikimizni Xelqarada Yoqutush uchun 1994-yili Turkiye Gizitide: “ Men Uyghurlargha wakaliten, Intayin Mediniyetlik hem Kuchluk Chin (Xitay)Milliti bilen qoshulup ketish (Xitay beriliki)ni qobul qilimen” - dep ilan qilghan “Isa Begchi” “DUQ keshler” ning Qumandani Erkin alptikindur. Aldi bilen Xitaygha, Turkiyege chiqip Isa Yusupke, Erkin altikin, Jelil qarim, Rabiye Qarim…largha qelemkeshlik qilghan Perhat memet(Yorungqash, M.sayrami…)teripidin , DUQ Teshwiqat wastilirida Xitay Birliki Ustuluqi bilen “Chin Turkistan”, “Chin Fidratsiyoni”, “ Jung xa Lenbang”, “Yuksek Awtonumiye” qatarliq Edibi Atalghular bilen pedazlanghan. “Biz Uyghurlar Musteqilliq telep qilmaymiz”. “Men Jung Go (xitay)Xelqining Erkiniliki (Dimokrrtiyesi) uchun Koresh qilidighan Yolni Talliwaldim”-dep Ilan qilghan Uyghur Millitining Satquni , DUQning qorchaq Reisi, Uyghurlarning satqun Anesi Rabiye Qadirdur. Bular “Millitimiz Turk, Dinimiz Islam, Wetinimiz Sherqi Turkistan” dep Waqirashqan idi. Emdilikte ularning Milliti Uyghur emes, Turkmu emes- Xitay bolup qaldi-ya?! Mana bu Ularning qanchilik derijide Yalghanchi Ikenliki, Qanchilik Derijide Uyghur we Turk Dushmenliri Ikenlikining Ispati. Mana bu ularning Satqun Epti-Beshirisi! Insanlar, Ademler, Millet emes, belki xelq dep atilidu. Komunizim ghayisi aldi bilen Milletlerni, Doletler we Wetenlerni yoqutup Kelguside Kominizimni emelge ashurush idi. Sowetler Ittipaqi Bu saxte Komunizimdin yandi. Qanche Onlighan Dolet we Milletlerning Musteqilliqini Gorbachow arqiliq Ilan qildi. Xitay Bolsa Uyghurlarning musteqilliqini Ilan qilmasliq uchun "Xitayche Sotsiyalizim" ni Ilan qilmaqta. Sotsiyalizim, Komunizimni "xitay birliki-jungxa fidratsiyuni" we Dunyani birlikke kelturushke“ ning Wastisi qiliwalghan xitay Sotsiyalizim Lagiridiki her-Qaysi Doletlerni aldap honeri Ishqa ashmidi. Xitay Ozining Milli menpeti uchun Irqchiliqtin iship ketken xitayche haywanizimning Sotsiyalizim-kominizim bilen hich alaqisi yoq. bu Maqale Milletchilikni Tema Qilghan. Sherqi yawropada ichilghan bir qitimliq Sotsiyalizim Lagiridiki Doletlerning yighinida xitay Wekilliri:"kominizim Lagiri kapitalizim Lagirigha qarshi urush ilan qilishimiz kirek. Bu urushta sotsiyalizim lagiridin Yirim Nopos chiqim bolosh Bedilige , butun Dunyada Sotsiyalizim emerge ashidu” dep otturigha chiqqan . Olmey qalidighan Yerim Noposning Xitay Milliti Ikenlikini Sezgen Sotsiyalizim Lagiri Tedriji Tarqaldi. Yene bir qitimliq yighinda xitaylar:"Sotsiyalizim-kominizim tuzumi Millet Ayrimaydu, Adaletni yaqlaydu. Sotsiyalizim Lagiridiki artuq Tupraqlarni her-qaysi Doletlerdiki Noposqa qarap, qayta teqsim qilish kirek..." Dep Joyligen. Mikmaxun Siziqida, Ussuri deryasida, Vitnam chigrasida Artuq tupraqlarni qayta teqsim qilish uchun “Yer islahati” ilip barghan xitaylar ighir meghlubiyetke uchridi. Wetinimizde 3 miliyon'gha yiqin esker toplap sowitler ittipaqi arqiliq dunyagha yurush qilish Harpisida Amirika-Sowit otturisda yiqinlishish peyda boldi. Roslar Awghanistandin chikinip chiqti. Gorbachow "Sowitler'ittipaqi"ning Tarqalghanliqini Ilan qilishtin Bir nechche Kun burunla Bishkekte America