Banned User
|
* ئىقلىل قۇرباننىڭ خاتالىقى: "ئاقسارايدىكى ۋەخپىگە كەلدىم ۋە دەرھال مەرمەرە ئۇنۋىرسىتى ئەدىبىيات فاكۇلتىتىدا ۋەزىپەمنى رەسمى باشلىدىم. بىراق ئۇزۇن-ئوتمەي خاتا قىلغانلىقىمنى بىلىپ پىشمان قىلدىم" * ئىسابەگ خىتايغا قىلغان بارلىق سىياسى پائالىيەتلىرىنى خىتاينىڭ ئوزىگە بەرگەن بارلىق مەنسەپلىرى بەدىلىگە جاۋاپ بىرىش ئۇچۇن قىلغانلىقىنى ئوز قەلىمى بىلەن يازغان كىتاۋىدا ئاشكارە ھالدا ئىقرار قىلغان: "ھەر-قانچە بولسىمۇ ناھىيە ھاكىملىقىدىن توۋەن ۋەزىپە ئوتىمىدىم،. ئاللا ماڭا ھاكىملىقتىنمۇ يۇقۇرى مەرتىۋىلەر نەسىپ قىلدى. كىيىنكى يىللاردا ئون ۋىلايەت، سەكسەن ناھىيە(كايماكام (نى باشقۇرىدىغان مەرتىۋىگە ئىرىشتىم”. (ئىسا يۇسۇپ (ئىسا يۇسۇپ ئالپتەكىن، 1985: 49 . تۇركىيە). ئىسا يۇسۇپ خىتاينىڭ بەرگەن مەنسىۋىنى ئاللانىڭ بەرگەن لۇتفى-ھىممىتى دەپ چۇشەندۇرۇپ خىتايغا بولغان چەكسىز مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىگەن. خىتاي ئەگەر مۇستەقىللىق ئۇچۇن كورەش قىلغۇچى ئۇيغۇر خەلقىگە قارشى قوللۇنۇش ئۇچۇن ئىسا بەگنى مەنسەپكە تەيىنلىگەن بولسا ۋە بۇ مەنسەپنى ئىسا بەگ ئاللاھنىڭ بەرگەن ھىممىتى دەپ قوبۇل قىلسا ئۇ ھالدا ئۇنىڭ كىملىكى ئۇچۇن “ خائىن”دىن باشقا ئىزاھات يوق.خىتاي شەرقى تۇركىستاننى 1755 يىلدىن بىرى دايىم بۇ ئاپاق خوجا (1626-1694)، ئىسا بەگ (1901-1995) لار كەبى مەنسەپپەرەس غوجىلار، ساتقۇنلار، سەيىتلەر ، بەگلەر ئارقىلىق ئىدارە قىلىپ كەلگەن (كۇربان، 1995 * بۇگۇنكى تۇركىيەدە ئىسابەگنىڭ كونا ساتقۇنلۇقلىرىغا ئوغلى ئەركىن ئىسا ۋە ئىلغار ئىسالار ۋارىسلىق قىلماقتا. ئىستامبۇلدىكى ئۇيغۇرىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقى بولۇپ تەيىنلەنگەن(كىم تەيىنلىدى مەلۇم ئەمەس) ئىسابەگنىڭ ئوغلى ئىلغار ئىسا (ئالپتەكىن) خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى تەشۋىقاتىغا يىقىندىن ياردەم قىلىپ :” بىزنىڭ ۋەخپىمىز سىياسەتنىڭ سىرتىدا” دەپ ئىلان قىلغان. ئوزىنى ئۇيغۇر دەپ ھىساپلايدىغان ھەر-كىم بۇ ئىلاننىڭ مەناسىنى بىر چۇشۇنۇڭ! ئىلغار نىمە دىمەكچى؟ئىلغار يالغۇز ئەمەس ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئەركىن ئەكرەم، ئەركىن ئەمەت، ئالىمجان ئىنايەت قاتارلىق خىتايپۇلىغا باغلانغان ئادەملىرى بار. * ئەمدى تەكرارلىماقچىمەن: ئۇيغۇرىستاننىڭ ھەقىقى لىدەرى كىم؟ ياكى لىدەرلىرى كىملەر؟ * ئۇيغۇرىستاننىڭ مۇستەقىللىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۇچۇن جان پىدا قىلغان بۇيۇك لىدەرلىرىمىز ماخمۇت مۇھىتى ۋە ئەخمەتجان قاسىمىلاردۇر.ئۇلار ئەزەلى ۋە ئەبەدى دۇشمەنىمىز خىتاي قارشىسىدا تارىخى بەدەل ئوتەپ “ ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى” دىن ئىبارەت مەنىۋى مەڭگۇلۇك مىراس قالدۇرۇپ كەتتى.بۇگۇن 2008-يىلى 4-ئاۋغۇست “قەشقەر ۋەقەسى”نى ياراتقان ئابدۇراخمان ئازات ۋە قۇربانجان خەمىت كەبى ئولمەس ئىنسانلىرىمىز بۇ مىراس ئۇچۇن ئولۇمگە پىسەنت قىلمىدى. - IKLIL KURBAN _________ ئىسا يۇسۇپ (ئالپتىكىن) كىمدۇر؟ ئاۋتۇر : تارىخ پەنلىرى پروفىسورى، دوكتور. ئىقلىل قۇربان-ئىكلىل كۇربان تۇركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى س.