Banned User
|
DUQ , Rabiye we Turkiye Wizisi DUQ Erkin isa we Rabiye Qadirlarning Uyghur qatilliri ikenlikini Pashqilghan bu maqale 2012 -yili mezkur torbette ilan qilinghan. kona yeziq nusqisi qoshup qoyuldi. رابىيە ياپونىيەدە: " تۇركىيە باشباقانى ئەردوغاننى بىزنىڭ باشپانايىمىز"دەپ ئىلان قىلىپ ئەتىسى يەنە تۇرك ئاخباراتىغا :"تۇركىيەنىڭ مەنى چىگراسىدىن كىرگۇزمىگەنلىكىگە نارازىمەن. كوپ يىغلىدىم... قاتارلىقلارنى دىگەن. ئۇيغۇرلارنى روس، قازاق، قىرغىز ئۇزبەك، ھىندى، ۋە مۇڭغۇل قاتارلىق بىۋاستە بىر-تۇققان خوشنىلىرىدىن يۇز ئورۇشكە كۇشكۇرتۇپ كەلگەن ئارىمىزدىكى خىتايدىنمۇ بەتتەر ساتقۇن ئەياس يۇسۇپ ۋە ئەركىن ئەيسالار ئىدى. ئۇلارنىڭ كوزۇرى دۇق رەئىسى ساتقۇن رابىيە يۇقارقى سوزلەرنى ئامەرىكىدىن ئوكىيان ئاتلاپ ياپونىيەدە سوزلىمەكتە. تۇركىيەنىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىللىقى مەسىلىسىدە تۇتقان پوزىتسىيەسى خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادى ھەمكارلىق ۋە كۇرت مەسىلىسىگە باغلىق. خىتاي: "ئەگەر تۇركىيە دولىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇنۇشىغا ياردەم قىلىدىغان بولسا بىزمۇكۇرتلارغا ياردەم قىلىمىز"دەپ ئىلان قىلغانغا يىللارچە بولدى. تۇركىيە ھوكۇمىتى ئامەرىكادىن كىيىن ئۇيغۇرلارنى كوزۇر قىلىپ ئويناشقا باشلىدى. 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى باشلىنىپلا تۇركىيەنىڭ مىللى ئىستىخپارات تەشكىلاتى "مىت"نىڭ بىر خادىمى رابىيە باشلىق خىتاي چاڭگىلدىكى بىر ئۇچۇم ئۇيغۇرلارنىڭ تۇركىيە ئىچىدە قىلىشقان ئالاقە، سوھبەت ۋە ئۇچۇرلىرىنى ئوزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنى ئىچىدىكىلەر بىلەن قىلىغان "ئۇچۇر ئالاقەسى"دەپ ساختىكارلىق قىلغانلىقىنى گىزىتلاردا ئاشكارە ئىلان قىلغان ئىدى. ئەركىن ئالپتىكىن ۋە رابىيەلەرنىڭ خىتاي قولىدىكى كوزۇرلىرى ھەققىدە پاكىتلار ئىلان قىلىندى. ئۇ مىت خادىمى ۋە تۇركىيە پارلامەنتىنى ئۇيغۇرلار ھەم رابىيەگە ۋىزا بەرمەسلىكتىكى سەۋەپلەر ئىلان قىلىشقا قىستىغان مەرھۇم مۇخسىن يازىچى ئوغلىنىڭ "توساددىن پاجىئەسى" بىلەن يوقاپ كەتتى. خىتاي ۋە تۇركىيە ئارىسىدا يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار موكىدەك قاتراشقا باشلىدى. 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىدا تۇركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى گۇل ئەپەندى خىتايدا ئىقتىسادى توختام ۋە قەرىز پۇلغا ئىمزا قويۇۋاتاتتى. تۇركىيە ئاخپارات ۋاستىلىرى نەق بىر سوتكا بويىچە قىرغىنچىلىق ھەققىدە خەۋەر بەرمەي سۇكۇتتا تۇرىۋالدى..... "بىز ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايمىز"دىگەن