Qurban Weli Xitaymu ?

classic Classic list List threaded Threaded
1 message Options
Reply | Threaded
Open this post in threaded view
|

Qurban Weli Xitaymu ?

DUD Sozchisi
Banned User

Qurban Welining Xitaymu, emesmu ? ikenliki heqqide soralghan Soalgha "Yette keshpiyat"bilen jawap berilgen.

Soal: http://forum.uyghuramerican.org/foru...eli-ler-Kimler

Jawap: http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/m...appinstalled=0 (UAA din)

Qurban welining bir xitay ikenliki iniq pakitlargha ige. 25Yildin beri u Uyghurlarning muriside. Hichkim sezmidi."Biz bilmeydighan tarix"nimu Uyghurlar 70yildin kiyin bilishke bashlidi. Bilelmey qalghan 70yil eriqtiki lay sudek aqti-ketti. 5-6Yeshida Uyghur beqiwalghan xitay balisi qurban welining Uyghur tarixi heqqide nopozluq soz sahibi boliwilishi, , chetelge chiqiwilishi, radiogha kiriwilishi, 25yil radioda hichkimge chandurmay ishlep pinsiyege chiqiwilishi, nimidin derek beridu?! Uning sozliri, qilghan-etkenliri we yazghanliri Uyghurlarda guman tughduridu. Qurban welining kim ikenlikini yillardin beri kop qetim surushte qilghanlar boldi. Uaa din soallar ilip tashlandi. Waqit otti- Uyghurlarning ziyan tartqini tartqan boldi. Qandaq ziyanlar?

Yette keshpiyat qurban welining keshpiyati emes. Wetende bu heqte toxtalghanlar kop. Qurban welining toxtalghini bashqa nerse-Uyghurlarni ziyan tartquzush.

"Kotumde ishtanning tayini yoq, ismim marjan buwi"digendek, xitayning qul qiliwalghan Uyghurlarni toxtimastin"awu nimem bar, mawukeshpiyatim bar" diguzushi milli siyasetning ewzellikidin biri, „Kön - xirum tixnikisi“, „top-zembirekler“ning ozila Uyghurlarning "charwichi", "urushqaq -tajawuzchi" ikenlikini isapatlash uchundur.

Ottuz yildin biri Uyghurlar Turk, Hon we xitay arisida ozining kimlikini taliship kelmekte. Xitay terepte turup Uyghurlarni talashqanlarning tipik wekili "isa begchi" Qurban welidur. Turghun Almas hayatining axiriqi dewride Uyghurlarning milli kimlikini, milletchilik ingini oyghutush uchun "Uyghurlar"ni ilan qilip ulgurdi.

"Tarixi yiziqlirimiz"qatarliq bir qanche kitap yizip, Uyghurlarni qandaqtur xiyali Honlar we Turkler qilip qiyas qilishqa qiziqturup, Uyghur kimlikini Leyitiwetken Qurban welining "shi wang Mu-gherp Anika", "Mu Doliti" qatarliq xitayche riwayetliri Uyghurlarni tarixta xitaylar bilen tuqqanchiliqi bar yerlerge ilip bardi. Uning Yawropadiki tesirlirige nezer silip baqayli:

Yiqinqi ottuz yildin biri qurban welining "shinjang"da neshir qilin'ghan kitaplirini oqughan Uyghurlar ozini barghansiri Uyghur dimey, Turk deydighan bolushqa bashlidi. Uning Chetellerdiki Uyghur musteqilliq korishige korsetken ziyankeshliki isabegchiler we teshkilatliri bilen bashtin -axir masliq we hemkarliqqa ige.

"Millitimiz Turk, dinimiz islam, wetinimiz sherqi Turkistan" chetellerdiki "isabegchiler"ning, "DUQ"keshlerning Uyghurlargha tangghan shuarigha aylandi. Qazaq, qirghiz, Ozbek, Tatar we Azarlar wetinini Qazaqistan, Qirghizistan, Ozbekistan, Tataristan, Azarbeyjan ... Dep atisa biz Uyghurlar "sherqi Turkistan"dep ataydighan bolDUQ. Her kim oz millitining namini uluqlisa biz Uyghurlar Ozbek, Tatar, Turkmen, Azardinmu bek "Turk"bolup kettuq. Ozini Uyghur deydighanlar qalmidi. Isimlirini "OzTurk", "TamTurk", "Qara Turk", "Yash Turk", "olmes Turk"...dep Ozgertkenler bar. Uyghurluq yashimay turup, Uyghurlar olturmey turup, qirip, qirilip olup ketti.

