Gorbachov Mustapa Kamal Ata Turk Heqqide

classic Classic list List threaded Threaded
1 message Options
Reply | Threaded
Open this post in threaded view
|

Gorbachov Mustapa Kamal Ata Turk Heqqide

DUD Sozchisi
Banned User


Teshkilatimizning yuzlerche heqsiz Terjime maqalesi bilen inkas we bahalar Xitay kontirolliqi astidiki UAA toridin ilip Tashlanghan. siz tashlimay oqung.

Bir Turk Jornalist towendikilerni xewer qilidu:
 
„Dunya transiportchilar birligi teshkilati“ning 31-inchi kongresi munasiwiti bilen istambulgha kelgen Mihayil Gorbachhow ning sozligenliri mundaq:

"Ustilimge ataturkning bir parche suritini qoyghanmen. Turkiyediki xotun-qizlargha ayit ishlargha eqlim yetmigende uning bilen sozleshkendek bolimen, uning digenliri yadimgha kilidu. U bekmu uzaqni koreligen lider iken“. Bu- 20- esirge tamghisni urghan iki liderdin birining bashqa birsi uchun sozligenliri.Gorbachhowning Tarixi ehmiyetke ige sozliri towendiki timilarda dawam qilidu:

 *  Amerika  emdi derijidin tashqiri kuch emes 
 
Derijidin tashqiri kuch soghuq urush dewrige ayit kelime idi. Amerikining lider dolet bolalishi mumkin bolsimu, emma Xelqaradaemdi heywiti qalmidi.  Amerikiliq dostlirimiz ozliriche heywe qilidighan bolop qaldi. Kuchini korsetkusi kelip turidu.Emma bugun hich bir dolet uninggha pisent qilmaydighan bolop qaldi. Amerikaliqlar otmushtekige oxshash emdi dunyani bashquralmaydu.Dunya ozgerdi.

*  Rusye mesilisige aldirap kitishti

Rusyaning dunya siyasitide hich bir roli qalmighanliqini sozleshti. Bularni sözligenlerge "aldirap ketmeng" didim. Rusye qiyinchiliqlarni yengdi. Putin rosiye doletini yeltsinning paturghan patqaqliqidin tartip chiqardi. Rusye uchqandek ilgirlimekte. Uning pirizdint bolup saylan'ghanliqi roslar uchun bek yaxshi boldi. Rosiye emdi her kim uchun ishenchlik Shirikke aylandi. Pristroykada yardem qildinglar. Biz turkiyeni unutalmaymiz. Ighir kunlerde bizge yardem qildi. Ruslar turk karxanichilirini Tallidi. Ularning yardimlirini unutalmaymiz.

*  Dunyani ozgertiwetken tunji uchrushush

Bireylenning : „ siz dunyada bek mohim rol oynudingiz“ digen sozige:
- “Shexsi rolumgha qarita kop suallirim bar.“ Dep jawap bergen gorbachow mundaq deydu: 80-yillarning otturigha kelgende yingiliqchilar we Ozgertish tereptarliri (1) rehberlik qatlimida wezipe aldi. Sowitler ittipaqi bilen amirika arisidiki eng axirqi sohbettin 6Yil kiyin 81-yili Jenwede Ronald Rigan bilen uchrashtuq. Pikirler ustide tartishtuq, bir-birimizni bilshke tirishtuq. Uchrushushtin Kiyin uni qandaq chushen'genlikimni sorashti, men:
 
- Dinozorning neq ozi didim. u mini "Newsweek" Gizitide “ Tash kalla Kominist-Bolshiwik iken" dep yazghan idi. Ish moshundaq bashlandi. Kiyin toxtimastin bir-birimizni algha surduq. Uning bu bahasigha qizighan bolsaq, biz buyerge kilelmeytuq. Dunya yingiliqqa teyyar idi.

*  Talibanni Amerika yitishturdi

Biz afganistandin chikin'gende "bu dolet biterep qalidu" dep toxtam imzaliduq. Epsuski bu chaghda amirika talibanni hazirlap bolghan iken. Bizning chikinishimiz bilen teng herketke otti. Emdi talibanni yoqutushqa uriniwatidu. Amrikiliqlar hich yingiliq yaratmidi.