ساتقۇن خوتۇنغا تۇركىيەنىڭ ۋىزا بىرىشى ھەققىدە كەسكىن ئىختىلاپلار ماۋجۇت. تۇركىيەدە "دولەتنى پارچىلاش" بىلەن شۇغۇللۇنىۋاتقان پكك نىڭ كۇرت ۋەكىللىرى پارلامەنتقا كىرىپ بولغانلىقىنى ئۇنۇتماسلىق كىرەك. كۇرتلەرنىڭ 30 يىلدىن بىرى تۇركىيە ۋە دۇنيادا ناھايىتى زور ئىقتىساد ۋە سىياسى ئاساسى ماۋجۇت بولماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىن-بىر ئىقتىسادى ئاساسى بولغان ئىستامبۇلدىكى "ۋەخپى"نى ئەركىن ئەيسالار "دادىمىزنىڭ مۇلكى دەپ يەپ كەتكەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر ئىنىق. تۇركىيەدىكى بىر سىياسى پارتىيەنىڭ لىدەرى كامالاك ئەپەندى ئامەرىكا تۇركىيەنىڭ پكك نى باستۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارە ئىلان قىلدى.... خىتاينىڭ ئۇيغۇرلانى قانلىق باستۇرۇشىغا دۇنيادا ھىچكىم توسقۇنلۇق قىلغىنى يوق. چۇنكى رابىيە، ئەركىن ئەيسا ۋە دولقۇن ئەيسالار چاقىرىپ كەلگەن 5 خىتاي دۇق نىڭ مىيۇنخىندىكى ئىشاخانىسىدا ئۇيغۇرلارنى دۇنيا ئاخپاراتچىلىرى ئالدىدا "قاتىل"،"تەرورىست"دەپ ئىسپاتلاپ غەلبە قازاندى. بۇ پاكىت تەپسىلاتى ئۇيغۇرلاردىن يوشۇرۇلدى. بۇلارغا ئالما-ئاتا، موسكىۋا ۋە تاشكەنلەردە ئوخشىمىغان ئىنكاسلار بولۇپ كەلدى. رابىيەنىڭ ياپونىيەدىكى سوزلىرى ئۇنىڭغا ۋىزا بەرمىگەن تۇركىيەنى زورلىغانلىق-"قارىغۇنى تار يەردە قىستاش"تىن ئىبارەت. خىتايغا قەسەم بەرگەن بىر خىتاي ئاجانى خوتۇنغا تۇركىيە ۋىزابەرسە ئۇنىڭ ئىپادىلەيدىغان مەناسى بەكمۇ چۇشنۇشلۇك بولۇپ قالىدۇ. مەنپەت ئۇچۇن قوللۇنۇلغان ۋاستىلار ئانچە ئاشكارە بولمايدۇ-خالاس. گىزىتلەردە "تۇركىيە بىلەن خىتاي ئۇيغۇر ۋە كۇرت مەسىلىسىدە تاكاس (تىگىشىپ ئويناش)قىلىشماقتا" دىگەنلەر ئىلان قىلىنغان بۇ ئەھۋالدا رابىيە ئىگە بولىدىغان نەرسە ۋىزا بولماستىن ئۇنى كوزۇر قىلغۇچىلاردىن ئىچى پۇشقان بىر تەرەپنىڭ قىسمەت چاقچىقى بولۇشى مۇمكىن. بۇ تەرەپ خىتاي دەپ قارالماقتا. چۇنكى رابىيە تۇرمىدا قەسەم بەرگەن مەيداندا ئۇيغۇر ساقچى خادىمىدىن بىرىمۇ يوق. ئۇنىڭ 2-قىتىملىق ماشىنا ۋەقەسىگە يولۇقۇشىنى مولچەرلىگەنلەرمۇ بولماقتا. بىراق كوپلىگەن ئۇيغۇرلار رابىيەنىڭ ئوزى "قوينىدا ساقلاپ يۇرگەن" پىچىقىدىن ئەندىشە قىلىشماقتا."قوينىدىكى پىچاق" ئۇنىڭ قوينىغا ئالغان يىنىدىكى ئومەر قانات، ئابلىكىم باقى، ئالىم سەيىت، پەرھات ئالتىدەنبىرلەر دەپ قارالماقتا. رابىيە ئۇچۇن تۇركىيە ۋەئىزىسى خۇددى "نوبىل" مۇكاپاتىدەك بەرمەي ئوينۇتۇدىغان نەرسە. بەرسە ئۇ نىمىگە يارايدۇ؟ نوبىل مۇكاپاتى دىگەن نىمە؟ "تۇركىيە ۋىزىسى" دىگەنچۇ؟ ئۇيغۇرلار ئۇچۇن ئۇلارنىڭ رولى نىما؟ دۇد سوزچىسى س.ھ مەتمۇسا (دىپلۇم ئارخىتىكتۇر) |
Free forum by Nabble | Edit this page |