Rabiyedin Renjimeyli Qérip qaldi!

classic Classic list List threaded Threaded
2 messages Options
Reply | Threaded
Open this post in threaded view
|

Rabiyedin Renjimeyli Qérip qaldi!

Yulghun
Rabiyedin Renjimeyli Qérip qaldi!

Rabiyedin renjimeyli, qérip qaldi,
Yashlirimu yetmishlerge bérip qaldi.
Pitne qozghap, jidel térip hérip qaldi.
Shaykiliri tashlap kétip ghérip qaldi.
Dumbaq qilip chéliwalsa renjimeyli.

Padishahliq dewriningghu waqti ötken,
Izziti hem tutamimu qoldin ketken,
Shaltaqliri besh qit´ege toluq yetken,
Öz özini yaman peyli xarap etken,
Ishek qilip méniwalsa renjimeyli.

Gahi yighlap, gahi külüp sözleshliri,
Mertni yatlap, namertlerni özleshliri,
Yéningdiki aqchilarni közleshliri,
Nere tartip bergen téxi töt – beshliri,
Elge yügen séliwalsa renjimeyli.

Bilmes kishi, sözining rat – yalghinini:
Elni komlap qanche milyon alghinini,
Öy – mülükke yene desmi salghinini,
Bölüshkenmish Seyit bilen qalghinini,
Oynap turup shiliwalsa renjimeyli.

„Uyghur öyi qurimen“ dep sundi qollar,
„Jénim pida anam üchün!“ didi gollar,
„Meschit salar bolduq“ didi yighdi dollar,
„Muhajirlar üchün!“ didi, aqti pullar,
Shundaq baplap éliwalsa renjimeyli.

Hésabini bügüngiche sorighan yoq.
Sorighanning hali yaman, jawabi doq.
Musapirlar weyran, uning qorsughi toq.
Yoghan sözlep yürer, gerche ishtanda poq.
Alghinidin téniwalsa renjimeyli.

Böliwetti Uyghurungni qanche qashqa,
Millitingning derdi bölek, uning bashqa.
Xitay kebi zulum saldi qérindashqa,
Xain atap töhmet qildi qanche yashqa!?
Bashlargha dert séliwalsa renjimeyli.

Her elde bar bir qanchidin yalaqliri,
Millitingning köngli qara qalaqliri,
Hem maraqchi, hem qaraqchi, qulaqliri,
Miniwalsa ghingshimas döt ulaghliri,
Heydiwetsek, kéliwalsa renjimeyli.

Ötti yillar mekkarliqini biz bilgiche,
Süküt qilduq arimizni hem bölgiche.
Reisliktin ayrilghusi yoq, ölgiche.
Bu dewani apiridu u nölgiche,
Wedisidin yéniwalsa renjimeyli,

Dawami bar
Reply | Threaded
Open this post in threaded view
|

Re: Rabiyege Nepret Yoqmu Qerip Qaldi dep?

DUD Sozchisi
Banned User




 رابىيەگە نەپرەت يوقمۇ، قېرىپ قالدى دەپ
ياشلىرىمۇ يەتمىشلەرگە بېرىپ قالدى دەپ .
پىتنە قوزغاپ، جىدەل تېرىپ ھېرىپ قالدى دەپ.
شايكىلىرى تاشلاپ كېتىپ غېرىپ قالدى دەپ.
دۇمباق قىلىپ چېلىۋالسا غەزەپلەنمەمدۇق بىز؟.

پادىشاھلىق دەۋرىنىڭغۇ ۋاقتى ئۆتكەن،
ئىززىتى ھەم تۇتامىمۇ قولدىن كەتكەن،
شالتاقلىرى بەش قىت´ئەگە تولۇق يەتكەن،
ئۆز ئۆزىنى يامان پەيلى خاراپ ئەتكەن،
ئىشەك قىلىپ مېنىۋالسا مەيلى دەمدۇق بىز؟.

گاھى يىغلاپ، گاھى كۈلۈپ سۆزلەشلىرى،
مەرتنى ياتلاپ، نامەرتلەرنى ئۆزلەشلىرى،
يېنىڭدىكى ئاقچىلارنى كۆزلەشلىرى،
نەرە تارتىپ بەرگەن تېخى تۆت – بەشلىرى،
ئەلگە يۈگەن سېلىۋالسا ماقۇل دەمدۇق بىز؟.

بىلمەس كىشى، سۆزىنىڭ رات – يالغىنىنى:
ئەلنى كوملاپ قانچە مىليون ئالغىنىنى،
ئۆي – مۈلۈككە يەنە دەسمى سالغىنىنى،
بۆلۈشكەنمىش سەيىت بىلەن قالغىنىنى،
ئويناپ تۇرۇپ شىلىۋالسا ئۆل دىمەمدۇق بىز؟.

„ئۇيغۇر ئۆيى قۇرىمەن“ دەپ سۇندى قوللار،
„جېنىم پىدا ئانام ئۈچۈن!“ دىدى گوللار،
„مەسچىت سالار بولدۇق“ دىدى يىغدى دوللار،
„مۇھاجىرلار ئۈچۈن!“ دىدى، ئاقتى پۇللار،
شۇنداق باپلاپ ئېلىۋالسا، قوي! دىمەمدۇق بىز؟.

