Banned User
|
UAA torbitide Mawaln bularni yazghan: بۇ “ستونە ئوف ھوپە”غا ئىشلەتكەن تاش دەل خاتىرە سارايىنىڭ كىرىش ئىغىزىدىكى ئىككى يوغان تاغنىڭ ئوتتۇردىن كىسىپ ئالغان تاش ئىكەن. تاغ قەھرىمانلارنى تاۋلايدىكەن ۋە تالايدىكىن. ئۇمىدسىز دىگەن تاغنى يىرىشقا بەل باغلىغان مەرد ئەزىمەتلەرگە، ئۇ تاغ ئۇمىد يولىنى ئىچىپ بىرىپلا قالماي، ئۆزىنىڭ گەۋدىسىدىن بىر پارچىسىنى بۇ مەرد ئەزىمەتلەرگە پىدا قىلىپ، جەسۇرانا قىياپىتى جۇش ئۇرغان ھالدا تاغ يارغۇچىلار كارۋانىغا قىتىلىدىكەن. Menbe: http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?45493-Martin-Luther-King-we-Uyghurlar ___________ Men Bularni yazdim: ماۋلان :"خاتىرە ساراينىڭ كىرىش ئىغىزى"دا "ئىككى يوغان تاغ" بار دەۋاتىدۇ. ... بۇ گەپ نەدىن چىقتى؟ سارايغا كىرىدىغان يەر - ئادەتتە بوش، ئوچۇق بولىدۇ. دەرۋازا ئورنۇتۇلغان بولسا كۇندۇزى ئوچۇق، كىچىسى يىپىغلىق تۇرىدۇ.خۇددى ماۋلاننىڭ ئىككى قۇلۇقى ئوتتۇرىدىكى ئاغزى جويلىگەندە ئوچوق، راس گەپ تاپالمىغاندا يىپىغلىق تۇرغانغا ئوخشاش گەپ. "ساراينىڭ كىرىش ئىغىزىدا ئىككى يوغان تاغ بار" ماۋلاننىڭ تەسۋىرلەش ئىقتىدارىدىكى چاتاق بۇلا ئەمەس- "ئىككى يوغان تاغنىڭ ئوتتۇردىن كىسىپ ئالغان تاش"مۇ بار تىخى، دىسە ! ئىككى يوغان تاغنىڭ ئوتتۇرىدا " پەقەت ھاۋا ، دەل-دەرەخ ياكى ئىقىۋاتقان سۇ بولىدۇ.ئىككى تاغنىڭ ئوتتۇرى بوش، ئوچۇق بولىدۇ. ئۇنداق بولمىسا "ئىككى تاغنىڭ ئوتتۇرى"دەپ ئاتالمايدۇ. بوش، ئوچۇق، ئوتتۇردىن كىسىپ ئالغان تاش-بۇ قانداق گەپ؟ ماۋلاننىڭ قايسى"ئىككى يوغان تاغ" ۋە قايسى "ساراينىڭ كىرىش ئىغىزى"ھەققىدە گەپ قىلىۋاتقانلىقى ئىنىق ئەمەس - چۇشۇنۇكسىز. مۇھەببەت داستانى "پەرھات-شىرىن"ھىكايىسىدىكى پەرھاتنىڭ تاغ تىشىپ يول ئاچقانلىق ئەپسانىسى ماۋلانغا قاتتىق تەسىر قىلغان چىغى. بىراق ئۇنىڭ يازغانلىرىنى گىئولوگ ئەترەتنىڭ "تاغچىلىرى" مۇ ئوقۇپ چۇشىنەلمەيدۇ. ياش ۋاقتىدا خىتايچە ئوقۇپ، ئۇيغۇرچە مۇھەببەتتىن خەۋەرسىز قالغان ماۋلاننىڭ قىرىغاندا "پەرھات-شىرىن"نى ئوقۇپ مۇھەببەت ئۇچۇن تاغ ئارىسىدىكى بوش يەرنى كىسىپ تاش چىقارغانلىقى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. شەپكىدىن توشقان چىقارغان سىركچىمۇ ماۋلاندەك بولماس؟! دۇنيا تارىخىدا "ئىككى يوغان تاغنىڭ ئوتتۇردىن كىسىپ ئالغان تاش"نى تاپقان ئادەم بىزنىڭ غۇلجۇلۇق ماۋلان ياسىن ! نوبىل مۇكاپاتىغا ئوزىنى تىزىملىتىپ باققان بولسا ... قانداق بولا؟ "ئىككى تاغنىڭ ئوتتۇرىنى كەسكەن"نى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمىز. ئانا تىلىمىزنى، سىغىزدەك چايناپ يۇتۇۋەتكەنلەردىن كورىدىغىنىمىز كوپ ئوخشايدۇ بىزنىڭ. بۇ ھالى بىلەن ماۋلان "لەيلى-مەجنۇن"نى ئوقۇپ قالمىسا بولاتتى. ئادەمنى قورقۇتىدىغان يىرى- چۇشۇنۇكسىز، پەلى-پەتىش چاتاقلىرى كوپۇيۇپ بارغانسىرى خىتايچە ئوقۇغان ماۋلاندەكلەر"مەجنۇن"نىڭ ئوزى بولۇپ بىر ئاز ئىلىشىپ قالغان بولسا مەيلى ئىدى. بىراق ماۋلانلارنىڭ ئۇيغۇرچە مۇھەببەتنى ھىس قىلىپ باقمىغانلىقىدىن "مەجنۇن"نى "مەجۇن يىگەن ساراڭ" دەپ تۇرىۋالىدىغان تەسلىكى بار. ماۋلان ئۇيغۇرلاردا ئەركەك يوق ، مۇھەببەت يوق دەپ كىنودىكى ئارتىس "دۇچۇ"غا كويۇپ قالغاندەكلا بىر نىمىلەرنى يازغىنىنى ئوقۇپ ھەيران قالدىم. بالىلىق ۋاقتىمدىكى مۇھەببەت بومبىلىرىمدىن بىرەرنى پارتىلىتىپ كورسۇتۇپ قويغۇم كەلدى. ھەي ئۇيغۇرلار! بالىلارنىڭ ئۇيغۇرچە تىلى چىقسۇن، ياشىسۇن ئۇيغۇر ئانا مەكتەپ! malik-u@web-de |
Free forum by Nabble | Edit this page |