Banned User
|
ئەمەتقارىمنىڭ مەناسىز، شەيتانى دوسقان غەيۋەتلىرىنى كورۇپ ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلماڭ. "بىز ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايمىز" ، "مەن ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن خىتاي بىرلىكىنى قوبۇل قىلىمەن" دەپ ئىلان قىلغان ئەركىن ئىسا ۋە رابىيەلەرگە قارشى " دۇق تارقالسۇن!" دەپ تەرەپ-تەرەپتىن غەزەپ ۋە نەپرەتلەر يەغىشقا باشلاۋاتقاندا -بۇلارنىڭ يالاقچىسى مەككە مەككارى ئەمەت قارىم توساددىن ھەرەمدىن" مىڭ بىر كەچە "ھىكايەلىرىنى يوللاپ ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى بۇراشقا ئۇرۇنماقتا. مەن مەككە ۋە ئىستامبۇلدا كورگەنلىرىمنى دەمەكچىمەن: ئىستامبۇلدىكى ئوننەچچە ئەغىز ئوي، قۇدۇق، ۋە مەيدانى بار بۇ ۋەخپىنىڭ قۇرۇ جايىنى 50يىلدىن بىرى توپا بىسىپ كەتكەن. ئوننەچچە قەۋەتلىك بىنا سەلىپ بەش قەۋىتىنى ئورتاققا بەرىپھەجدىن قايتقان ۋە تۇركىيەدىن ئوتكەن مۇساپىرئۇيغۇرلارغا ھەقسىز مىھمانخانە قىلىپ باشقا ۋاقتىنى تىجارى كىراغا بەرگەن بولسا بۇگۇنگىچە قانچىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولاتتى؟ مەن بۇ ۋەخپىنىڭ قورۇسىنى ، ئويلىرىنى بىسىپ كەتكەن بىر غىرىچ توپىلىرىنى تۇرغۇن ئالماسنىڭ ئوغلى مۇرات ئالماس، شا خەلىل... قاتارلىقلار بىلەن تازىلىغاندا كورۇپ بۇ خىيالنى قىلىپ ئوز-ئارا دەيىشكەن ئىدۇق. ئون-يىگىرمە بالا توپلۇشۇپ ياتىدىغان يەر بولمىغاچقا ئۇ يەردە بىر قانچە كۇن تۇرۇپ قالغانغا دەرنەكتىن ئىسا بەگ دەگەن ساتقۇن ھامۇتخان كوكتۇركنى ئىۋەتىپ تۇرك پولىسى بىلەن بىرلىكتە كىلىپ بالىلارنى قوغلاپ چىقارغان ئىدى. ئامىرىكىدىكى مەرھۇم تاھىرجانباي ئىستامبۇلدىكى بىر يۇرۇش ئويىنى ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا ھەقسىز ئولتۇرۇشقا بەرگەن ئىكەن. ئىستامبۇلغا كىلىپ مەنمۇ شىشلىدىكى ئۇ ئويدە ئۇزۇنغىچە قالدىم. ئابدۇرازاق ئىمام ئۇچىمىز ئويدە ئۇزۇنغىچە پاراڭلىشىپ، تاھىرجان ئاكا بىزنى پولو ئىتىپ مىھمان قىلىدىغانلىقىنى دىدى. مەن قەلەم قىلغان سەۋزىنى كورۇپ، مەمنۇن بولغان ئىدى. ئويدە شىپىگىراپ ماشىنىسى بار ئىدى. مەن تۇنجى قىتىم ئىستامبۇلدا ئۇيغۇرچە گىزىت چىقىرىشقا باشلىدىم. ئالما-ئاتادا تۇزۇلگەن قۇرۇلغۇسى ئۇيغۇرىستان دولىتىنىڭ ئاساسى قانۇنىنى كىتاپچە قىلىپ نەشىر قىلدىم. ئويسىز بىر نەچچە ئۇيغۇرنى ياتقۇزدۇم. سەلەيھاجى ئىستامبۇلدىكى تاھىرجاننىڭ كىلىنلىرىنى كۇشكۇرتۇپ ئوينى بىكار