Banned User
|
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رەشىت نىڭ خانىمى مەھرىبان ئامان-ئەسەن قەچىپ چىقىپ گەرمانىيىگە كەلىۋالدى. (رادىئو ھەۋىرى) خىتايلار باياناتچىنىڭ نوۋەتتىكى باياناتلاردا تازا دەپ، تازا دەۋىتىشىدىن قورقۇپ، 《بوپتۇلا، كورمىگەن بولۇپ تۇرايلى، ئىشىنى پۇتتۇرىۋەلىپ چىقىپ كەتسۇن، بولمىسا ھەلىقى ئەرى دەگەن ئاغزىغا بالاتەككۇر رەسۋايىمىزنى چىقىرىۋەتمىسۇن》 دەگەندەك تۇرىدۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رەشىت نىڭ خانىمى مەھرىبان نىڭ شىۋىتسىيە نىڭ كوچمەنلەر پاسپورتى بىلەن (رەسمىي پۇقراسى ئەمەس) ۋەتەڭە بەرىپ، 7 ياشلىق قىزىنى ئەلىپ چىقالىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۇستىگە كىرگەن پاسپورتى تارتىۋەلىنغان ئەھۋال ئاستىدا، ساختا پاسسپورت بىلەن بىر كىچىك بالىنى ئەلىپ 《قاچالىغانلىقى》دەك تەسىرلىك ۋەقە، مەنىڭ ئوخشۇشۇپ كەتىدىغان دەردىمنى ئەسلىتىپ، بەختسىزلىكىمگە يىغلىغۇم كەلدى. بەئىجىڭ ئايرۇدۇرۇمىغا چۇشۇشى ھامان پۇقراچە كەيىڭەن خىتاي ساقچىلىرى ئۇنى ئەلىپ كەتكەن! (ئايال ئوزىمۇ ھەيران قالغان) ئۇنىڭ كەلىشىنى خىتايلار ئالدىن بىلەلىگەن. (بۇنىڭ مەن ئۇچۇن ھەچ ھەيران قالغۇچىلىكى يوق)، ئائىلىسىدە 《نەزەربەند》قىلىنغان بۇ ئايال، قانداقتۇر بىرلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئىشلەتكەن ساختا پاسسپورت بىلەن قەچىپ چىققانلىقىدەك قەھرىمانلىق ۋە ھەۋەسنى كەلتۇرگىدەك تەلەي، پىشانىسى ئوڭلۇقى بىلەن ھەسەتلىرىمنى قوزغىۋەتتى. بۇ 《مول قەچىپ چىقىش تەجرىبىسىگە ئىگە شىۋىتسىيە لىك ئۇيغۇر ئايال پارتىسان》 نىڭ ئىش – ئىزلىرىنى ئالتۇن ھەل بىلەن تارىخقا يەزىپ قويسا ئەرزىيدىكەن دەپ ئويلۇدۇم. بۇ ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دەگەنمىچۇ، بوش ئادەملەرنى ئەتراپىغا توپلىماپتىكەن جۇمۇ. شۇنىڭغا دەققىتىم قوزغالدىكى، ئايال ئىككى يەرىم ئاي تۇرغان؛ بۇ قىسقا مۇددەت ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ساختا پاسسپورت تەييار بولغان. ئۇنىڭ چەتەلدىكى ھەرىكىتى (يولغا چىقىدىغانلىقى ۋە يولغا چىقىش ۋاقتى) نى بىلىپ تۇرالىغان ۋە بەئىجىڭ دا ئۇنىڭ ئىستىقبالىغا چىققان خىتاي جاسوسلۇق تورى، ئوز ھوكۇمرانلىقى ئاستىدىكى يەرلەردە، ئىتنىڭ قۇرۇتىدەك ئايغاقچىلىرى تۇرۇپمۇ ئايالنىڭ چىۋەرلىكى