Biz komunizimni ikisport qilimiz dep yingilduq. Peqet komunizimla heqiqet dep bilip yingilduq. Emma bek kop ozgurushler yarattuq, Sanashqa on barmaq yetmeydu. Amrikiliqlar hich yingiliq yaratmidi. Yaritishqa bashlisa barmaqlar yetmeyti. Amerika iraqtin chiqishi kirek.Buning uchun biz yardem qilishimiz kirek.

*  Islam bilen Teror bir emes

Islam mesilisi dunyadiki eng mohim mesile. Dunyada bek zor bir Islam jemaiti bar. Bu insanlarning dewir ihtiyajini chushinishi we siyasi qararlar ilishliri kirek. Amma men Islamni Teror dep tonutushqa qarshimen. Musulmanlarni Teror bilen bir Dep qarash xalqqe nisbiten hormetsizliktur. Biz uchun  musulmanliq- rusyeni berpa qilghan iki dinning biridur. Kunluk hayatta patiparaqchiliqlar chiqishi mumkin, emma uni xelqaralashturush Axmaqliq.

Bizning yawrupa bilen munasiwetlirimiz yaxshi, biraq turkiye yawropa ortaq gewdisige eza bolimiz dep kop aware boliwatisiler. Eslini alghanda rusya bilen turkiyening perqi yoq. Oxshashliqlirimiz kop. Ish birligimiz saghlam bolsa, buning asiya we aq dingiz rayunighimu paydisi bolidu.(2)

Menbe: Hurriyet Gizti. Awtorning elxet Adresi: ftinch@hurriyet.com    

Terjime qilip yollighuchi
DUD Teshkilati Sozchisi
Sidiqhaji. MetMusa (Diplum Arxitiktur)
info@uyguria.com  
malik-u@web.dem
_______

Terjimandin: bu maqale UAAdin ilip tashlanghan.
 
“80-yillarning otturigha kelgende yingiliqchilar we Ozgertish tereptarliri” bilen
“Bizning yawrupa bilen munasiwetlirimiz yaxshi, biraq turkiye yawropa ortaq gewdisige eza bolimiz dep kop aware boliwatisiler. Eslini alghanda rusya bilen turkiyening perqi yoq. Oxshashliqlirimiz kop. Ish birligimiz saghlam bolsa, buning Asiya we Aq dingiz Rayunighimu paydisi bolidu”.

 Gorbachowning Tarixi ehmiyetke ige bu sozliri bolupmu bu mezmunlar eqil igisi bolghan her-kim uchun dewir bolguch sozlerdur. 20 yil burun meydangha kelgen Roslarning yingiliqchiliri we Islahat Tereptarliri bilen cheteelerdiki Uyghurlarni silishturush bekmu ehmiyetlik. Biz Roslardin chushenje -pikir islahati jehette 20 yil emes 1020 yil arqida qalDUQ.

Islamda qobul korulmeydighan Wahabiliq bizde tiximu tereqqi qilmaqta. Talibanlardinmu arqida qalDUQ. Bular xitay we sabiq DUQ, RFA; UAA, ETIC lerning kattebashliri Oynighan oyunlarning aqiwiti.

Realliq Rehimsizdur! 1020 yil ilgiriki xurapiliqlarning menbi ozlirini "Asasliq , mohim, merkizi" teshkilat atiwalghan DUQ, RFA, UAA we ETIC lerni changgiligha iliwalghan xitaydin bolghanlardur. bugun Resmi we chushnuksiz halda DUQ din Mejburi we ixtiyariliqi bilen ayrilghan, Istipa berishke mejbur bolghan "Babur Jasus", Memet Toxti, Perhat altidenbir(Muhemmidi, yorungqash, M.sayrami), D,T ler DUQ ning Tarqilishining bashlinishi. mahiyiti ozgermigen, adem almiship, satquluqlar dawamlishidighan yingi "DUQ" ning bashlinishidur.