ھ.مەرتمۇسا ئىسا يۇسۇف (ئالپتەكىن) ئۆلگەنلىكىنىڭ 16-يىللىقىنى خاتىرلەپ ئوتكۇزۇلگەن ئىستامبۇلدىكى بەزى يىغىلىشلاردا "ئىسا بەگ شەرقى تۈركىستاننىڭ كونا لىدەرى”دەپ تىلغا ئىلىنغان. بۇ سەۋەپتىن، ”شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەقىقى لىدەرى كىم؟” دىگەن سۇئالغا جاۋاپ بىرىش زورۇرىيىتىنى تۇيۇپ، ئىچىمدىن بۇ ماقالىنى يازغىم كەلدى. ”شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەقىقى لىدەرى كىم؟” –دىگەن بۇ تەمىغا كىرىشتىن بۇرۇن ماقالەمنى تىخىمۇ ئوڭاي ئوقۇيالىشىڭىز ئۇچۇن تارىخنىڭ چۇڭقۇر يەرلەرىگە كومۇلگەنلىرىدىن چىقىپ قالغان ۋە بىر-بىرىنى ئاشكارىلايدىغان ئىككى ئالاھىدە ھادىسەنى خاتىرلاتماقچىمەن : قۇل قىلىنغان مىللەتلەرنىڭ ئازاتلىق ئۇچۇن بولغان ئۇرۇشى ئۆز تارىخىنى ياخشى بىلمەي تۇرۇپ غەلبە قازىنالمايدۇ. مۇستەملىكىچىلەر جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۇچۇن ھەر-دايىم تارىخ بىلەن ئوينۇشىدۇ - ئۇنى بۇرمىلايدۇ، يوققا چىقىرىدۇ.تۈركىيە`دە "ئىسا يۇسۇف ئالپتەكىن" دەپ ئاتالغان بۇ كىشى شەرقى تۈركىستاندا "ئىسابەگ ياكى ئىسا ئەپەندى (ئەفەندى)" دەپ ئاتالغان. 1949-يىل 6-7 ئايلار كومۈنىست خىتايلارغا يىڭىلگەن گومىنداڭ خىتايلىرىنىڭ قولىدا مەنسەپ تۇتقانلار ئولتۇرۇلۇشتىن قورقۇپ ھەر تەرەپكە قاچقان ئىدى. تۇركىيەگە كىلىپ يەرلەشكەن ئىسابەگ تىخىمۇ راھەت ياشاش ئۇچۇن شەرقى تۈركىستان ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس، تەتقىقات ئادەتلىرى ھەم بولمىغان يەرلىكتىكى تۇركلەرنىڭ دىنىي ساۋاتسىزلىقىدىن(ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇماتى يوقلۇقىدىن)پايدىلىنىپ ئوزىنى شەرقى تۈركىستاننىڭ لىدەرى، ۋە خىتايغا قارشى مۇستەقىللىق ئۇچۇن كورەش قىلغۇچى قەھرىمان دەپ تونۇشتۇرۇپ، ئوزىگە غالىپ تەكىن (ئالپتەكىن)دەپ ئات قويىۋالغان. ئۇرۇش يوق مەيداندا بىر سىياسىئون بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققان، ئۇزۇن ئومرىدە ھىچ-بىر ۋاقىت دۇشمەن بىلەن ئۇرۇشقان بىر سائەت ۋاقتى بولماي تۇرۇپ ، ئۇرۇش مەيدانىدا تۇغۇلغان بىر غالىپ (ئالپ)نىڭ سىياقىغا كىرىۋىلىپ رول ئوينىغان.(٭) خىتاي گومىنداڭى (مىللىيەتچى چىن) نىڭ ئىسا يۇسۇپكە بەرگەن مەنسەپلىرى قايسىلار؟ خىتايغا خىزمەت قىلغان كونا بەگلەرنىڭ ئەۋلادى بولغان يۇسۇپبەگنىڭ ئوغلى - ئىسابەگ دەسلەپ خىتاينىڭ تاشكەنت كونسولخانىسىدا ئىشلەيدۇ. شەرقى تۇركىستاندا مۇستەقىللىق، ئەركىنلىك پىكىر ۋە قارشىلىق كورەشلەرنىڭ ئەۋج ئىلىشى بىلەن خىتاي ئۇنى بۇ ھەرىكەتلەرگە قارشى قوللۇنۇش ئۇچۇن پايتەخت نەنجىنگە ئاپىرىپ “خەلق ۋەكىلى” مەنسىپىگە تەيىنلەيدۇ. ئىسابەگ بۇ مەنسەپنىڭ ئىھتىياجى تۇپەيلى خىتاينىڭ “شىنجاڭ جۇڭ گونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى” شۇئارىنى تەشۋىق قىلىدۇ. يىل1933 قەشقەردە تۈركىستان چۇمھۇرىيەتى قۇرۇلۇشى بىلەن خىتاي ئىسابەگنى بۇ جۇمھۇرىيەتكە ۋە بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ لىدەرى بولغان ماخمۇت مۇھىتىغا قارشى تەشۋىقات (پروپاگاندا) ئىشىنى قىلىشقا ئوتتۇرا-شەرق دولەتلىرىگە ئىۋەتىدۇ.1944-يىلى غۇلجىدا شارقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتى قۇرۇلۇشى بىلەن خىتاي ئىسابەگنى ئۈرۈمچىگە ئىۋەتىپ گومىنداڭ ھوكۇمەتىدە كاتىپلىق مەنسىپىگە تەيىنلەيدۇ. ئىسابەگ بۇ مەنسەپنىڭ ئىھتىياجى تۇپەيلى يەڭى قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتكە قارشى، ۋە بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ لىدەرى ئەخمەتجان قاسىمىغا قارشى خىتاي تەشۋىقاتىنىڭ يىتەكچىلىكىنى قىلىدۇ. دەل بۇ سەۋەپتىن ئىسابەگنى تۇركىستان مۇستەقىلچىلىرى “خىتايكەش، بىرىنجى نومۇرلۇق ۋەتەن خائىنى”دەپ ئاتاشقان.(٭٭) ئىسابەگ خىتايغا قىلغان بارلىق سىياسى پائالىيەتلىرىنى خىتاينىڭ ئوزىگە بەرگەن بارلىق مەنسەپلىرى بەدىلىگە جاۋاپ بىرىش ئۇچۇن قىلغانلىقىنى ئوز قەلىمى بىلەن يازغان كىتاۋىدا ئاشكارە ھالدا ئىقرار قىلغان: "ھەر-قانچە بولسىمۇ ناھىيە ھاكىملىقىدىن توۋەن ۋەزىپە ئوتىمىدىم،. ئاللا ماڭا ھاكىملىقتىنمۇ يۇقۇرى مەرتىۋىلەر نەسىپ قىلدى. كىيىنكى يىللاردا ئون ۋىلايەت، سەكسەن ناھىيە(كايماكام (نى باشقۇرىدىغان مەرتىۋىگە ئىرىشتىم”. (ئىسا يۇسۇپ ئالپتەكىن، 1985: 49 . تۇركىيە). ئىسا يۇسۇپ خىتاينىڭ بەرگەن مەنسىۋىنى ئاللانىڭ بەرگەن لۇتفى-ھىممىتى دەپ چۇشەندۇرۇپ خىتايغا بولغان چەكسىز مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىگەن. خىتاي ئەگەر مۇستەقىللىق ئۇچۇن كورەش قىلغۇچى ئۇيغۇر خەلقىگە قارشى قوللۇنۇش ئۇچۇن ئىسا بەگنى مەنسەپكە تەيىنلىگەن بولسا ۋە بۇ مەنسەپنى ئىسا بەگ ئاللاھنىڭ بەرگەن ھىممىتى دەپ قوبۇل قىلسا ئۇ ھالدا ئۇنىڭ كىملىكى ئۇچۇن “ خائىن”دىن باشقا ئىزاھات يوق.خىتاي شەرقى تۇركىستاننى 1755 يىلدىن بىرى دايىم بۇ ئاپاق خوجا (1626-1694)، ئىسا بەگ (1901-1995) لار كەبى مەنسەپپەرەس غوجىلار، ساتقۇنلار، سەيىتلەر ، بەگلەر ئارقىلىق ئىدارە قىلىپ كەلگەن (كۇربان، 1995: 40). ئەمدى ئىسابەگنى تىخىمۇ ئوبدان تونۇتۇدىغان بىر ۋەقەنى سوزلىمەكچىمەن ئىستامبۇلدا، ئىسابەگنىڭ باشچىلىقىدىكى “شەرقى تۇركىستان ۋەخپى” تۇركچە، ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگىلىسچە - ئۈچ تىلدا “دوغۇ تۈركىستان سەسى(ئاۋازى)“ ناملىق جورنال چىقىرىپ، خىتايغا قارشى ئىدىلوگىيە ئۇرۇشى باشلاتماقچى بولغان. بۇ ئۇرۇشقا ھەسسە قوشۇشۇم ئۇچۇن ئۇنۋىرسىتەدىكى ۋەزىپەمنى ئىستامبۇلدىكى بىر ئۇنۋىرسىتىتتا داۋاملاشتۇرۇش مۇمكىنچىلىكىنى، ئايدا100دوللار بىرىشكە ۋەدە قىلىپ مىنى ئىستامبۇلغا تەكلىپ قىلدى. بۇ خەۋەر ۋە تەكلىپكە مەمنۇن بولغان ئىدىم. مىنىڭدەك بىر خىتاي دۇشمىنىنىڭ بۇ ھەرىكەتنىڭ سىرتىدا قىلىشى مۇمكىن ئەمەس-ئەلبەتتە.يىل1985مايدا رەسمىيەتلىرىم تاماملىنىپ ئىستامبۇلغا كوچۇپ كەلدىم. ئاقسارايدىكى ۋەخپىگە كەلدىم ۋە دەرھال مەرمەرە ئۇنۋىرسىتى ئەدىبىيات فاكۇلتىتىدا ۋەزىپەمنى رەسمى باشلىدىم. بىراق ئۇزۇن-ئوتمەي خاتا قىلغانلىقىمنى بىلىپ پىشمان قىلدىم. ئىسابەگنىڭ ھەر-دايىم :”مەن بار، بۇ داۋا بولىدۇ. مەن ئولگەندىن كىيىن بۇ داۋا يوقۇلىدۇ”دەپ ئوزىنى ھەر ئىشقا ئارىلاشتۇرۇپ داۋانى پۇتلاشقا ئۇرۇنۇشى ئەتراپتىكىلەرنى يىركىندۇرەتتى. ۋەتەن داۋاسى ئۇنىڭ قارىشىچە مۇستەقىللىق مۇمكىن بولمايدىغان ئىش، مۇستەقىللىق ئۇچۇن كىرەكلىك پىداكارلىق ھاجەتسىز بولۇپ، داۋا پەقەت