DUQ ning Tarqilish Uxturushi !

classic Classic list List threaded Threaded
1 message Options
Reply | Threaded
Open this post in threaded view
|

DUQ ning Tarqilish Uxturushi !

DUD Teshkilati Sozchisi

بۇ ئۇختۇرۇش ئۇيغۇرلارنىڭ قاتىللىرى ۋە ساتقۇنلار توپلانغان دۇق نىڭ تارقىلىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ !
ئۇختۇرۇش يالغانچىلىق، ساختەكارلىق، كوز بويامچىلىق بىلەن ئوتكەن يىگىرمە ئۇچ يىلنىڭ داۋامى. ھاقارەتچى، توھمەتخور
ئادىمى ھايۋانلارنىڭ سايلام ئارقىلىق جىنايەتلىرىدىن قۇتۇلۇشىغا يول يوق. بۇ توربەتتىكى پاكىتلارغا قاراڭ !

http://www.weten.biz/showthread.php?311-%D9%89%D8%B2-%D8%A6%D8%A7%D9%84%D9%89-%D9%85%DB%95%D9%83%D8%AA%DB%95%D9%83%DB%95-%D8%A8%D8%A7%D8%B1%D9%85%D8%A7%D9%8A-%D8%AA%DB%87%D8%B1%DB%87%D9%BE-%D8%B3%D9%89%D9%8A%D8%A7%D8%B3%DB%95%D8%AA-%DB%8B%DB%95-%D8%A6%D9%89%D9%82%D8%AA%D9%89%D8%B3%D8%A7%D8%AA%D9%86%D9%89-%D8%A6%DB%87%DA%AF%DB%87%D9%86%DB%87%D9%BE-%D8%A8%D9%88%D9%84%D8%AF%DB%87%D9%82   

http://www.weten.biz/showthread.php?332-quot-DUQ-ning-3-Qurultayi-quot-gha-Lenet-!-%D9%86%D9%89%DA%AD-3-%D9%82%DB%87%D8%B1%DB%87%D9%84%D8%AA%D8%A7%D9%8A%D9%89%D8%BA%D8%A7-%D9%84%DB%95%D9%86%DB%95%D8%AADUQ 


http://www.weten.biz/showthread.php?316-%D9%85%DB%95%D9%86%D9%85%DB%87-%D9%8A%DB%87%D9%82%D8%A7%D8%B1%D9%82%D9%89-%D9%85%DB%95%DA%BE%DB%95%D9%84%D9%84%D9%89%D9%86%D9%89-%D9%83%DB%95%D8%B2%D9%89%D9%BE-%D8%AA%DB%87%D8%B1%D9%89%D9%85%DB%95%D9%86%E2%80%A6%E2%80%9C-%D8%A8%D8%A7%D9%84%D9%89%D9%84%D9%89%D9%82-%D8%AF%DB%95%DB%8B%D9%89%D8%B1 

ئالدى بىلەن دۇق ساتقۇنلىرى يۇقۇرقىلارغا جاۋاپ بەرىشى شەرت !

دۇنيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھەقىقى ۋەكىلى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى "دۇق" تەشكىلاتىدۇر.

DUD Teshkilati Sozchisi
malik-k@web.de
________

ئۇختۇرۇش"نىڭ ئورگىنالى

"ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ توقۇزىنجى  نۆۋەتلىك ئومومى سايلام يىغىنى ھەققىدە ئۇختۇرۇش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم گەرمانىيەدە ياشاۋاتقان ئەزىز قەرىنداشلار،

ئالدى بىلەن يەڭى يىلىڭلارنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، ھازىرغىچە گەرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بىرلىك – ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە تەشكىلاتىمىزنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ تەرەققى قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە كۆرسۈتۈپ كەلگەن پىداكارلىقىڭلار ۋە تىرىشچانلىقىڭلار ئۈچۈن تەشكىلاتىمىز نامىدىن سىلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز !

سىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، گەرمانىيەدىكى پۈتۈن قەرىنداشلىرىمىزغا ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى، 1992 – يىلى گەرمانىيەنىڭ مۈنچەن شەھرىدە قۇرۇلۇپ پائالىيەت باشلىغاندىن بۇيان، گەرمانىيە دۆۋلىتىنىڭ قانۇن – پىرىنسىپلىرىغا قاتتىق ئەمەل قىلغان ئاساستا خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە ۋە گەرمانىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ ئەڭە ئەلىنغان نىزامنامىسىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ھەر ئىككى يىلدا بىر قەتىم دەموكراتىك ئۇسولدا ئومومى سايلام ئۆتكۈزۈپ، تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىك ھەيىتىنى سايلاپ كەلمەكتە.