تەشكىلاتىمىزنىڭ يۇزلەرچە ھەقسىز تەرجىمە ماقالەسى بىلەن ئىنكاس ۋە باھالار خىتاي كونتىروللىقى ئاستىدىكى ئۇئائا تورىدىن ئىلىپ تاشلانغان. سىز تاشلىماي ئوقۇڭ.

بىر تۇرك جورنالىست توۋەندىكىلەرنى خەۋەر قىلىدۇ:
 
„دۇنيا ترانسىپورتچىلار بىرلىگى تەشكىلاتى“نىڭ 31-ئىنچى كوڭرەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستامبۇلغا كەلگەن مىھايىل گورباچھوۋ نىڭ سوزلىگەنلىرى مۇنداق:

"ئۇستىلىمگە ئاتاتۇركنىڭ بىر پارچە سۇرىتىنى قويغانمەن. تۇركىيەدىكى خوتۇن-قىزلارغا ئايىت ئىشلارغا ئەقلىم يەتمىگەندە ئۇنىڭ بىلەن سوزلەشكەندەك بولىمەن، ئۇنىڭ دىگەنلىرى يادىمغا كىلىدۇ. ئۇ بەكمۇ ئۇزاقنى كورەلىگەن لىدەر ئىكەن“. بۇ- 20- ئەسىرگە تامغىسنى ئۇرغان ئىكى لىدەردىن بىرىنىڭ باشقا بىرسى ئۇچۇن سوزلىگەنلىرى.گورباچھوۋنىڭ تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە سوزلىرى توۋەندىكى تىمىلاردا داۋام قىلىدۇ:

 ٭  ئامەرىكا  ئەمدى دەرىجىدىن تاشقىرى كۇچ ئەمەس .  دەرىجىدىن تاشقىرى كۇچ سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىگە ئايىت كەلىمە ئىدى. ئامەرىكىنىڭ لىدەر دولەت بولالىشى مۇمكىن بولسىمۇ، ئەمما خەلقارادائەمدى ھەيۋىتى قالمىدى.  ئامەرىكىلىق دوستلىرىمىز ئوزلىرىچە ھەيۋە قىلىدىغان بولوپ قالدى. كۇچىنى كورسەتكۇسى كەلىپ تۇرىدۇ.ئەمما بۇگۇن ھىچ بىر دولەت ئۇنىڭغا پىسەنت قىلمايدىغان بولوپ قالدى. ئامەرىكالىقلار ئوتمۇشتەكىگە ئوخشاش ئەمدى دۇنيانى باشقۇرالمايدۇ.دۇنيا ئوزگەردى.

٭    رۇسيە مەسىلىسىگە ئالدىراپ كىتىشتى .   رۇسيانىڭ دۇنيا سىياسىتىدە ھىچ بىر رولى قالمىغانلىقىنى سوزلەشتى. بۇلارنى سۆزلىگەنلەرگە "ئالدىراپ كەتمەڭ" دىدىم. رۇسيە قىيىنچىلىقلارنى يەڭدى. پۇتىن روسىيە دولەتىنى يەلتسىننىڭ پاتۇرغان پاتقاقلىقىدىن تارتىپ چىقاردى. رۇسيە ئۇچقاندەك ئىلگىرلىمەكتە. ئۇنىڭ پىرىزدىنت بولۇپ سايلانغانلىقى روسلار ئۇچۇن بەك ياخشى بولدى. روسىيە ئەمدى ھەر كىم ئۇچۇن ئىشەنچلىك شىرىككە ئايلاندى. پرىسترويكادا ياردەم قىلدىڭلار. بىز تۇركىيەنى ئۇنۇتالمايمىز. ئىغىر كۇنلەردە بىزگە ياردەم قىلدى. رۇسلار تۇرك كارخانىچىلىرىنى تاللىدى. ئۇلارنىڭ ياردىملىرىنى ئۇنۇتالمايمىز.