نام قازىنىش، جان بىقىشنىڭ ۋاستىسىلا ئىدى. ئۇنىڭ خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنى سەلىشتۇرۇپ:” بىز ئاز، ئۇلار كوپ، ئۇلارنىڭ قۇرالى بار، بىزنىڭ يوق” – شەكلىدىكى سوزلىرىدىن شۇ نەرسە بىلىنىدۇركى: ئۇ ھىچ-بىر زامان خىتاينىڭ قارشىسىغا چىقىپ باققان، خىتاي دۇشمىنى بولۇپ باققان بىر ئىنسان ئەمەس. ئۇيغۇرىستان ھەققىدە خىتايغا ئەڭ ياقىدىغان ئۇنىڭ يۇقارقى سوزلىرىدىن باشقا سوز تىپىلمىسا كىرەك دەپ ئويلايمەن. ئەگەر مىللى داۋانىڭ ئومرى بىر كىشىنىڭ ئۆمرى بىلەن چەكلىنىدىغان بولسا ئۇ داۋا ئولگەن داۋادۇر. ئەگەر بىر مىللى داۋانىڭ كۇچى ئۇنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكى بىلەن ئەمەس، بەلكى قۇرال ئارقىلى ئولچىنىدىغان بولسا بۇ داۋا ئولگەن داۋا بولىدۇ. شۇنداق، ئىسا يۇسۇپنىڭ كىشىنى يىركىندۇرىدىغان خائىنلىقلىرى مىنى بىقتۇردى. ۋەخپىدىن ئوز ئىستەگىم بىلەن ئايرىلدىم ۋە بىر قىتىممۇ يولاپ باقمىدىم. بۇ ئارىدا مەرمەرە ئۈنىۋەرسىتەسىدىكى رەسمى ۋەزىپەم ئىلىپ تاشلىنىپ قوغلاندىم. بولۇم باشلىقى مەھمەت ئاقئالىن ۋە دىكان ھاققى دۇرسۇن يىلدىز ئىككىسى بىرلىشىپ ماڭا”يوقال” دىيىشتى. 1988-يىلى ئانقاراغا- ھاجەتتەپە ئۈنىۋەرسىتەسىگە قايتىپ كەتتىم. بۇگۇنكى تۇركىيەدە ئىسابەگنىڭ كونا ساتقۇنلۇقلىرىغا ئوغلى ئەركىن ئىسا ۋە ئىلغار ئىسالار ۋارىسلىق قىلماقتا. ئىستامبۇلدىكى ئۇيغۇرىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقى بولۇپ تەيىنلەنگەن(كىم تەيىنلىدى مەلۇم ئەمەس) ئىسابەگنىڭ ئوغلى ئىلغار ئىسا (ئالپتەكىن) خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى تەشۋىقاتىغا يىقىندىن ياردەم قىلىپ :” بىزنىڭ ۋەخپىمىز سىياسەتنىڭ سىرتىدا” دەپ ئىلان قىلغان. ئوزىنى ئۇيغۇر دەپ ھىساپلايدىغان ھەر-كىم بۇ ئىلاننىڭ مەناسىنى بىر چۇشۇنۇڭ! ئىلغار نىمە دىمەكچى؟ئىلغار يالغۇز ئەمەس ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئەركىن ئەكرەم، ئەركىن ئەمەت، ئالىمجان ئىنايەت قاتارلىق خىتايپۇلىغا باغلانغان ئادەملىرى بار. ئىسابەگچى دەپ سانىلىدىغانلار مۇستەقىللىق (ئازاتلىق) سوزىدىن ئەجەلدىن قورققاندەك قورقۇشۇدۇ. ئەمدى تەكرارلىماقچىمەن: ئۇيغۇرىستاننىڭ ھەقىقى لىدەرى كىم؟ ياكى لىدەرلىرى كىملەر؟ ئۇيغۇرىستاننىڭ مۇستەقىللىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۇچۇن جان پىدا قىلغان بۇيۇك لىدەرلىرىمىز ماخمۇت مۇھىتى ۋە ئەخمەتجان قاسىمىلاردۇر.ئۇلار ئەزەلى ۋە ئەبەدى دۇشمەنىمىز خىتاي قارشىسىدا تارىخى بەدەل ئوتەپ “ ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى” دىن ئىبارەت مەنىۋى مەڭگۇلۇك مىراس قالدۇرۇپ كەتتى.بۇگۇن 2008-يىلى 4-ئاۋغۇست “قەشقەر ۋەقەسى”نى ياراتقان ئابدۇراخمان ئازات ۋە قۇربانجان خەمىت كەبى ئولمەس ئىنسانلىرىمىز بۇ مىراس ئۇچۇن ئولۇمگە پىسەنت قىلمىدى. ماخمۇت مۇھىتى (؟