Anisi Lenjuluq xitay turup, ozini "alptikin"deydighanlar, xitay nesillik "Turk'el(Turk teslim)"dep ataydighanlar "DUQ"ning reisliri bolup keldi. Bular Qurban weli bilen birge yigirme besh yildin biri Uyghurlarni xitaygha teslim qilip keldi. Yawropaliqlar yighlighan balilirini: " Turkler kiliwatidu"dep pes qilidighanliqini angliDUQ. Yawropagha kilip, siyasi panaliq tiligen Uyghurlardin beziliri: "Millitim Turk" digenliki Uchun yalghanchi dep turmigha solap qoyulghan. Panaliq birilmey xitaygha qayturiwitilgenlermu bar.

"Millitimiz Turk" diguzgenler tosaddin Uyghurlarni "Honlarning ewladi biz" dep Naxsha eytquzushqa bashlidi. Ozbek, Tatar, Turk, Azardin birmu wekil barmighan "Budapéshtta échilghan Hon qurultayi"gha Uyghurlardin "wekil " bolup barghan Naxshining Ijatchisi xitay qurban weli riyasetchilik qildi. Mezkur qurultay Ruminiye, polsha qatarliq doletlerning metbuatlirida "atillaning tirilishi, Hon fashizimliqi" dep qattiq eyiplendi. Buningdin uyfghurlarning Nime xewiri bolsun?

Yawropaliqlar Uyghurlarning bu yingi kimlikige, At tuwaqliri chang chiqirip, Yawropani qilich bilen titretken Atilla Honlirigha qarighandek qarashqa bashlidi. Uyghurlarning Musteqilliqi uchun Yawropada sozleydighan Dolet chiqmidi. Turklerni tashlap, Hon boliwalghan DUQ wekilliri Hon'giriyege birip, Chichenistan, Afghanistan'gha, Guantanamogha barghandek kormigenni kordi. Nime uchun?

"Dadam Hon, Anam Rabiye qadir"dep Win'giriye Saqchisigha yalghan sozligen DUQ wekilliridin Umut Agahini Hongiriyelikler Turmigha solap qoyghanda, qalghan wekiller qorqup Miyunxin'gha qichip ketken. Hongiriyediki Xitay elchisi turmigha birip : bu balangza Bizning Adem, dadisini bilimiz, Miyunxinda Panaliq tilep qaytip ketti, hazir Urumchide"dep kapalet bergendin kiyin qoyup bergen.

- Dawami II Qismda


قۇربان ۋەلىنىڭ خىتايمۇ، ئەمەسمۇ ؟ ئىكەنلىكى ھەققىدە سورالغان سوئالغا "يەتتە كەشپىيات"بىلەن جاۋاپ بەرىلگەن. ئۇئائا توربىتى مەسۇللىرى "يەتتە كەشپىيات"نىڭ قۇربان ۋەلى بىلەن نىمە ئالاقىسى بارلىقىنى بىلمىسە كىرەك. قۇربان ۋەلىنىڭ بىر خىتاي ئىكەنلىكى ئىنىق پاكىتلارغا ئىگە. 25يىلدىن بەرى ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇرىسىدە. ھىچكىم سەزمىدى."بىز بىلمەيدىغان تارىخ"نىمۇ ئۇيغۇرلار 70يىلدىن كىيىن بىلىشكە باشلىدى. بىلەلمەي قالغان 70يىل ئەرىقتىكى لاي سۇدەك ئاقتى-كەتتى. 5-6يەشىدا ئۇيغۇر بەقىۋالغان خىتاي بالىسى قۇربان ۋەلىنىڭ ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە نوپوزلۇق سوز ساھىبى بولىۋىلىشى، ، چەتەلگە چىقىۋىلىشى، رادىئوغا كىرىۋىلىشى، 25يىل رادىئودا ھىچكىمگە چاندۇرماي ئىشلەپ پىنسىيەگە چىقىۋىلىشى، نىمىدىن دەرەك بەرىدۇ؟! ئۇنىڭ سوزلىرى، قىلغان-ئەتكەنلىرى ۋە يازغانلىرى ئۇيغۇرلاردا گۇمان تۇغدۇرىدۇ. قۇربان ۋەلىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى يىللاردىن بەرى كوپ قەتىم سۇرۇشتە قىلغانلار بولدى. ئۇئائا دىن سوئاللار ئىلىپ تاشلاندى. ۋاقىت ئوتتى- ئۇيغۇرلارنىڭ زىيان تارتقىنى تارتقان بولدى. قانداق زىيانلار؟ يەتتە كەشپىيات قۇربان ۋەلىنىڭ كەشپىياتى ئەمەس. ۋەتەندە بۇ ھەقتە توختالغانلار كوپ. قۇربان ۋەلىنىڭ توختالغىنى باشقا نەرسە-ئۇيغۇرلارنى زىيان تارتقۇزۇش.

