04-10-12، 02:38 #7 ئۇنرەگىستەرەد گۇئەست دەفائۇلت ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە ئۇيغۇر ئەدىبى تىلىدا "دەيمىنا" دىگەن سوز يوق.سىز ئەسلىدە "دەيمەن - ھا" ياكى "دەيمەن - ھە" دىمەكچى بولسىڭىز كىرەك. بۇلارمۇ دىققەت قىلىنسا بولىدىغان ئىشلار. خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدا تىلىمىزنىڭ ساپلىقى بۇزۇلدى. ئوز-ئارا بىر-بىرىمىزنىڭ يازغانلىرىمىزدىن مەمنۇن بولمىغانلارنىڭ كوڭلىنى چۇشۇنۇشكە بولسىمۇ، بىراق قەستەن تۇك چىقىرىپ، تاپا-تەنە قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقانلار بىلەن ھەر-كىم _ ھەممىمىز ئاسمان يىقىلىشىدىن خەۋىرىمىز يوق ئۇخلاۋاتىمىز-ئالدىنىۋاتىمىزغۇ؟ ئوزىنى „ئاساسلىق، موھىم تەشكىلات“دەۋالغان دۇق نىڭ باياناتچىلىرى دىلشات ۋە ئەلشاتلار ئۇيغۇر ئانا تىلىنى بىلمەيدىغان مىيىپلار تۇرۇپ قانداقسىگە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن „بايانات“لار ئىلان قىلىدۇ. ۋە باياناتلارنى خىتايچە يىزىقتا ئىلان قىلىدۇ؟ ئۇيغۇر ئانا تىلىنى دەپسەندە قىلىپ خىتايچە كالدىرلاپ، چاچى-پاچىلارنى يىزىۋاتقان باياناتچى مەلئۇنلارغا دەيدىغان گىپىڭلار يوقمۇ؟ ئۇلاردىن تۇك چىقمامدۇ؟ گەپ بۇنىڭدىلا ئەمەس. ئۇلار نىمە ئۇچۇن خىتاي سوزلىيەلمىگەنلەرنى خىتاي ئۇچۇن ئارىمىزغا كىرىۋىلىپ سوزلەيدۇ؟ ئۇلارنى كىم خىتايدىن بىۋاستە دۇق غا يوللىدى؟ ئۇلارنىڭ تۇكىنى يىتىشىغا سىلاپ يۇرىۋىرەمسىلەر؟ دۇق نىڭ سابىق ۋە ھازىرمۇ ئەمىلى رەئىسى( رابىيە قادىرنىڭ باش سىياسى مەسلىھەتچىسى ) ئەركىن ئەيسا :“مەن ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن خىتاي بىرلىكىنى قوبۇل قىلىمەن“دەپ تۇركىيە گىزىتىدە 1994-يىلى ئىلان قىلغان ساتقۇن باياناتى بىلەن بۇتۇن دۇنيا ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارنى مۇستەقىللىق تەلىۋى يوق مىللەت دەپ تونىماقتا. بۇنى ھىچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. ئۇنىمۇ ئاكىمىز دەپ يۇرىۋىرەمسىلەر؟ دۇق نىڭ قورچاق رەئىسى ساتقۇن رابىيەمۇ ئىتالىيەدە : „بىز ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايمىز“دەپ ئىلان قىلدى. ئۇنىمۇ ئانىمىز دەپ يۇرىۋىرەمسىلەر؟ ئۇلار بۇ ساتقۇنلۇقلەرنى ئىلان قىلغاندىن كىيىن خىتاي 5-ئىيۇلدا قەستەن قىرغىنچىلىق ئىلىپ باردى. مۇستەقىللىق تەلىۋى بولمىغان خىتاي ئىچىدىكى بىر مىللەت –ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىشى، قىرغىن قىلىنىشى خەلقارا قانۇنلاردىلا ئەمەس ئوقۇمىغان ئىنسانلارنىڭ قارىشىدىمۇ خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى بولۇپ ھىساپلانمامدۇ؟! ساتقۇنلار كىم؟ ئۇيغۇر خەلقىمۇ؟ ياكى " مەن ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن" دەپ ئۇيغۇرلارنىڭ نامىنى سۇيىستىمال قىلىۋالغان، 60 يىلدىن سەھنىدىن چۇشمەيۋاتقان „ئارىمىزدىكى خىتايدىنمۇ بەتتەر ساتقۇن ئەيسا يۇسۇپ، مەسۇت سابىرىلار …“ ۋە ئۇلارنىڭ زامانىمىزدىكى ۋارىسلىرى ئەركىن ئەيسا، پەرھات يورۇڭقاش(م.سايرامى)، قۇربان ۋەلى، ئابلىكىم باقى، رابىيە قادىر، س.روزى، ئومەر قانات نەبىجان، دولقۇن ئەيسا، دولقۇن قەمبىرى ، نۇرى تۇركەل…. قاتارلارمۇ؟ بۇلارنىڭ تەرجىمە ھالى قانداق؟ بۇلار كىملەر؟ بۇلار خىتايدىن قانداق قىلىپ ، قىينالماستىنلا دۇق، رفا، ئۇئائا لارنىڭ ئادەرىسىنى ئۇدۇللا تىپىپ كىلەلىدى؟ مىلىيۇنلىغان شەھىتلەر “بىز ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن خىتاي بىرلىكىنى قوبۇل قىلىمىز“، „بىز ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايمىز“دەپ جانلىرىنى قۇربان قىلغانمۇ؟! سىلەر ئادەممۇ؟ شەيتانمۇ ياكى زادى نىمە سىلەر؟ 1992-يىلى „ئىستامبۇل قۇرۇلتايى“غا بىر ئاي قالغاندا ئابلىكىم باقى خوتۇن-بالا-چاقىسى ۋە ھەتتا بالا باققۇچىسى دىدەك قىز بىلەن ئىستامبۇلغا كىلىپ „ۋاقىتلىق ھوكۇمەت قۇرۇش لاھىيەسى“نى تارمار قىلىش ئۇچۇن ئۇرۇمچىدىن خىزمىتىنى ئىستامبۇلغا ئالماشتۇرۇپ مىڭ دوللارلىق مۇئاش بىلەن باش كاتىپ، قەلەمكەشلىككە ئورۇنلۇشالىدى؟ قۇربان ۋەلى قانداق قىلىپ ئامەرىكىدىن ئوغۇرلۇقچە ساختە چىقىش رەسمىيىتى بىلەن ئىستامبۇلغا كىلىپ ساتقۇنلارغا ھەمكارلىشىپ غەلبە قىلغاندىن كىيىن ئامەرىكىغا كىرىش ۋىزىسى بەرمىگەن ئامەرىكا كونسۇلى بىلەن قانچىلىك ئاۋارە بولدى؟ ئۇنىڭ ئامەرىكىدىن ئالدىراپ قاچاق ۋە قانۇنسىز چىققانلىقى نىمە ئۇچۇن ئىدى؟ پەرھات يورۇڭقاش ۋە ئۇمىت ئاگاھىنى گەرمانىيەگە كىم ، نىمە ئۇچۇن قاچاق ئىلىپ كەلدى؟ ساتقۇنلارنىڭ ئەسكى پايپىقى موشۇيەردىن سوكىلىدۇ. قىنى سوكەيلى. شۇندىلا ئۇيغۇر تىلىمىزنى قانداق ئومۇملاشتۇرۇش، ساپلىقىنى قوغداش ئۇچۇن كاللا قاتۇرساقمۇ كىچىكمەيمىز. كاللا كىتىۋاتقاندا "قۇلاق"نى قوغدىغانلىق ئاخماقلىقمۇ؟ نادانلىقمۇ؟ ساراڭلىقمۇ؟ قايسىگە تەۋە سىز قىرىندىشىم؟ كىچىك ئىشلارنى دايىم ئوقۇرمەنلەرگە يوغان كورسۇتۇپ دىققەتلەرنى بۇراپ، ساتقۇنلۇقلىرىنى يوشۇرۇدىغان يامان غەرەزلىك ئالدامچىلارنىڭ شۇملۇقى. سىزمۇ ئۇلارغا تەڭ –شىرىك بولسىڭىز ئاقىۋىتىڭىز ئۇلاردىنمۇ بەتتەر بولغۇسى. دۇد تەشكىلاتى رەئىسى ئۇيغۇر ئارخىتىكتۇر . سىدىقھاجى. مەتمۇسا فرانكفۇرت م گەرماني ********* yuqurqi maqale 3 yil burun yizilghan idi. "Ey ziyu" ular heqqide nime uchun ighiz achmaydu? maqale menbiyi: http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?29652-quot-Uyghur-quot-digan-isimni-toghra-yaz!!! |
Free forum by Nabble | Edit this page |