-1945)، ئەخمەتجان قاسىمى (1914-1949)، ئابدۇراخمان ئازات (34 ياش) ۋە قۇربانجان خەمىت (29 ياش) قاتارلىق بۇيۇك ئىنسانلىرىمىزنى يىتىشتۇرگەن بۇ ۋەتەن - ئۇيغۇرىستان(شەرقى تۇركىستان، ئۇيغۇرىيە) ئاخىرى بۇ ئۇلۇق ئىنسانلىرىمىزنىڭ بىزگە ئامانەت قىلغان قۇتلۇق ئۇرۇش يولى بىلەن خىتايدىن قۇتۇلغۇسى. ئازاتلىق ئۇچۇن ئۇرۇش دىگەن مانا بۇ. بۇ ھۇكۇمنى تارىخ چىقارغان. تارىخىمىزنى بىلەيلى - ئۇ يەتەر. قەھرىمان ئەجداتلىرىمىزنىڭ قىممىتىنى بىلەيلى، ئۇلارنىڭ يولى بىلەن ئالغا باسايلى. ___ نەقىللەر، مەنبەلەر: “ Şarki Türkistan Meseleleri”, Yaş Türkistan, bet : 8211; 106, 1938, s.5&8211;6; 4280&8211;4281“ “ Bir İsimsiz Risalenin İç Yüzü “, Yaş Türkistan, bet : 8211;116, 8211;117, 1939, s.50&8211;51, 4785, 8211; 4786“ ___ تەرجىماندىن ئىزاھاتلار: (٭) - ئىسا يۇسۇپكە خوتۇنلۇق ئۇچۇن تاللانغان لانجۇلۇق يۇ خىنىم(پاتما تەتەي)نىڭ تا ھازىرغىچە داۋام قىلىۋاتقان خىتاي قولىدىكى "ئالپتىكىنلەر سۇلالىسى"دا ئالاھىدە رول ئوينىغانلىقى ھەر-قانچە يوشۇرۇلغان بىلەنمۇ"تارىخنىڭ چۇڭقۇر يەرلىرىگە كومۇلگەنلىرى"دىن چىقىپ قالماقتا. بۇ رەسۋا ساتقۇنلۇققا قاراڭ: ئىسا يۇسۇپ خىتاي ئۇچۇن تاشكەنت كونسولخانىسىدا ئىشلىگەن ۋاقىتتا ، روسلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەلىۋى بىلەن ئۇلارنى مەخپى تەشكىللەپ، تاجاۋۇزچى خىتايلارنى ۋەتىنىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىش ئۇچۇن، ئۇلارنى قۇراللاندۇرۇشقا ئوتكەن. "يۇ خىنىم" -ئىسا يۇسۇپ ئەر-خوتۇن جاسۇسلار بۇ مەلۇماتنى قولغا چۇشۇرۇپ گومىنداڭ خىتايلىرىغا يوللاپ بەرگەن. خىتاي دەرھال روسىيەگە نارازىلىق بىلدۇرۇپ قۇراللىق قوزغۇلاڭنىڭ ئالدىنى ئالغان. ئالما-ئاتادىكى قوزغۇلاڭ يىتەكچىسى بىر ئۇيغۇر: " ... ئۇيغۇرلار يەنە بىر قىتىم كوزىمىزگە كورۇنۇپ تۇرغان مۇستەقىللىق پۇرسىتىدىنقۇرۇق قالدۇق..."دەپ قاتتىق ئىچىنغانلىقىنى بىلدۇرگەن. (٭٭) - “خىتايكەش، بىرىنجى نومۇرلۇق ۋەتەن خائىنى” ئىسا يۇسۇپنى ئۇلۇق ئاتا ئۇيغۇر ئەخمەتجان قاسىمى 1948-يىلى "ئىتتىپاق جورنىلى"دا : " خىتاي دىنمۇ بەتتەر، ساتقۇن ئىسا يۇسۇپ، مەسۇت سابىرىلار..."دەپ ئىلان قىلغان. ______ Isa Yusup (alptikin) kimdur? Awtor : Tarix Penliri Profisori, Doktor. Iqlil Qurban-Iklil Kurban Turkchidin Terjime qilghuchi S.H.Mertmusa Isa yusuf (alptekin) ölgenlikining 16-yilliqini xatirlep otkuzulgen istambuldiki bezi yighilishlarda "isa beg sherqi türkistanning kona lideri”dep tilgha ilin'ghan. Bu seweptin, ”sherqi türkistanning heqiqi lideri kim?” Digen sualgha jawap birish zoruriyitini tuyup, ichimdin bu maqalini yazghim keldi. ”Sherqi türkistanning heqiqi lideri kim?” –Digen bu temigha kirishtin burun maqalemni tiximu ongay oquyalishingiz uchun tarixning chungqur yerlerige komulgenliridin chiqip qalghan we bir-birini ashkarilaydighan ikki alahide hadiseni xatirlatmaqchimen : qul qilin'ghan milletlerning azatliq uchun bolghan urushi öz tarixini yaxshi bilmey turup ghelbe qazinalmaydu. Mustemlikichiler jinayetlirini yoshurush uchun her-dayim tarix bilen oynushidu - uni burmilaydu, yoqqa chiqiridu.Türkiye`de "isa yusuf alptekin" dep atalghan bu kishi sherqi türkistanda "isabeg yaki isa ependi (efendi)" dep atalghan. 