شاراپىتىدىن، ھوڭكوڭ ئارقىلىق چىقىپ كەتىۋاتقۇچە سەزەلمەي قالغان. ئاشۇنچىۋالا كالۋا خىتايدىنمۇ قۇتۇلالماي يۇرگىنىمىزنى ئويلىسامغۇ يەرىلغۇدەك بولىمەن. ئۇلار ئەنە شۇنداق كالۋا تۇرسا، نەمىشكە ئۇلارنى ئالداپلا قۇتۇلمايمىزكىن، مەسىلەن، 《ھوي، خىتاي بالىلار، مەلۇم بىر يەردە قويدەك-قويدەك يوغىنىغان چەكەتكە بارىكەن، كىم تۇتىۋالسا شۇنىڭ ئىكەن، ئىگىسى يوقكەن》(ئىلگىرى ئۇلار يۇرتىمىزغا يەڭى كەلگەندە 《پاقىنىڭ ئىگىسى بارمۇ؟》 دەپ سوروغانىكەن ئەمەسمۇ) دەپلا ئۇلارنى باشلاپ ئاپىرىپ سىبىرىيەنىڭ جاڭگىلىدا ئازدۇرىۋەتىپ قەچىپ كەلىپ چەگرانى ئىتىۋەلىپلا، ۋىزاڭ قەنى، خىتاي؟ پاسپورتۇڭ قەنى؟ دەپ كىرگۇزمىسەكلا بولىدىغان گەپتى ئەمەسمۇ! ھەممىدىنمۇ دىققەتكە سازاۋەر يەرى، ئايال تەخى رەسمىي شىۋىتسىيە پۇقراسى ئەمەس، ھالا قانۇنەن خىتاي پۇقراسى ھەسابلىنىدىغان تۇرۇپ، ئەنە شۇنداق موجىزىۋىي ئوڭ كەلگەن. يادىمىزدا باركى، تۇركىيە پۇقرالىقىغا ئوتۇپ بولغان بىر كۇچالىق ئۇيغۇر ۋەتەڭە بەرىپ، تا شۇ كۇڭىچە قايتا كەلەلمىدى، ئائىلىسى خارۇ-زار ھالدا ئىستانبۇل دا. نەمىشكە خىتايلار بىر چەتئەل پۇقراسىنى تۇتۇپ قالالىدى؟ خىتاي دەپتۇمىشلەركى: بۇ تەخى بىزنىڭ پۇقرالىقىمىزدىن ئوچۇرۇلمىگەن! يەنىدىن خىتاي كىملىكى چىقتى، دەمەك بىزنىڭ پۇقرايىمىز، بۇ بىزنىڭ ئىچكى ئىشىمىز! تۇركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى، ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ ئارىلىشىشىغا قارىتا خىتاي ئەنە شۇنداق دەدى ۋە ئۇنىڭ تۇرك پاسپورتىنى تارتىۋەلىپ، ئۇنى مەڭگۇلۇككە ئەلىپ قالدى! (ناھايىتى تەبىئىيكى، ئاۋال خەلى ئۇزاق قاماپ قويدى) بۇنىڭغا قاراپ، مەشھۇر سىياسىي پائالىيەتچىمىزنىڭ بۇ خانىمىنىڭ چىۋەرلىكىگە كىم ئاپىرىن ئەيتماي تۇرالايدۇ؟ يەنە: ئاللىقاچان بمت مۇساپىرلار كومىتەتىنىڭ مۇساپىرلىق سالاھىيەتنامىسىغا ئەرىشكەن ئۇيغۇرلاردىن قانچىسى چەتئەللەردىن تۇتۇپ كەتىلدى، ئۇلار تەخى ئۇ دەرىجىدە مەشھۇر كىشىلەر ئەمەس ئىدى. چەتەللەردىن دۇشمەنلىرىنى تۇتۇپ ئەكەتكۇچى بولغان خىتايلارنىڭ ھاڭۋاقتىلىقىنى قارىمامسىلەر، چاڭگىلىدىكى بىر چوڭ بەلىقنى چىقىرىۋەتكىنىنى! تازىمۇ ماڭقا يىگەن 《ھوڭ گائولىئاڭ》لار- دە! يەنە، خەۋىرىم بار، بەزى تونۇش-بىلىشلىرىم (ئۇلارنى ھەچكىممۇ تونىمايدۇ، ئادەتتىكى ئادەملەر) ئائىلىسىنى ئەلىپ چىقىش يولىدا