ساتقۇنلاردىن ھىساپ سورىغانلار ھارغىنى يوق.
خيانەتچى ، قويمۇچىلارنىڭ جاۋابلارى دوق.
(مال ئىگسىدىن كۇچلۇك ئوغرى - مانا بۇ "دۇق")
مۇساپىرلار ۋەيران، ئۇنىڭ قورسۇغى توق.
يوغان سۆزلەپ يۈرەر، گەرچە ئىشتاندا پوق.
ئالغىنىدىن تېنىۋالسا ماقۇل دەمدۇق.

بۆلىۋەتتى ئۇيغۇرلارنى قانچە قاشقا،
مىللىتىڭنىڭ دەردى بۆلەك، ئۇنىڭ باشقا.
خىتاي كەبى زۇلۇم سالدى قېرىنداشقا،
خائىن ئاتاپ تۆھمەت قىلدى قانچە ياشقا!؟
("ئازاتلىق"قا ياق دىسە، بىز ئۆل دىمەمدۇق).
باشلارغا دەرت سېلىۋالسا، بىشىڭنى يە دىمەمدۇق.

ھەر ئەلدە بار بىر قانچىدىن ئاچىماقلىرى،
مىللىتىڭنىڭ كۆڭلى قارا قالاقلىرى،
ھەم ماراقچى، ھەم قاراقچى، قۇلاقلىرى،
مىنىۋالسا غىڭشىماس دۆت ئۇلاغلىرى،
بىر بوراندا سۇنۇپ تۇگەر "دۇق" پۇتاقلىرى

بىلەلمىدۇق؛ بولالمىدۇق سىدىقھاجى.مەرتمۇساچە،
تاشلاپ بەردۇق ئىسابەگچى- "دۇق"چى، توھمەتچىگە،
ئۆتتى يىللار ئىسابەگچى، "دۇق" چى رابىيەنى بىز بىلگىچە،
سۈكۈت قىلدۇق ئۇلار بىزنىڭ ئارىمىزنى ھەم بۆلگىچە.
(مۇستەقىللىق رەت قىلىنغان "ئاپتۇنۇميە سوھبەت"كىچە)،


يىپ-يىڭى، بىر مۇستەقىلچى تەشكىلات قۇرايلى، بىزلەر ئولگىچە،
قىرغىنچىلىق تۇگىمەيدۇ، ئىسا بەگچى "دۇق"نى تارقاتمىغۇچە،
ھىساپ ئالايلى ئالدامچى، خىيانەتچى، قويمۇچى، ساتقۇنلار ئولگىچە.
جىنايەتنى دوڭگۇشۇپ بىر-بىرىگە،  ئاپىرىپ بولدى"داۋانى" تا نۆلگىچە.  (1)

______

ئىزاھات:

(1) - “مەن ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن خىتاي بىلەن قوشۇلۇپ كىتىش(خىتاي بىرلىكى)نى قوبۇل قىلىمەن”- دەپ1994-يىلى تۇركىيە گىزىتىدە ئىلان قىلغان "دۇق"نىڭ قۇغۇچىسى ۋە رەئىسى ئەركىن ئىسا يۇسۇپ(ئالپتىكىن)دۇر.  

“بىز ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايمىز”- دەپ بەشىنجى ئىيۇل قىرغىنچىلىقىدىن بىر نەچچە كۇنلا بۇرۇن، ئىتالىيەدە جورنالىسلارغا ئىلان قىلغان " دۇق" نىڭ كوزۇر رەئىسى رابىيە قادىر ئىدى. بۇ ساتقۇن شۇئارنى دۇنيادا توۋلاپ كەلگەنلەر - "دۇق"نىڭ ئەمىلى رەئىسى ئەركىن-ئەسقەر-ئىلغار ئاكا- ئۇكا خىتاي خوتۇندىن بولغان ساتقۇنلار،  ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرى ئەنۋەر-ئەسقەر ئاكا-ئۇكا ئافغانلار، ئۇيغۇر بەقىۋالغان خىتاي نەسىللىك قۇربان ۋەلى، ئابلىكىم باقى، ياپون نەسىللىك قۇتلۇقھاجى، تاجىك ئومەر قانات، خىتاي قان ئارىلاش نۇرى تۇركەل، دولقۇن ئىسا،  خىتاي تىللىق دىلشات، ئەلشات ھەسەن، ئالىم سەيت، ئەنۋەر توختى، پەرھات مەمەت(يورۇڭقاش) … قاتارلىقلاردۇر.

 چەتەللەردە ئوزلىرىنى "ئىسابەگچىلەر" دەپ ئاتايدىغان  "دۇق"چىلارنىڭ مۇستەقىللىق دىگەن سوزدىن ئەجەلدىن قورققاندەك قورقۇدىغانلىقىنى، ئۇلاردا "مۇستەقىللىق " دەيدىغان ھىچقانداق بىر داۋانىڭ يوق ئىكەنلىكنى كورىمىز.
داۋامى بار
______

بۇ شىئىر بىر جەسۇر شائىر تەرىپىدىن ئىسىمسىز ئىلان قىلىنغان. "رابىيەدىن رەنجىمەيلى" -دىگەن سوزنىڭ خاتا چۇشۇنۇلۇپ قالماسلىقى ئۇچۇن، بىر ئاز ئوزگەرتىپ يوللاپ قويدۇم. مەن شائىرئەمەس، قەپەزگە سولاپ قويۇلغان شىردىن قورقمايمەن، مەندىن قورقسا، مەنمۇ قورقىمەن. مەن قەپەزنىڭ سىرتىدا.

ئاۋتۇردىن نارازىلىق تەلەپ قىلمايمەن. رەخمەت.