1949-Yil 6-7 aylar komünist xitaylargha yingilgen gomindang xitaylirining qolida mensep tutqanlar olturulushtin qorqup her terepke qachqan idi. Turkiyege kilip yerleshken isabeg tiximu rahet yashash uchun sherqi türkistan heqqide melumatqa ige emes, tetqiqat adetliri hem bolmighan yerliktiki turklerning diniy sawatsizliqidin(uyghurlar heqqide melumati yoqluqidin)paydilinip ozini sherqi türkistanning lideri, we xitaygha qarshi musteqilliq uchun koresh qilghuchi qehriman dep tonushturup, ozige ghalip tekin (alptekin)dep at qoyiwalghan. Urush yoq meydanda bir siyasion bolup otturigha chiqqan, uzun omride hich-bir waqit dushmen bilen urushqan bir saet waqti bolmay turup , urush meydanida tughulghan bir ghalip (alp)ning siyaqigha kiriwilip rol oynighan.(*) Xitay gomindangi (milliyetchi chin) ning isa yusupke bergen mensepliri qaysilar? Xitaygha xizmet qilghan kona beglerning ewladi bolghan yusupbegning oghli - isabeg deslep xitayning tashkent konsolxanisida ishleydu. Sherqi turkistanda musteqilliq, erkinlik pikir we qarshiliq koreshlerning ewj ilishi bilen xitay uni bu heriketlerge qarshi qollunush uchun paytext nenjin'ge apirip “xelq wekili” mensipige teyinleydu. Isabeg bu mensepning ihtiyaji tupeyli xitayning “shinjang jung goning ayrilmas bir qismi” shuarini teshwiq qilidu. Yil1933 qeshqerde türkistan chumhuriyeti qurulushi bilen xitay isabegni bu jumhuriyetke we bu jumhuriyetning lideri bolghan maxmut muhitigha qarshi teshwiqat (propaganda) ishini qilishqa ottura-sherq doletlirige iwetidu.1944-Yili ghuljida sharqi türkistan jumhuriyeti qurulushi bilen xitay isabegni ürümchige iwetip gomindang hokumetide katipliq mensipige teyinleydu. Isabeg bu mensepning ihtiyaji tupeyli yengi qurulghan jumhuriyetke qarshi, we bu jumhuriyetning lideri exmetjan qasimigha qarshi xitay teshwiqatining yitekchilikini qilidu. Del bu seweptin isabegni turkistan musteqilchiliri “xitaykesh, birinji nomurluq weten xaini”dep atashqan.(**) Isabeg xitaygha qilghan barliq siyasi paaliyetlirini xitayning ozige bergen barliq mensepliri bedilige jawap birish uchun qilghanliqini oz qelimi bilen yazghan kitawida ashkare halda iqrar qilghan: "her-qanche bolsimu nahiye hakimliqidin towen wezipe otimidim,. Alla manga hakimliqtinmu yuquri mertiwiler nesip qildi. Kiyinki yillarda on wilayet, seksen nahiye(kaymakam (ni bashquridighan mertiwige irishtim”. (Isa yusup alptekin, 1985: 49 . Turkiye). Isa yusup xitayning bergen mensiwini allaning bergen lutfi-himmiti dep chushendurup xitaygha bolghan cheksiz minnetdarliqini ipadiligen. Xitay eger musteqilliq uchun koresh qilghuchi uyghur xelqige qarshi qollunush uchun isa begni mensepke teyinligen bolsa we bu mensepni isa beg allahning bergen himmiti dep qobul qilsa u halda uning kimliki uchun “ xain”din bashqa izahat