"كوتۇمدە ئىشتاننىڭ تايىنى يوق، ئىسمىم مارجان بۇۋى"دىگەندەك، خىتاينىڭ قۇل قىلىۋالغان ئۇيغۇرلارنى توختىماستىن"ئاۋۇ نىمەم بار، ماۋۇكەشپىياتىم بار" دىگۇزۇشى مىللى سىياسەتنىڭ ئەۋزەللىكىدىن بىرى، „كۆن - خىرۇم تىخنىكىسى“، „توپ-زەمبىرەكلەر“نىڭ ئوزىلا ئۇيغۇرلارنىڭ "چارۋىچى"، "ئۇرۇشقاق -تاجاۋۇزچى" ئىكەنلىكىنى ئىساپاتلاش ئۇچۇندۇر. ئوتتۇز يىلدىن بىرى ئۇيغۇرلار تۇرك، ھون ۋە خىتاي ئارىسىدا ئوزىنىڭ كىملىكىنى تالىشىپ كەلمەكتە. خىتاي تەرەپتە تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى تالاشقانلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى "ئىسا بەگچى" قۇربان ۋەلىدۇر.

تۇرغۇن ئالماس ھاياتىنىڭ ئاخىرىقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى كىملىكىنى، مىللەتچىلىك ئىڭىنى ئويغۇتۇش ئۇچۇن "ئۇيغۇرلار"كىتاۋىنى ئىلان قىلىپ ئۇلگۇردى.

"تارىخى يىزىقلىرىمىز"قاتارلىق بىر قانچە كىتاپ يىزىپ، ئۇيغۇرلارنى قانداقتۇر خىيالى ھونلار ۋە تۇركلەر قىلىپ قىياس قىلىشقا قىزىقتۇرۇپ، ئۇيغۇركىملىكىنى لىيىتىۋەتكەن قۇربان ۋەلىنىڭ "شى ۋاڭ مۇ-غەرپ ئانىكا"، "مۇ دولىتى" قاتارلىق خىتايچە رىۋايەتلىرى ئۇيغۇرلارنى تارىختا خىتايلار بىلەن تۇققانچىلىقى بار يەرلەرگە ئىلىپ باردى. ئۇنىڭ چەتئەللەردىكى تەسىرلىرىگە باقايلى:

يىقىنقى ئوتتۇز يىلدىن بىرى قۇربان ۋەلىنىڭ "شىنجاڭ"دا نەشىر قىلىنغان كىتاپلىرىنى ئوقۇغان ئۇيغۇرلار ئوزىنى بارغانسىرى ئۇيغۇر دىمەي، تۇرك دەيدىغان بولۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭ چەتەللەردىكى ئۇيغۇر مۇستەقىللىق كورىشىگە كورسەتكەن زىيانكەشلىكى ئىسابەگچىلەر ۋە تەشكىلاتلىرى بىلەن باشتىن -ئاخىر ماسلىق ۋە ھەمكارلىققا ئىگە.