٭    دۇنيانى ئوزگەرتىۋەتكەن تۇنجى ئۇچرۇشۇش .     بىرەيلەننىڭ : „ سىز دۇنيادا بەك موھىم رول ئوينۇدىڭىز“ دىگەن سوزىگە: - “شەخسى رولۇمغا قارىتا كوپ سۇئاللىرىم بار.“ دەپ جاۋاپ بەرگەن گورباچوۋ مۇنداق دەيدۇ: 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە يىڭىلىقچىلار ۋە ئوزگەرتىش تەرەپتارلىرى (1) رەھبەرلىك قاتلىمىدا ۋەزىپە ئالدى. سوۋىتلەر ئىتتىپاقى بىلەن ئامىرىكا ئارىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى سوھبەتتىن 6يىل كىيىن 81-يىلى جەنۋەدە رونالد رىگان بىلەن ئۇچراشتۇق. پىكىرلەر ئۇستىدە تارتىشتۇق، بىر-بىرىمىزنى بىلشكە تىرىشتۇق. ئۇچرۇشۇشتىن كىيىن ئۇنى قانداق چۇشەنگەنلىكىمنى سوراشتى، مەن:  - دىنوزورنىڭ نەق ئوزى دىدىم. ئۇ مىنى "نەۋسۋەئەك" گىزىتىدە “ تاش كاللا كومىنىست-بولشىۋىك ئىكەن" دەپ يازغان ئىدى. ئىش موشۇنداق باشلاندى. كىيىن توختىماستىن بىر-بىرىمىزنى ئالغا سۇردۇق. ئۇنىڭ بۇ باھاسىغا قىزىغان بولساق، بىز بۇيەرگە كىلەلمەيتۇق. دۇنيا يىڭىلىققا تەييار ئىدى.

٭   تالىباننى ئامەرىكا يىتىشتۇردى.      بىز ئافگانىستاندىن چىكىنگەندە "بۇ دولەت بىتەرەپ قالىدۇ" دەپ توختام ئىمزالىدۇق. ئەپسۇسكى بۇ چاغدا ئامىرىكا تالىباننى ھازىرلاپ بولغان ئىكەن. بىزنىڭ چىكىنىشىمىز بىلەن تەڭ ھەركەتكە ئوتتى. ئەمدى تالىباننى يوقۇتۇشقا ئۇرىنىۋاتىدۇ. ئامرىكىلىقلار ھىچ يىڭىلىق ياراتمىدى.  بىز كومۇنىزىمنى ئىكىسپورت قىلىمىز دەپ يىڭىلدۇق. پەقەت كومۇنىزىملا ھەقىقەت دەپ بىلىپ يىڭىلدۇق. ئەمما بەك كوپ ئوزگۇرۇشلەر ياراتتۇق، ساناشقا ئون بارماق يەتمەيدۇ. ئامرىكىلىقلار ھىچ يىڭىلىق ياراتمىدى. يارىتىشقا باشلىسا بارماقلار يەتمەيتى. ئامەرىكا ئىراقتىن چىقىشى كىرەك.بۇنىڭ ئۇچۇن بىز ياردەم قىلىشىمىز كىرەك.

٭    ئىسلام بىلەن تەرور بىر ئەمەس.      ئىسلام مەسىلىسى دۇنيادىكى ئەڭ موھىم مەسىلە. دۇنيادا بەك زور بىر ئىسلام جەمائىتى بار. بۇ ئىنسانلارنىڭ دەۋىر ئىھتىياجىنى چۇشىنىشى ۋە سىياسى قارارلار ئىلىشلىرى كىرەك. ئامما مەن ئىسلامنى تەرور دەپ تونۇتۇشقا قارشىمەن. مۇسۇلمانلارنى تەرور بىلەن بىر دەپ قاراش خالققە نىسبىتەن ھورمەتسىزلىكتۇر. بىز ئۇچۇن  مۇسۇلمانلىق- رۇسيەنى بەرپا قىلغان ئىكى دىننىڭ بىرىدۇر. كۇنلۇك ھاياتتا پاتىپاراقچىلىقلار چىقىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇنى خەلقارالاشتۇرۇش ئاخماقلىق.  بىزنىڭ ياۋرۇپا بىلەن مۇناسىۋەتلىرىمىز ياخشى، بىراق تۇركىيە ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا بولىمىز دەپ كوپ ئاۋارە بولىۋاتىسىلەر. ئەسلىنى ئالغاندا رۇسيا بىلەن تۇركىيەنىڭ پەرقى يوق. ئوخشاشلىقلىرىمىز كوپ. ئىش بىرلىگىمىز ساغلام بولسا، بۇنىڭ ئاسىيا ۋە ئاق دىڭىز رايۇنىغىمۇ پايدىسى بولىدۇ.)