yoq.Xitay sherqi turkistanni 1755 yildin biri dayim bu apaq xoja (1626-1694), isa beg (1901-1995) lar kebi mensepperes ghojilar, satqunlar, seyitler , begler arqiliq idare qilip kelgen (kurban, 1995: 40). Emdi isabegni tiximu obdan tonutudighan bir weqeni sozlimekchimen Istambulda, isabegning bashchiliqidiki “sherqi turkistan wexpi” turkche, uyghurche we in'gilische - üch tilda “doghu türkistan sesi(awazi)“ namliq jornal chiqirip, xitaygha qarshi idilogiye urushi bashlatmaqchi bolghan. Bu urushqa hesse qoshushum uchun unwirsitediki wezipemni istambuldiki bir unwirsititta dawamlashturush mumkinchilikini, ayda100dollar birishke wede qilip mini istambulgha teklip qildi. Bu xewer we teklipke memnun bolghan idim. Miningdek bir xitay dushminining bu heriketning sirtida qilishi mumkin emes-elbette.Yil1985mayda resmiyetlirim tamamlinip istambulgha kochup keldim. Aqsaraydiki wexpige keldim we derhal mermere unwirsiti edibiyat fakultitida wezipemni resmi bashlidim. Biraq uzun-otmey xata qilghanliqimni bilip pishman qildim. Isabegning her-dayim :”men bar, bu dawa bolidu. Men olgendin kiyin bu dawa yoqulidu”dep ozini her ishqa arilashturup dawani putlashqa urunushi etraptikilerni yirkinduretti. Weten dawasi uning qarishiche musteqilliq mumkin bolmaydighan ish, musteqilliq uchun kireklik pidakarliq hajetsiz bolup, dawa peqet nam qazinish, jan biqishning wastisila idi. Uning xitaylar bilen uyghurlarni selishturup:” biz az, ular kop, ularning qurali bar, bizning yoq” – sheklidiki sozliridin shu nerse bilinidurki: u hich-bir zaman xitayning qarshisigha chiqip baqqan, xitay dushmini bolup baqqan bir insan emes. Uyghuristan heqqide xitaygha eng yaqidighan uning yuqarqi sozliridin bashqa soz tipilmisa kirek dep oylaymen. Eger milli dawaning omri bir kishining ömri bilen cheklinidighan bolsa u dawa olgen dawadur. Eger bir milli dawaning kuchi uning heqliq ikenliki bilen emes, belki qural arqili olchinidighan bolsa bu dawa olgen dawa bolidu. Shundaq, isa yusupning kishini yirkinduridighan xainliqliri mini biqturdi. Wexpidin oz istegim bilen ayrildim we bir qitimmu yolap baqmidim. Bu arida mermere üniwersitesidiki resmi wezipem ilip tashlinip qoghlandim. Bolum bashliqi mehmet aq'alin we dikan haqqi dursun yildiz ikkisi birliship manga”yoqal” diyishti. 1988-Yili anqaragha- hajettepe üniwersitesige qaytip kettim. Bugunki turkiyede isabegning kona satqunluqlirigha oghli erkin isa we ilghar isalar warisliq qilmaqta. Istambuldiki uyghuristan wexpining bashliqi bolup teyinlen'gen(kim teyinlidi melum emes) isabegning oghli ilghar isa (alptekin) xitayning uyghurlargha qarshi teshwiqatigha yiqindin yardem qilip :” bizning wexpimiz siyasetning sirtida” dep ilan qilghan. Ozini uyghur