شۇنچە تىرىشچانلىق كورسەتكەن بولسىمۇ، ھەچ ئەپلەشتۇرەلمىدى. ھەرقانچە ھىلە ئىشلەتسىمۇ خىتاي بىلىۋەلىپ، زادىلا قويۇپ بەرمىدى. ئەكسىچە ئۇلارنى كوزىر قىلىپ تۇرۇپ، تەلەفون ئارقىلىق شۇنداق تەكلىپلەرنىمۇ بەردى: 《بىز بىلەن ھەمكارلاشساڭ، ئائىلەڭنى دەرھال چىقىرىپ بەرىمىز، ھەممە ئىشىڭ كوڭۇلدىكىدەك بولىدۇ، … بولمىسا بالىلىرىڭ بىزنىڭ قولىمىزدا، ئوزەڭ بىل…》. بۇ قوڭالتاق، ئەرزىمىگەن، قاتاردىمۇ، سالادىمۇ يوق ئادەملەر بىلەن بۇنداق 《ھەمكارلىق》 تاماسىنى قىلىپ يۇرگەن خىتايدا ئەقىل بار دەمسىلەر؟ دوت گۇيلار ئاۋۇنىڭدەك 《چوڭ بەلىق》 لارنى قولدىن چىقىرىپ قويۇپ، ئۇششاق نەمىلەرنىڭ كەينىدە نەمە قىلىدىكىنە؟ زادى بۇ ماڭقىلارنى جاڭگالغا ئاپىرىپ ئەزىقتۇرىۋەتكۇلۇك! يەنە: مەن چەتەلدە سەرسانىلارچە ياشاۋاتقىلى 10 يىل بولۇپ قالدى. مەنىڭ تىرىشچانلىقىمنىڭمۇ ھەممىسى زايا كەتتى. مەنمۇ ئەنە شۇنداق ئادەتتىكى بىر ئىنسان بولمىسا، نە بىر يەرنىڭ باياناتچىسى، نە بىر يەرنىڭ باش كاتتىسى ئەمەس! ھەتتا ۋەتەننى قۇتقۇزىۋەلىش تەمىسىدىكى ئۇلۇغ يىغىنلارغىمۇ بەك ئاز قاتنىشىمەن. شۇنداق تۇرسىمۇ ما كەلىشمەسلىكنى قاراڭلار! بۇجۇمبۇشلۇقۇمغا ئاچچىقىم كەلىدۇ. ئاشۇ 《مول قەچىپ چىقىش تەجرىبىسىگە ئىگە》ئايالچىلىكمۇ قولۇمدىن ئىش كەلمىگىنىگە ئوكۇنىمەن. ھەتتا، ھەممە رەسمىيەتلىرى تولۇق، كانادا ھوكۇمىتى تەگىشلىك ياردەملەرنى قىلغان، قولىدا ھوكۇمەت نامىدىن بەرىلگەن تەكلىپنامىسى بولغان ھالدا،… بىچارە چوڭ ئوغلۇمنى ھەتتا تۇرمىگە قامىدى! 《پاسپورت ئىشلىتىش غەرىزىدە بولغانلىق گۇناھى》بىلەن! يەنە، 2000- يىللاردا _ بىز تۇركىيە دە ياشاۋاتقان زامانلاردا _ ئىنقىلاب سەبدىشىم ئابلەت نۇر ئوغلى نىڭ پۇتۇن ئائىلىسىنى خىتايلار قاماپ قويدى. قامالغانلار ئۇنىڭ 4 ياشلىق بالىسىدىن تارتىپ، 84 ياشلىق دادىسىغىچە جەمىي 7 جان ئادەم ئىدى. شۇ مەزگىلدە پەقەت مارالبەشى ناھىيىسى تەۋەسىدىنلا 280 ئادەم ئوخشاش سەۋەب بىلەن تۇتۇلغان بولۇپ، ئۇلار گورۇ ھىسابىدا تۇتۇلۇپ، ئۇلارغا بەسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق، خىتايغا قەچىپ كەتىپ يوشۇرۇن ياشاۋاتقان ئىنقىلابچىلارنى، چەتەلگە چىقىپ كەتىپ سىياسىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنى قايتۇرۇپ كەلىش مەقسەت قىلىنغانىدى. ئابلەت نۇر غا ئويىدىكىلەر ئاغزىدىن تەلەفون