Banned User
|
ھۆرمەتلىك ئەزىز ئىسا ئەپەندىم، خەت يازسام جاۋاپ بەرمىدىڭىز. كوپ ئالدىراشتۇر دەپ ئويلۇدۇم. سىزگە ئىلتىماسىمنى تەكرار يوللۇدۇم. ئىنساننىڭ بىر-بىرىگە ھاجىتى چۇشىدۇ. سىزنىڭ مەندىن تەلىۋىڭىز بولسا سوزلەڭ، قولۇمدىن كەلسىلا ياردەم قىلىشقا تەييارمەن. كەلمىسە ئۇنى دەيمەن، جاۋاپ بىرىمەن. UAA, weten.org , weten.biz, uyghurpen.com, يۇقۇردىكى توربەتلىرىگە كىرىشىم چەكلەڭەنلىكى، ھاقارەت-توھمەتلەرگە ئۇچراپ، يالغۇز قالغانلىقىم- تەرىپىمنى ئالىدىغان چىقمىغانلىقى، توغرا ئىكەنلىكىمدۇر. بۇنىڭدىن غۇرۇر تۇيىمەن. نەچچە يىللىق ئەمگەكلىرىمنىڭ ئاياق-ئاستى قىلىنىپ، يازمىلىرىمنىڭ ئەلىپ تاشلانغانلىقى مەنى قاتتىق غەزەپلەندۇردى. ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىكى بىردىن-بىر ئەركىن مۇنازىرە مەيدانى - مەزكۇر توربەتتە يولۇققان بەزى ئەھۋاللارمۇ مەنى ئەپسۇسلاندۇرماقتا. ئۇلار ھەققىدە ھازىرچ سوزلىمەي. ەسىزگە پەقەت بىر نەچچە تەلىۋىم بار بىرىنجىسى: شەخسى توربەتىڭىز ۋۋۋ.ئۇيغۇرەنسائەمبلە.چو.ئۇك دىكى /مۇنبەر-مۇنبەر/دە، بولۇپمۇ „دۇد سوزچىسى- مي پوستس“ ئاستىدا بەرىلگەن ئۇيغۇر كونا يەزىقىدىكى يازمىلارنى ئوقۇش ئىنتايىن قىيىن بولماقتا. بىر توربەتتە سۇپىتى ئىككى خىل خەت نۇسقىسى بولۇشىدىكى سەۋەپ نىمە؟ ئەگەر بۇ ماقالە يوللىغۇچىنىڭ سەۋەنلىكى بولمىسا ، بۇ ئادالەتسىزلىكنىڭ سەۋەبى نەدە؟ ئۇئائا توربەتىدىمۇ ئوخشاش ئەھۋال ماۋجۇت. ئۇئائا ۋە سىزنىڭ توربىتىڭىزگە يوللىغان يازمىلىرىمنى ئوقۇيالمىغانلىقىدىن ئاچچىقلانغان بىرەيلەن ئىككى يىل بۇرۇن ماڭا: „ئەزىز ئىسا ئەپەندىمگە پىكىرىڭ بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئەزىز ئىساغا يامانلاپ، ئۇنىڭ توربەتىدىكى „فورۇم“دا قوللۇنۇلغان خەت نۇسقىسىنى نىمە ئۇچۇن جاھىللىق قىلىپ ئىشلەتمەيسەن؟ توغرا ، راس گەپ قىلىسەن، ئوقۇماي دەسەم تەخى، ئەمما ئوقۇش قىيىن، كوپ ۋاقىت ئالىدۇ…“ دەپ ماڭا خەت يازغان ئىدى. ئەزىز ئىسانىڭ ئۇگەي بالىسى بولمىسام، قانداقسىگە يامانلىغۇدەكمەن؟ دەپ ئۇنى جاۋاپسىز قالدۇرغان ئىدىم، ئەمما ئۇ ھەقلىق ئىدى. ئوقۇرمەنلەر قىينىغانلىقى ئۇچۇن مەن جاۋاپكار ئەمەس ئىكەنلىكىمنى ۋە مىنىڭمۇ زىيانغا ئۇچراۋاتقانلىقىمنى ئىلان قىلىمەن. بۇ ئىشنى مەتبۇئات ئەخلاقى بويىچە، ئادىل مىزان بىلەن ھەل قىلىشىڭىزنى سورايمەن. بۇ سىزنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە بەرگەن ئەڭ ياخشى جاۋابىڭىز بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. ئىككىنجىسى: شەخسى توربەتىڭىز ۋۋۋ.ئۇيغۇرەنسائەمبلە.چو.ئۇك دا ئىلان قىلىنغان يازمىلارنىڭ مەنبە (لىنكى) نى باشقا توربەت ۋە ئورۇنلاردا نەقىل كورسۇتۇپ، كورسۇتۇش مۇمكىن ئەمەس. چۇنكى توربەتىڭىزنىڭ يازمىلىرىم بار /مۇنبەر-مۇنبەر/ دىكى سەھىپىسىدە مەنبە (لىنكى) ئىلىپ تاشلانغان.نىمە ئۇچۇن لوندون توربىكىتىنىڭ „فورۇم -مۇنازىرە„ دىكى يازمىلارنىڭ مەنبەيىنى كورسۇتۇشكە بولىدۇ. مىنىڭ ئەسەرلىرىم بار "مۇنبەر"دە بولمايدۇ؟ بىر توربەتتىكى يازمىلارغا ئىككى خىل مۇئامىلە قىلىش توغرىمۇ؟. توغرا- خاتا، راس - يالغان ۋە گۇزەل-سەتلىككە باھا بەرىش ئۇچۇن نەقىل، مەنبە(لىنك) كورسۇتۇش كىرەك ئەمەسمۇ؟! مەن سەنئەتچى ئەمەس- ئارخىتىكتۇر. سىياسەت، تارىخ، دىنى- ئىتىقات تىمىلىرىدا مۇستەقىل تەتقىقاتچىمەن. تور بىتىڭىزدىن سىزگە كەلگەن شەرەپلەر ۋە مەدھىيەلەردە پەقىرنىڭ كوپ ئەجرى بار. ئۇچۇنجىسى: ۋۋۋ.ۋەتەن.بىز توربىتىدىكى يازمىلارنىڭ نەقىل مەنبەيى(لىنك)بار ئىدى. ئەمما ئۇ توربەت ئەمدى يوق تۇرامدۇ-قانداق؟. بۇ دۇنيادا نىمە ئىشلار بولمايدۇ-دەيسىز؟! نەچچە يىللىق ئەمگىكىمدىن قۇرۇق قالماي. تەجىربە- ساۋاقلارمۇ موھىم نەرسە... شەخسى توربەتىڭىز ۋۋۋ.ئۇيغۇرەنسائەمبلە.چو.ئۇك دا مەن ھەقسىز ئىلان قىلغان ئەسەرلىرىمنىڭ خىلى كوپ قىسمىنى ۋاقىت ئىتىبارى بىلەن تەھرىرلىمەستىن يوللىغانلىقىمدىن ساقلىۋالالمىدىم. بارلىق يازمىلىرىمنى قايتۇرۇپ يوللاپ بەرىشىڭىزنى تەلەپ قىلىمەن malik-u@web.de بۇ ئىمايل ئادرەسىمغا . ھورمەت بىلەن، سىزگە ئالدىن كوپ رەخمەت Dunya Uyghur Dostliri Teshkilati (DUD) Sozchisi سىدىقھاجى. مەرتمۇسا (دىپلوم ئارخىتەكتۇر) malik-u@web.de فارانكفۇرت م گەرمانىيە |
Free forum by Nabble | Edit this page |