Konsulxanisi echildi. Qirghizistan musteqilliqni ilan qilishtin burunla amirika qirghizistan bilen diplomatik munasiwet Ornatti. Qeshqerge Yuz kilomitir Yeraqtiki Qirghistangha, Qazaqistangha, Uzbekistangha Rosiye, Amirika Herbi Baziliri Orunlashti. Kuchluk Milletler oz menpetlirini qoghdash uchun ajiz Milletlerge yardem birishke mejbur bolmay qalmaydu. Bizmu uni Insanperwerlik dep chushinishke mejbur biz. Uyghurluqtin chiqip ketkende uni hergiz chushinelmemiz. “Dunya Kapirlirigha qartshi jehat”qa chiqip America we Rosiyening Rakitalirida Partilap olimiz. … Nezerbayiwning Erebistan ziyaritidiki TV pirogrammisi Isimde turuptu. Hejge birip turup Qalghan Qazaq ,Uyghur, Tatarlar kop hayajanlan'ghan idi. 40 yil Eribistanda yashapmu Erep Millitining Pasport bermiginige qarimay - ilan qilin'ghan Musteqilliqni " Allaning Karameti", "Mojize", "Teqdir-Pishayne","Qismet"ke taqap sozligen beziler yaqilirini chishlep qilishqan idi. Bularni yizishtiki meqstim Xurapiliqqa patqan Insanlarni Kamsitish emes, Yaki ulargha yaman niyette bolosh emes. Millet, Din, Weten, Erep Pasporti …lar arisidiki Munasiwetlerni ozemningmu Taza ochuq iniqliwilishim uchundur. Herqaysi Döletlerdiki Siyasi Gorohlarning Milletchilik heqqide oz Noxti-Nezerliri bolsimu, Erepche, Engilische, Rosche butun Loghatlarda Menasi eng chushunushluk, iniq bolghan Söz "Milletchilik". Milletchilik - özi tewe bolghan Milletning Menpetini Qoghdash dimektur. Sowitler ittipaqidin nezerbayiwning qazaqistanigha oxshash onlighan dolet qayta tughuldi, yuzligen Millet qayta eslige keldi. Tarixni astin-ustun Qiliwetken bu tarqilish- "her Millet oz Wetinini tapsun!" - shuarini Dunyagha Qayta ilan qildi. U eslide allaning Qurani kerimide bar shuar idi. Allaning her-bir Milletni Oxshimaydighan Til bilen Sozlishidighan qilip yaratqanliqining ozi - bendem sen aldi bilen Milletchi bol diginidur. Wetini yoq Millet bolmighan, Uyghurlarning wetini Wehshi haywandin perqsiz xitaylar teripidin bisiwilindi. Xitayning mustemlike tuzumini uzungha sozup, Uyghurlarni Halidin Ketkuzush, Millitidin Tandurush uchun DUQchilar JIddi heriketlenmekte. “Xitaydinmu better Satqun Isa Yusup…” we uning Warisliri Erkin Isa bilen Perhat yorungqash “BDT Insan heqliri Yighini”da: “Uyghurlar Hukumettin umudini uzdi. Umutlirini 20 yildin kiyin xitayda bolidighan Dimokratik ozgurushlerge baghlidi”dep ilan qildi. Bu nime degenlik? ”Komunizim ittipaqi”, “Dini qirindashliq” we “Intirnatsiyol”ni aghzidin chushurmeydighanlar Dunyaning qeyiride bolsa-bolsun, ularning qiliwatqanlirining hemmisining Tegi-tekti Milletchiliktur. Milletchilik insanning Qenida, Jenida mawjut bolidighan Tebi mawjutluqtur. Erebistanni korgenlikim uchun Alladin bashqa herkim Ustide koz-qarashlirimni otturigha Qoyup bashqilar bilen ortaqlishishitin chikinmeymen. Bir Uyghur Uchun Milletchilik - özi Uyghurlarning Menpetzini Qoghdashtur. (1998. Frankfurt ) Tuzutup qayta ilan qilindi. Menbe: http://www.meshrep.com/wforum/viewtopic.php?t=15092 Axiri III Qisimda DUD Teshkilati Sozchisi Sidiqhaji.MertMusa (Diplom Arxitiktur) info@Uyguria.com malik-u@web.de |
Free forum by Nabble | Edit this page |