قىلىشىمنى تەلەپ قىلدۇردى. خىتايغا تەككەن بىر ئۇيغۇر ئايالنى ئورۇنلاشتۇرغاننى ئاڭلىدىم. بىزگە باي ئەۋلادى ساۋاقدىشىم ئىقبالھاجىم خانىم ئىگە چىقىپ 3 ئىغىز ئويىنى ھەقسىز ئولتۇرۇشىمىزغا بەردى. مەن ئەرەبىستانغا ھەجگە بارغاندا غۇلجۇلۇق يارمەمەت ۋە ئانىسى بىلەن مەككىدە ئىنتايىن كوڭۇللۇك بىر ۋاقىت كەچۇرگەن ئىدىم. ئىقبال خانىمنىڭ ئومرى ئۇزۇن بولسۇن، خۇدايىم بەرسۇن دەپ رەسمى دۇئا قىلىشنى يارمەمەتتىن ئۇگەندىم. ئىقبال خانىمنىڭ شىئەندە ئوقۇغان ساۋاقدىشىمدىن ئامان بىلەن توي قىلىپ قوش-گىزەك بالىسى بولغانلىقىنى ئاڭلىدىم. مانا ئۇلۇق خۇدايىم ھەرەمگە ھەجگە بىرىپ قىلغان دۇئانى قوبۇل قىپتۇ. يارمەمەت دىنچى موللاملاردىن ئايەت ئوقۇشنى ئۇگەنگەن ئىكەن. يارمەمەت ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەركىن ئالپتىكىن ۋە ئابلىمىت تۇرسۇنلارغا ئەسكەربولغان، تەبلىغچى بالا ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن مەككىدە بىرگە بولدۇم. ھەج قىلغان بىلەن پۇلمۇ ئاجايىپ كىتىدىغان يەر ئىكەن. قارىسام بايلار كەمبىغەللەرگە ماشىنىدا چەلپەك(قۇيماق) تارقىتىۋىتىپتۇ. يارمەمەتنى ئىلىپ ماشىنىنىغاتوپلاشقان ئادەملەرنىڭ ئارىسىغا كىرىپ يا-ئاللا دەپ ئوڭ قولۇمنى چىقارسام بەش چەلپەك تۇتقۇزۇپ قويدى. سول قولۇمنى چىقاردىم يەنە بەش... ئوتتۇز-قىرىق. كەينىمدىكى يارمەھەمەتكە ئۇزاتتىم، قۇيماقلارنى توپلاپ "رابات"تىكىلەرگە ئەرزان ساتتۇق. ئۇلاردىن ماجان ئىلىپ، ئەرەپ دۇكانلىرىغا ئاپىرىپ ساتتۇق. پايدىنى تەڭ ئۇلەشتۇق. يارمەمەتنىڭ ئانىسى : ۋاي بالىلىرىم، سىلەرگە خۇدايىم بەرسۇن دەپ خۇرسەن بولغان ئىدى. بىر ئاز پۇل تاپقاندىن كىيىن تۇركىيەگە كەتىۋالدىم. ھەش-پەش دىگۇچە قىش كەلدى. ئىستامبۇلنىڭ سوغۇقىنى كورمىگەنلەر بىلمەيدۇ. شۇ كۇنلەردە خىتاي تۇرمىسىدا 20نەچچە يىل ياتقان70-80لەردە بار بىر ئاكىمىز ھەجدىن قايتىپ ئىستامبۇلدا تۇرغسى كىلىپ تۇرۇپ قالدى-بولغاي. يۇزلەرچە ئىستامبۇل ئۇيغۇر بايلىرى ئۇنى ئويىگە ئەلىپ كەتمىدى. ۋەخپىنىڭ ئىشىكى ۋە دەرنەكىنىڭ ئىشىكى قۇلۇپلاغلىق تۇردى. ئۇ بىچارە ئىنشاتى تەخى پۇتمىگەن دەرىزىسى -ئىشىكلىرى ئورنۇتۇلمىغان بىر بىنادا يەتىپ قوپقان ئىكەن. بىر ئىشلارنى قىلىپ تاپقان پۇلىنى ئىككى تۇرك ئوغرىسى بۇلاپ ئەلىپ، ئوزىنى ئولتۇرۇپ قاچقانلىقىنى ئاڭلاپ بەكمۇ ئىچىندۇق. ۋەخپىنى ئىسا يۇسۇپ بىر مىھمانخانا قىلايلى دەپ باقمىغان ۋە دەگەنلەرنى توسقان ئىكەن. تۇركىيەنىڭ پىرىزدىنتى سۇلايمان دەمىرال ئىسا يۇسۇپنى قوبۇل قىلىپ: "مەن ئۇيغۇرلار ئۇچۇن نەمە ياردەم قىلىپ بەرەي؟"