بۇ پىرىنسىپقا ئاساسەن، تەشكىلاتىمىزنىڭ ئىدارە ھەيىتى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ 19 – نۆۋەتلىك ئومومى سايلام يىغىنىنى 2015 – يىلى 2 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى، شۇنۇڭ ئۈچۈن گەرمانىيەدە ياشاۋاتقان پۈتۈن قەرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ سايلام يىغىنىغا ئاكتىپلىق بىلەن قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ۋىجدانى ۋە مىللىي مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمىز، ئىككى يىلدا بىر ئۆتكۈزىلىدىغان بۇ ئەھمىيەتلىك سايلام يىغىنىمىزغا ھەچقانداق باھا – سەۋەپ كۆرسەتمەي ۋاقتىدا كەلىپ قاتنىشىپ بەرىشىڭلارغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز !

بۇ قەتىمقى سايلام يىغىنىدا، تەشكىلاتىمىزنىڭ يەڭى رەھبەرلىك ھەيىتى دەموكراتىك ئۇسولدا قايتا سايلاپ چىقىلىدۇ، تەشكىلاتىمىزنىڭ نىزامنامىسىغا قىسمەن تۈزىتىش كىرگۈزىلىدۇ، تەشكىلاتىمىزنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا ئىشلىگەن خىزمەتلىرى ۋە ئىقتىسادى كىرىم – چىقىم ئەھۋالى ھەققىدە سىلەرگە قىسقىچە دوكلات بەرىلىدۇ.

ئۆزىنى تەشكىلاتىمىزنىڭ ئەزاسى دەپ تونۇغان ۋە گەرمانىيەدە قانۇن يەشىغا توشقان ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ بۇ قەتىمقى ئومومى يىغىندا سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقوقى بار.

ئەزىز قەرىنداشلار، سىلەرگىمۇ مەلۇم بولغىنىدەك، گەرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىۋاتقان < Yawropa Sherqiy Türkistan Birliki > تەشكىلاتى بولسا، غەرىپ دۇنياسىدا، جۈملىدىن ياۋروپادا قۇرۇلغان تۇنجى ئۇيغۇر تەشكىلاتى بولۇپ، ھازىرغا قەدەر بۇ تەشكىلات، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر داۋاسىنى دۇنياغا، جۈملىدىن ياۋروپا ئەللىرىگە تونۇتۇش جەھەتتە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپلا قالماستىن، يەنە، < Dunya Uyghur Yashliri Qurultiyi >، < Sherqiy türkistan ( uyghuristan ) milliy qurultiyi > ۋە ھازىرقى < Dunya Uyghur Qurultiyi > قاتارلىق مەركىزى تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ قۇرۇشىدۇ تۈرتكۈلۈك موھىم رول ئوينىغان ۋە بۇ قۇرۇلتايلارغا ساھىپخانلىق قىلغان ئىدى.

يەنە شۇنداقلا تەشكىلاتىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى، نۆۋەتتە گەرمانىيەدە ياھساۋاتقان مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ بۇ دۆۋلەتكە كەلىپ يەرلىشىپ قەلىشىغا ۋەسىلە ۋە تۈرتكە بولغان ئىدى.

دىمەك، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى، پۈتۈن گەرمانىيەدە ياشاۋاتقان قەرىنداشلىرىمىزنىڭ ئورتاق ئايىلىسى بولۇپ، ھەممىمىز بىر نىيەت ۋە بىر مەقسەتتە بۇ ئايىلىمىزگە ئىگە چىقىشىمىز، ئۇنۇڭ تەرەققى قىلىشى ۋە زورۇيىشى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسۈتىشىمىز، ئۇنۇڭ شان - شەرىپى ۋە ئىناۋىتىنى قوغدىشىمىز،بۇ ئايىلىمىزنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان، بۆلۈدىغان، پارچىلايدىغان ۋە جامائەت ئىچىدىكى ئوبرازىغا سەلبى تەسىر كۆرسۈتىدىغان پۈتۈن سۆز – ھەرىكەتلەردىن ئۇزاق تۇرۇشىمىز، بۇخىل يامان نىيەت ۋە ھەرىكەتتە بولغۇچىلارغا كوللىكتىپ ھالدا دەل ۋاتىدا تەگىشلىك ئىنكاس قايتۇرۇشىمىز لازىم !

ئىشىنىمىزكى، گەرمانىيەدە ياشاۋاتقان قەرىنداشلىرىمىز بۇندىن كەيىنمۇ ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ يەنىمۇ تەرەققى قىلىشى ۋە گەرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىناق – ئىتتىپاقلىقىنىڭ تەخىمۇ كۈچۈيىشى ئۈچۈن تەگىشلىك ھەسسە قوشقۇسى !

2015 – yili 2 – ayning 1 – küni ( yekshenbe ) saet 13:00

Saylam yighinining orni :
Einewelt Haus, Schwanthalerstr .80, 80336 München (Üst qewettiki Zal)
Hörmet we ehtiram bilen :
Yawropa sherqiy türkistan birliki teshkilati idare heyiti namidin

Enver Can :
_____

ئۇختۇرۇش ھەققىدە پىكىر ۋە كوز-قاراشلىرىڭىزنى تاشلاڭ