مەنبە: ھۇررىيەت گىزتى. ئاۋتورنىڭ ئەلخەت ئادرەسى: ftinch@hurriyet.com      

تەرجىمە قىلىپ يوللىغۇچى
دۇد تەشكىلاتى سوزچىسى
سىدىقھاجى. مەرتمۇسا
(دىپلۇم ئارخىتىكتۇر)

ئىنفو@ئۇيگۇرىئا.چوم  
malik-u@web.de
_______

تەرجىماندىن: بۇ ماقالە ئۇئائادىن ئىلىپ تاشلانغان.
 
“بىزنىڭ ياۋرۇپا بىلەن مۇناسىۋەتلىرىمىز ياخشى، بىراق تۇركىيە ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا بولىمىز دەپ كوپ ئاۋارە بولىۋاتىسىلەر. ئەسلىنى ئالغاندا رۇسيا بىلەن تۇركىيەنىڭ پەرقى يوق. ئوخشاشلىقلىرىمىز كوپ. ئىش بىرلىگىمىز ساغلام بولسا، بۇنىڭ ئاسىيا ۋە ئاق دىڭىز رايۇنىغىمۇ پايدىسى بولىدۇ”.  گورباچوۋنىڭ تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ سوزلىرى بولۇپمۇ بۇ مەزمۇنلار ئەقىل ئىگىسى بولغان ھەر-كىم ئۇچۇن دەۋىر بولگۇچ سوزلەردۇر. 20 يىل بۇرۇن مەيدانغا كەلگەن روسلارنىڭ يىڭىلىقچىلىرى ۋە ئىسلاھات تەرەپتارلىرى بىلەن چەتەئەلەردىكى ئۇيغۇرلارنى سىلىشتۇرۇش بەكمۇ ئەھمىيەتلىك. بىز روسلاردىن چۇشەنجە -پىكىر ئىسلاھاتى جەھەتتە 20 يىل ئەمەس 1020 يىل ئارقىدا قالدۇق.
ئىسلامدا قوبۇل كورۇلمەيدىغان ۋاھابىلىق بىزدە تىخىمۇ تەرەققى قىلماقتا. مىڭ يىل بۇرۇنقى تالىبانلاردىنمۇ ئارقىدا قالدۇق. بۇلار خىتاي ۋە سابىق دۇق، رفا؛ ئۇئائا، ئەتىچ لەرنىڭ كاتتەباشلىرى ئوينىغان ئويۇنلارنىڭ ئاقىۋىتى.
رەئاللىق رەھىمسىزدۇر! 1020 يىل ئىلگىرىكى خۇراپىلىقلارنىڭ مەنبى ئوزلىرىنى "ئاساسلىق ، موھىم، مەركىزى" تەشكىلات ئاتىۋالغان دۇق، رفا، ئۇئائا ۋە ئەتىچ لەرنى چاڭگىلىغا ئىلىۋالغان خىتايدىن بولغانلاردۇر. بۇگۇن رەسمى ۋە چۇشنۇكسىز ھالدا دۇق دىن مەجبۇرى ۋە ئىختىيارىلىقى بىلەن ئايرىلغان، ئىستىپا بەرىشكە مەجبۇر بولغان "بابۇر جاسۇس"، مەمەت توختى، پەرھات ئالتىدەنبىر(مۇھەممىدى، يورۇڭقاش، م.سايرامى)، د،ت لەر دۇق نىڭ تارقىلىشىنىڭ باشلىنىشى. ماھىيىتى ئوزگەرمىگەن، ئادەم ئالمىشىپ، ساتقۇلۇقلار داۋاملىشىدىغان يىڭى "دۇق" نىڭ باشلىنىشىدۇر.