ئۇيغۇرلارنى ئازدۇرۇشتا بەسلىشىۋاتقان ساتقۇنلار: ئىسابەگچىلەر ئۇيغۇرلارنى "خىتاي بىرلىكى"بىلەن ئالدىسا، دىنچى موللاملار "قاللا بىلەن ئالدىسا، "بىلىمخۇمار"-ئەركىن سىدىق بىلىم-تەخنىك، تەبى-پەن بىلەن ئالدىماقتا. ____ "تىلىمىزنى توغرا ساقلاپ قېلىش ھەققىدە" ناملىق، ئەركىن سىدىق(بىلىمخۇمار)نىڭ بۇ ماقالىسى ئىنتايىن چۇشۇنۇكسىز بولۇپ، ئۇنى ئوقۇغان ئادەمنىڭ توغرا بىلىمگە ئىگە بولۇشى ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئوزىدە بار ئۇيغۇر ئانا تىلىنى ساقلاپ قىلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. مەسىلەن، ئۇنىڭ بۇ يازغانلىرى نىمە؟ ئۇ قايسى مىللەتنىڭ تىلى؟ مەن چەت ئەلدە ئوقۇغان، ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقىدا بىلىمى بار، ئەمما يۇرتىمىزدىكى ULY توغرىسىدا قارار ئېلىش جەريانىغا قاتنىشالمىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ھازىرچە ULY قارارىغا بويسۇنۇشىنى، ئۆز ئالدىغا ئايرىم ULY تۈزۈپ چىقىپ ئىشلەتمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئۇنداق قىلمايدىكەنمىز، بىز ئۇيغۇر ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ئەمەس، ئۇنى بۇزغۇچى بولۇپ قالىمىز. بىز باش قاتۇرمىساق بولمايدىغان، كۆڭۈل بۆلمىسەك بولمايدىغان، ئىزدەنمىسەك بولمايدىغان نۇرغۇن مۇھىم ۋە جىددىي ئىشلار بار. ئۇيغۇر بىلىم ئىگىلىرىنىڭ ئۆز بىلىمىنى ئىشلىتەلەيدىغان ۋە ئىشلىتىشكە تېگىشلىك ئىشلار ۋە سورۇنلار ئىنتايىن كۆپ. ئەمما، مېنىڭچە يېڭى بىر ULY نى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۇنىڭ بىرى بولماسلىقى كېرەك. بىر قېتىم قارار قىلىنىپ بولغان ئىشنى چەت ئەلدىكىلەر ئۆز ئالدىغا ئايرىم قايتا مۇزاكىرە ۋە قارار قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. بىر ئىش توغرىسىدا ئاخىرى ئۈزۈلمەيدىغان مۇنازىرە ۋە مۇزاكىرە قىلىش بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىسىز. شۇڭا مەن ھەممە ئادەمنىڭ ئۇيغۇرنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، يېڭى يېزىقتا تۈزۈلگەن تور بېكەتلىرىدە ۋە چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا ئالاقىدە بىر تۇتاش ULY نى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىمەن. مىللەت ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشنى ئىستەيدىغان ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن، ھەمدە كەلگۈسىدە چوڭراق ئىشلارنى قىلىشنى نىشانلىغان ھەر بىر ياش ئۈچۈن ULY دەك 32 ھەرپلىك يېزىقنى ئۆگىنىۋېلىش ھېچقانچە ئىش ئەمەس. ئۇ بىر كىشىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن چوڭ نەتىجىسى بولۇپمۇ ھېسابلانمايدۇ. بەلكى، ھازىرقى زاماندا ئۇيغۇر تىلى، UEY ۋە ULY نى پۇختا بىلىش ھەمدە ئۇلارنى توغرا ئىشلىتىش، ئۆزىنى مىللەتپەرۋەر ھېسابلايدىغان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىدۇر. -ئاۋتور ئەركىن سىدىق. _____ ماۋ زى دۇڭ دىگەن خىتاينىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغانلىقىنى ئەسلەپ يازغان "بىلىمخۇمار" خىتاينى " خەنزۇ"، ماۋزىدۇڭ خىتاينى "ماۋ جۇشى(رەئىسى ماۋ)" دەپ ئاتىغان. ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كەلگۇسىدە قىلىدىغان چوڭراق ئىشنى نىمە دەپ كورسەتكەنلىكى تەخىمۇ قىزىقارلىق. "ئانا تىل"دەيىشكە ئاغزىم بارمىدى دەپ ئىقرار قىلغان ئەركىن سىدىق ، ۋەتىنىنى ساقلاپ قالالمىغان ئۇيغۇرلار ئۇچۇن مەخمۇت مۇھىتى، ئەخمەتجان قاسىمى، ئابدۇراخمان ئازات، قۇربانجان خەمىتلەرلەرنىڭ كورسەتكەن يولى ھەققىدە بىر ئىغىز گەپ قىلىشقا پىتىنالمىغان بۇ رەزىل "بىلىمخۇمار" خىتاي تەشۋىقاتى بىلەن چىقارغان نامى ئارقىلىق ئۇيغۇر ياشلىرىنى بىلىم-تىخىنىكنىڭ، تەبى پەنلەرنىڭ خۇمارى- "ئاكادىمىيەچى"لەردىن بولۇشقا, خىتاينىڭ مۇستەملىكە تۇزۇمىنى قوبۇل قىلىشقا چاقىرماقتا. Mertmusa Oghli Azatxumar |
Free forum by Nabble | Edit this page |