dep hisaplaydighan her-kim bu ilanning menasini bir chushunung! ilghar nime dimekchi?Ilghar yalghuz emes uning etrapida erkin ekrem, erkin emet, alimjan inayet qatarliq xitaypuligha baghlan'ghan ademliri bar. Isabegchi dep sanilidighanlar musteqilliq (azatliq) sozidin ejeldin qorqqandek qorqushudu. Emdi tekrarlimaqchimen: uyghuristanning heqiqi lideri kim? Yaki liderliri kimler? Uyghuristanning musteqilliqi, uyghurlarning erkinliki uchun jan pida qilghan buyuk liderlirimiz maxmut muhiti we exmetjan qasimilardur.Ular ezeli we ebedi dushmenimiz xitay qarshisida tarixi bedel otep “ uyghuristan jumhuriyiti” din ibaret meniwi mengguluk miras qaldurup ketti.Bugun 2008-yili 4-awghust “qeshqer weqesi”ni yaratqan abduraxman azat we qurbanjan xemit kebi olmes insanlirimiz bu miras uchun olumge pisent qilmidi. Maxmut muhiti (?-1945), Exmetjan qasimi (1914-1949), abduraxman azat (34 yash) we qurbanjan xemit (29 yash) qatarliq buyuk insanlirimizni yitishturgen bu weten - uyghuristan(sherqi turkistan, uyghuriye) axiri bu uluq insanlirimizning bizge amanet qilghan qutluq urush yoli bilen xitaydin qutulghusi. Azatliq uchun urush digen mana bu. Bu hukumni tarix chiqarghan. Tariximizni bileyli - u yeter. Qehriman ejdatlirimizning qimmitini bileyli, ularning yoli bilen algha basayli. ___ Neqiller, menbeler: “ Şarki Türkistan Meseleleri”, Yaş Türkistan, bet : 8211; 106, 1938, s.5&8211;6; 4280&8211;4281“ “ Bir İsimsiz Risalenin İç Yüzü “, Yaş Türkistan, bet : 8211;116, 8211;117, 1939, s.50&8211;51, 4785, 8211; 4786“ ___ Terjimandin izahatlar: (*) - Isa yusupke xotunluq uchun tallan'ghan lanjuluq yu xinim(patma tetey)ning ta hazirghiche dawam qiliwatqan xitay qolidiki "alptikinler sulalisi"da alahide rol oynighanliqi her-qanche yoshurulghan bilenmu"tarixning chungqur yerlirige komulgenliri"din chiqip qalmaqta. Bu reswa satqunluqqa qarang: isa yusup xitay uchun tashkent konsolxanisida ishligen waqitta , roslar ottura asiyadiki uyghurlarning teliwi bilen ularni mexpi teshkillep, tajawuzchi xitaylarni wetinimizdin qoghlap chiqirish uchun, ularni qurallandurushqa otken. "Yu xinim" -isa yusup er-xotun jasuslar bu melumatni qolgha chushurup gomindang xitaylirigha yollap bergen. Xitay derhal rosiyege naraziliq bildurup quralliq qozghulangning aldini alghan. Alma-atadiki qozghulang yitekchisi bir uyghur: " ... Uyghurlar yene bir qitim kozimizge korunup turghan musteqilliq pursitidinquruq qalduq..."Dep qattiq ichin'ghanliqini bildurgen. (**) - “Xitaykesh, birinji nomurluq weten xaini” isa yusupni uluq ata uyghur exmetjan qasimi 1948-yili "ittipaq jornili"da : " xitay dinmu better, satqun isa yusup, mesut sabirilar..."Dep ilan qilghan. |
Free forum by Nabble | Edit this page |