"مىللىتىمىز تۇرك، دىنىمىز ئىسلام، ۋەتىنىمىز شەرقى تۇركىستان" چەتەللەردىكى "ئىسابەگچىلەر"نىڭ، "دۇق"كەشلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا تاڭغان شۇئارىغا ئايلاندى. قازاق، قىرغىز، ئوزبەك، تاتار ۋە ئازارلار ۋەتىنىنى قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئوزبەكىستان، تاتارىستان، ئازاربەيجان ... دەپ ئاتىسا بىز ئۇيغۇرلار "شەرقى تۇركىستان"دەپ ئاتايدىغان بولدۇق. ھەر كىم ئوز مىللىتىنىڭ نامىنى ئۇلۇقلىسا بىز ئۇيغۇرلار ئوزبەك، تاتار، تۇركمەن، ئازاردىنمۇ بەك "تۇرك"بولۇپ كەتتۇق. ئوزىنى ئۇيغۇر دەيدىغانلار قالمىدى. ئىسىملىرىنى "ئوزتۇرك"، "تامتۇرك"، "قارا تۇرك"، "ياش تۇرك"، "ئولمەس تۇرك"...دەپ ئوزگەرتكەنلەر بار. ئۇيغۇرلۇق ياشىماي تۇرۇپ، ئۇيغۇرلار ئولتۇرمەي تۇرۇپ، قىرىپ، قىرىلىپ ئولۇپ كەتتى. ئانىسى لەنجۇلۇق خىتاي تۇرۇپ، ئوزىنى "ئالپتىكىن"دەيدىغانلار، خىتاي نەسىللىك "تۇركئەل(تۇرك تەسلىم)"دەپ ئاتايدىغانلار "دۇق"نىڭ رەئىسلىرى بولۇپ كەلدى. بۇلار قۇربان ۋەلى بىلەن بىرگە يىگىرمە بەش يىلدىن بىرى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا تەسلىم قىلىپ كەلدى. ياۋروپالىقلار يىغلىغان بالىلىرىنى: " تۇركلەر كىلىۋاتىدۇ"دەپ پەس قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. ياۋروپاغا كىلىپ، سىياسى پانالىق تىلىگەن ئۇيغۇرلاردىن بەزىلىرى: "مىللىتىم تۇرك" دىگەنلىكى ئۇچۇن يالغانچى دەپ تۇرمىغا سولاپ قويۇلغان. پانالىق بىرىلمەي خىتايغا قايتۇرىۋىتىلگەنلەرمۇ بار.

"مىللىتىمىز تۇرك" دىگۇزگەنلەر توساددىن ئۇيغۇرلارنى "ھونلارنىڭ ئەۋلادى بىز" دەپ ناخشا ئەيتقۇزۇشقا باشلىدى. ئوزبەك، تاتار، تۇرك، ئازاردىن بىرمۇ ۋەكىل بارمىغان "بۇداپېشتتا ئېچىلغان ھون قۇرۇلتايى"غا ئۇيغۇرلاردىن "ۋەكىل " بولۇپ بارغان ناخشىنىڭ ئىجاتچىسى خىتاي قۇربان ۋەلى رىياسەتچىلىك قىلدى. مەزكۇر قۇرۇلتاي رۇمىنىيە، پولشا قاتارلىق دولەتلەرنىڭ مەتبۇئاتلىرىدا "ئاتىللانىڭ تىرىلىشى، ھون فاشىزىملىقى" دەپ قاتتىق ئەيىپلەندى. بۇنىڭدىن ئۇيفغۇرلارنىڭ نىمە خەۋىرى بولسۇن؟

ياۋروپالىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يىڭى كىملىكىگە، ئات تۇۋاقلىرى چاڭ چىقىرىپ، ياۋروپانى قىلىچ بىلەن تىترەتكەن ئاتىللا ھونلىرىغا قارىغاندەك قاراشقا باشلىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقى ئۇچۇن ياۋروپادا سوزلەيدىغان دولەت چىقمىدى. تۇركلەرنى تاشلاپ، ھون بولىۋالغان دۇق ۋەكىللىرى ھونگىرىيەگە بىرىپ، چىچەنىستان، ئافغانىستانغا، گۇئانتاناموغا بارغاندەك كورمىگەننى كوردى. نىمە ئۇچۇن؟

ئاڭلىشىمىزچە:"دادام ھون، ئانام رابىيە قادىر"دەپ ۋىنگىرىيە ساقچىسىغا يالغان سوزلىگەن دۇق ۋەكىللىرىدىن ئۇمۇت ئاگاھىنى ھوڭىرىيەلىكلەر تۇرمىغا سولاپ قويغاندا، قالغان ۋەكىللەر قورقۇپ مىيۇنخىنغا قىچىپ كەتكەن. ھوڭىرىيەدىكى خىتاي ئەلچىسى تۇرمىغا بىرىپ : بۇ بالاڭزا بىزنىڭ ئادەم، دادىسىنى بىلىمىز، مىيۇنخىندا پانالىق تىلەپ قايتىپ كەتتى، ھازىر ئۇرۇمچىدە"دەپ كاپالەت بەرگەندىن كىيىن قويۇپ بەرگەن.

-
داۋامى 2- قىسمدا