دەپ سورىغاندا بۇ خىتايدىنمۇ بەتتەر ساتقۇن مۇناپىق: "ئويۇمنى بىرىنجى قەۋەتتىن ئىككىنجى قەۋەتكە ئالماشتۇرۇپ بەرسىلە" دەپ جاۋاپ بەرگەننى زەينۇرە خانىمدىن ئاڭلىغان ئىدۇق. ئۇ ئولگەندىن كىيىن ئۇنىڭ لانجۇلۇق خىتاي خوتۇنى يۇ تەتەي(پاتما خنىم ) دىن بولغان ئەركىن ئىسا، ئەرسلان ۋە ئىلغار ئىسا دىگەن بالىلىرى: " ۋەخپى دادىمىزدىن بىزگە مىراس قالغان"دەپ مەھكىمىگە ئەرز قىلىپ يەپ كىتىش ئۇچۇن ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ئاڭلىدىم. نىمە بولغانلىقىدىن خەۋىرىم بولمىدى. ________ بۇ مەككار ئەمەتقارىمنىڭ مەزكۇر قىلمىشى بىكارغا ئەمەس-مەقسەتلىك. ئۇ يوللاپ كەلگەن ھەرەمدىكى بۇتۇن"سوھبەتلەر"يەپ-ئەچىش، ئالسىلا-باقسىلا، غەيۋەت- پىتنە، يالغانچىلىقلار بىلەن تولغان. بۇلارنى ئاللى- بۇرۇن ئوقۇپ زىرىككەن ئىدۇق. ھەرەمدىن چىققان "مەشھۇرلار"زادى كىملەر؟ ئۇلارنى يىغىشتۇرۇپ كەلگەندە قىرغىزىستان ياكى"ئالما-ئاتانىڭ بىر كوچىسىدىن چىققان بىر-ئىككى ئۇيغۇر زىيالىسىغا يەتمەيدۇ. بۇ بىچارىلەر ئەرەبىستاندا 40 يىل تۇرۇپمۇ ئەرەپ پاسپورتىغا ئەرىشەلمىگەن. ئۇ يەردىكى خىتاي بىسىمدىن شۇڭا مەشھۇر چىقالمىغان دەسەك بولىدۇ. ئەمما بىلىملىك ، ئەقەللىق ئالىملاردىن ئەرەپ پادىشاسىغا مەسلىھەتچىلىك قىلغان بىر-ئىككى ھاجىم تۇركىيە ئىستامبۇلدىكى ۋەخپىنى ۋە دەرنەكنى زاكات ۋە ئىئانە توپلاپ ئۇيغۇرلارغا ھەدىيە قىلغان ئىكەن. ئەمما ئەمەت قارىم بۇنداق ھەقىقى مەشھۇر ئۇيغۇرلار ھەققىدە غىڭ-پىڭ دەپ باققىنى يوق. ۋە ھەرگىز دىيەلمەيدۇ-چۇنكى خىتاي ئىسا يۇسۇپ، ئەركىن ئىسا، "دۇق" ۋە ساتقۇن -ئانا ئۇيغۇر- رابىيە نىڭ يالاقچىسى ئەمەت قارىمغا قاچان؟ قانداق ۋەزىپە بەرگەننى بىلىدىغانلار بار. _________ ھۇرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر مەككە ۋە ئىستامبۇلغا بىرىپ كورگەن-بىلگەنلىرىمدىن مەلۇمات بەردىم. ئەمەتقارىمنىڭ مەناسىز، شەيتانى دوسقان غەيۋەتلىرىنى كورۇپ ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلماڭ. توۋەندىكى ۋەھشىلىكنى كورۇپ كەلگۇسى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ تەقدىرى ئۇستىدە ئويلاڭ: http://www.liveleak.com/view?i=895_1421776288 http://www.liveleak.com/view?i=895_1421776288 ______ دۇد تەشكىلاتى رەئىسى سىدىقھاجى.مەرتمۇسا (دىپلوم ئارخىتەكتۇر) malik-u@web.de فرانكفۇرت م گەرماني |
Free forum by Nabble | Edit this page |