"Chetellerdiki IUnqilap Gumanliq"mish-?

classic Classic list List threaded Threaded
1 message Options
Reply | Threaded
Open this post in threaded view
|

"Chetellerdiki IUnqilap Gumanliq"mish-?

DUD Sozchisi
Banned User



"Chetellerdiki IUnqilap Gumanliq"mish-?
- buning Guman qilidighan yeri Barmu?


ئۇئائا توربىتىدە : „چەتەللەردىكى ئىنقىلاپ گۇمانلىق" دىگەن تىمىدا ماقالە ئىلان قىلىنغان.  بۇ قىسقا يازمىنى ئۇئائا توربىتى چەكلدى. دىمەك گۇمانخۇر ئەپەندىمنىڭ كىم ئىكەنلىكى ، ئۇنىڭ نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكى بۇنىڭدىن ئاشكارە. ئۇ بەك كەچ قالغاندەك تۇرىدۇ.

25 يىل بۇرۇن ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇستەقىل بولغان جۇمھۇرىيەتلەردىكى ئۇيغۇرلاردىن، ئاخىرقى جۇمھۇرىيەت ئارمىيەسىدە يەتەكچىلىك رول ئوينىغان يۇسۇپبەك مۇخلىسى ۋە جۇمھۇرىيەتنىڭ سابىق كاتىپلىرى قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى ۋەكىللىرى  1992-يىلى „خەلقارا ئۇيغۇر ۋاقىتلىق ھوكۇمىتى“قۇرۇش ئۇچۇن ئىستامبۇلغا كەلدى.  „ۋاقىتلىق ھوكۇمەت“ قۇرۇلغان بولسا، ئۇ ۋاقىتنىڭ شارايىتىدا دۇنيادا كام دەگەندە نەچچە ئون دولەتنىڭ  ئىتىراپ قىلىشغا ئىرىشكەن ئۇيغۇرلار 40يىل بۇرۇن قۇراللىق تاجاۋۇز بىلەن بىسىلىنغان دولىتىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇپ بولغان بولاتتى. بۇگۇن بىز 500يىلدىن بەرى مۇستەقىل بولۇپ باقمىغان كوسوۋا ۋە كۇرتلەرنىڭ ئىراقتا دولەت قۇرۇپ تۇركىيەگە نىپىت سىتىۋاتقانلىقىنى كورىۋاتىمىز.

„ۋاقىتلىق ھوكۇمەت“ قۇرۇش ئۇچۇن قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئوزبەكىستان ۋە ۋەتەندىن ئىستامبۇلغا كەلگەن ۋەكىللەرنى ئۇ دولەتلەر ۋە روسىيە ئەمىلىيەتتە قوللىغان ئىدى. بىراق ۋەكىللەرنى ئىستامبۇلدا ئىسا بەگچىلەر "ئۇرۇپ ئولتۇرىۋىتىمىز"دەپ تەھدىت قىلغان ئىدى.ئەنۋەرجان : "ئەنگىلىيە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى خالىمايدۇكەن"دەپ ئىسا بەگچىلەرنىڭ ئوسەك سوزىنى تارقاتتى. خىتاي قۇربان ۋەلى ۋە ئابلىكىم باقى، ئەخمەت ئىگەمبەردى ...لەر  خىتاي تەرىپىدىن تۇركىيىگە يوللاندى.ۋەكىللەرنى يىتىم قالدۇرۇپ،  „ۋاقىتلىق ھوكۇمەت“ قۇرۇش پىروگراممىسىنى تارمار قىلىشتى. سابىق دۇق ساتقۇنلىرى سەھنىگە چىقتى. ئۇلارنىڭ خايىنلىقى ھەققىدە قارشى پىكىر قىلغانلارنى : " گۇمان ئىماننى قاچۇرىدۇ"دەپ دىنچى موللاملار ئىسلامنى قالقان قىلىشتى. دۇق 25 يىلدىن بىرى ساتقۇنلۇق، خىيانەت ۋە قويمۇلۇق قىلىپ كەلگەننى بىلمەيدىغان  ئۇيغۇر ئاز بولسا كىرەك. 25يىل ئوتۇپ ئەمدى "گۇمان"قىلىشقا باشلىغانلار دۇق دىن ئوزىنى تارتىشقا باشلىغانلاردۇر. "تازنىڭ ئەقلى چۇشتىن كىيىن"دىگەن گەپ بار.