قىلىنىپ، سەن قايتىپ كەلمىسەڭ بىزنى قويۇپ بەرمەيدىكەن، دەگۇزگەن، ھەتتا ئارقىدىن ساقچىلار ئوزىمۇ بىر نەچچە قەتىم بۇنى 《قورقۇتۇشقا》ئۇرۇنغانىدى. بىز ئاۋازنى دەسكىغا ئەلىۋەلىپ، خەلقارا كەچۇرۇم تەشكىلاتىغا ئەۋەتىپ بەرگەن ۋە بۇ ئارقىلىق ھىتاي دەگەننىڭ نىقەدەر رەزىل بولىدىغانلىقىنى دەلىللىگەن ئىدۇق. بەزى مەشھۇر ئادەملىرىمىز مەنىڭدەك قولىدىن ئىش كەلمەي، بالىلىرىنى ئەپچىقىشنى ئەپلەشتۇرەلمەيۋاتقانلاردىن بىرىنىڭ ئىستىھزالىق سوزىگە جاۋابەن دەپتۇلەركى، 《مانا ماۋۇ بىزدەك يوغان-يوغان ئىشلارنى قىلساڭلار، ئاندىن خىتاي قورقۇپ، ئائىلەڭلارنى چىقىرىپ بەرىدۇ؛ ھەچ ئىش قىلماي ياتسا خىتاي كوزىگە ئىلەمدۇ؟!》 يۇقىرىدا زىكرى كەچكەن قەھرىمانلىقنى بۇ ئاجايىپ فورمىغا سەلىپ چۇشەنسە خەلى چۇشىنىشلىك بولىدىغاندەك تۇرىدۇ. دەمەك، خىتايلار باياناتچىنىڭ نوۋەتتىكى باياناتلاردا تازا دەپ، تازا دەۋىتىشىدىن قورقۇپ، 《بوپتۇلا، كورمىگەن بولۇپ تۇرايلى، ئىشىنى پۇتتۇرىۋەلىپ چىقىپ كەتسۇن، بولمىسا ھەلىقى ئەرى دەگەن ئاغزىغا بالاتەككۇر رەسۋايىمىزنى چىقىرىۋەتمىسۇن》 دەگەندەك تۇرىدۇ. مانا شۇ بىر تالاي ئوي-خىياللاردىن كەيىن كوپچىلىككە شۇنداق دەگۇم كەلدى: ئۇيغۇرلاردا 《خوتۇن كىشى دەگەن بۇرنى بولمىسا پوق يەيدۇ》 دەگەن تەمسىل بارىدى، ئومۇمىي ئۇيغۇر بولسا بۇرنى تۇرسىمۇ 《پوق يەۋىرىدىغان》 دەك قىلىدۇ. بۇرنىمىز سەزمەس بولۇپ قالدىمۇ قانداق؟ ئازراق بولسىمۇ بۇرۇننى داۋالاتمىساق بىزگە پوقنى ھالۋا دەپ يىگۇزگىلى بولىدىغاندەك تۇرامدۇ نەمە؟ بۇ ھوزۇر بەخش خەۋەردىن ۋاقىپلانمىغانلارنىڭ كوپ بولۇش ئەھتىمالىنى نەزەردە تۇتۇپ، رادىئونىڭ ھەمىشەمكىدەك ئەھمىيەتلىك نەرسىلەرنى تەپىپ بەرەلەيدىغانلىقىنىڭمۇ شاھىدى بولغان بۇ ئۇچۇرنى كوپىيە قىلدىم (ئەسلى ماتەرىيالنىڭ نابور ۋە خەت سۇپىتى ناچار بولغاچقا بۇ يەرگە كوچۇرمىدىم ئۇنى كورىدىغانلارنىڭ <www.freasturkistan.org> تورىنىڭ ظذيغذرحئە نۇسقىسىنىڭ ئاھىرىدىن كورۇشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.) بۇ ماقالە ھەققىدىكى قارىشىڭىز مەزكۇر ماقالە غۇلام زۇلپىقار ئوسمانغا ئائىت. ________ ماقالە دۇق نىڭ خىتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ خىتاي جاسۇسى ئىكەنلىكى ھەققىدە يىتەرلىك پاكىتتۇر. ئەمما بۇ ھەممە نەرسىنى بىلدۇرمەيدۇ. ئۇيغۇرلار - مۇناپىق ساتقۇنلىرى ئەڭ كوپ مىللەت. "ئارىمىزدىكى خىتايدىنمۇ بەتتەر ساتقۇن ئىسا يۇسۇپ..." ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرىنى ئۇيغۇرلارغا بىلدۇرەيلى. يالاقچىلار، خۇشامەتچىلەر ئەۋج ئىلىپ ئاۋام ساتقۇنلۇقنى ئەيىب ھىسابلىمايدىغان ھالغا يەتكەندە، ھەقىقەتنى سۆزلەش مۇمكىنچىلىكى پەقەت بولماي ئاقىللار زوراۋانلار ئالدىدا سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇر بولىدىغان جاي ۋەتەندۇر. ئۇلار سۇكۇت قىلغاندا، تەربىيەلىگەن لىدەرلىرى، ئۇرۇش قۇماندانلىرى ۋە ئەركىنلىك جەڭچىلىرى سۇكۇت قىلمايدۇ. بىراق بۇگۇن سۈكۈت قىلىدىغان جاي ۋەتەن ئەمەس- چەتئەللەر ھەتتا ياۋروپا، ئامىرىكا، تۇركىيەلەربولۇپ قالدى. بۇنىڭغا ئۇلارنى نىمە مەجبۇر قىلدى؟!مەن بۇ ئاقىللارنى پۇل، مەنپەت ۋە ساتقۇنلۇق مەجبۇر قىلدى دەپ ئويلايمەن. سىزنىڭ ئويىڭىز نىمىدۇر؟ ________ ئەركىن مۇنازىرىگە توسقۇنلۇق قىلغانلار، ھاقارەت، توھمەت ۋە ئولۇم بىلەن تەھدىت قىلغانلار بىلەن ئىنسان تىلىدا، مەدىنى لىتىراتۇردا سوزلۇشۇش مۇمكىن ئەمەس. چۇنكى "تومۇر مىخنى تاشقا ئۇرۇپ كىرگۇزگىلى بولمايدۇ" . ماقال-تەمسىللەرنىڭ بىرىدە مۇنداق دىيىلگەن: سەپسەتە ئىككى خىل ئەھۋال ئاستىدا ئۆزىنىڭ نوپۇزىنى كۆرسىتەلەيدۇ، بىرى ھەقىقەتنى سۆزلەش مۇمكىنچىلىكى پەقەت بولماي" ئاقىللار زوراۋانلار ئالدىدا سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇر بولغاندا؛ يەنە بىرى خۇشامەتچىلەر ئەۋج ئېلىپ، ئاۋام خۇشامەتنى، ساتقىنىنىئەيىب ھېسابلىمايدىغان ھالغا يەتكەندە". چەتەللەردە، ياۋروپادا، ئەركىن دۇنيادىكى ئىسابەگچىلەرنىڭ ئۇئائا قاتارلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا ھەقىقەتنى سوزلەش مۇمكىنچىلىكى بولمايۋاتقان، خوشامەتچىلەر ئەۋج ئەلىپ، ئاۋام خىيانەتچى، ئوغرى، ساتقۇنلارنى ئەيىپلىمەيدىغان ھالغا يەتكەندىمۇ مەن سەپسەتە ساتماي كەلدىم. بۇ ماقال-تەمسىل ماڭا ئەمەس، تەسلىم بولغان سەپسەتەچىلەرگە لايىق ئىكەن. چۇنكى ئۇلارنىڭمۇ خوتۇن-بالا-ۋاقىلىرىنى چىقارتىپ بەرگەندىن كىيىن ئۇيغۇرلۇق ئاۋازى ئوچتى. سەپسەتەچىلىك نوپۇزى ئوزىنى كورسۇتۇشكە باشلىدى. بۇ ماقال-تەمسىل ماڭا لايىق ئەمەس ئىكەن. ماڭا ئايرىم تەمسىل يەزىلىشى كەرەك-دەپ ئويلايمەن بۇ ماقالە ھەققىدىكى قارىشىڭىز ? malik-u@web.de |
Free forum by Nabble | Edit this page |